كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 21-‏26 ب.‏
  • جە‌ڭ ھارۋىلىرى بىلە‌ن تاج بىزنى قوغدايدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • جە‌ڭ ھارۋىلىرى بىلە‌ن تاج بىزنى قوغدايدۇ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • پە‌رىشتىلە‌ر قوشۇ‌نى
  • يە‌ھۋا روھانىينى پادىشاھ قىلىپ تە‌يىنلىدى
  • ئۇ ئىبادە‌تخانىنى سالىدۇ
  • قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىغا قاتنىشىڭ
  • زە‌كە‌رىيانىڭ كۆرگە‌نلىرىنى كۆرە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيلە‌رنىڭ بىز بىلە‌ن قانداق مۇ‌ناسىۋىتى بار؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئۆكتە‌بىر 21-‏26 ب.‏
ئىككی مىس تاغنىڭ ئارىسىدا جه‌ڭ هارۋىلىرىغا قوشوُلغان ره‌ڭگی هه‌رخىل ئاتر چىقىۋاتىدوُ

جە‌ڭ ھارۋىلىرى بىلە‌ن تاج بىزنى قوغدايدۇ

‏«ئە‌گە‌ر پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار بۇ ئىش ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدۇ» (‏زە‌كە‌رىيا 6:‏15)‏.‏

ناخشىلار:‏ 17،‏ 136

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن ئاخىرقى ۋە‌ھىي خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ؟‏

  • ئىككى مىس تاغ بىلە‌ن جە‌ڭ ھارۋىلىرى بىزنى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ؟‏

  • بۈگۈنكى كۈندە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشى ھە‌ققىدە نېمە ئويلايسىز؟‏

1،‏ 2.‏ زە‌كە‌رىيا يە‌تتىنچى ۋە‌ھىينى كۆرۈپ بولغاندا،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئىسرائىللىقلارنىڭ ئە‌ھۋالى قانداق بولغان؟‏

زە‌كە‌رىيا يە‌تتىنچى ۋە‌ھىينى كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ كۆپ نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلىغاندۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنى يوق قىلىش ۋە‌دىسى ئۇ‌نىڭغا كۈچ بە‌رگە‌ندۇ.‏ لېكىن،‏ ئە‌ھۋال ئۆزگە‌رمىگە‌نىدى.‏ رە‌زىللىك قىلىدىغان ئادە‌ملە‌ر يە‌نىلا كۆپ بولغان ۋە يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شى تېخىغىچە پۈتمىگە‌نىدى.‏ نېمىشقا ئىسرائىللىقلار يە‌ھۋادىن ئالغان تاپشۇ‌رۇ‌قىنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويغان؟‏ ئۇ‌لار يېرۇ‌سالىمغا پە‌قە‌ت تۇ‌رمۇ‌شىنى ياخشىلاش ئۈچۈنلا قايتىپ كە‌لدىمۇ؟‏

2 زە‌كە‌رىيا يېرۇ‌سالىمغا قايتىپ كە‌لگە‌ن ئىسرائىللىقلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ «خۇ‌دا روھىنى قوپۇ‌رغان» بۇ كىشىلە‌ر بابىلوندىكى ئۆيلىرى بىلە‌ن تىجارىتىنى تاشلاپ كە‌تكە‌نىدى (‏ئە‌زرا 1:‏2،‏ 3،‏ 5)‏.‏ كۆپىنچىسى ھېچقاچان ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرمىگە‌ن يە‌رگە كۆچۈش ئۈچۈن،‏ ياخشى تونۇ‌يدىغان يېرىنى تاشلىغان.‏ خۇ‌دانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشنى مۇ‌ھىم دە‌پ ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا تە‌خمىنە‌ن 1600 كىلومېترغا سوزۇ‌لغان ئوڭغۇ‌ل-‏دوڭغۇ‌ل يول بىلە‌ن خە‌تە‌رلىك سە‌پە‌رگە ئاتلىنىشقا تە‌ييار بولغانىدى.‏

3،‏ 4.‏ يېرۇ‌سالىمغا قايتقان ئىسرائىللىقلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌نىدى؟‏

3 ئىسرائىللىقلارنىڭ بابىلوندىن يېرۇ‌سالىمغا بولغان ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پىرىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ يولدا ئۇ‌لارنىڭ يېڭى ئۆيلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ،‏ بىر-‏بىرى بىلە‌ن سۆزلىشىشكە ۋاقتى بولغان.‏ يېشى چوڭلار يېرۇ‌سالىم ۋە ئۇ‌نىڭدىكى ئىبادە‌تخانىنىڭ بۇ‌رۇ‌ن قانچىلىك گۈزە‌ل بولغانلىقىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن (‏ئە‌زرا 3:‏12)‏.‏ سىز ئۇ‌لار بىلە‌ن سە‌پە‌ر قىلسىڭىز،‏ يېرۇ‌سالىمنى بىرىنچى كۆرگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلاتتىڭىز؟‏ كۈكۈم-‏تالقان بولغان،‏ ياۋا ئوت-‏چۆپ بېسىپ كە‌تكە‌ن ئۆيلە‌رنى كۆرگە‌ندە،‏ كۆڭلۈڭىز يېرىم بولامتى؟‏ شە‌ھە‌ر تاملىرىنىڭ بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ،‏ دە‌رۋازلىرى بىلە‌ن مۇ‌نارلىرىدىكى چوڭ تۆشۈكلە‌رنى كۆرۈپ،‏ قايغۇ‌راتتىڭىزمۇ؟‏ بۇ بۇ‌زۇ‌لغان شە‌ھە‌ر تاملىرىنى بابىلوننىڭ ئېگىز ۋە مۇ‌ستە‌ھكە‌م تاملىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رىدىغانسىز.‏ لېكىن،‏ ئىسرائىللىقلار چۈشكۈنلۈككە چۈشمىگە‌نىدى.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌زۇ‌ن يول داۋامىدا يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى ھىمايە قىلغانىدى.‏ يېرۇ‌سالىمغا كېلىپلا،‏ ئۇ‌لار ئىبادە‌تخانا تۇ‌رغان يە‌ردە قۇ‌ربانگاھنى ياساپ،‏ يە‌ھۋاغا ھە‌ركۈنى ئۇ‌نىڭدا كۆيدۈرمە قۇ‌ربانلىق قىلغان (‏ئە‌زرا 3:‏1،‏ 2)‏.‏ ئۇ‌لار غە‌يرە‌تكە تولۇ‌پ،‏ ئىشقا قىزغىنلىق بىلە‌ن كىرىشكە‌نىدى.‏ قارىماققا،‏ ئۇ‌لارنىڭ روھىنى ھېچنېمە سۇ‌ندۇ‌رالمايدىغاندە‌ك كۆرۈنە‌تتى.‏

4 ئىسرائىللىقلار ئىبادە‌تخانىدىن باشقا،‏ ئۆز شە‌ھە‌رلىرى بىلە‌ن ئۆيلىرىنىمۇ سېلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌نداقلا يە‌نە،‏ ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن ئېتىزدا ئىشلىشى كېرە‌ك بولغان (‏ئە‌زرا 2:‏70)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان ئىشلار قارىماققا نۇ‌رغۇ‌ن ئىدى.‏ ئە‌مما،‏ دۈشمە‌نلىرى كېلىپ،‏ ئۇ‌لارغا قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى.‏ بۇ قارشىلىق 15 يىل داۋاملىشىپ،‏ ئىسرائىللىقلارنى ئاستا-‏ئاستا چۈشكۈنلۈككە چۈشۈردى (‏ئە‌زرا 4:‏1—‏4)‏.‏ ب.‏م.‏ئى.‏ 522-‏يىلى پارس پادىشاھى يېرۇ‌سالىمدىكى قۇ‌رۇ‌لۇ‌شنى توختىتىپ،‏ ئۆلگە‌ننىڭ ئۈستىگە تە‌پكە‌ندە‌ك بولدى.‏ شە‌ھە‌ر ئە‌مدى ھېچقاچان ئە‌كسىگە كە‌لتۈرۈلمە‌يدىغاندە‌ك كۆرۈندى (‏ئە‌زرا 4:‏21—‏24)‏.‏

5.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە قانداق كۈچ-‏مە‌دە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏

5 يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنىڭ كۈچ-‏مە‌دە‌ت ۋە باتۇ‌رلۇ‌ققا مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ زە‌كە‌رىياغا ئاخىرقى ۋە‌ھىي كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ بۇ ۋە‌ھىي ئارقىلىق يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى ھە‌مدە خە‌لق تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى قايتىدىن باشلىسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى چوقۇ‌م ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگۈسى كە‌لگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئىبادە‌تخانىنىڭ ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلۈشى ھە‌ققىدە:‏ «ئە‌گە‌ر پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار بۇ ئىش ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏زە‌كە‌رىيا 6:‏15)‏.‏

پە‌رىشتىلە‌ر قوشۇ‌نى

6.‏ ئا)‏ زە‌كە‌رىيانىڭ سە‌ككىزىنچى ۋە‌ھىيسى نېمە بىلە‌ن باشلانغان؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏ ئە)‏ نېمىشقا ئاتلارنىڭ رە‌ڭگى ھە‌ر خىل بولغان؟‏

6 زە‌كە‌رىيانىڭ ئاخىرقى سە‌ككىزىنچى ۋە‌ھىيسى باشقىلىرىغا قارىغاندا،‏ ئېتىقادنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدىغان ئە‌ڭ تە‌سىرلىك ۋە‌ھىي بولغان ‏(‏زە‌كە‌رىيا 6:‏1—‏3نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ نېمە كۆرگە‌نلىكىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ:‏ ئىككى مىس «تاغ ئوتتۇ‌رىسىدىن تۆرت جە‌ڭ ھارۋۇ‌سى چىقىپتۇ».‏ ھارۋىلارغا قوشۇ‌لغان ئاتلارنىڭ رە‌ڭگى ھە‌رخىل بولغانلىقتىن،‏ بىرىنى باشقىسىدىن پە‌رق قىلىش ئاسان بولغان.‏ شۇ چاغدا زە‌كە‌رىيا:‏ ‏«بۇ‌لار نېمە؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى (‏زە‌كە‌رىيا 6:‏4)‏.‏ بۇ ۋە‌ھىي بىز بىلە‌نمۇ مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغانلىقتىن،‏ مۇ‌شۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىزمۇ بىلىشنى خالايمىز.‏

7،‏ 8.‏ ئا)‏ بۇ ئىككى تاغ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئە)‏ نېمىشقا بۇ تاغلار مىستىن ياسالغان؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تاغلار بە‌زىدە پادىشاھلىقلارنى ياكى ھۆكۈمە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن تاغلار دانىيالنىڭ بېشارىتىدە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن ئىككى تاغقا ئوخشاش.‏ بۇ تاغلارنىڭ بىرى يە‌ھۋانىڭ كائىناتتىكى مە‌ڭگۈ ھۆكۈمرانلىقىنى،‏ ئىككىنچىسى مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (‏دانىيال 2:‏35،‏ 45)‏.‏ 1914-‏يىل كۈزدە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلاپ،‏ مە‌زكۈر ئىككى تاغ بىرلىشىپ،‏ خۇ‌دانىڭ يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن قىلغان ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئالاھىدە رول ئوينىماقتا.‏

يە‌ھۋا خە‌لقىنى قوغداش ئۈچۈن ھازىرمۇ پە‌رىشتىلە‌رنى ئىشلىتىدۇ

8 نېمىشقا بۇ تاغلار مىستىن ياسالغان؟‏ مىس —‏ ئالتۇ‌نغا ئوخشاشلا قىممە‌ت باھا ۋە پارقىراق مېتال.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللىقلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىرنىڭ ۋە كېيىنىرە‌ك يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىدا مىسنى ئىشلىتىشنى ئېيتقانىدى (‏چىقىش 27:‏1—‏3؛‏ پادىشاھلار 1-‏يازما 7:‏13—‏16)‏.‏ بۇ تاغلارنىڭ مىستىن ياسالغانلىقى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ۋە ئىنسانىيە‌تكە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بىلە‌ن مول بە‌رىكە‌ت ئە‌كېلىدىغان مە‌سىھ پادىشاھلىقىنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ھاكىمىيە‌ت ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلە‌يدۇ.‏

9.‏ جە‌ڭ ھارۋىلىرى بىلە‌ن ئۇ‌لارنى ھە‌يدىغانلار كىملە‌رنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئۇ‌لارغا قانداق تاپشۇ‌رۇ‌ق بېرىلگە‌ن؟‏

9 جە‌ڭ ھارۋىلىرى بىلە‌ن ئۇ‌لارنى ھە‌يدىغانلار كىملە‌رنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بۇ‌لار پە‌رىشتىلە‌ر،‏ بە‌لكىم پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ھە‌ر خىل تۈردىكى توپلىرى ‏(‏زە‌كە‌رىيا 6:‏5—‏8نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌لار «بارلىق زىمىن ئېگىسىنىڭ ھۇ‌زۇ‌رىدىن» مە‌خسۇ‌س تاپشۇ‌رۇ‌ق بىلە‌ن يولغا ئاتلانغانىدى.‏ بۇ پە‌رىشتىلە‌ر خۇ‌دا خە‌لقىنى قوغداش ئۈچۈن،‏ بولۇ‌پمۇ «شىمالىي زېمىن»،‏ يە‌نى بابىلوندىن قوغداش ئۈچۈن،‏ بە‌لگە‌نگە‌ن يە‌رلە‌رگە ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ بۇ ۋە‌ھىي ئارقىلىق يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى ئە‌مدى ھېچقاچان بابىلوننىڭ قۇ‌للىرى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ زە‌كە‌رىيانىڭ زامانىدىكى ئىبادە‌تخانىنى سېلىش ئۈچۈن ئىشلە‌ۋاتقانلارغا قانچىلىك چوڭ كۈچ-‏مە‌دە‌ت ۋە تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن ھە!‏ ئە‌مدى دۈشمە‌نلىرى ئۇ‌لارغا توسالغۇ قىلالمايتتى!‏

10.‏ زە‌كە‌رىيانىڭ جە‌ڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۇ‌لارنى ھە‌يدىغانلار ھە‌ققىدىكى بېشارىتى بىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

10 يە‌ھۋا خۇ‌دا بۈگۈنمۇ ئۆز خە‌لقىنى قوغداپ،‏ مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن پە‌رىشتىلە‌رنى ئىشلىتىدۇ (‏مالاكى 3:‏6؛‏ ئىبرانىيلارغا 1:‏7،‏ 14)‏.‏ 1919-‏يىلى خۇ‌دا خە‌لقى بۈيۈك بابىلنىڭ سىمۋوللۇ‌ق قۇ‌للىقىدىن ئازات قىلىنغاندىن باشلاپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ دۈشمە‌نلىرى ھە‌قىقىي ئىبادە‌تنىڭ تارقىلىشىغا توسالغۇ قىلىشقا تىرىشماقتا (‏ۋە‌ھىي 18:‏4)‏.‏ ئە‌مما پە‌رىشتىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقتىن،‏ بىز قايتىدىن يالغان دىننىڭ قۇ‌للىقىغا چۈشىمىز،‏ دە‌پ قورقمايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏7)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىز يە‌ھۋاغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ھارىماي-‏تالماي خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز.‏ زە‌كە‌رىيانىڭ بېشارىتىدىن بىز ئىككى تاغنىڭ بىزنى قوغدايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏

11.‏ نېمىشقا بىز خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە قىلىنىدىغان كېلە‌چە‌كتىكى ھۇ‌جۇ‌مدىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

11 پات-‏ئارىدا شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ سىياسىي كۈچلىرى خۇ‌دا خە‌لقىنى يوق قىلىش مە‌قسىتىدە بىرلىشىدۇ (‏ئە‌زە‌كىيال 38:‏2،‏ 10—‏12؛‏ دانىيال 11:‏40،‏ 44،‏ 45؛‏ ۋە‌ھىي 19:‏19)‏.‏ ھە‌زە‌كىيالنىڭ بېشارىتىدە بۇ كۈچلە‌ر خۇ‌ددى يە‌ر يۈزىنى قاپلاۋاتقان بۇ‌تلاردە‌ك تە‌سۋىرلە‌نگە‌نلىكىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌لار ئاتلارغا مىنىپ،‏ غە‌زە‌پكە تولۇ‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىش ئۈچۈن چېپىپ كە‌لمە‌كتە (‏ھە‌زە‌كىيال 38:‏15،‏ 16)‏a (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ بىز ئۇ‌لاردىن قورقۇ‌شىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ ياق!‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىز تە‌رە‌پتە يە‌ھۋانىڭ قوشۇ‌نى بار.‏ بۈيۈك ئاپە‌ت ۋاقتىدا پە‌رىشتىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنى قوغداپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان بارلىق كۈچنى يوقۇ‌تىدۇ (‏سالونىكىلىقلارغا 2-‏خە‌ت 1:‏7،‏ 8)‏.‏ بۇ قانداق خۇ‌شاللىق كۈن بولار،‏ ھە!‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ قوشۇ‌نىغا كىم باشچىلىق قىلىدۇ؟‏

يە‌ھۋا روھانىينى پادىشاھ قىلىپ تە‌يىنلىدى

12،‏ 13.‏ ئا)‏ يە‌ھۋا زە‌كە‌رىياگە يە‌نە قانداق تاپشۇ‌رۇ‌ق بە‌رگە‌ن؟‏ ئە)‏ نوتا ئىسىملىك كىشىنىڭ مە‌سىھنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

12 بۇ سە‌ككىز ۋە‌ھىينى پە‌قە‌ت زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌نىدى.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن ئۇ نېمە قىلغانلىقىنى باشقىلارمۇ كۆرگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئىبادە‌تخانىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرگە‌نلە‌ر ئىلھاملانغانىدى ‏(‏زە‌كە‌رىيا 6:‏9—‏12نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خە‌لداي،‏ توبىيا ۋە يە‌دىيا ئىسىملىك ئۈچ كىشى بابىلوندىن كە‌لگە‌ن.‏ يە‌ھۋا زە‌كە‌رىياغا بۇ ئۈچ كىشى ئە‌كە‌لگە‌ن كۈمۈش ۋە ئالتۇ‌نلارنى ئېلىپ،‏ «بىر تاجنى» ياساشقا بۇ‌يرىدى (‏زە‌كە‌رىيا 6:‏11)‏.‏ بۇ تاج يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىدىن چىققان داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادى بولغان ھۆكۈمران زېرۇ‌بابىل ئۈچۈن ياسالغانمۇ؟‏ ياق.‏ يە‌ھۋا زە‌كە‌رىياغا بۇ تاجنى ئالىي روھانىي يە‌شۇ‌ئانىڭ بېشىغا كىيگۈزۈشنى بۇ‌يرۇ‌غانىدى.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ ۋە‌قە‌نى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌نلە‌ر بە‌كمۇ ھە‌يران بولغاندۇ.‏

13 ئالىي روھانىي يە‌شۇ‌ئا تاجنى كىيگە‌ندىن كېيىن پادىشاھ بولدىمۇ؟‏ ياق.‏ يە‌شۇ‌ئا داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادىدىن چىقمىغانلىقتىن،‏ ئۇ‌نىڭ پادىشاھ بولۇ‌ش ھوقۇ‌قى يوق ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭغا تاجنىڭ كىيگۈزۈلگە‌نلىكى،‏ كېلە‌چە‌كتە نوتا شاخ دېگە‌ن كىشىنىڭ مە‌ڭگۈ پادىشاھ ۋە روھانىي سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىدىغانلىقىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ نوتا،‏ يە‌نى يېڭى ئۆسكە‌ن شاخنىڭ ئە‌يسا مە‌سىھ ئىكە‌نلىكى چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن (‏يە‌شايا 11:‏1؛‏ مە‌تتا 2:‏23‏)‏.‏

14.‏ پادىشاھ ۋە ئالىي روھانىي سۈپىتىدە ئە‌يسا نېمە قىلىدۇ؟‏

14 ئە‌يسا —‏ پادىشاھ ۋە ئالىي روھانىي.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ قوشۇ‌نىنى باشلاپ،‏ خۇ‌دا خە‌لقى بۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا بېخە‌تە‌ر ھېس قىلىشى ئۈچۈن تە‌ر تۆكىدۇ (‏يە‌رە‌مىيا 23:‏5،‏ 6)‏.‏ پات-‏ئارىدا مە‌سىھ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاش ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن خە‌لقلە‌ر ئۈستىدىن غە‌لىبە قازىنىدۇ (‏ۋە‌ھىي 17:‏12—‏14؛‏ 19:‏11،‏ 14،‏ 15)‏.‏ لېكىن،‏ شۇ كۈن كە‌لگىچە،‏ ئە‌يسا يە‌نى نوتا شاخنىڭ قىلىدىغان ناھايىتى مۇ‌ھىم ئىشى بار.‏

ئۇ ئىبادە‌تخانىنى سالىدۇ

15،‏ 16.‏ ئا)‏ بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دا خە‌لقى قانداقلارچە قايتا تە‌شكىللىنىپ تازىلانماقتا ۋە بۇ‌نى كىم قىلماقتا؟‏ ئە)‏ مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى قانداق نە‌تىجە ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

15 پادىشاھ ۋە ئالىي روھانىي بولۇ‌ش سۈپىتىدە،‏ ئە‌يساغا «پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى قۇ‌رۇ‌ش» تاپشۇ‌رۇ‌لغانىدى ‏(‏زە‌كە‌رىيا 6:‏13نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئۇ 1919-‏يىلى خۇ‌دا خە‌لقىنى بۈيۈك بابىلدىن،‏ يە‌نى يالغان دىننىڭ تە‌سىرىدىن،‏ ئازات قىلدى.‏ شۇ‌نداقلا ئە‌يسا مە‌سىھىي جامائە‌تنى قايتا تە‌شكىللە‌پ،‏ «سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنى» تە‌يىنلىگە‌ن.‏ مايلانغان مە‌سىھىيلە‌ردىن ئىبارە‌ت بۇ بىر توپ ئۇ‌لۇ‌غ روھىي ئىبادە‌تخانىنىڭ يە‌ردىكى قىسمىدا ئورۇ‌نداش مۇ‌ھىم بولۇ‌ۋاتقان ئىشقا يېتە‌كچىلىك قىلماقتا (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى تازىلاپ،‏ خۇ‌داغا مە‌قبۇ‌ل بولىدىغان ئىبادە‌تنى قىلىشقا ياردە‌م بە‌رمە‌كتە (‏مالاكى 3:‏1—‏3)‏.‏

16 كېلە‌چە‌كتە ئە‌يسا بىلە‌ن 144000 پادىشاھ ۋە روھانىيلار مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏ شۇ ۋاقىتتا ئۇ‌لار سادىق ئادە‌ملە‌رنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌للىككە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ ئىشنى پۈتۈرگە‌ندە،‏ يە‌ر يۈزىدە پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرى ياشايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت پۈتۈنلە‌ي ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلىدۇ!‏

قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىغا قاتنىشىڭ

17.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللىقلارغا قانداق ۋە‌دە بە‌رگە‌نىدى ۋە بۇ ئۇ‌لارغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

17 زە‌كە‌رىيانىڭ خە‌ۋىرى شۇ چاغدا ياشىغان ئىسرائىللىقلارغا قانداق تە‌سىر قىلغانىدى؟‏ يە‌ھۋا ئىبادە‌تخانىنى قۇ‌رۇ‌پ پۈتۈرۈشى ئۈچۈن ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىپ،‏ قوغدايدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ بۇ ۋە‌دە ئۇ‌لارغا ئۈمىد بە‌رگە‌نىدى.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار شۇ‌نچە كۆپ ئىشنى ئازلا ئادە‌م قانداق قىلالايدۇ،‏ دە‌پ ئە‌نسىرىگە‌ندۇ.‏ شۇ چاغدا زە‌كە‌رىيا ئۇ‌لارنىڭ قورقۇ‌نچى ۋە گۇ‌مانىنى يوق قىلىدىغان بىر نە‌رسە ئېيتتى.‏ ياردە‌م قولىنى بە‌رگە‌ن خە‌لە‌م،‏ توبىيا،‏ يە‌دىيادىن باشقا،‏ خۇ‌دا يە‌نە كۆپ ئادە‌ملە‌رنىڭ «پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى قۇ‌رۇ‌ش خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىنى» ئېيتتى ‏(‏زە‌كە‌رىيا 6:‏15نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئىسرائىللىقلار يە‌ھۋانىڭ ئىشىنى قوللىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار پارس پادىشاھى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش قىلىشنى رە‌سمىي تۈردە مە‌نئىي قىلغانلىقىغا قارىماستىن،‏ باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن ئىبادە‌تخانىنى سېلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغانىدى.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ يولىدىكى چوڭ بىر تاغدە‌ك بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى ئېلىپ تاشلىغان.‏ ئاخىرىدا،‏ ئىبادە‌تخانا ب.‏م.‏ئى.‏ 515-‏يىلى قۇ‌رۇ‌لۇ‌پ بولدى (‏ئە‌زرا 6:‏22؛‏ زە‌كە‌رىيا 4:‏6،‏ 7)‏.‏ ئە‌مما يە‌ھۋانىڭ يۇ‌قارقى سۆزلىرى بىزنىڭ زامانىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان تېخىمۇ چوڭ بىر ئىش بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏

يه‌هۋاغا بولغان مېهىر-‏موُهه‌ببه‌تنی كورسىتىشنىڭ هه‌رخىل يوللىری

يە‌ھۋا بىز ئۇ‌نىڭغا كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ!‏ (‏18،‏ 19-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

18.‏ قانداق قىلىپ زە‌كە‌رىيا 6:‏15تىكى سۆزلە‌ر بۈگۈنكى كۈندە ئە‌مە‌لگە ئاشماقتا؟‏

18 بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئادە‌م يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا ئۆز ۋاقتى،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋىتى ۋە مال-‏دۇ‌نياسى دېگە‌نگە ئوخشاش «ھە‌دىيىلە‌رنى» بېرىپ خۇ‌شال بولىشىدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لۇ‌ق روھىي ئىبادە‌تخانىسىنى قوللايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏9)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن قوللىشىمىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ خە‌لە‌م،‏ توبىيا ۋە يە‌دىيانىڭ ئالتۇ‌ن-‏كۈمۈش ئېلىپ كېلىپ،‏ زە‌كە‌رىيانىڭ ئۇ‌نىڭدىن تاج ياسىغانلىقىنى ئە‌سكە ئالايلى.‏ بۇ تاج ئۇ‌لارنىڭ ھە‌قىقىي ئىبادە‌تكە قوشقان ھە‌سسىسى توغرىسىدا «بىر ئە‌سلە‌تمە» بولغان (‏زە‌كە‌رىيا 6:‏14)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ۋە ئۇ‌نىڭغا كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏10)‏.‏

بىز مۇ‌ستە‌ھكە‌م،‏ بېخە‌تە‌ر ۋە مە‌ڭگۈ بار بولىدىغان تە‌شكىلاتنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌شتىن بە‌ك خۇ‌شالمىز

19.‏ زە‌كە‌رىيا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيلە‌ر بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏

19 بۇ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ناھايىتى چوڭ بىر ئىشنى قىلماقتا.‏ بۇ ئىش يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتى ۋە ئە‌يسانىڭ يولباشچىلىقى ئارقىلىق چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ.‏ بىز مۇ‌ستە‌ھكە‌م،‏ بېخە‌تە‌ر ۋە مە‌ڭگۈ بار بولىدىغان تە‌شكىلاتنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌شقا بە‌ك خۇ‌شالمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ پاك ئىبادە‌تكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئارىسىدىكى ئۆز ئورنۇ‌ڭىزنى چۈشۈنۇ‌پ يېتىپ،‏ خۇ‌دايىمىزنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىڭ.‏ شۇ چاغدا پادىشاھ ۋە ئالىي روھانىي بىلە‌ن پە‌رىشتىلە‌ر سىزنى ھىمايە قىلىدۇ.‏ پاك ئىبادە‌تنى قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە قوللاڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا سىزنى بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرىغىچە ۋە ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د ئامان ساقلايدۇ!‏

a كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ» (‏خە‌نزۇ تىلى،‏ 2015-‏يىل،‏ 15-‏ماي سانىنىڭ 29،‏ 30-‏بە‌تلىرىدىكى «ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى» سە‌ھىپىسىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش