كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 نويابىر 9-‏14 ب.‏
  • سىز يە‌ھۋادىن پاناھ ئىزدە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز يە‌ھۋادىن پاناھ ئىزدە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پاناھگاھ شە‌ھە‌رلە‌رنى ئىلغاڭلار»‏
  • ‏«ئۆز ئە‌ھۋالىنى» شە‌ھە‌رنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئېيتىپ بە‌رسۇ‌ن
  • بۇ شە‌ھە‌رلە‌رنىڭ بىرىگە قېچىشى كېرە‌ك
  • بۇ شە‌ھە‌رلە‌ر پاناھگاھ بولىدۇ
  • يە‌ھۋانىڭ ئادالىتى بىلە‌ن رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 نويابىر 9-‏14 ب.‏
ئېهتىياتسىزلىقتىن بىر كىشىنی ئولتوٰروٰپ قويغان ئاده‌منىڭ پاناهگاھ شه‌هىرىگه كېلىشی

سىز يە‌ھۋادىن پاناھ ئىزدە‌مسىز؟‏

‏«پە‌رۋە‌ردىگار ئۆز قۇ‌للىرىنىڭ جانلىرىنى بە‌دە‌ل تۆلە‌پ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمىگە گۇ‌ناھ بېكىتىلمە‌يدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏22)‏.‏

ناخشىلار:‏ 49،‏ 32

پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز:‏

  • ئاقساقاللار ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان كىشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  • خۇ‌دانىڭ رە‌ھىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋا قانداقلارچە گۇ‌نالىرىمىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدۇ؟‏

1.‏ خۇ‌دانىڭ كۆپلىگە‌ن سادىق خىزمە‌تچىلىرى گۇ‌ناھ سە‌ۋە‌بلىك ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدۇ؟‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «نېمە دېگە‌ن بە‌ختسىز ئادە‌ممە‌ن!‏»—‏ دە‌پ يازغان (‏رىملىقلارغا 7:‏24)‏.‏ پاۋلۇ‌سغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دانىڭ كۆپلىگە‌ن زامانىۋىي سادىق خىزمە‌تچىلىرى چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ،‏ ئۆزىنى يارامسىز ھېس قىلىدۇ.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏ چۈنكى،‏ بىز يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىشنى خالىساقمۇ،‏ ھە‌ممىمىز گۇ‌ناھنى مىراس ئالدۇ‌ق.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشنى قىلالمىغاندا،‏ ئۆزۈمىزنى يامان ھېس قىلىمىز.‏ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان بە‌زى مە‌سىھىيلە‌ر يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ھە‌رگىزمۇ ئېرىشە‌لمە‌يمە‌ن دە‌پ ئويلايدۇ.‏

2.‏ ئا)‏ زە‌بۇ‌ر 34:‏22 خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۆزىنى داۋاملىق ئە‌يىبلىك ھېس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏ ئە)‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى قاراشتۇ‌رىمىز؟‏ (‏«‏ساۋاق ئېلىش ئۈچۈنمۇ ياكى سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدىمۇ؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏)‏

2 يازمىلار بىزنى يە‌ھۋانىڭ پاناھى ئاستىدا بولساق،‏ ئۆزۈمىزنى داۋاملىق ئە‌يىبلىك ھېس قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 34:‏22نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌مما يە‌ھۋانىڭ پاناھى ئاستىدا بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىمىگە ۋە كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشىشنى خالىساق،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ كېلىڭلار،‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن،‏ قە‌دىمقى ئىسرائىلدىكى پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى ھە‌ققىدە كۆرۈپ چىقايلى.‏ بۇ چارە-‏تە‌دبىر،‏ مىلادى 33-‏يىلى ھوسۇ‌ل يىغىش بايرىمىدا باشقا بىر ئە‌ھدە،‏ يە‌نى كېلىشىم بىلە‌ن ئالماشتۇ‌رۇ‌لغان قانۇ‌ن كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى بولغان.‏ ئە‌مما بۇ قانۇ‌ن يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنى مۇ‌لاھىزە قىلىش ئارقىلىق يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ گۇ‌ناھقا،‏ گۇ‌ناھكارلارغا ۋە گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغانلارغا بولغان كۆزقارىشىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ ئاۋۋال ئىسرائىلدىكى پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن كېرە‌ك بولغانلىقىنى قاراپ چىقايلى.‏

‏«ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پاناھگاھ شە‌ھە‌رلە‌رنى ئىلغاڭلار»‏

3.‏ ئىسرائىللىقلار قاتىلنى قانداق قىلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

3 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە بىپە‌رۋالىق قىلىمىغان.‏ ئە‌گە‌ر بىرە‌ر ئىسرائىللىق بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا،‏ قېنى تۆكۈلگە‌ن ئادە‌منىڭ ئە‌ڭ يېقىن ئە‌ر تۇ‌ققىنى «قان ئىنتىقامىنى ئالغۇ‌چى» سۈپىتىدە شۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈشى كېرە‌ك ئىدى (‏سانلار 35:‏19)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ قاتىل ئۆزى ئۆلتۈرگە‌ن ئە‌يىبسىز ئادە‌منىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى بېرىشى زۆرۈر بولغان.‏ ئە‌گە‌ر،‏ ئۇ جاۋابكارلىققا تارتىلمىسا،‏ ۋە‌دە قىلىنغان زىمىن ناپاك قىلىناتتى،‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س بولمايتتى.‏ يە‌ھۋا:‏ «ئۆزۈڭلار ئولتارغان يۇ‌رتنى ناپاك قىلماڭلار»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرىغان (‏سانلار 35:‏33،‏ 34)‏.‏

4.‏ بىر ئىسرائىللىق ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا،‏ نېمە يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

4 ئە‌مما،‏ بىر ئىسرائىللىق يە‌نە بىر كىشىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويسىچۇ؟‏ بۇ تە‌سادىپىي ئە‌ھۋال بولسىمۇ،‏ ئۇ ئە‌يىبسىز ئادە‌منىڭ قېنىنى تۆككە‌نلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلغان (‏يارىتىلىش 9:‏5)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە ئۇ‌نىڭغا رە‌ھىم كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بايقىماي بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئادە‌م ئىنتىقام ئالغۇ‌چىدىن قېچىپ،‏ ئالتە پاناھگاھ شە‌ھىرىنىڭ بىرىگە بارالىغان.‏ شۇ شە‌ھە‌ردە تۇ‌رۇ‌شقا رۇ‌خسە‌ت ئالغاندىن كېيىن،‏ ئۇ بىخە‌تە‌ر بولغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ شۇ يە‌ردە ئالىي روھانىينىڭ ئۆلۈمىگىچە ياشىشى كېرە‌ك ئىدى (‏سانلار 35:‏15،‏ 28)‏.‏

5.‏ پاناھگاھ شە‌ھە‌رلە‌رنىڭ بولغانلىقىدىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى بىلە‌لە‌يمىز؟‏

5 پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىنىڭ بولۇ‌شىنى ئادە‌ملە‌ر ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغانى‍دى.‏ ئۇ يە‌شۇ‌ئاغا:‏ «سە‌ن ئۆزۈڭ بە‌نى-‏ئىسرائىلغا ئېيتقىن:‏.‏.‏.‏«ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پاناھگاھ شە‌ھە‌رلە‌رنى ئىلغاڭلار»»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرىغان (‏يە‌شۇ‌ئا 20:‏1،‏ 2،‏ 7،‏ 8)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزى بۇ شە‌ھە‌رلە‌رنى ئالاھىدە بىر مە‌قسە‌ت ئۈچۈن ئاجرىتىشقا قارار قىلدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ چارە-‏تە‌دبىردىن بىز يە‌ھۋا ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى ياخشىراق چۈشىنە‌لە‌يمىز ۋە بۈگۈنكى كۈندە قانداق قىلىپ ئۇ‌نىڭ پاناھى ئاستىدا بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلە‌لە‌يمىز.‏

‏«ئۆز ئە‌ھۋالىنى» شە‌ھە‌رنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئېيتىپ بە‌رسۇ‌ن

6،‏ 7.‏ ئا)‏ قە‌ستە‌ن ئۆلتۈرمىگە‌ن ئادە‌منى سوتلاشتا ئاقساقاللارنىڭ ئورنى قانداق بولغان؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏ ئە)‏ قاچقۇ‌ننىڭ ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆزلىشىشى نېمىشقا دانالىق بولغان؟‏

6 ئىسرائىللىقلارنىڭ بىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا،‏ پاناھگاھ شە‌ھىرىگە قېچىپ،‏ شە‌ھە‌ر دە‌رۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئاقساقاللارغا «ئۆز ئە‌ھۋالىنى» ئېيتىپ بېرىشى ھە‌مدە ئاقساقاللار بولسا ئۇ‌نى ئىللىق چىراي بىلە‌ن قارشى ئېلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏يە‌شۇ‌ئا 20:‏4)‏.‏ كېيىنىرە‌ك ئۇ‌لار شۇ كىشىنى قاتىللىق يۈز بە‌رگە‌ن شە‌ھە‌رنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ ئىشىنى قاراپ چىقاتتى ‏(‏سانلار 35:‏24،‏ 25نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر بۇ ئاقساقاللار قاتىللىق ھە‌قىقە‌تە‌ن تە‌ساددىبىي بولغان دە‌پ قارار قىلسا،‏ ھېلىقى كىشىنى پاناھگاھ شە‌ھىرىگە قايتۇ‌رغانىدى.‏

7 قاچقۇ‌ن نېمىشقا ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆزلىشىشى كېرە‌ك بولغان؟‏ شۇ ئارقىلىق ئاقساقاللار ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ پاك ساقلانغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزۈپ،‏ كىشىنى ئە‌تە‌ي ئۆلتۈرمىگە‌ن ئادە‌مگە يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىمىگە ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرە‌لىگە‌ن.‏ بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى يازغاندە‌ك،‏ قاچقۇ‌ن ئاقساقاللارغا بارمىغان ئە‌ھۋالدا،‏ ئۇ ئۆلتۈرۈلە‌تتى.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بۇ تە‌تقىقاتچىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ خۇ‌دانىڭ تە‌لىپىنى ئورۇ‌ندىمىغان قاچقۇ‌ن ئۆز ئۆلۈمىگە ئۆزى جاۋابكار بولغان.‏ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كىشىنى قە‌ستە‌ن ئۆلتۈرمىگە‌ن ئادە‌م ياردە‌م سوراپ،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئە‌گە‌ر،‏ قاتىل پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىنىڭ بىرىگە قاچمىسا،‏ ئۆلگە‌ن ئادە‌منىڭ يېقىن تۇ‌ققىنىنىڭ ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈشكە ھوقۇ‌قى بولاتتى.‏

8،‏ 9.‏ نېمىشقا ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغانلار ئېتىقادچىلار ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆزلىشىشى كېرە‌ك؟‏

8 بۈگۈنكى كۈندە گۇ‌ناھ قىلغان مە‌سىھىي يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىنى قايتا تىكلە‌ش ئۈچۈن،‏ ئاقساقاللاردىن ياردە‌م سورىشى كېرە‌ك.‏ نېمىشقا بۇ شۇ‌نچىلىك مۇ‌ھىم؟‏ بىرىنچىدىن،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان ئادە‌منىڭ ۋە‌زىيىتىنى قاراپ چىقىشنى ئاقساقاللارغا يە‌ھۋا ئۆزى تاپشۇ‌رغان (‏ياقۇ‌پ 5:‏14—‏16)‏.‏ ئىككىنچىدىن،‏ ئاقساقاللار توۋا قىلغان گۇ‌ناھكارغا يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىغا قايتا ئېرىشىشكە ۋە گۇ‌ناھىنى قايتا تە‌كرالىماسلىققا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏1؛‏ ئىبرانىيلارغا 12:‏11)‏.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ ئاقساقاللار گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغان ئادە‌منىڭ ۋىجدان ئازابىدىن ئايرىلىشقا ياردە‌م بېرىشكە تە‌يىنلە‌نگە‌ن ۋە تە‌ييارلانغان.‏ يە‌ھۋا مۇ‌نداق ئاقساقاللارنى «بورانغا بولغان پاناھ» دە‌پ ئاتايدۇ (‏يە‌شايا 32:‏1،‏ 2)‏.‏ بۇ چارە-‏تە‌دبىر ئارقىلىق يە‌ھۋا بىزگە رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏

9 يە‌ھۋانىڭ كۆپلىگە‌ن خىزمە‌تچىلىرى ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلغاندا،‏ يېنىكلىشىپ قالغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دېنىئېل ئىسىملىق بۇ‌رادە‌ر ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان،‏ لېكىن بىرنە‌چچە ئاي داۋامىدا ئاقساقاللارغا بارمىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شۇ‌نچىلىك كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كە‌تكە‌نلىكتىن،‏ ئە‌مدى ئاقساقاللار ماڭا ياردە‌م بېرە‌لمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىدىم».‏ بىراق دېنىئېل گۇ‌ناھى ھە‌ققىدە كىمدۇ بىرى بىلىپ قالىدۇ،‏ دە‌پ دائىم ئە‌نسىرىگە‌ن ۋە يە‌ھۋاغا ئېيتقان ھە‌ربىر دۇ‌ئاسىنى كە‌چۈرۈم سوراشتىن باشلاش كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ ئاقساقاللارغا بېرىپ،‏ ياردە‌م سورىغان.‏ ئۇ ئۆتكە‌ن ئىشنى ئە‌سلە‌پ:‏ «ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لارغا بېرىشتىن بە‌ك قورقتۇ‌م.‏ ئە‌مما ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆزۈمنى يە‌لكە‌مدىن ئېغىر بىر تاغ چۈشكە‌ندە‌ك ھېس قىلدىم»،‏—‏ دېدى.‏ دېنىئېل بۇ‌نىڭدىن كېيىن قايتىدىن يە‌ھۋاغا ئە‌ركىن دۇ‌ئا قىلالىدى.‏ ھازىر ئۇ‌نىڭ ۋىجدانى پاك بولۇ‌پ،‏ يېقىندا ئۇ خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌ندى.‏

بۇ شە‌ھە‌رلە‌رنىڭ بىرىگە قېچىشى كېرە‌ك

10.‏ كە‌چۈرۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ بىرسىنى بايقىماي ئۆلتۈرۈپ قويغان ئادە‌م نېمە قىلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

10 ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئادە‌م كە‌چۈرۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ دە‌رھال يېقىن ئە‌تراپتىكى پاناھگاھ شە‌ھىرىگە قېچىشى كېرە‌ك بولغان ‏(‏يە‌شۇ‌ئا 20:‏4نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئامان قېلىش ئۈچۈن ئۇ بۇ شە‌ھە‌رگە تېزىراق بېرىپ،‏ ئالىي روھانىينىڭ ئۆلۈمىگىچە شۇ يە‌ردە ياشىشى لازىم ئىدى.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى قۇ‌ربان قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ ئۆز ئىشىنى ۋە قولايلىق ئۆيىنى تاشلاپ،‏ ئە‌مدى ئە‌ركىن-‏ئازادە سە‌پە‌ر قىلالمايتتىa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏ (‏سانلار 35:‏25)‏.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نداق قىلىش ئە‌رزىيدىغان ئىش ئىدى.‏ چۈنكى ئە‌گە‌ر قاچقۇ‌ن ئۆز مە‌يلىچە شۇ شە‌ھە‌ردىن چىقسا،‏ بىرسىنىڭ قېنىنى تۆككە‌نلىكىگە بىپە‌رۋا بولغانلىقىنى كۆرسىتە‌تتى،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆز ھاياتىنى خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلاتتى.‏

11.‏ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلىدىغان ئېتىقادچى خۇ‌دانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىگە بولغان مىننە‌تدارلىقىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

11 بۈگۈنكى كۈندە گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغان ئادە‌ممۇ خۇ‌دانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ بە‌لگۈلۈك ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ گۇ‌ناھ قىلىشنى توختىتىشى لازىم.‏ بۇ جىددىي گۇ‌ناھقا باشلايدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن نېرى تۇ‌رۇ‌شنىمۇ بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كورىنتتىكى توۋا قىلغان مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتىنى مۇ‌نداق تە‌سۋىرلىگە‌ن:‏ «خۇ‌داغا ياقىدىغان قايغۇ‌لىرىڭلار سىلە‌ردە قانداق ئىخلاسنى،‏ قانداق تازىلىنىشنى،‏ قانداق غە‌زە‌پنى،‏ قانداق قورقۇ‌نچنى،‏ قانداق خاھىشنى،‏ قانداق تۈزىتىشنى ھاسىل قىلدى!‏» (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 7:‏10،‏ 11)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر بىز گۇ‌ناھ قىلىشنى توختىتىش ئۈچۈن قولۇ‌مىزدىن كە‌لگىنىنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلساق،‏ ئۆز ئە‌ھۋالىمىزغا بىپە‌رۋا ئە‌مە‌سلىكىمىزنى ۋە يە‌ھۋا بىزنى بە‌رىبىر كە‌چۈرىدىغۇ،‏ دە‌پ ئويلىمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

12.‏ يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىگە داۋاملىق ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مە‌سىھ ئە‌گشكۈچىسى نېمىدىن ۋاز كېچىشى كېرە‌ك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

12 يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىگە داۋاملىق ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى نېمىدىن ۋاز كېچىشى كېرە‌ك بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئۇ گۇ‌ناھ قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدىغان نە‌رسىلە‌ردىن،‏ ھە‌تتا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نە‌رسىلە‌ردىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييار بولۇ‌شى لازىم (‏مە‌تتا 18:‏8،‏ 9‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دوستلىرىڭىز يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشىنى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلسا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ئارىلىشىشنى توختىتامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر ئىچىملىكنى قانداق مۆلچە‌ردە ئىچىشنى باشقۇ‌رالمىسىڭىز،‏ كۆپ ئىچىپ قويۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىن نېرى تۇ‌رامسىز؟‏ ئە‌خلاقسىز ھە‌ۋە‌سلە‌ر بىلە‌ن كۈرىشىش قىيىن بولسا،‏ يامان ئويلارنى تۇ‌غدىرىدىغان كىنولاردىن،‏ توربە‌تلە‌ردىن ۋە ئىشلاردىن قاچامسىز؟‏ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىش ئۈچۈن قىلغان ھە‌ممە قۇ‌ربانلىقلار ئۇ‌نىڭغا ئە‌رزىيدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى تاشلاپ كە‌تتى،‏ دېگە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دىن يامان ھېچ نە‌رسە يوق.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ «مە‌ڭگۈلۈك مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى» ھېس قىلىشتىن ئارتۇ‌ق ھە‌م ھېچ نە‌رسە يوقتۇ‌ر (‏يە‌شايا 54:‏7،‏ 8)‏.‏

بۇ شە‌ھە‌رلە‌ر پاناھگاھ بولىدۇ

13.‏ پاناھگاھ شە‌ھىرىدە قاچقۇ‌ن نېمىشقا خە‌ۋپسىز،‏ تىنچ ۋە بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرە‌لىگە‌ن؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

13 قاچقۇ‌ن پاناھگاھ شە‌ھىرىدىن چىقمىسا،‏ بىخە‌تە‌ر بولاتتى.‏ يە‌ھۋا شۇ شە‌ھە‌رلە‌ر ھە‌ققىدە:‏ «بۇ شە‌ھە‌رلە‌ر.‏.‏.‏ سىلە‌رگە.‏.‏.‏ پاناھگاھ بولىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يە‌شۇ‌ئا 20:‏2،‏ 3)‏.‏ يە‌ھۋا قاچقۇ‌ننىڭ قايتىدىن سوتلىنىشىنى تە‌لە‌پ قىلمىغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ قاچقۇ‌ننى ئۆلتۈرمە‌سلىكى ئۈچۈن،‏ قان ئىنتىقامىنى ئالغۇ‌چىغا پاناھگاھ شە‌ھىرىگە كىرىش مە‌نئىي قىلىنغان.‏ قاچقۇ‌ن شۇ شە‌ھە‌ردە تۇ‌رغان ھالدا،‏ يە‌ھۋانىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولغان.‏ ئۇ تۈرمىدە بولمىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلە‌ش،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ۋە يە‌ھۋاغا تىنچ-‏خاتىرجە‌م ئىبادە‌ت قىلىش مۇ‌مكىنچىلىكى بولغان.‏ ھە،‏ ئۇ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك ھايات كە‌چۈرە‌لىگە‌ن!‏

قېرىنداش دوُئا قىلماقتا،‏ ئالدىغا ئىشه‌نچ بىله‌ن كوز تىكمه‌كته،‏ ئاندىن باشقا قېرىنداش بىله‌ن ۋه‌ز قىلىشقا چىقماقتا

يە‌ھۋانىڭ سىزنى كە‌چۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ (‏14—‏16 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14.‏ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغان مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى نېمىگە ئىشىنە‌لە‌يدۇ؟‏

14 ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى توۋا قىلغاندىن كېيىنمۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇ‌تۇ‌لالمايدۇ.‏ بە‌زىلىرى ھە‌تتا يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھىنى ھە‌رگىزمۇ كە‌چۈرمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ شۇ‌نداق ھېس قىلسىڭىز،‏ ئىلتىماس،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزنى كە‌چۈرگە‌نلىكىگە كامىل ئىشىنىڭ.‏ ئۇ كە‌چۈرسە،‏ پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئە‌يىبلە‌ۋە‌رمە‌ڭ.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان دېنىئېلمۇ بۇ‌نى ھە‌قىقىي ھېس-‏قىلىپ بېشىدىن ئۆتكۈزدى.‏ ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭ ئىشىنى قاراپ چىقىپ،‏ پاك ۋىجدانغا ئىگە بولۇ‌شىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇ‌تۇ‌لدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌مدى ئۆزۈمنى ئە‌يىبلىك ھېس قىلمىدىم.‏ گۇ‌ناھىم پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرۈلدى.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا دېگە‌ندە‌ك،‏ ئۇ يۈكىڭىزنى ئېلىپ تاشلايدۇ.‏ ئۇ‌نى قايتا-‏قايتا ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق».‏ قە‌دىمدە پاناھگاھ شە‌ھىرىگە كىرگە‌ن قاچقۇ‌ن،‏ ئىنتىقام ئالغۇ‌چى كېلىپ ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈپ كېتە‌رمۇ،‏ دە‌پ قورقمىغان.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ گۇ‌ناھىمىزنى كە‌چۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھىمىزنى قايتىدىن ئە‌سلە‌پ،‏ بىزنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ،‏ دە‌پ قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك ‏(‏زە‌بۇ‌ر 103:‏8—‏12نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

15،‏ 16.‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م بە‌رگە‌نلىكى ۋە ئالىي روھانىي ئىكە‌نلىكىنى بىلىش خۇ‌دانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ؟‏

15 دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ ئىسرائىللىقلارغا قارىغاندا،‏ بىزدە يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە تېخىمۇ كۆپ سە‌ۋە‌ب بار.‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۋاغا مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالدا بويسۇ‌نالمىغانلىقىغا ئېچىنىپ،‏ «نېمە دېگە‌ن بە‌ختسىز ئادە‌ممە‌ن!‏» دە‌پ يازغاندىن كېيىن:‏ «ھاكىمدارىمىز ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق خۇ‌داغا شۈكۈر!‏»—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏رىملىقلارغا 7:‏25)‏.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسى قانداق؟‏ پاۋلۇ‌س گۇ‌ناھكار ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىپ،‏ بۇ‌رۇ‌ن گۇ‌ناھ قىلغان بولسىمۇ،‏ بۇ‌نىڭغا توۋا قىلغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئاساسىدا يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى كە‌چۈرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئە‌يسا جېنىنى پىدا قىلغانلىقتىن،‏ بىز پاك ۋىجدانغا ۋە كۆڭۈل ئاراملىقىغا ئىگە بولالايمىز (‏ئىبرانىيلارغا 9:‏13،‏ 14)‏.‏ ئالىي روھانىي سۈپىتىدە ئە‌يسا «تە‌ڭرىگە ئۇ‌نىڭ ئارقىلىق يېقىنلىشىۋاتقانلارغا تولۇ‌ق قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شنى بېرىشكە قابىل،‏ چۈنكى ئۇ ئۇ‌لار ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ھە‌ردائىم تىرىك» (‏ئىبرانىيلارغا 7:‏24،‏ 25)‏.‏ قە‌دىمدە ئىسرائىللىقلار ئالىي روھانىي ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشە‌لىگە‌ن.‏ بىزنىڭ ئالىي روھانىيىمىز ئە‌يسا بولغانلىقتىن،‏ بىزدە يە‌ھۋانىڭ «مول مېھىرلىگىگە ئېرىشىشكە ھە‌م رە‌ھىملىكىنى تېپىشقا» سە‌ۋە‌ب تېخىمۇ كۆپ (‏ئىبرانىيلارغا 4:‏15،‏ 16)‏.‏

16 ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ بىز ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ تۆلە‌م پە‌قە‌ت كۆپ سانلىق ئىنسانلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن دە‌پ ئويلىماستىن،‏ ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى شە‌خسە‌ن سىز ئۆزىڭىز كۆرە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ (‏گالاتىلىقلارغا 2:‏20،‏ 21)‏.‏ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى تۈپە‌يلىدىن يە‌ھۋا سىزنىڭ گۇ‌ناھلىرىڭىزنى كە‌چۈرىدۇ.‏ تۆلە‌م سىزگە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.‏ ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقى —‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە بە‌رگە‌ن ھە‌دىيە‌سى!‏

17.‏ نېمىشقا سىز يە‌ھۋادىن پاناھ ئىزدە‌شنى خالايسىز؟‏

17 پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ بۇ چارىسى بىزگە ھاياتنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىكە‌نلىكىنى ئۆگىتىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۇ چارە-‏تە‌دبىر ئاقساقاللارنىڭ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى،‏ ھە‌قىقىي توۋا قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە نېمىشقا يە‌ھۋا بىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ سىز يە‌ھۋادىن پاناھ ئىزدە‌مسىز؟‏ دۇ‌نيادا بۇ‌نىڭدىن بىخە‌تە‌ر ئورۇ‌ن يوق!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 91:‏1،‏ 2)‏.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى ئادالە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تنىڭ ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئۈلگىسى بولغان يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى قاراپ چىمىز.‏

a يە‌ھۇ‌دىي تە‌تقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ قاچقۇ‌ننىڭ ئائىلىسىمۇ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياشاش ئۈچۈن پاناھگاھ شە‌ھىرىگە كۆچە‌تتى.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھى

  • ئە‌گە‌ر جىددىي گۇ‌ناھ قىلغان بولساق،‏ توۋا قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئاقساقاللار ئارقىلىق بېرىدىغان ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭدىن پاناھ ئىزدە‌لە‌يمىز.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدىغانلىقىغا ۋە ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى شە‌خسە‌ن ھە‌ربىرىمىز ئۈچۈن بېرىلگە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بىز پاك ۋىجدانغا ئېرىشىپ،‏ بە‌ختلىك بولالايمىز

ساۋاق ئېلىش ئۈچۈنمۇ ياكى سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىدىمۇ؟‏

‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنالىنىڭ 1895-‏يىل،‏ 1-‏سېنتە‌بىر سانىدا پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىنىڭ سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىسى بار ئىكە‌نلىكى چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدا بۇ شە‌ھە‌رلە‌ر «گۇ‌ناھ قىلغان ئادە‌منىڭ ئە‌يسادا پاناھ تاپالايدىغانلىغى» يېزىلغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌م ئە‌يساغا ئىشە‌نسە،‏ ئۇ ھىمايىگە ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ بىر يۈز يىلدىن كېيىن بولسا،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارىدا» پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىنىڭ يە‌ھۋا بىزنى ئۆلۈمدىن قوغداش ئۈچۈن قىلغان ھە‌رىكە‌تلىرىنى بىلدۈرىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ سە‌ۋە‌بى بىز خۇ‌دانىڭ قانغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بۇ‌يرۇ‌قىنى بۇ‌زغانلىقىمىز چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏

ئە‌مما ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ» 2015-‏يىل،‏ 15-‏مارت سانىدا ئاخىرقى ماتېرىياللىرىمىزدا سىمۋوللار ۋە ئۇ‌لارنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا كۆپ دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌لمايدىغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن:‏ «يازمىلاردا قانداقتۇ بىر ئادە‌م،‏ ۋە‌قە ياكى نە‌رسە بە‌لگۈلۈك بىر نە‌رسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى يېزىلسا،‏ بىز ئۇ‌نى شۇ‌نداق قوبۇ‌ل قىلىمىز.‏ لېكىن،‏ ئە‌گە‌ر يازمىلاردا بۇ‌نىڭغا ھېچقانداق ئاساس بولمىسا،‏ بىرە‌ر ئادە‌منى،‏ ۋە‌قە‌نى ياكى نە‌رسىنى سىمۋول،‏ دە‌پ قاراش ناتوغرا بولاتتى».‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى كە‌لگۈسىدىكى بىر نە‌رسىنى بىلدۈرىدۇ،‏ دە‌پ يېزىلمىغانلىقتىن،‏ بۇ ۋە كېلە‌ركى ماقالىدە مونۇ شە‌ھە‌رلە‌ردىن ئالىدىغان ساۋاقلارغا دىققە‌تنى ئاغدۇ‌رىمىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش