كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 نويابىر 15-‏20 ب.‏
  • يە‌ھۋانىڭ ئادالىتى بىلە‌ن رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋانىڭ ئادالىتى بىلە‌ن رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىنىڭ قولايلىق جايغا ئورۇ‌نلاشقانلىقى رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تنىڭ ئىپادىسى
  • ھاياتنى ھۆرمە‌تلە‌ڭ ۋە قان قە‌رزى ئۈستىڭىزگە چۈشمىسۇ‌ن
  • ئىشنى «شۇ ئە‌ھكاملارغا مۇ‌ۋاپىق ھۆكۈم قىلسۇ‌ن»‏
  • سىز يە‌ھۋادىن پاناھ ئىزدە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • بىز «رە‌ھىمدىل خۇ‌داغا» خىزمە‌ت قىلىمىز
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 نويابىر 15-‏20 ب.‏
توۋا قىلغان بوُراده‌ر ئاقساقالر بىله‌ن ئوُچراشتی

يە‌ھۋانىڭ ئادالىتى بىلە‌ن رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى ئۈلگە قىلىڭ

‏«ھە‌قىقىي ئادالە‌تنى يۈرگۈزۈڭلار،‏ توغرا ھۆكۈملە‌رنى چىقىرىڭلار،‏ بىر-‏بىرىڭلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىڭلار» (‏زە‌كە‌رىيا 7:‏9)‏.‏

ناخشىلار:‏ 21،‏ 11

چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌مسىز؟‏

  • بىرسى كە‌چۈرۈمىمىزگە مۇ‌ھتاج بولغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ رە‌ھىم‏-‏شە‌پقىتىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

  • ھاياتقا بولغان كۆزقارىشىمىزنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭكىدە‌ك ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

  • ئاقساقاللار ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان ئادە‌منىڭ ئىشىنى قاراپ چىقاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئادالىتىنى قانداق ئۈلگە قىلىدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ ئە‌يسا مۇ‌سا قانۇ‌نىغا قانداق قارىغان؟‏ ئە)‏ تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ھە‌م پە‌رىسىيلە‌ر قانۇ‌ننى قانداق بۇ‌رمىلاپ قوللانغان؟‏

ئە‌يسا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق بېرىلگە‌ن قانۇ‌ننى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ بىز بۇ‌نىڭغا ھە‌يران بولمايمىز.‏ چۈنكى،‏ بۇ قانۇ‌ننى ئە‌يسانىڭ ھاياتىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم شە‌خس—‏ئاتىسى يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسانىڭ خۇ‌دا قانۇ‌نىغا بولغان چوڭقۇ‌ر مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە زە‌بۇ‌ر 40:‏8 دە ئالدىن ئالا شۇ‌نداق ئېيتىلغان:‏ «خۇ‌دايىم،‏ سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى بولسا،‏ ئۆزۈمنىڭ خۇ‌رسە‌نلىكىمدۇ‌ر،‏ سېنىڭ تە‌ۋرات قانۇ‌نىڭ قە‌لبىمدە پۈتۈكلۈكتۇ‌ر».‏ ئە‌يسا سۆزى ھە‌م ئىشى بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نى مۇ‌كە‌ممە‌ل ۋە پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى ھە‌م ئۇ‌نىڭدا يېزىلغانلارنىڭ سۆزسىز ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان (‏مە‌تتا 5:‏17—‏19‏)‏.‏

2 تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ھە‌م پە‌رىسىيلە‌ر قانۇ‌ننى بۇ‌رمىلاپ قوللانغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئە‌يسانىڭ يۈرىكى ئاغرىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ قانۇ‌ندىكى ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك قائىدە-‏نىزاملارنى ئورۇ‌ندىغانلىقى ھە‌ققىدە ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر يالپۇ‌ز،‏ قىلىياش ۋە سىياداننىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى بېرىسىلە‌ر».‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ‌لار نېمىنى ناتوغرا قىلدى؟‏ ئە‌يسا:‏ «لېكىن تە‌ۋرات قانۇ‌نىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى —‏ ئادىللىق،‏ رە‌ھىملىك ھە‌م سادىقلىققا سە‌ل قارايسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى (‏مە‌تتا 23:‏23‏)‏.‏ پە‌رىسىيلە‌ر مۇ‌سا قانۇ‌نىنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌نمگە‌ن ۋە ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسا قانۇ‌ننىڭ نېمە ئۈچۈن بېرىلگە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌نىڭدىكى ھە‌ربىر تە‌لە‌پنىڭ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى ئايان قىلغانلىقىنى ياخشى چۈشە‌نگە‌ن.‏

3.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

3 مە‌سىھىيلە‌ر سۈپىتىدە بىز تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌شتىن ئە‌ركىن بولدۇ‌ق (‏رىملىقلارغا 7:‏6)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمە سە‌ۋە‌بتىن تە‌ۋرات قانۇ‌نىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رۇ‌پ قويدى؟‏ ئۇ بىزنىڭ «ئە‌ڭ مۇ‌ھىمنى»،‏ يە‌نى قانۇ‌ننىڭ ئاساسىدىكى پرىنسىپلارنى،‏ چۈشىنىشىمىزنى ھە‌م قوللىنىشىمىزنى خالايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى ھە‌ققىدىكى كۆرسە‌تمىلە‌ردىن قانداق پرىنسىپلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ؟‏ ئۆتكە‌ن ماقالىدە بىز قاچقۇ‌ننىڭ نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى قاراشتۇ‌ردۇ‌ق.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە بولسا،‏ پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىدىن يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ خىسلە‌تلىرىگە قانداق تە‌قلىت قىلالايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە بىلىۋالىمىز.‏ بىز كېيىنكى ئۈچ سوئالغا جاۋاب ئالىمىز:‏ پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى قانداقلارچە يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏ ئۇ‌لاردىن خۇ‌دانىڭ ھاياتقا بولغان كۆزقارىشى ھە‌ققىدە نېمىگە ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى ئۇ‌نىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئادالىتىنى قانداق نامايان قىلىدۇ؟‏ مۇ‌شۇ سوئاللارنىڭ ھە‌ربىرىنى مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈڭ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏1نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىنىڭ قولايلىق جايغا ئورۇ‌نلاشقانلىقى رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تنىڭ ئىپادىسى

خه‌رىتىده ئىسرائىلدىكی ئالته پاناهگاھ شه‌هىری ۋه ياخشی هاله‌تته بولغان يولر كورسىتىلگه‌ن

4،‏ 5.‏ ئا)‏ قاچقۇ‌نغا پاناھگاھ شە‌ھىرىگە قېچىپ بېرىش ئاسان بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ قانداق چارە-‏تە‌دبىر ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ ئە)‏ بۇ‌نىڭدىن يە‌ھۋا ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

4 ئالتە پاناھگاھ شە‌ھىرىگە بېرىش ئاسان بولغان.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىسرائىللىقلارغا ئىئوردان دە‌رياسىنىڭ ئىككى تە‌رىپىدىن ئۈچتىن شە‌ھە‌رنى تاللاشنى ئېيتقان.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏ شۇ چاغدا قاچقۇ‌ن بۇ شە‌ھە‌رلە‌رنىڭ بىرىگە تېز ۋە ئاسان يېتىپ بېرىۋالالايتتى (‏سانلار 35:‏11—‏14)‏.‏ بۇ شە‌ھە‌رلە‌رگە ئاپىرىدىغان يوللار ياخشى ھالە‌تتە ساقلانغان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 19:‏3)‏.‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئادىتى بويىچە،‏ قاچقۇ‌نلارغا پاناھگاھ شە‌ھىرىنى تېپىش ئاسان بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ يول بويىدا كۆرسە‌تكۈچلە‌ر ئورنىتىلغان.‏ ئىسرائىلدا پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى بولغانلىقتىن،‏ بىرسىنى بايقىماستىن ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىسرائىللىق يات يۇ‌رتلارغا بېرىپ،‏ پاناھ ئىزدە‌شكە مە‌جبۇ‌ر بولماي،‏ ساختا ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلىشقا ئازدۇ‌رۇ‌لمىغان.‏

5 مونۇ ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ يە‌ھۋا قاتىلنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى تە‌لە‌پ قىلغان.‏ ئە‌مما ئۇ بىر كىشىنى قە‌ستە‌ن ئۆلتۈرمىگە‌ن ئادە‌مگە رە‌ھىم كۆرسىتىلىپ،‏ پاناھلىق بېرىلىشىگە ڭۆڭۈل بۆلگە‌ن.‏ بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىسى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ چارە-‏تە‌دبىر بە‌ك ئېنىق،‏ ئاسان ۋە چۈشىنىشلىك بولغان.‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلىش ناھايىتى ئاسان بولغان».‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى جازالاش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت ئىزدە‌يدىغان باغرىتاش سوتچى ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ «رە‌ھىملىككە تولۇ‌پ-‏تاشقان» (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 2:‏4)‏.‏

6.‏ پە‌رىسىيلە‌ر يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى ئۈلگە قىلغانمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

6 بىراق،‏ پە‌رىسىيلە‌ر باشقىلارغا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىشكە ئىنتىلمىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئۆرپ-‏ئادىتى بويىچە،‏ پە‌رىسىيلە‌ر بىر خاتالىقنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇ‌ق كە‌چۈرمە‌يتتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆزقارىشى قانچىلىك ناتوغرا بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا سېلىق يىققۇ‌چىنىڭ يېنىدا دۇ‌ئا قىلغان پە‌رىسىي ھە‌ققىدە بىر تە‌مسىل ئېيتقان.‏ پە‌رىسىي:‏ «خۇ‌دايىم،‏ ساڭا مېنىڭ باشقا ئادە‌ملە‌ردە‌ك بۇ‌لاڭچى،‏ ئادالە‌تسىز،‏ زىناخور ۋە ھە‌تتا مونۇ سېلىق يىققۇ‌چىدە‌ك بولمىغىنىم ئۈچۈن،‏ شۈكرى ئېيتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌يسا بۇ‌نىڭ بىلە‌ن نېمە ئېيتماقچى بولغان؟‏ پە‌رىسىيلە‌ر «باشقىلارنى كۆزىگە ئىلماي»،‏ ئۇ‌لارغا رە‌ھىم كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دە‌پ ھېسابلىغان (‏لۇ‌قا 18:‏9—‏14)‏.‏

بىر بوُراده‌ر كه‌چوٰروٰم سوراۋاتقان بوُراده‌رنی تىڭشىۋاتىدوُ

باشقىلارغا سىزدىن كە‌چۈرۈم سوراش ئاسانمۇ؟‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭ ۋە باشقىلار سىز بىلە‌ن ئە‌ركىن سۆزلىشە‌لىسۇ‌ن (‏4—‏8 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

7،‏ 8.‏ ئا)‏ يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ ئە)‏ نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى كە‌چۈرۈش ئۈچۈن،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

7 پە‌رىسىيلە‌رنى ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىڭ.‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىڭ ‏(‏كولوسىلىقلارغا 3:‏13نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ سىزدىن كە‌چۈرۈم سوراش باشقىلارغا ئاسان بولسۇ‌ن (‏لۇ‌قا 17:‏3،‏ 4)‏.‏ ئۆزىڭىزدىن:‏ «مېنى ھە‌تتا كۆپ قېتىم رە‌نجىتكە‌ن ئادە‌منى تېز ۋە ئاسان كە‌چۈرىمە‌نمۇ؟‏ مېنى قاتتىق خاپا قىلغان ئادە‌م بىلە‌ن يارىشىشقا ئىنتىلىمە‌نمۇ؟‏‏»—‏ دە‌پ سوراڭ.‏

8 باشقىلارنى كە‌چۈرۈش ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ پە‌رىسىيلە‌ر ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېسابلىغانلىقتىن،‏ كە‌چۈرۈشنى خالىمىغان.‏ ئە‌مما بىز،‏ مە‌سىھىيلە‌ر سۈپىتىدە،‏ باشقىلارنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئۆزۈمىزدىن ئارتۇ‌ق ساناپ،‏ ئۇ‌لارنى رە‌ھىمدىلىك بىلە‌ن كە‌چۈرىمىز (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏3)‏.‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن:‏ «يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ كە‌متە‌رلىك كۆرسىتىمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىساق بولىدۇ.‏ كە‌متە‌ر بولساق،‏ باشقىلارنىڭ بىزدىن كە‌چۈرۈم سورىشى ئاسان بولىدۇ ۋە بىز ئۇ‌لارنى ئاسان كە‌چۈرە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خاپا بولۇ‌شقا ئالدىرىماي،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك بولۇ‌شقا ئىنتىلە‌يلى (‏ۋە‌ز 7:‏8،‏ 9)‏.‏

ھاياتنى ھۆرمە‌تلە‌ڭ ۋە قان قە‌رزى ئۈستىڭىزگە چۈشمىسۇ‌ن

9.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللىقلارغا ھاياتنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى؟‏

9 پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنىڭ ئاساسىي سە‌ۋە‌بى ئىسرائىللىقلارنى بىگۇ‌ناھ ئادە‌منىڭ قېنىنى تۆكۈشتىن ھىمايە قىلىش ئىدى (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 19:‏10)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھاياتنى قە‌دىرلە‌يدۇ ۋە قاتىللىق قىلشنى ئۆچ كۆرىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 6:‏16،‏ 17)‏.‏ خۇ‌دا ئادىل ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س بولغانلىقتىن،‏ ئۇ ھە‌تتا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئادە‌م ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشىنىڭ گۇ‌ناھىغا سە‌ل قارىمايدۇ.‏ قە‌ستە‌ن ئۆلتۈرمىگە‌ن ئادە‌مگە رە‌ھىم كۆرسىتىلگە‌نلىكى راست،‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئاۋۋال بولغان ۋە‌زىيە‌تنى ئاقساقاللارغا چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىشى لازىم بولغان.‏ ئاقساقاللار بۇ‌نىڭ تە‌ساددىبىي بولغان ۋە‌قە دە‌پ قارار قىلسا،‏ قاچقۇ‌ن پاناھگاھ شە‌ھىرىدە ئالىي روھانىينىڭ ئۆلۈمىگىچە ياشىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ دېمە‌ك،‏ قاچقۇ‌ن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ شە‌ھە‌ردە ياشىشىغا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ بۇ چارە-‏تە‌دبىر ھاياتنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىكە‌نلىكىنى ھە‌ممە ئىسرائىللىقلارنىڭ ئېسىگە سالغان.‏ ھايات بە‌رگۈچىنى ھۆرمە‌تلە‌ش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ ھاياتىغا خە‌ۋپ تۇ‌غدۇ‌رىدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن نېرى تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك بولغان.‏

10.‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىگە بىنائە‌ن،‏ تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىنى قە‌دىرلىمىگە‌نلىكىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

10 تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى بىلە‌ن پە‌رىسىيلە‌ر يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلمىغان.‏ ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ھېچ قە‌دىرلىمىگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «سىلە‌ر تە‌لىملە‌رگە بولغان ئاچقۇ‌چنى ئېلىۋالدىڭلار.‏ ئۆزۈڭلارمۇ كىرمىدىڭلار ۋە كىرمە‌كچى بولغانلارغا كاشىلا قىلدىڭلار!‏»—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 11:‏52)‏.‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئە‌يسا نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏ تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ر خە‌لقكە خۇ‌دا سۆزىنى چۈشە‌ندۈرۈشى ۋە مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا ئۇ‌لار ئادە‌ملە‌رنىڭ «ھاياتقا يېتە‌كلىگۈچى»،‏ يە‌نى ئە‌يساغا ئە‌گىشىشىگە توسالغۇ قىلغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏15)‏.‏ مۇ‌شۇ‌نداق قىلىپ ئۇ‌لار ئادە‌ملە‌رنى ھالاكە‌تكە ئاپارغان.‏ تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى بىلە‌ن پە‌رىسىيلە‌ر تە‌كە‌ببۇ‌ر ۋە شە‌خسىيە‌تچى بولۇ‌پ،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتى ئۇ‌لار ئۈچۈن ئە‌تىۋارسىز بولغان.‏ نېمە دېگە‌ن ۋە‌ھشىيلىك،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏

11.‏ ئا)‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قانداقلارچە ھاياتقا يە‌ھۋادە‌ك قارىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ ئە)‏ پاۋلۇ‌سنىڭ خىزمە‌تتىكى قىزغىنلىقىنى ئۈلگە قىلىشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 بىز قانداقلارچە يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ تە‌ۋرات ئۇ‌ستازلىرى ۋە پە‌رىسىيلە‌ردە‌ك بولۇ‌شتىن نېرى تۇ‌رالايمىز؟‏ بۇ‌نى ھاياتنى قە‌دىرلە‌پ،‏ ئۇ‌نى ھۆرمە‌تلە‌ش ئارقىلىق قىلالايمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ‌نى پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپ ئادە‌مگە يە‌تكۈزۈش ئارقىلىق قىلغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ:‏ «ھە‌ممىڭلارنىڭ قېنىدىن مە‌ن تازا»،‏—‏ دە‌پ ئېيتالىغان ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏26،‏ 27نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌س بۇ‌نى ئۆزىنى ئە‌يىبلىكتە‌ك ھېس قىلىشنى خالىمىغانلىقتىن ياكى يە‌ھۋا بۇ‌يرىغانلىقتىنلا قىلمىغان.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىنى قە‌دىرلىگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشىنى خالىغانىدى (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 9:‏19—‏23)‏.‏ بىزمۇ ھاياتقا يە‌ھۋادە‌ك قارىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ ھە‌ربىر ئادە‌منىڭ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن توۋا قىلىشىنى خالايدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏9)‏.‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك بولغانلىقىمىز ۋە‌ز ئىشىغا قىزغىن قاتنىشىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ۋە بۇ ئىش بىزگە زور خۇ‌شاللىق ئە‌كېلىدۇ.‏

12.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئۈچۈن بىخە‌تە‌رلىك قائىدىلىرى نېمىشقا مۇ‌ھىم؟‏

12 ھاياتقا بولغان كۆزقارىشىمىز يە‌ھۋانىڭكىدە‌ك بولۇ‌شى ئۈچۈن بىزدە خە‌ۋپسىزلىككە بولغان توغرا كۆزقاراش بولۇ‌ش كېرە‌ك.‏ بىز ماشىنىنى ھە‌يدىغاندا،‏ ئىشلىگە‌ندە،‏ ئىبادە‌ت ئورنىنى سالغاندا ۋە رېمونت ئىشىغا قاتناشقاندا ياكى شۇ يە‌رگە بارغاندا بىخە‌تە‌رلىك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشىمىز لازىم.‏ ئىشنى ياكى پۇ‌لنى ھېچقاچان ئادە‌منىڭ ھاياتى،‏ بىخە‌تە‌رلىك ياكى سالامە‌تلىكىڭىزدىن ئۈستۈن قويماڭ.‏ خۇ‌يىمىز ھە‌ردائىم توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىدۇ ۋە بىزنىڭمۇ ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئېلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ بولۇ‌پمۇ ئاقساقاللار ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ خە‌ۋپسىزلىكى ھە‌ققىدە ئويلىشى كېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏3)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقال سىزگە بىخە‌تە‌رلىك قائىدىلىرىنى ئېسىڭىزغا سالسا،‏ ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سېلىڭ (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏1)‏.‏ ھە،‏ ھاياتقا بولغان كۆزقارىشىڭىز يە‌ھۋانىڭكىدە‌ك بولسا،‏ قان تۆكۈشكە ئە‌يىبلىك بولمايسىز.‏

ئىشنى «شۇ ئە‌ھكاملارغا مۇ‌ۋاپىق ھۆكۈم قىلسۇ‌ن»‏

13،‏ 14.‏ ئىسرائىللىق ئاقساقاللار قانداق قىلىپ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلالىغان؟‏

13 يە‌ھۋا ئىسرائىللىق ئاقساقاللاردىن ئۆزىگە ئوخشاش ئادىل ھە‌رىكە‌ت قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلغان.‏ ئاۋۋال،‏ ئاقساقاللار ھە‌ممە دە‌لىللە‌رنى تە‌كشۈرۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار قاتىلنىڭ نىيىتى،‏ كۆزقارىشى ۋە بۇ‌رۇ‌نقى ھە‌رىكە‌تلىرىنى دىققە‌ت قويۇ‌پ قاراپ چىقىشى كېرە‌ك بولغان.‏ قاچقۇ‌ننىڭ ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشىنى ئۆچ كۆرگە‌ن-‏كۆرمىگە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌نى ئۆلتۈرۈش نىيىتى بولغان-‏بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىشى لازىم ئىدى ‏(‏سانلار 35:‏20—‏24نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كىشى ئۆلتۈرگە‌ن ئادە‌مگە پە‌قە‌ت كە‌م دېگە‌ندە ئىككى گۇ‌ۋاھچىنىڭ كۆرسە‌تمىلىرى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىلغان (‏سانلار 35:‏30)‏.‏

14 بولغان ۋە‌قە‌نىڭ تېگىگە يە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ ئاقساقاللار پە‌قە‌ت ئادە‌منىڭ ئىشى ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزى ھە‌ققىدىمۇ ئويلىشى كېرە‌ك بولغان.‏ ئاقساقاللار كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رنى بىلىش ئۈچۈن ۋە بۇ ۋە‌قە‌نىڭ نېمىشقا يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى ئېنىقلاش قابىلىيىتى بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋاغا ئوخشاش زېرە‌كلىك،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت ۋە ئادىللىق بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا مۇ‌ھتاج بولغان (‏چىقىش 34:‏6،‏ 7)‏.‏

15.‏ ئە‌يسانىڭ گۇ‌ناھكارلارغا بولغان كۆزقارىشى پە‌رىسىيلە‌رنىڭكىدىن قانداق پە‌رقلە‌نگە‌ن؟‏

15 پە‌رىسىيلە‌ر رە‌ھىمسىزلىك بىلە‌ن ھۆكۈم چىقارغان.‏ ئۇ‌لار ئادە‌منىڭ ئۆزىگە ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ گۇ‌ناھىغا تىكىلىپ قارىغان.‏ بىر قېتىم ئە‌يسا مە‌تتانىڭ ئۆيىدە تاماق يېگە‌ندە،‏ بۇ‌نى كۆرگە‌ن،‏ بە‌زى پە‌رىسىيلە‌ر شاگىرتلاردىن:‏ «نېمىشقا سىلە‌رنىڭ ئۇ‌ستازىڭلار سېلىقچىلار ھە‌م گۇ‌ناھكارلار بىلە‌ن تاماقلىنىدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىدى.‏ شۇ چاغدا ئە‌يسا:‏ «ساغلاملار ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئاغرىقلار دوختۇ‌رغا مۇ‌ھتاج.‏ شۇ‌ڭلاشقا بېرىپ:‏ «مە‌ن قۇ‌ربانلىقنى ئە‌مە‌س،‏ رە‌ھىملىكنى خالايمە‌ن»،‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى ئۆگىنىپ كېلىڭلار.‏ چۈنكى مە‌ن ھە‌ققانىيلارنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى گۇ‌ناھكارلارنى چاقىرغىلى كە‌لدىم»،‏—‏ دېدى (‏مە‌تتا 9:‏9—‏13‏)‏.‏ ئە‌يسا ئېغىر گۇ‌ناھقا كۆز يۇ‌مغانمۇ؟‏ ياق،‏ ھە‌رگىز ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھلىرىغا توۋا قىلىشىنى خالىغان.‏ ئادە‌ملە‌رنى توۋا قىلىشقا ئۈندە‌ش ئۇ‌نىڭ ۋە‌ز قىلغان خە‌ۋىرىنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى بولغان (‏مە‌تتا 4:‏17‏)‏.‏ ئە‌يسا سېلىق يىققۇ‌چىلار ھە‌م گۇ‌ناھكارلارنىڭ كە‌م دېگە‌ندە بە‌زىلىرى ئۆزگۈرۈشنى خالىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ‌لار مە‌تتانىڭ ئۆيىگە پە‌قە‌ت تاماقلىنىش ئۈچۈن كە‌لمىگە‌ن،‏ ئە‌كسىچە ئە‌يسانىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گىشىشنى خالىغان (‏ماركۇ‌س 2:‏15)‏.‏ ئە‌پسۇ‌سلىنارلىقى،‏ پە‌رىسىيلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى ئادە‌ملە‌رگە ئە‌يسادە‌ك قارىمىغان.‏ ئۇ‌لار ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزگۈرە‌لە‌يدىغانلىقىغا ئىشە‌نمە‌ي،‏ ئۇ‌لارنى ناتوغرا يولىدىن ھېچقاچان قايتمايدىغان گۇ‌ناھكارلار دە‌پ ھېسابلىغان.‏ پە‌رىسىيلە‌ر بىلە‌ن ئادىل ۋە مېھرىبان يە‌ھۋانىڭ ئارىسىدىكى پە‌رق ئاسمان بىلە‌ن يە‌ردە‌ك بولغان!‏

16.‏ سوت كومىتېتى نېمىنى ئېنىقلىشى كېرە‌ك؟‏

16 بۈگۈنكى كۈندە ئاقساقاللار «ئادالە‌تنى سۆيىدىغان» يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىشى كېرە‌ك تە‌قلىت قىلىشى كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏28)‏.‏ ئۇ‌لار ئاۋۋال گۇ‌ناھ قىلىنغان-‏قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن،‏ بولغان ۋە‌قە‌نى تە‌پسىلىي تە‌كشۈرۈشى لازىم.‏ ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھ قىلىنغان بولسا،‏ نېمە قىلىشنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ قارار قىلىدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 13:‏12—‏14)‏.‏ سوت كومىتېتىدا خىزمە‌ت قىلغان بولسا،‏ ئۇ‌لار ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان ئادە‌م توۋا قىلغان-‏قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بە‌ك دىققە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى ئېنىقلاش ھە‌رقاچان ئاسان ئە‌مە‌س.‏ چۈنكى،‏ ئادە‌منىڭ توۋا قىلغان-‏قىلمىغانلىقى بىردىن كۆرۈنمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ قىلغان گۇ‌ناھىغا قانداق قارايدىغانلىقىدىن ۋە يۈرىكىدە نېمە بارلىقىدىن كۆرۈنىدۇ (‏ۋە‌ھىي 3:‏3)‏.‏ گۇ‌ناھ قىلغان ئادە‌مگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن،‏ ئۇ توۋا قىلىشى لازىمa (‏ئىزاھە‌تكە قاراڭ)‏.‏

17،‏ 18.‏ ئادە‌منىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن توۋۋا قىلغان-‏قىلمىغانلىقىنى ئاقساقاللار قانداق بىلە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

17 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا ئادە‌منىڭ نېمە ئويلاپ،‏ قانداق ھېس -‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئادە‌ملە‌رنىڭ يۈرىكىدە نېمە بارلىقىنى كۆرە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئاقساقاللار ئادە‌منىڭ يۈرىكىنى كۆرە‌لمە‌يدۇ.‏ ئاقساقال بولسىڭىز،‏ ئادە‌منىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن توۋا قىلغانلىقىنى قانداق ئېنىقلىيالايسىز؟‏ بىرىنچىدىن،‏ دانالىق ۋە زېرە‌كلىك سوراپ،‏ دۇ‌ئا قىلىڭ (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 3:‏9)‏.‏ ئىككىنچىدىن،‏ «بۇ دۇ‌نيانىڭ قايغۇ‌سى» بىلە‌ن «⁠خۇ‌داغا ياقىدىغان قايغۇ‌نىڭ»،‏ يە‌نى ھە‌قىقىي پۇ‌شايماننىڭ،‏ ئارىسىدىكى پە‌رقنى كۆرۈش ئۈچۈن،‏ خۇ‌دا سۆزى ۋە سادىق قۇ‌لنىڭ ماتېرىياللىرىغا تايىنىڭ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 7:‏10،‏ 11)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توۋا قىلغان ۋە توۋا قىلمىغان ئادە‌ملە‌رنى قانداق تە‌سۋىرلىگە‌نلىكىگە دىققە‌ت قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى،‏ ئويلىرى ۋە ھە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ.‏

18 ئۈچىنچىدىن،‏ ئادە‌منىڭ قىلغان گۇ‌ناھى ھە‌ققىدىلا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزى ھە‌ققىدىمۇ ئويلاڭ.‏ ئۇ قانداق تە‌ربىيە ئالغان ۋە قانداق مۇ‌ھىتتا چوڭ بولغان؟‏ مۇ‌نداق قارار قىلىشىغا نېمە سە‌ۋە‌ب بولغان؟‏ ئۇ‌نىڭ قانداق قىيىنچىلىقلىرى بار؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا جامائە‌تنىڭ بېشى بولغان ئە‌يسانىڭ قانداق ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئالدىنئالا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئۇ كۆزى بىلە‌ن كۆرگىنىگە ئاساسە‌ن ھۆكۈم چىقارمايدۇ ياكى قۇ‌لىقى بىلە‌ن ئاڭلىغىنىغا ئاساسە‌ن كېسىم قىلمايدۇ.‏ ئۇ نامراتلارغا ھە‌ققانىيلىق بىلە‌ن ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە مىسكىن-‏مۆمۈنلە‌ر ئۈچۈن ئادالە‌ت بىلە‌ن كېسىم قىلىدۇ» (‏يە‌شايا 11:‏3،‏ 4)‏.‏ ئاقساقاللار،‏ ئە‌يسا سىلە‌رگە جامائە‌تكە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى تاپشۇ‌رغان،‏ شۇ‌ڭا ئادالە‌ت ۋە مېھرىبانلىق بىلە‌ن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۆزى ياردە‌م بېرىدۇ (‏مە‌تتا 18:‏18—‏20‏)‏.‏ بىزنىڭ غېمىمىزنى ئويلايدىغان ئاقساقاللارنىڭ بولغانلىقىغا بە‌كمۇ مىننە‌تدارمىز!‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار بىزگە ئۆز-‏ئارا ئادالە‌تلىك ۋە مېھرىبانلىق كۆرسىتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

19.‏ پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز ۋە سىز ھاياتىڭىزدا نېمىنى قوللانماقچى؟‏

19 تە‌ۋرات قانۇ‌نىدا «بىلىم ۋە ھە‌قىقە‌تنىڭ ئاساسلىرى» يېزىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ پرىنسىپلىرى ھە‌ققىدە بىلىۋالالايمىز (‏رىملىقلارغا 2:‏20)‏.‏ قانۇ‌ندا ئېيتىلغان پاناھگاھ شە‌ھە‌رلىرى ھە‌ققىدە قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئاقساقاللار «ھە‌قىقىي ئادالە‌ت» بىلە‌ن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئۆگىنىدۇ ۋە قېرىنداشلارغا ئۆز-‏ئارا «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت» كۆرسىتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌كە‌رىيا 7:‏9)‏.‏ بۈگۈن بىز مۇ‌سا قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلمىساقمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزگە‌رگىنى يوق.‏ ئادالە‌ت ۋە مېھرىبانلىق ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ھېلىھە‌م بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ مۇ‌نداق خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش بىز ئۈچۈن چوڭ ئىمتىياز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئاجايىپ خىسلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن پاناھ ۋە ھىمايە ئىزدە‌يلى!‏

a ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» نىڭ 2006-‏يىل،‏ 1-‏مارت سانىنىڭ 30-‏بېتىدىكى «ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى» غا قاراڭ.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتساق ۋە ئۇ‌لار بىزنى رە‌نجىتكە‌ندە كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار بولساق،‏ يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىنى ئۈلگە قىلغان بولمىز.‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش ئۈچۈن كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ باشقىلارنى ئۆزۈمىزدىن ئۈستۈن ھېسابلىشىمىز كېرە‌ك

  • سوت كومىتېتى كە‌م دېگە‌ندە ئۈچ ئاقساقالدىن ئىبارە‌ت.‏ ئۇ‌لار ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان ئېتىقادچىغا يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى قايتا تىكلە‌شكە ياردە‌م بېرىشكە تە‌يىنلىنىدۇ.‏ بۇ ئاقساقاللار پە‌قە‌ت ئادە‌منىڭ قىلغان گۇ‌ناھىغا ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ نىيىتى ۋە كۆزقارىشىغا دىققە‌ت قىلىش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ ئادالىتىنى ئۈلگە قىلىدۇ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش