كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 دېكابىر 21-‏26 ب.‏
  • ياشلار،‏«ئۆز نىجاتىڭلارغا يېتىشكە» ئىنتىلىڭلار

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ياشلار،‏«ئۆز نىجاتىڭلارغا يېتىشكە» ئىنتىلىڭلار
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • شە‌خسىي جاۋاپكارلىق
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش بە‌ك مۇ‌ھىم
  • دۇ‌ئانىڭ ئە‌ھمىيىتى زور
  • شە‌خسىي تە‌جرىبە-‏ساۋاقنىڭ قە‌دىر-‏قىممىتى
  • قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئىنتىلىڭلار
  • چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈش —‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن شە‌رت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن دانا بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالاڭلارغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تە‌ييار بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىۋاتامسىلە‌ر؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 دېكابىر 21-‏26 ب.‏
ياش قېرىنداش چومدوٰروٰلوٰش موُراسىمىدىن ئوتوٰۋاتىدوُ،‏ ئوُچرىشىشتا تاپشوُروُقلارنی ئوروُنۋاتىدوُ ۋه ۋه‌ز قىلىۋاتىدوُ

ياشلار،‏ «ئۆز نىجاتىڭلارغا يېتىشكە» ئىنتىلىڭلار

‏«سىلە‌ر ھېمىشە‌م بېقىنغاندە‌ك.‏.‏.‏ كە‌لگۈسىدىمۇ قورقۇ‌نۇ‌چ ھالدا،‏ ئە‌يمىنىش بىلە‌ن ئۆز نىجاتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلىڭلار» (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏12)‏.‏

ناخشىلار:‏ 41،‏ 11

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • نېمە ئۈچۈن چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشتىن قورقماسلىقىڭىز كېرە‌ك؟‏

  • قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئىنتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

  • يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشنى نېمە ئۈچۈن قە‌دىرلىك دە‌پ قارايسىز؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن چۆمدۈرۈلۈش ناھايىتى مۇ‌ھىم قارار؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

ھە‌ر يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆسمۈرلە‌ر ياكى بالىلار.‏ بە‌زىلىرى ھە‌قىقە‌تنى كىچىكىدىن بىلىدۇ.‏ سىزمۇ ئۇ‌لارنىڭ بىرسى بولسىڭىز،‏ ناھايىتى توغرا قارار قىلدىڭىز.‏ ھە‌ربىر مە‌سىھكە ئە‌گە‌شكە‌ن كىشى چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشى شە‌رت.‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمى —‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌ش ۋە مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر قە‌دە‌م (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏21)‏.‏

2.‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشتىن نېمە ئۈچۈن قورقماسلىقىڭىز كېرە‌ك؟‏

2 سىز چۆمدۈرۈلگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا سىزگە كۆپ يېڭى بە‌رىكە‌تلە‌رنى بە‌ردى.‏ ئە‌مما،‏ سىزدە يېڭى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رمۇ پە‌يدا بولدى.‏ قانداق مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌ر؟‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن كۈنى نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقان بۇ‌رادە‌ر:‏ «ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئاساسىدا،‏ سىز گۇ‌نالىرىڭىزغا توۋۋا قىلدىڭىزمۇ ھە‌م يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلىدىڭىزمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغاندا،‏ سىز «ھە‌ئە»،‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردىڭىز.‏ سىز يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى ھاياتىڭىزدا ئە‌ڭ بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى ۋە‌دە قىلدىڭىز.‏ شۇ‌نداق مۇ‌ھىم ۋە‌دە بە‌رگىنىڭىزگە پۇ‌شايمان قىلامسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ يە‌ھۋانىڭ ھاياتىڭىزنى يېتە‌كلىشىگە ئۆزىڭىزنى تاپشۇ‌رغانلىقىڭىزغا ھېچقاچان پۇ‌شايمان قىلمايسىز.‏ يە‌ھۋانى بىلمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر شە‌يتان دۇ‌نياسىغا تە‌ۋە.‏ شە‌يتان ھېچقاچان ئۇ‌لار ياكى سىزنىڭ ھال-‏ئە‌ھۋالىڭىزغا كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ سىز يە‌ھۋادىن ۋاز كېچىپ،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌رىپىدە بولسىڭىز ۋە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىدىن ئايرىلسىڭىز،‏ ناھايىتى خۇ‌شال بولىدۇ.‏

3.‏ ھاياتىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاش سىزنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈردى؟‏

3 ھاياتىڭىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكىنىڭىزدىن تارتىپ،‏ ئۇ سىزگە قانداق بە‌رىكە‌تلە‌ر بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ سىز ھاياتىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رغانلىقتىن،‏ ئىشە‌نچ بىلە‌ن:‏ «پە‌رۋە‌ردىگار مېنىڭ تە‌رىپىمدىدۇ‌ر،‏ مە‌ن قورقمايمە‌ن؛‏ ئىنسان مېنى نېمە قىلالىسۇ‌ن؟‏»—‏ دە‌پ ئېيتالايسىز (‏زە‌بۇ‌ر 118:‏6)‏.‏ خۇ‌دا تە‌رىپىدە بولۇ‌پ،‏ ئۇ سىزدىن پە‌خىرلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتىن ئارتۇ‌ق شان-‏شە‌رە‌پ يوق!‏

شە‌خسىي جاۋاپكارلىق

4،‏ 5.‏ ئا)‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشقا قانداق قارىشىڭىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ ئە)‏ ھە‌رقانداق ياشتىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچلىرى قانداق سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏

4 ئاتا-‏ئانىڭىز يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە بولغانلىغى،‏ سىزنىڭمۇ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ سىز ئاتا-‏ئانىڭىز بىلە‌ن تۇ‌رىدىغان بولسىڭىزمۇ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌ش —‏ شە‌خسىي جاۋاپكارلىقىڭىز.‏ نېمىشقا بۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ ھېچبىرىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ كە‌لگۈسىدە قانداق سىنىلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا چۆمدۈرۈلگە‌نسىز.‏ لېكىن،‏ ئە‌مدى ئۆسمۈر چېغىڭىزدا،‏ بۇ‌رۇ‌ن بولمىغان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار بىلە‌ن قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولغاندۇ.‏ بىر ياش قىز مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئادە‌تتە،‏ كىچىك بالا سىنىپداشلىرى بىلە‌ن بىرسىنىڭ تۇ‌غۇ‌لغان كۈنىدە تورت يېمىدىم،‏ دە‌پ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغىنىغا ئۆكۈنمە‌يدۇ.‏ لېكىن بىرنە‌چچە يىلدىن كېيىن،‏ ئۆسمۈرنىڭ جىنسىي ھە‌ۋىسى كۈچە‌يگە‌ندە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ توغرا قارار ئىكە‌نلىكىگە پۈتۈنلە‌ي كۆز يە‌تكۈزۈشى كېرە‌ك».‏

5 لېكىن يېڭى قىيىنچىلىقلار پە‌قە‌ت ياشلاردىلا بولمايدۇ.‏ چوڭ بولغاندا چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌نلە‌رنىڭمۇ ئېتىقادى كۈتۈلمىگە‌ن يول بىلە‌ن سىنىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ سىناقلار نىكاھىدا،‏ سالامە‌تلىك مە‌سىلىسىدە ياكى ئىشىدا پە‌يدا بولۇ‌شى ئېھتىمال.‏ مە‌يلى قانچە ياشتا بولايلى،‏ ھە‌رخىل ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قېلىشىمىز كېرە‌ك (‏ياقۇ‌پ 1:‏12—‏14)‏.‏

6.‏ ئا)‏ ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا شە‌رتسىز بېغىشلاش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئە)‏ فىلىپپىلىكلە‌رگە 4:‏11—‏13-‏ئايە‌تلە‌ردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يسىز؟‏

6 سادىقلىقىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن،‏ شۇ‌نى ھە‌ردائىم ئە‌ستە ساقلاڭكى،‏ يە‌ھۋاغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىڭىز شە‌رتسىز.‏ بۇ دېگە‌نلىك،‏ ھە‌تتا ئاتا-‏ئانىڭىز ياكى دوستلىرىڭىز يە‌ھۋانىڭ يولىنى تاشلاپ كە‌تسىمۇ،‏ سىز چوقۇ‌م يە‌ھۋاغا سادىق قېلىشىڭىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 27:‏10)‏.‏ بارلىق سىز مە‌يلى قانداق ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كېلىڭ،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ بە‌رگە‌ن ۋە‌دىڭىزگە سادىق بولۇ‌شقا ياردە‌م سوراڭ ‏(‏فىلىپپىلىكلە‌رگە 4:‏11—‏13نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

7.‏ «قورقۇ‌نۇ‌چ ھالدا،‏ ئە‌يمىنىش بىلە‌ن» قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشتۇ‌رىدىغان خىزمە‌تنى قىلىش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

7 يە‌ھۋا خۇ‌دا سىز بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ دوستلۇ‌قنىڭ مە‌ھكە‌م بولۇ‌شى ۋە قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشىش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈش كېرە‌ك.‏ بۇ ھە‌قتە فىلىپپىلىكلە‌رگە 2:‏12-‏دە:‏ «كە‌لگۈسىدىمۇ قورقۇ‌نۇ‌چ ھالدا،‏ ئە‌يمىنىش بىلە‌ن ئۆز نىجاتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ سۆزلە‌ر يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى قانداق ساقلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ھە‌رقانداق ۋە‌زىيە‌تتە سادىق بولۇ‌پ قالالايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ھېچقايسىمىز بۇ ماڭا قىيىن ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ تولۇ‌ق ئىشە‌نچ بىلە‌ن ئېيتالمايمىز.‏ ھە‌تتا،‏ خۇ‌داغا كۆپ يىل خىزمە‌ت قىلغان بە‌زى ئادە‌ملە‌رنىڭ،‏ ۋاپادارلىقىنى ساقلىيالمىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشىش ئۈچۈن سىز نېمە قىلالايسىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش بە‌ك مۇ‌ھىم

8.‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

8 يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئالاقىدە بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋانى تىڭشاشنىڭ ئە‌ڭ ئاساسىي يولى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش.‏ بۇ‌نىڭغا خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌ش ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌پ مۇ‌لاھىزە قىلىش كىرىدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش مە‌كتە‌پتىكى ئېمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن مە‌لۇ‌ماتنى يادلاشقا ئوخشىمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ بۇ ئىزدىنىپ،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە يېڭى نە‌رسىلە‌رنى تېپىشقا ياردە‌م بېرىدىغان قىزىقارلىق سە‌ياھە‌تكە ئوخشاش.‏ سىز يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىسىز ۋە ئۇ‌مۇ سىزگە يېقىنلىشىدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏

ياش يىگىت موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُش ۋه دوُئا قىلىش ئارقىلىق يه‌هۋا بىله‌ن سوزلىشىۋاتىدوُ

يە‌ھۋا بىلە‌ن قانچىلىك ياخشى سۆزلىشىسىز؟‏ (‏8—‏11 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

9.‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن سىزگە قانداق قوراللار ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

9 يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بىزنى تە‌تقىق قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان كۆپلىگە‌ن قوراللار بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ org.‏jw تور بېكىتىنىڭ «‏ئۆسمۈرلە‌ر‏» دېگە‌ن بۆلۈمدىكى ‏«‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان تاپشۇ‌رۇ‌قلار‏»،‏ دە‌پ ئاتالغان سە‌ھىپىنى ئالايلى.‏ بۇ سە‌ھىپە سىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىۋالغانلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئىشلىتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ تور بە‌تتە «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏» دە‌پ ئاتالغان تە‌تقىق قىلىش قوراللىرى بار.‏ ئۇ‌لار سىزگە ئىشە‌نچىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ۋە باشقىلارغا ئۆز كۆزقارىشىڭىزنى چۈشە‌ندۈرۈشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىش ھە‌ققىدە قوشۇ‌مچە ئۇ‌چۇ‌رلارنى «ئويغىنىش!‏» (‏خە‌نزۇ‌چە)‏ ژۇ‌رنالىنىڭ 2009-‏يىل،‏ ئاپرېل سانىدىكى «ياشلارنىڭ سوئاللىرى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنى قانداق قىلىپ كۆڭۈللۈك قىلالايمە‌ن؟‏» ناملىق ماقالىدىن تاپالايسىز.‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئېرىشىش ئۈچۈن تە‌تقىق قىلىش بىلە‌ن مۇ‌لاھىزە قىلىش بە‌ك مۇ‌ھىم ‏(‏زە‌بۇ‌ر 119:‏105نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

دۇ‌ئانىڭ ئە‌ھمىيىتى زور

10.‏ نېمە ئۈچۈن چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن ئېتىقادچىلار ئۈچۈن دۇ‌ئا بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى ئورنىڭىزنى ھە‌ردائىم قە‌دىرلە‌ڭ

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغاندا،‏ بىز يە‌ھۋانى تىڭشايمىز ھە‌م دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆزلىشىمىز.‏ دۇ‌ئانى پە‌قە‌ت بىر ئادە‌ت ياكى تە‌لە‌ي ئېلىپ كېلىدىغان تىلە‌ك،‏ دە‌پ قارىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ دۇ‌ئا ياراتقۇ‌چى بىلە‌ن راستىنلا سۆزلىشىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ دۇ‌ئالىرىڭىزنى تىڭشاشنى خالايدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىڭىز بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «يۈكۈڭنى پە‌رۋە‌ردىگارغا تاشلاپ قوي»،‏ دېگە‌ن نە‌سىھە‌ت بويىچە ئىش تۇ‌تۇ‌ڭ (‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22)‏.‏ مىليونلىغان قېرىنداشلار بۇ نە‌سىھە‌تنىڭ مېۋىسىنى تېتىغان.‏ سىزگە ھە‌م بۇ نە‌سىھە‌ت ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ!‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دائىم رە‌ھمە‌ت ئېيتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 ئە‌مما بىز يە‌ھۋاغا پە‌قە‌ت ياردە‌م سوراش ئۈچۈنلا دۇ‌ئا قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە:‏ «مىننە‌تدار بولۇ‌ڭلار»،‏ دە‌پ ئە‌سكە‌رتىدۇ (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏15)‏.‏ بە‌زىدە قىيىنچىلىقلىرىمىز ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىۋېرىپ،‏ كۆز ئالدىمىزدىكى ياخشىلىقنى بايقىماسلىقىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ر كۈنى مىننە‌تدار بولۇ‌شنىڭ كە‌م دېگە‌ندە ئۈچ سە‌ۋە‌بى ھە‌ققىدە ئويلاپ،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئادا رە‌ھمە‌ت ئېيتىڭ.‏ 12 ياشتا چۆمدۈرۈلگە‌ن ئابىگېيل ئىسىملىك ئۆسمۈر قىز:‏ «مېنىڭچە،‏ يە‌ھۋا —‏ كائىناتتىكى رە‌ھمە‌ت ئېيتىشىمغا ئە‌ڭ لايىق شە‌خس.‏ بىز ھە‌ر مۇ‌مكىنچىلىكتىن پايدىلىنىپ،‏ بىزگە بە‌رگە‌ن سوۋغاتلار ئۈچۈن يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ بە‌زىدە ئابىگېيل ئۆزىگە بۇ‌رۇ‌ن ئاڭلىغان بىر سوئالنى قويىدۇ:‏ «ئە‌تىسى ئە‌تىگە‌ندە تۇ‌رغاندا،‏ مە‌ن پە‌قە‌ت بۈگۈن ئۈچۈن يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرگە‌ن نە‌رسە بىلە‌ن قالسام،‏ مېنىڭدە زادى نېمە قالىدۇ؟‏».‏

شە‌خسىي تە‌جرىبە-‏ساۋاقنىڭ قە‌دىر-‏قىممىتى

12،‏ 13.‏ ھاياتىڭىزدا يە‌ھۋانىڭ مېھرىبانلىقىنى قانداق كۆردىڭىز؟‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلاش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

12 يە‌ھۋا،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھقا كۆپلىگە‌ن قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە تاقابىل تۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ شۇ‌ڭا ئۇ:‏ «پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگىن،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادە‌م نېمە دېگە‌ن بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏»—‏ دېگە‌ندە،‏ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر ھە‌ققىدە سۆزلىگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏8)‏.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ر يە‌ھۋانىڭ مېھرىبانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرۈشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە كىتاب-‏ماتېرىياللارنى ئوقۇ‌غاندا ھە‌م ئۇ‌چرىشىشلارغا قاتناشقاندا،‏ خۇ‌دا باشقىلارنىڭ سادىق بولۇ‌پ قېلىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى بىلىسىز.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىتىۋىتىڭىز كۈچە‌يگە‌نسىرى،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتە‌لىشىڭىز كېرە‌ك.‏ سىز يە‌ھۋانىڭ مېھرىبان ئىكە‌نلىكىگە قانداق كۆز يە‌تكۈزدىڭىز؟‏

13 ھە‌ربىر ئېتىقادچى يە‌ھۋانىڭ مېھرىبانلىقىنى ئۆزگىچە بىر يول بىلە‌ن كۆرگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزنى ئۆزىگە ۋە ئوغلىغا يېقىنلىشىشقا تە‌كلىپ قىلغان.‏ ئە‌يسا:‏ «ئە‌گە‌ر مېنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئاتام بىراۋنى ماڭا جە‌لىپ قىلمىسا،‏ ھېچكىم ماڭا كېلە‌لمە‌يدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يوھاننا 6:‏44)‏.‏ يە‌ھۋا سىزنى ئۆزىگە جە‌لىپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلامسىز؟‏ ياكى بولمىسا،‏ «يە‌ھۋا ئاتا-‏ئانامنى ئۆزىگە جە‌لىپ قىلدى،‏ مە‌ن بولسام پە‌قە‌ت ئۇ‌لارغا ئە‌گىشىپ يۈرىمە‌ن» دە‌مسىز؟‏ بىراق،‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ،‏ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ندە،‏ سىز ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن شە‌خسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورناتقانلىقىڭىزنى كۆرسە‌تتىڭىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «لېكىن ئە‌گە‌ر كىم خۇ‌دانى سۆيسە،‏ بۇ‌نداق ئادە‌منى خۇ‌دا تونۇ‌يدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 8:‏3)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى ئورنۇ‌ڭىزنى ھە‌ردائىم قە‌دىرلە‌ڭ.‏

14،‏ 15.‏ ۋە‌ز قىلىش ئېتىقادىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 شۇ‌نداقلا يە‌ھۋا سىزگە ۋە‌ز خىزمە‌تتە ياكى مە‌كتە‌پتە ئېتىقادىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلارغا جە‌سۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ مېھرىبانلىقىنى ھېس قىلىسىز.‏ ساۋاقداشلىرىڭىزغا ۋە‌ز قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌چ ئە‌نسىرە‌يدىغانسىز.‏ بولۇ‌پمۇ كۆزقارىشىڭىزنى كۆپچىلىك ئالدىدا چۈشە‌ندۈرۈش قورقۇ‌نۇ‌چلۇ‌ق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ سىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

15 ئۆزىڭىز ئىشە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تكە نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئىشە‌نگە‌نلىڭىز ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ تە‌تقىق قىلىش قوراللىرى org.‏jw تور بېكىتىدە ئانا تىلىڭىزدا بار بولسا،‏ ئۇ‌لارنى ئىشلىتىشكە تىرىشىڭ.‏ بۇ قوراللار نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىز،‏ ئۇ‌لارغا نېمە سە‌ۋە‌ب ئىشە‌نگە‌نلىكىڭىز ۋە بۇ‌نى باشقىلارغا قانداق چۈشە‌ندۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سىز ھە‌قىقە‌تنى چۈشىنىپ،‏ ئۆزىڭىزدە ياخشى تە‌ييارلىق بولغاندا،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلىشنى خالايسىز (‏يە‌رە‌مىيا 20:‏8،‏ 9)‏.‏

16.‏ ئېتىقادىڭىز ھە‌ققىدە جاسۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن سۆزلە‌شكە نېمە ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن؟‏

16 ھە‌تتا ياخشى تە‌ييارلىق قىلغان بولسىڭىزمۇ،‏ ئېتىقادىڭىز ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىشتىن خىجىل بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ 13 يېشىدا چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن 18 ياشلىق بىر قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىمنى بىلىمە‌ن،‏ ئە‌مما بە‌زىدە ئۆز ئۆي-‏پىكىرىمنى ئىپادىلە‌ش ئۈچۈن سۆز تاپالمە‌يمە‌ن».‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ ھە‌قىقە‌تنى ئە‌ركىن ۋە تە‌بئىي ھالدا يە‌تكۈزۈشكە تىرىشقان.‏ ئۇ سۆزنى داۋاملاپ:‏ «سىنىپداشلىرىم قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا بىمالال ئېيتىدۇ.‏ مە‌نمۇ شۇ‌نداق قىلىشىم كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «بىر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىم بە‌رگە‌ندە مۇ‌شۇ‌نداق ۋە‌قە بولدى.‏.‏.‏»،‏ دە‌يمە‌ن.‏ ئاندىن ئېيتماقچى بولغان ماۋزۇ‌غا ئۆتۈمە‌ن.‏ ئۇ‌دۇ‌ل مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە ئېيتمىساممۇ،‏ پات-‏پات سىنىپداشلىرىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن قانداق تە‌لىم بېرىدىغانلىقىمغا قىزىقىدۇ.‏ بە‌زىدە ئۇ‌لار سوئاللارنى قويىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئۇ‌سۇ‌لنى قوللانغانسېرى،‏ سۆز باشلاش مېنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ئاسان بولدى.‏ ئاخىرىدا ئۆزۈمنى شۇ‌نچىلىك خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھېس قىلىمە‌ن!‏»،‏ دە‌يدۇ.‏

17.‏ ئېتىقادىڭىز ھە‌ققىدە ئېيتىشقا يە‌نە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

17 باشقىلارغا ھۆرمە‌ت ۋە شە‌خسىي قىزىقىش كۆرسە‌تسىڭىز،‏ ئۇ‌لار سىزنى دىققە‌ت قويۇ‌پ تىڭشىشى مۇ‌مكىن.‏ كىچىك چېغىدا چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن 17 ياشتىكى ئولىۋىيا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە سۆز قىلسام،‏ ئادە‌ملە‌ر مېنى دىن قارغۇ‌لارچە تە‌شۇ‌ببۇ‌س قىلىدىغان بىرى ئوخشايدۇ،‏ دە‌پ ئويلاپ قالارمۇ دە‌پ قورقاتتىم».‏ كېيىن،‏ ئۇ باشقىچە ئويلاشقا باشلىغان.‏ ئۇ ھە‌ددىدىن زىيادە قورقۇ‌نچقا پېتىپ كە‌تمە‌ي،‏ ئە‌كسىچە مۇ‌نداق دە‌پ ئويلىغان:‏ «كۆپ ياشلار يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ققىدە ھېچ نە‌رسە بىلمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار بىزدىن باشقا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى بىلمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قانداق قوبۇ‌ل قىلىشى ئۆزۈمىزنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزگە باغلىق.‏ خىجىلچان بولساق،‏ ئېتىقادىمىز توغرىسىدا ئېيتىشتىن خىجىل بولۇ‌پ تارتىنساق،‏ ئۇ‌لار نېمە ئويلايدۇ؟‏ بىزنى ئېتىقادىمىزدىن پە‌خىرلە‌نمە‌يدىكە‌ندە،‏ دە‌پ ئويلاپ قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌تتا،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزگە ئىشە‌نچ قىلالمايۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ،‏ بە‌لكىم قوپال جاۋاب بېرىشى ھە‌م مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بىز نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئە‌ركىن ۋە ئىشە‌نچ بىلە‌ن سۆزلىسە‌ك،‏ ئۇ‌لار بىزنى كۆپرە‌ك ھۆرمە‌تلىشى مۇ‌مكىن».‏

قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئىنتىلىڭلار

18.‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئىنتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

18 مۇ‌شۇ ماقالىدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئىنتىلىش ھە‌ربىرىمىز ئۈچۈن ئېغىر مە‌سئۇ‌لىيە‌ت.‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئىنتىلىش ئۈچۈن خۇ‌دا سۆزىنى ئوقۇ‌شىڭىز،‏ ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىشىڭىز ۋە ئۇ‌نىڭ شە‌خسە‌ن سىزگە قانداق ياردە‌م قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىشىڭىز زۆرۈر.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ دوستىڭىز ئىكە‌نلىكىگە تېخىمۇ ئىشە‌نچ قىلالايسىز.‏ بۇ سىزنى ئېتىقادىڭىز ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 73:‏28نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

19.‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئىنتىلىش ئۈچۈن نېمىشقا قولۇ‌مىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىشقا ئە‌رزىيدۇ؟‏

19 ئە‌يسا:‏ «ئە‌گە‌ر كىمدە‌كىم ماڭا ئە‌گە‌شكۈسى كە‌لسە،‏ ئۆزىدىن ۋاز كېچىپ،‏ ئازاپ تۈۋرۈگىنى كۆتۈرۈپ،‏ دائىم كە‌ينىمدىن يۈرسۈن»،‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 16:‏24‏)‏.‏ ئە‌يساغا ئە‌گىشىشنى خالىغان ھە‌ربىر ئادە‌م،‏ ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشى لازىم.‏ بۇ قە‌دە‌م بۈگۈنكى گۈزە‌ل ھاياتنىڭ باشلىنىشى خالاس ۋە كېلە‌چە‌كتە خۇ‌دانىڭ يېڭى دۇ‌نياسىدا مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈشكە يول ئاچىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلىڭلار،‏ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئىنتىلىش ئۈچۈن قولۇ‌مىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلايلى!‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شقا ئىنتىلىش.‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا ۋە چۆمدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شقا باشلىدىڭىز.‏ ئۇ سىزگە مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈش ئۈمىدىنى بە‌ردى.‏ ئە‌مدى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ساقلاش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈشىڭىز ۋە ئۈمىدىڭىزنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىز كېرە‌ك.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىشىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ سىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان بارلىق ياخشىلىقلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىڭىز ۋە ئېتىقادىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلارغا ئېيتىشىڭىز كېرە‌ك

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش