كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 يانۋار 15-‏20 ب.‏
  • ھە‌ممىسى تە‌ل خۇ‌داغا بىر نە‌رسە بېرىشىمىز ھاجە‌تمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌ممىسى تە‌ل خۇ‌داغا بىر نە‌رسە بېرىشىمىز ھاجە‌تمۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمىشقا بىز يە‌ھۋاغا قولۇ‌مىزدا بارنى بېرىمىز؟‏
  • يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمدىكى خىزمە‌تچىلىرى قانداق ئىئانە بە‌رگە‌ن؟‏
  • بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئىئانە قىلىمىز؟‏
  • ئىئانىلىرىڭىز قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟‏
  • يە‌ھۋاغا بە‌رگە‌ندە ئېرىشىدىغان بە‌رىكە‌تلىرىمىز
  • دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى خىزمە‌تلىرىمىزنى كىم ئىقتىساد بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 يانۋار 15-‏20 ب.‏
كىچىك قىز دادىسى بىلە‌ن ئاپىسىغا سوۋغات ئېلىش ئۈچۈن يىققان پۇ‌لىنى ساناۋاتىدۇr

ھە‌ممىسى تە‌ل خۇ‌داغا بىر نە‌رسە بېرىشىمىز ھاجە‌تمۇ؟‏

‏«ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئە‌ي خۇ‌دائىمىز،‏ سېنىڭ شە‌رە‌پلىك ئىسمىڭغا ھە‌مدۇ-‏سانا ئېيتىمىز» (‏تارىخنامە 1-‏يازما 29:‏13)‏.‏

ناخشىلار:‏ 1،‏ 48

سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

  • نېمىشقا يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن ئالغان قىممە‌ت-‏باھالىق نە‌رسىلە‌رنى ئۇ‌نىڭغا بېرىشىمىزنى كۈتىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمدە ياشىغان خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنىڭ ئىشىنى ماددىي تە‌رە‌پتىن قانداق قوللىغان؟‏

  • بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ئىئانىلە‌رنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق قىلىپ سېخىيلىق كۆرسىتىدۇ؟‏

يە‌ھۋا —‏ سېخىي خۇ‌دا.‏ بىزدە بارىنىڭ ھە‌ممىسىنى ئۇ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ردىكى ھە‌ممە تە‌بئىي بايلىقلارنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇ‌لارنى ھاياتلىقنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏13—‏15؛‏ ھاگاي 2:‏8)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن،‏ بە‌زىدە بۇ بايلىقلاردىن مۆجىزىلىك ئۇ‌سۇ‌لدا پايدىلىنىدىغانلىقى يېزىلغان.‏

2 مە‌سىلە‌ن،‏ ئىسرائىل خە‌لقى 40 يىل جە‌ريانىدا چۆلدە ياشىغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ماننا بىلە‌ن سۇ‌نى بە‌رگە‌ن (‏چىقىش 16:‏35)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ھېچنە‌رسىگە مۇ‌ھتاج بولمىغان (‏نە‌ھە‌مىيا 9:‏20،‏ 21)‏.‏ كېيىنىرە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئېلىشا پە‌يغە‌مبە‌رگە بىر سادىق تۇ‌ل ئايالنىڭ ئازغىنە مېيىنى كۆپە‌يتىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ خۇ‌دا بە‌رگە‌ن بۇ سوۋغات تۈپە‌يلىدىن تۇ‌ل ئايال قە‌رزلىرىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ،‏ ھە‌تتا قالغان پۇ‌لغا ئوغۇ‌للىرى بىلە‌ن داۋاملىق كۈن كۆرگە‌ن (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 4:‏1—‏7)‏.‏ ئە‌يسا بولسا يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ زۆرۈر بولغاندا ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك ھە‌تتا پۇ‌ل بىلە‌نمۇ تە‌مىنلىگە‌ن (‏مە‌تتا 15:‏35—‏38؛‏ 17:‏27‏)‏.‏

3.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

3 يە‌ھۋا مە‌ۋجۇ‌داتلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن خالىغان نە‌رسىسىدىن پايدىلىنالايدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى تە‌شكىلاتىنىڭ پائالىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن قولىدا بارىنى بېرىشكە ئۈندە‌يدۇ (‏چىقىش 36:‏3—‏7؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏9)‏‏.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن ئالغان قىممە‌ت-‏باھا نە‌رسىلە‌رنى ئۇ‌نىڭغا بېرىشىمىزنى كۈتىدۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمدە ياشىغان خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنىڭ ئىشىنى ماددىي تە‌رە‌پتىن قانداق قوللىغان؟‏ تە‌شكىلات بۈگۈنكى كۈندە ئىئانىلە‌رنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟‏ كېلىڭ،‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىۋالايلى.‏

نېمىشقا بىز يە‌ھۋاغا قولۇ‌مىزدا بارنى بېرىمىز؟‏

4.‏ ئۇ‌نىڭ ئىشىنى قوللىغاندا،‏ يە‌ھۋاغا نېمىنى كۆرسىتىمىز؟‏

4 بىز يە‌ھۋانى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن ۋە ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدار بولغانلىقتىن ئۇ‌نىڭغا بېرىمىز.‏ بىز ئۈچۈن قىلغان ھە‌ممە ئىشلىرى ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ قە‌لبىمىز ھاياجاندىن شادلىنىمىز.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئىبادە‌تخانىنى قۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمىلە‌ر كېرە‌ك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ مۇ‌نداق ھىسسىياتتا بولغانىدى.‏ داۋۇ‌ت قولۇ‌مىزدا بارىنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا بېرىدىغان ھە‌دىيە‌لىرىمىزنىڭ بارلىقى ھە‌م ئۇ‌نىڭدىن كە‌لگە‌نلىكىنى ئېيتقان ‏(‏تارىخنامە 1-‏يازما 29:‏11—‏14نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

5.‏ چىن دىلدىن بېرىش ھە‌قىقىي ئىبادە‌تنىڭ مۇ‌ھىم قىسمى ئىكە‌نلىكىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

5 يە‌ھۋاغا ھە‌دىيىمىزنى بېرىشنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى —‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا قىلغان ئىبادە‌تنىڭ يە‌نە بىر قىسىمى.‏ ئە‌لچى يوھاننا ۋە‌ھىيدە يە‌ھۋانىڭ ئاسماندىكى خىزمە‌تچىلىرىنىڭ مۇ‌نداق ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغان:‏ «يە‌ھۋا،‏ بىزنىڭ خۇ‌دايىمىز،‏ سە‌ن شان-‏شۆھرە‌تكە،‏ شان-‏شە‌رە‌پكە ۋە كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە لايىقسە‌ن،‏ چۈنكى سە‌ن بارلىق نە‌رسىنى ياراتتىڭ ۋە بارلىق نە‌رسە سېنىڭ ئىرادە‌ڭ بويىچە مە‌ۋجۇ‌ت ھە‌م يارىتىلغاندۇ‌ر» (‏ۋە‌ھىي 4:‏11)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا شان-‏شۆھرە‌تكە ۋە شان-‏شە‌رە‌پكە لايىق بولغانلىقتىن،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا قولۇ‌مىزدىكى ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشنى خالايمىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ يە‌ھۋا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق ئىسرائىل خە‌لقىگە يىلىدا ئۈچ ھېيتنى تە‌برىكلە‌شكە بۇ‌يرىغان.‏ بۇ ھېيتلاردا ئىبادە‌تنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا قولدا بارىنى بە‌رگە‌ن.‏ خە‌لق يە‌ھۋانىڭ ئالدىغا «قۇ‌رۇ‌ق قول كە‌لمە‌سلىكى» كېرە‌ك ئىدى (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 16:‏16)‏.‏ بىزنىڭ كۈنىمىزدىمۇ چىن دىلدىن بېرىش —‏ ئىبادىتىمىزنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى.‏ بۇ‌نىڭ ئارقىلىق بىز يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى قىلىۋاتقان ئىشنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى ۋە قۇ‌للاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

6.‏ بېرىشنىڭ ئۆزۈمىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

6 پە‌قە‌ت ئېلىش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى سېخىيلىق بىلە‌ن بېرىش ئۆزۈمىز ئۈچۈن پايدىلىق ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ ئاتا-‏ئانىسى قوللاپ بە‌رگە‌ن ئازغىنا پۇ‌لنى يىغىپ،‏ ئۇ‌لارغا سوۋغات ئالغان بالىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ ئۇ‌لار تازىمۇ خۇ‌شال بولىدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏ ياكى بولمىسا،‏ ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇ‌رۇ‌ۋاتقان ياش پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ئۆينىڭ چىقىملىرىنى قامداش ياكى ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئازغىنە پۇ‌ل بېرىدۇ دە‌يلى.‏ ئاتا-‏ئانىسى پۇ‌ل بېرىشىنى كۈتمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى مۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق بالىسى ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ھە‌ممە ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىنى ئىزھار قىلىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا قىممە‌ت-‏باھا نە‌رسىلىرىمىزنى ئۇ‌نىڭغا بە‌رگە‌نلىكىمىز ئۆزۈمىزگە ياخشى ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمدىكى خىزمە‌تچىلىرى قانداق ئىئانە بە‌رگە‌ن؟‏

7،‏ 8.‏ قە‌دىمدە خۇ‌دانىڭ خە‌لقى قانداقلارچە ئا)‏ ئالاھىدە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرى ۋە ئە)‏ يە‌ھۋانىڭ ئىشىنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە بېرىشتە ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئۇ‌نىڭ ئىشىنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە بە‌رگە‌ن‏.‏ بە‌زىدە ئۇ‌لار قانداقتۇ بىر ئالاھىدە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشى ئۈچۈن ئىئانە توپلىغان‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىسرائىللىقلارنى مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىرنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا ھە‌دىيە بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ كېيىنىرە‌ك،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھمۇ ئىبادە‌تخانىنى سالماقچى بولغان چاغدا شۇ‌نداق قىلغان (‏چىقىش 35:‏5؛‏ تارىخنامە 1-‏يازما 29:‏5—‏9)‏.‏ يە‌ھوئاش پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا،‏ روھانىيلار ئىبادە‌تخانىنى تۈزە‌ش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر بە‌رگە‌ن پۇ‌لنى ئىشلە‌تكە‌ن (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 12:‏4،‏ 5)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولسا،‏ يە‌ھۇ‌دىيىدىكى ئاچارچىلىق تۈپە‌يلىدىن كۆپ قېرىنداشلارنىڭ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى ئاڭلغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ربىر ئېتىقادچى شۇ يە‌ردىكى قېرىنداشلارغا قولىدىن كە‌لگىنىچە ياردە‌م بېرىشنى قارار قىلغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 11:‏27—‏30)‏.‏

8 شۇ‌نداقلا يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئۇ‌نىڭ ئىشىدا رە‌ھبە‌رلىكنى قولىغا ئالىدىغانلارغا ماددىي تە‌رە‌پتىن ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نى بويىچە،‏ لاۋىي قە‌بىلىسىنىڭ باشقا قە‌بىلىلە‌رگە ئوخشاش مىراسلىق قىلىدىغان يېرى بولمىغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن قالغان ئىسرائىللىقلار لاۋىيلارغا ئۆزىدە بارىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى بە‌رگە‌نىدى.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۇ‌لار پۈتۈن دىققىتىنى مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىردىكى خىزمە‌تكە قارىتالىغان (‏سانلار 18:‏21)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن ئە‌لچىلىرىگىمۇ كۆپلىگە‌ن مە‌رد ئاياللار قولىدا بار نە‌رسىسى بىلە‌ن ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 8:‏1—‏3)‏.‏

9.‏ ئۆتمۈشتە خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قانداق ئۇ‌سۇ‌للاردا ئىئانە قىلغان؟‏

9 بۇ ئىئانىلە‌ر ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌ل بىلە‌ن قىلىنغان.‏ ئىسرائىللىقلار مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىرنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا مىسىردىن ئېلىپ چىققان قىممە‌ت-‏باھا بۇ‌يۇ‌ملارنى بە‌رگە‌ن (‏چىقىش 3:‏21،‏ 22؛‏ 35:‏22—‏24)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولسا،‏ ئۆز مال-‏مۈلكىنى،‏ يە‌نى ئېتىزلىرىنى ياكى ئۆيلىرىنى سېتىپ،‏ ساتقان پۇ‌لنى ئە‌لچىلە‌رگە بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌لچىلە‌ر بۇ پۇ‌لنى مۇ‌ھتاجلىقتا قالغان قېرىنداشلارغا تە‌قسىم قىلىپ بە‌رگە‌نىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏34،‏ 35)‏.‏ باشقىلىرى خۇ‌دانىڭ ئىشىنى قوللاشقا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشۇ‌ش ئۈچۈن بىراز پۇ‌ل يىغىپ قويغانىدى (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 16:‏2)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بە‌ك بايلارمۇ،‏ بە‌ك نامرات بولغانلارمۇ،‏ ھە‌ركىم قولىدا بارىنى بېرە‌لىگە‌ن (‏لۇ‌قا 21:‏1—‏4)‏.‏

بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئىئانە قىلىمىز؟‏

10،‏ 11.‏ ئا)‏ قە‌دىمدە ياشىغان يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ ئە)‏ پادىشاھلىق ئىشىنى قوللاش مۇ‌مكىنچىلىكىگە قانداق قارايسىز؟‏

10 بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ قانداقتۇ بىر ئالاھىدە ئىشلار ياكى مە‌خسە‌تلە‌ر ئۈچۈن ئىئانە قىلىشىمىز زۆرۈر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ جامائىتىڭىز ئىبادە‌ت ئۆيىنى رېمۇ‌نت قىلىش ياكى يېڭىسىنى قۇ‌رۇ‌شنى پىلان قىلغاندۇ ياكى بولمىسا،‏ يە‌رلىك ئىش بېجىرىش ئورنىنى رېمۇ‌نت قىلىش كېرە‌ك بولغاندۇ.‏ چوڭ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشكە كە‌تكە‌ن خىراجە‌تنى كۆتىرىشكە ياردە‌م كېرە‌ك بولار ياكى باشقا يە‌ردىكى قېرىنداشلىرىمىز تە‌بئىي ئاپە‌تكە كە‌لگە‌لىكتىن ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقلا ئىئانىلىرىمىز چە‌ت ئە‌لدە خىزمە‌ت قىلغۇ‌چىلار،‏ مە‌خسۇ‌س پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار ۋە دۇ‌نياۋى باش ئىدارىدىكى ۋە ھە‌ر جايلاردىكى تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇ‌نلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ خىزمىتىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ جامائىتىڭىز دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى چوڭ يىغىلىش سارايلىرى بىلە‌ن ئىبادە‌ت ئۆيلىرى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا دائىم ئىئانە بېرىپ تۇ‌رۇ‌شىمۇ مۇ‌مكىن.‏

11 يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ئاخىرقى كۈنلە‌ردە قىلىۋاتقان ئىشنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شكە ھە‌رقايسىمىز ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز.‏ كۆپلىگە‌ن ئىئانىلە‌ر نامسىز تە‌قدىم قىلىنىدۇ.‏ بىز ئىبادە‌ت ئۆيىدىكى ئىئانە ساندۇ‌قىغا پۇ‌ل سالغاندا ياكى org.‏jw تور بېكىتى ئارقىلىق ئىئانە بە‌رگە‌ندە‏،‏ قانچە پۇ‌ل بە‌رگە‌نلىكىمىزنى باشقىلارغا ئېيتمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ بە‌رگە‌ن ئىئانىمىز ئۆزۈمىزگە بە‌ك ئاز ياكى ئە‌رزىمە‌س بولۇ‌پ كۆرۈنسىچۇ؟‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ تە‌شكىلاتقا بېرىلىدىغان ئىئانىلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى بىرنە‌چچە كىشىنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن پۇ‌لىدىن ئە‌مە‌س،‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ئاز-‏ئازدىن بە‌رگە‌ن ئىئانىلىرىدىن ئىبارە‌ت.‏ ھە‌تتا تۇ‌رمۇ‌شى ئانچە ياخشى ئە‌مە‌س قېرىنداشلىرىمىز بىرىنچى ئە‌سىردە ياشىغان ماكېدونىيىدىكى ئېتىقادچىلارنى ئۈلگە قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار «نامرات» بولۇ‌شىغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌لار ئىئانىلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشىنى ئۆتۈنگە‌ن ۋە كېيىن مە‌رتلىك بىلە‌ن ھە‌دىيە قىلغان (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 8:‏1—‏4)‏.‏

12.‏ تە‌شكىلاتىمىز ئىئانىلە‌رنى قانداقلارچە ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لدا ئىشلىتىشكە تىرىشىدۇ؟‏

12 رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌ش ئىئانىلە‌رنى سادىقلىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن ئىشلىتىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌زالىرى توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ پۇ‌لنى قانداق ئىشلىتىش ھە‌ققىدە ياخشى ئويلىنىدۇ (‏لۇ‌قا 14:‏28)‏.‏ قە‌دىمدە مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىك ئە‌ر كىشىلە‌ر ئىئانىلە‌رنىڭ پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلارغا ئىشلىتىلىشىگە مە‌سئۇ‌ل بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌زرا يېرۇ‌سالىمغا پارس پادىشاھى بە‌رگە‌ن قىممە‌ت-‏باھا سوۋغاتلار،‏ جۈملىدىن ئالتۇ‌ن،‏ كۈمۈچ ۋە باشقا غە‌زىنىلە‌ر بىلە‌ن قايتقان.‏ بۇ ھە‌دىيە‌لە‌رنىڭ ئومۇ‌مىي قىممىتى بۈگۈنكى كۈندە 100 مىلىيوندىن كۆپرە‌ك ئامېرىكا دوللىرىغا تە‌ڭ.‏ ئە‌زرا بۇ ئىئانىلە‌رنى يە‌ھۋاغا تە‌ۋە ھە‌دىيە دە‌پ قارىغاچ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ ئۇ‌لارنى خە‌تە‌رلىك رايونلاردىن ئامان-‏ئېسە‌ن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مە‌خسۇ‌س كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ن (‏ئە‌زرا 8:‏24—‏34)‏.‏ كۆپلىگە‌ن يىللاردىن كېيىن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۇ‌دىيە‌دىكى مۇ‌ھتاجلىقتا بولغان قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن پۇ‌ل يىغقان.‏ ئۇ مۇ‌شۇ ئىئانىنى ئېلىپ بارىدىغانلارغا ھە‌ممىسىنى «پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ ئالدىدىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىنسانلارنىڭ ئالدىدىمۇ.‏.‏.‏ ھالال پايدىلىنىشنى» ئېيتقان ‏(‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 8:‏18—‏21نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە تە‌شكىلاتىمىز ئە‌زرا بىلە‌ن پاۋلۇ‌ستىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئىئانىلە‌رنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىدۇ.‏

13.‏ تە‌شكىلاتنىڭ يېقىندا قىلغان ئۆزگۈرۈشلىرىنىڭ سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

13 بىر ئائىلە،‏ ئائىلىدە چىقىم كىرىمىدىن كۆپ بولماسلىقى ئۈچۈن پۇ‌ل ئىشلىتىشتە بە‌زى تە‌ڭشە‌ش ئېلىپ بېرىپ،‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن تۇ‌رمۇ‌شىنى ئاددىيلاشتۇ‌رۇ‌ش يولىنى ئىزدىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ھە‌م شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ يېقىندا كۆپلىگە‌ن يېڭى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرى قىلىندى.‏ نە‌تىجىدە،‏ شۇ مە‌زگىلدە كىرىمگە قارىغاندا چىقىم كۆپرە‌ك بولدى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن تە‌شكىلات،‏ ئائىلىگە ئوخشاش،‏ مە‌بلە‌غنى تېجە‌ش ۋە ئىشنى ئاددىيلاشتۇ‌رۇ‌شنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئىزدىمە‌كتە.‏ بۇ ئارقىلىق تە‌شكىلات سىزنىڭ سېخىيلىق بىلە‌ن بە‌رگە‌ن ئىئانىلىرىڭىزنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتە‌لە‌يدۇ.‏

ئىئانىلىرىڭىز قانداق ئىشلىتىلىدۇ؟‏

ئىبادە‌ت ئۆيىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشى؛‏ چوڭ مە‌يداندىكى خە‌لقئارالىق چوڭ يىغىلىش

ئىئانە قىلىش ئارقىلىق سىز دۇ‌نيا يۈزلۈك پائالىيە‌تنى قوللايسىز (‏14—‏16 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14—‏16.‏ ئا)‏ ئىئانىلىرىمىز نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟‏ ئە)‏ سىز بۇ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردىڭىز؟‏

14 يە‌ھۋاغا كۆپ يىللار خىزمە‌ت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا ھازىر ئۇ‌لار تە‌شكىلاتتىن شۇ‌نچىلىك كۆپ سوۋغاتلارنى ئالغان.‏ ھازىر بىزدە org.‏jw تور بېكىتى ۋە JW Broadcasting تېلېۋىزىيىسى بار.‏ كۆپلىگە‌ن تىللاردا «‏مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار.‏ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى‏» بار.‏ 2014،‏ 2015-‏يىللار ئارىلىقىدا «خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويايلى!‏» دە‌پ ئاتالغان ئۈچ كۈنلۈك خە‌لقئارا چوڭ يىغىلىش دۇ‌نيا جاي-‏جايلىرىدىكى 14 شە‌ھە‌رنىڭ ئە‌ڭ چوڭ تە‌نتە‌ربىيە مە‌يدانلىرىدا ئۆتكۈزۈلگە‌ن.‏ مۇ‌شۇ چوڭ يىغىلىشقا قاتناشقانلار چە‌كسىز شاد-‏خورامللىققا چۆمدى.‏

15 نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى بېرىۋاتقان سوۋغاتلار ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاسىيادا خىزمە‌ت قىلىدىغان بىر ئە‌ر-‏ئايال مۇ‌نداق يازغان:‏ «بىز كىچىك شە‌ھە‌ردە خىزمە‌ت قىلغانلىقتىن،‏ بە‌زىدە ئۆزۈمىزنى يالغۇ‌ز ھېس قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىشى قانچىلىك كە‌ڭ دائىرىلىك ئېلىپ بېرىلۋاتقانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالىمىز.‏ لېكىن JW Broadcasting تېلېۋىزىيىسىدىكى تۈرلۈك پروگراممىلارنى كۆرگە‌ندە،‏ دۇ‌نيا يۈزلۈك ئېتىقادچى قېرىنداشلار چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئە‌زالىرى ئىكە‌نلىكىمىز ئېسىمىزگە كېلىدۇ.‏ يە‌رلىك ئە‌زىز قېرىنداشلىرىمىزمۇ بە‌ك خۇ‌شال بولۇ‌پ،‏ ھە‌ر ئاي چىقىدىغان پروگراممىلارنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۆزىنى رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرىغا يېقىن ھېس قىلىدۇ.‏ ھازىر ئۇ‌لار خۇ‌دا تە‌شكىلاتىنىڭ ئە‌زاسى بولغانلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ پە‌خىرلىنىدۇ».‏

16 بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌نيا جاي-‏جايلىرىدا تە‌خمىنە‌ن 2500 ئىبادە‌ت ئۆيلىرىنى ياساش ياكى رېمونت ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.‏ ھوندۇ‌راستىكى بىر جامائە‌تنىڭ ئە‌زالىرى ئۆز ئىبادە‌ت ئۆيىنىڭ بولۇ‌شىنى ئارزۇ قىلغان.‏ ئۇ‌لار مۇ‌نداق دە‌پ يازغانىدى:‏ «يە‌ھۋانىڭ پۈتۈن دۇ‌نيادىكى ئائىلىسىنىڭ ئە‌زالىرى ئىكە‌نلىكىمىز ۋە خە‌لقئارا قېرىنداشلىقنىڭ بولغانلىقىدىن قە‌لبىمىز خۇ‌شاللىققا تولىدۇ!‏» مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلە‌ن باشقا ماتېرىياللارنى ئانا تىلىدا ئوقۇ‌غاندا،‏ تە‌بئىي ئاپە‌تتىن كېيىن قېرىنداشلاردىن ياردە‌م ئالغاندا ياكى ئاممىۋى سورۇ‌نلاردىكى ۋە‌ز ئىشىنىڭ نە‌تىجىسىنى كۆرگە‌ندە،‏ كۆپ قېرىنداشلارمۇ ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏

17.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆز تە‌شكىلاتىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ۋاتقانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

17 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س كۆپ ئادە‌م ئىشلىرىمىزنىڭ ھە‌ممىسى قانداقلارچە پە‌قە‌ت ئىختىيارىي ئىئانىلە‌ر ئارقىلىق بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى چۈشىنە‌لمە‌يدۇ.‏ بىر چوڭ شىركە‌تنىڭ باشقۇ‌رغۇ‌چىسى باسمىخانىلىرىمىزنىڭ بىرىنى زىيارە‌ت قىلغان.‏ ئۇ ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسى پە‌قە‌ت پىدائىي خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ كۈچى ۋە ئىختىيارىي ئىئانىلە‌رنىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ پۇ‌ل يىغىش تە‌شكىللە‌نمە‌ي قىلىنغانلىقىغا ھە‌يران بولۇ‌پ،‏ بۇ‌نداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌سلىكىنى ئېيتقان.‏ ئە‌مە‌لىيە‌ت بولسا دە‌ل شۇ‌نداق!‏ چۈنكى بارلىق ئىش پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى بىلە‌ن مۇ‌مكىن بولىدۇ (‏ئايۇ‌پ 42:‏2)‏.‏

يە‌ھۋاغا بە‌رگە‌ندە ئېرىشىدىغان بە‌رىكە‌تلىرىمىز

18.‏ ئا)‏ پادىشاھلىقنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن قولۇ‌مىزدا بارىنى بە‌رگە‌ندە،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏ ئە)‏ بالىلىرىمىزنى ۋە ھە‌قىقە‌تنى يېڭىدىن تونۇ‌غانلارنى بۇ‌نىڭغا قانداق ئۆگىتە‌لە‌يمىز؟‏

18 يە‌ھۋا بىزگە پادىشاھلىق ئىشىنى قوللاش ئىمتىيازىنى ۋە مۇ‌مكىنچىلىكىنى بېرىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئىشىنى قوللىساق،‏ ئۈستىمىزگە مول بە‌رىكە‌ت تۆكىدىغانلىقىغا كاپالە‌ت بېرىدۇ (‏مالاكى 3:‏10)‏.‏ يە‌ھۋا مە‌رتلىك بىلە‌ن بېرىشىمىز ئۆزۈمىزگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌دە قىلىدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 11:‏24،‏ 25نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ شۇ‌نداقلا بە‌رگە‌ندە بە‌ختلىك بولىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىدۇ،‏ چۈنكى «ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بە‌ختلىكىرە‌ك» (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35)‏.‏ بالىلىرىمىز ۋە ھە‌قىقە‌تنى يېڭىدىن تونۇ‌غانلارغا پادىشاھلىق ئىشىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌لارمۇ مول بە‌رىكە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىنى ھە‌م سۆزۈمىز،‏ ھە‌م ئىشىمىز بىلە‌ن كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏

19.‏ بۇ ماقالە سىزنى نېمىگە دە‌ۋە‌ت قىلدى؟‏

19 بىزدە بار ھە‌ممە نە‌رسە يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن.‏ قولۇ‌مىزدا بارىنى ئۇ‌نىڭغا قايتۇ‌رۇ‌پ بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە بىز ئۈچۈن قىلغانلىرىنىڭ ھە‌ممىسىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏تارىخنامە 1-‏يازما 29:‏17)‏.‏ ئىبادە‌تخانىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا ئۆز ھە‌سسىسىنى قوشقاندا،‏ ئىسرائىللىقلار «كۆڭۈل خۇ‌شى بىلە‌ن بېرىلگە‌ن ھە‌دىيە‌لە‌ر ئۈچۈن خۇ‌شال بولدى،‏ چۈنكى ئۇ‌لار كە‌ڭرى كۆڭۈل بىلە‌ن خۇ‌داۋە‌ندىگە بە‌رگە‌ن ئىدى» (‏تارىخنامە 1-‏يازما 29:‏9)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بە‌رگە‌ن نە‌رسىلىرىنى ئۇ‌نىڭغا بېرىش ئارقىلىق داۋاملىق خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قانائە‌تكە ئېرىشە‌يلى.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنىڭ ئىشىنى قوللاش ئۈچۈن ئىئانە قىلغاندا،‏ بىز يە‌ھۋاغا بېرىمىز‏.‏ بىزدە بار نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭدىن كە‌لگە‌نلىكتىن،‏ ئىئانە بە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋادىن ئالغاننى ئۇ‌نىڭغا بېرىمىز ۋە ئۇ‌نىڭغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى كۆرسىتىمىز

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش