24-دەرس
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى خىزمەتلىرىمىزنى كىم ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدۇ؟
نېپال
توگو
برىتانىيە
تەشكىلاتىمىز ھەر يىلى مىليونلىغان مۇقەددەس كىتاب ۋە باشقا نەشىرى ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىپ ھەقسىز تارقىتىدۇ. پادىشاھلىق يىغىلىش زاللىرى ۋە تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىمارەت-ئەسلىھەلىرىنى سالىدۇ ۋە رېمونت قىلىدۇ. يەنە بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان نەچچە ئون مىڭ كىشىنى ۋە يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلارنى خىراجەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغا ئىقتىسادى ياردەملەرنى بېرىدۇ. بەلكىم سىز، ‹كىم شۇ خىزمەتلەرنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدىغاندۇ؟› دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ھېچكىمدىن پۇل تەلەپ قىلمايمىز. خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە كۆپ ئىقتىساد كېتىدىغان بولسىمۇ، ھېچكىمدىن پۇل سورىمايمىز. بىر ئەسىر ئىلگىرى، «كۆزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا، بىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە «ھەرگىز ئىنسانلاردىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى تىلىمەيمىز ياكى ئۇلارغا يېلىنمايمىز» دەپ جاكارلانغان. ھەقىقەتەن، بىز بۈگۈنگىچە ھېچكىمگە يېلىنمىدۇق. — مەتتا 10:8.
ئىختىيارى ئىئانىلەر ئارقىلىق خىزمەتلىرىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمىز. نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس كىتاب تەلىم-تەربىيە خىزمىتىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خىزمىتىمىزنى قوللاپ ئىئانىلەرنى بېرىدۇ. گۇۋاھچىلار ھەم پۈتكۈل يەر يۈزىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشقا ئۆز ۋاقتى، زېھىن كۈچى، ئىقتىسادى ۋە باشقا بايلىقلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىشىدۇ (1-تارىخنامە 29:9). پادىشاھلىق يىغىلىش زالىدا ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا ئىئانە بېرىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ئىئانە ساندۇقلىرى بار، ياكى بىزنىڭ jw.org تور بېتىمىز ئارقىلىق ئىئانە بېرەلەيسىز. شۇ ئىئانىلەرنى بېرىدىغانلار ئاساسلىقى ئەيسا مەسىھ ماختىغان ئىككى تەڭگىسىنى ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغان كەمبەغەل تۇل ئايالغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاددىي كىشىلەردۇر (لۇقا 21:1–4). شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەركىم «ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە» بېرىش ئۈچۈن دائىم بىر قىسىم پۇللىرىنى «ئىئانىگە ئاجرىتىپ» قويالايدۇ. — 1-كورىنتلىقلار 16:2؛ 2-كورىنتلىقلار 9:7.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا ئۆز ھەدىيىلىرى بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلاشنى خالايدىغانلارنىڭ قەلبىنى پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە داۋاملىق مايىل قىلىدۇ. شۇ يوسۇندا ئۇنىڭ ئىرادىسى ئورۇندىلىدۇ. — پەندى-نەسىھەت 3:9.
نېمە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى باشقا دىنلاردىن پەرقلىق قىلىدۇ؟
ئىختىيارى ئىئانىلەر نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟