كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 مارت 15-‏20 ب.‏
  • مېھماندوستلۇ‌ق بە‌ك مۇ‌ھىم ۋە ئۇ كۆڭۈلنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مېھماندوستلۇ‌ق بە‌ك مۇ‌ھىم ۋە ئۇ كۆڭۈلنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ!‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مېھماندوست بولۇ‌شنىڭ ۇ‌رسە‌تلىرى
  • مېھماندوست بولۇ‌شىڭىزغا ھېچنە‌رسە توسالغۇ بولمىسۇ‌ن
  • ياخشى مېھمان بولۇ‌ڭ
  • بىر-‏بىرىڭلارنى چىن يۈرە‌كتىن ياخشى كۆرۈڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ھە‌ردائىم يە‌ھۋا بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • يە‌ھۋا بىزنى مېھمان بولۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 مارت 15-‏20 ب.‏
قە‌دىمكى زاماندا بىر ئائىلە باشقا بىر ئائىلىنى ئۆيىدە قارشى ئالماقتا

مېھماندوستلۇ‌ق بە‌ك مۇ‌ھىم ۋە ئۇ كۆڭۈلنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ!‏

‏«نالە قىلماي،‏ ئۆزئارا مېھماندوست بولۇ‌ڭلار» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 4:‏9)‏.‏

ناخشىلار:‏ 50،‏ 20

قانداق جاۋاب بېرە‌تتىڭىز؟‏

  • قېرىنداشلارغا مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

  • مېھماندوستلۇ‌قنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايمىز؟‏

  • مېھماندوست بولۇ‌شىمىزغا نېمە توسالغۇ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ۋە توسالغۇ‌لارنى قانداق يېڭە‌لە‌يمىز؟‏

1.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

تە‌خمىنە‌ن مىلادى 62-‏يىلى بىلە‌ن 64-‏يىلىنىڭ ئارىلىقىدا ئە‌لچى پېترۇ‌س «پونت،‏ گالاتىيا،‏ كاپادوكىيا،‏ ئاسىيا،‏ بىتىنىيا ۋىلايە‌تلىرىدە تارقىلىپ،‏ يە‌ردە ۋاقىتلىق ياشاۋاتقان» قېرىنداشلارغا خە‌ت يازغان (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 1:‏1)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھە‌رخىل ئىدى.‏ ئۇ‌لار «سىناق ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان ئوتقا»،‏ يە‌نى زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌نلىكتىن،‏ تە‌سە‌للىي ۋە يېتە‌كچىلىككە مۇ‌ھتاج بولغانىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار ناھايىتى قىيىن بىر زاماندا ياشىغان.‏ پېترۇ‌س ئۇ‌لارغا:‏ «بارلىق نە‌رسىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشماقتا»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ يېرۇ‌سالىمنىڭ ۋە‌يران قىلىنىشىغا ئون يىلدىن ئازراق ۋاقىت قالغانىدى.‏ جاي-‏جايلاردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە بۇ قىيىن مە‌زگىلدىن ئۆتۈشىگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لىگە‌ن؟‏ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 4:‏4،‏ 7،‏ 12)‏.‏

2،‏ 3.‏ نېمە ئۈچۈن پېترۇ‌س قېرىنداشلارنى مېھماندوست بولۇ‌شقا ئۈندىگە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

2 پېترۇ‌س قېرىنداشلارغا بە‌رگە‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌رنىڭ بىرى:‏ «ئۆزئارا مېھماندوست بولۇ‌ڭلار» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 4:‏9)‏.‏ «مېھماندوست»،‏ دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى،‏ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە «ناتونۇ‌ش كىشىلە‌رگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ياكى مېھرىبانلىق كۆرسىتىش»،‏ دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ قېرىنداشلار بىر-‏بىرىنى ياخشى تونۇ‌غان ۋە ئۆزئارا ئارىلىشىپ يۈرگە‌ن بولسىمۇ،‏ پېترۇ‌س ئۇ‌لارنى «ئۆزئارا» مېھماندوست بولۇ‌شقا ئۈندىگە‌نىدى.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن مېھماندوست بولۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بولغان؟‏

3 مېھماندوست بولۇ‌ش ئۇ‌لارنى بىر-‏بىرىگە يېقىنلاشتۇ‌رغان.‏ سىز ئۆزىڭىزنىڭ باشتىن كە‌چۈرگە‌نلىرىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ سىزنى كىمدۇ-‏بىرسى مېھمانغا چاقىرغاندا،‏ ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگە‌نلىكىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ ئۆزىڭىزمۇ بىرسىنى مېھمان قىلىپ،‏ دوستلىقىڭىز تېخىمۇ قويۇ‌قلاشقاندۇ.‏ قېرىنداشلىرىڭىزنى ياخشىراق تونۇ‌شنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىش.‏ پېترۇ‌س ياشىغان زاماندا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كە‌تكە‌چ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆز-‏ئارا زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شى بە‌كمۇ مۇ‌ھىم بولغانىدى.‏ بۇ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە بىزگە ھە‌م شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1)‏.‏

4.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

4 «ئۆزئارا» مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىشنىڭ قانداق پۈرسە‌تلىرى بار؟‏ مېھماندوست بولۇ‌شىمىزغا نېمە توسالغۇ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ۋە توسالغۇ‌لارنى قانداق يېڭە‌لە‌يمىز؟‏ بىز ئۆزۈمىزنىڭ ياخشى مېھمان بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

مېھماندوست بولۇ‌شنىڭ ۇ‌رسە‌تلىرى

5.‏ بىز يىغىلىشلاردا قانداق مېھماندوست بولالايمىز؟‏

5 جامائە‌ت يىغىلىىشلىرىدا:‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌م ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى ھە‌ممىمىزنى جامائە‌ت يىغىلىشىلىرىغا تە‌كلىپ قىلىدۇ.‏ يىغىلىشلارغا كە‌لگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى يە‌ھۋانىڭ مېھمانلىرى بولغاچقا ئوچۇ‌ق چىراي بىلە‌ن قۇ‌چاق ئېچىپ قارشى ئالىمىز.‏ (‏رىملىقلارغا 15:‏7)‏.‏ بولۇ‌پمۇ بىرىنچى قېتىم يېڭىدىن كە‌لگنلە‌رنى تاشقى كۆرۈنۈشى ھە‌م كىيىم-‏كېچە‌كلىرىگە قارىماي،‏ ئۆزىمىز ساھىپخاندە‌ك كۈتۈۋېلىشىمىز كېرە‌ك (‏ياقۇ‌پ 2:‏1—‏4)‏.‏ بىرسىنىڭ يالغۇ‌ز كە‌لگە‌نلىكىنى بايقىسىڭىز،‏ ئۇ‌نى يېنىڭىزدا ئولتۇ‌رۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلالامسىز؟‏ يىغىلىش قانداق ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈشكە ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئوقۇ‌لۇ‌ۋاتقان ئايە‌تلە‌رنى تېپىشقا ياردە‌م بە‌رسىڭىز،‏ ئۇ سىزگە مىننە‌تدار بولىدۇ.‏ بۇ «مېھماندوست بولۇ‌شنىڭ» ئاجايىپ يولى (‏رىملىقلارغا 12:‏13)‏.‏

6.‏ بىرىنچى بولۇ‌پ كىمگە مېھماندوستلۇ‌قنى كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏

6 چايغا ياكى تاماققا تە‌كلىپ قىلىش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يېزىلغان زامانلاردا مېھماندوستلۇ‌قنى كۆرسىتىش ئۈچۈن،‏ ئادە‌ملە‌ر باشقىلارنى ئۆز ئۆيىگە تاماققا چاقىرغانىدى.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ‌لار بىلە‌ن دوستلىشىشنى ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاق ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏يارىتىلىش 18:‏1—‏8؛‏ ھاكىملار 13:‏15؛‏ لۇ‌قا 24:‏28—‏30)‏.‏ بىرىنچى بولۇ‌پ كىمگە مېھماندوستلۇ‌قنى كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏ جامائە‌تتىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا.‏ بۇ دۇ‌نيا بارغانسىرى رە‌زىلىككە تولۇ‌پ كېتىۋاتقانلىقتىن،‏ بىز بىر-‏بىرىمىزنىڭ ياردىمىگە،‏ بولۇ‌پمۇ ۋاپادار دوستلارغا مۇ‌ھتاج بولىمىز.‏ 2011-‏يىلى رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌ش قوشما شتاتلاردىكى بە‌يتە‌ل ئائىلىسى ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلىنىڭ مۇ‌ھاكىمە قىلىدىغان ۋاقىتنى 18:‏45تىن 18:‏15كە ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلغان؟‏ ئۇ‌قتۇ‌رۇ‌شتا بۇ يىغىلىش بورۇ‌نراق ئاياقلاشسا،‏ بە‌يتە‌للىكلە‌رنىڭ مېھمان چاقىرىش ۋە مېھمانغا بېرىشقا كۆپرە‌ك ۋاقتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ باشقا بە‌يتە‌للە‌ردىمۇ مۇ‌نداق ئۆزگىرىشلە‌ر بولغان.‏ بۇ بە‌يتە‌ل ئائىلىسىنىڭ بىر-‏بىرى بىلە‌ن ياخشىراق تونۇ‌شىشىغا ياخشى پۇ‌رسە‌ت ياراتىپ بە‌ردى.‏

7،‏ 8.‏ جامائىتىمىزگە كە‌لگە‌ن نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقۇ‌چىلارغا قانداق مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

7 بە‌زىدە باشقا جامائە‌تتىن كە‌لگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر،‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار،‏ بە‌يتە‌ل ۋە‌كىللىرى جامائىتىمىزگە كېلىپ نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىدۇ.‏ بۇ بۇ‌رادە‌رلە‌رگە مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىشنىڭ پۇ‌رسىتىدىن قانداق پايدىلانساق بولىدۇ؟‏ ‏(‏يوھاننانىڭ 3-‏خېتى 5—‏8نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ‌نىڭ بىر يولى —‏ ئۇ‌لارنى ئۆيۈمىزگە چاي ياكى تاماققا تە‌كلىپ قىلىش.‏

8 قوشما شتاتلاردا ياشايدىغان بىر قېرىندىشىمىز:‏ «نۇ‌رغۇ‌ن يىل يولدىشىم ئىككىمىز كۆپلىگە‌ن نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقۇ‌چىلارنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئاياللىرىنى ئۆيۈمىزگە چاقىردۇ‌ق.‏ ھە‌ربىر رە‌ت مېھمان كە‌لسە،‏ ۋاقتىنى شۇ‌نچە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزە‌تتۇ‌ق،‏ بولۇ‌پمۇ روھىي جە‌ھە‌تتىن زور ئىلھام ئالاتتۇ‌ق.‏ بۇ‌نىڭغا ھېچقاچان پۇ‌شايمان قىلمىدۇ‌ق»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

9،‏ 10.‏ ئا)‏ كىملە‌ر ئۇ‌زۇ‌نراق ۋاقىتقا پاناھلىدىغان قونالغۇ جايغا مۇ‌ھتاج بولۇ‌شى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئە)‏ ئۆيلىرى ئانچە بە‌ك چوڭ ئە‌مە‌س قېرىنداشلار ياردە‌م قولىنى سۇ‌نالامدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

9 ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت تۇ‌رىدىغان مېھمانلار.‏ قە‌دىمكى زاماندا ئىشە‌نچلىك مېھمانلارنى قونالغۇ جاي بىلە‌ن ھە‌م تە‌مىنلىگە‌نىدى (‏ئايۇ‌پ 31:‏32؛‏ فىلىمۇ‌نغا 22)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ مۇ‌نداق ئېھتىياج كۆپ.‏ جامائە‌تكە زىيارە‌ت ئۈچۈن كېلىدىغان رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار دائىم ۋاقىتلىق قونالغۇ جايغا مۇ‌ھتاج بولىدۇ.‏ تە‌شكىلاتنىڭ ھە‌ر تۈرلۈك مە‌كتە‌پلىرىگە ئوقۇ‌ش ئۈچۈن كېلىدىغان قېرىنداشلار ۋە قۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا قاتنىشىدىغان پىدائىيلارمۇ تۇ‌رالغۇ جايغا مۇ‌ھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ تە‌بئىي ئاپە‌ت تۈپە‌يلى ئۆيىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىز ھە‌م ئۆي-‏ماكانلىرى قايتىدىن ياسىلىپ بولغىچە،‏ پاناھلىنىدىغان جاي كېرە‌ك بولىدۇ.‏ ئۇ‌لارنى پە‌قە‌ت ئۆي-‏جايى چوڭ قېرىنداشلارلا قوبۇ‌ل قىلالايدۇ،‏ دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز لازىم.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار ھە‌ردائىم شۇ‌نداق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ گە‌رچە ئۆيىڭىز بە‌ك چوڭ بولمىسىمۇ،‏ مېھمان ئۈچۈن قونالغۇ جاي تە‌مىنلە‌شنى خالامسىز؟‏

10 جە‌نۇ‌بىي كورىيىدىكى بىر بۇ‌رادە‌ر تە‌شىلاتنىڭ تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىگە كە‌لگە‌ن قېرىنداشلارنى مېھمان قىلغانلىقىنى ئە‌سلە‌پ،‏ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يېقىندا ئۆيلىنىپ،‏ كىچىك ئۆيدە تۇ‌رغانلىقتىن،‏ بېشىدا مە‌ن مېھمان چاقىرىشتىن خىجىل بولاتتىم.‏ بىراق،‏ مە‌كتە‌پكە كە‌لگە‌ن قېرىنداشلارنى بىز بىلە‌ن تۇ‌رۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلىش بىزگە كۆپ خۇ‌شاللىق ئە‌كە‌لدى.‏ يېڭىدىن توي قىلغان بىز،‏ يە‌ھۋاغا بىرگە خىزمە‌ت قىلغاندا ۋە روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە بىرلىكتە ئىنتىلگە‌ندە،‏ ئە‌ر-‏ئاياللارنىڭ قانچىلىك بە‌ختلىك بولالايدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۇ‌ق».‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن جامائىتىڭىزگە كۆچۈپ كە‌لگە‌نلە‌رگە مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىش مۇ‌ھىم؟‏

11 جامائىتىمىزگە كۆچۈپ كە‌لگە‌ن قېرىنداشلار.‏ باشقا جامائە‌تتىن جامائىتىڭىزگە بىر قېرىنداش ياكى ئائىلە كۆچۈپ كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئېھتىمال،‏ ئۇ‌لار جامائىتىڭىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن كە‌لگە‌ن ياكى جامائىتىڭىزگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلاردۇ‌ر.‏ بۇ ئۇ‌لار ئۈچۈن چوڭ ئۆزگىرىش.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار يېڭى يە‌رگە،‏ يېڭى جامائە‌تكە كۆنۈپ،‏ ھە‌تتا يېڭى تىل ۋە مە‌دە‌نىيە‌تنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك.‏ سىز ئۇ‌لارنى تاماق يېيىشكە ياكى بىرلىكتە ئايلىنىپ كېلىشكە تە‌كلىپ قىلالامسىز؟‏ مۇ‌نداق قىلىش،‏ ئۇ‌لارغا تىزراق يېڭى دوستلارنى تېپىپ،‏ يېڭى مۇ‌ھىتقا كۆنۈشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

12.‏ قانداق ۋە‌قە مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپ نە‌رسە كېرە‌ك ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟‏

12 مېھماندوست بولۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ نە‌رسىنىڭ ھاجىتى يوق ‏(‏لۇ‌قا 10:‏41،‏ 42نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئايالى ئىككىسى يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىا ۋە‌ز قىلىشنى يېڭىدىن باشلىغان چاغلىرىنى ئە‌سلە‌پ،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر:‏ «بىز بە‌ك ياش بولۇ‌پ،‏ تە‌جرىبىمىز يوق ئىدى ۋە ئۆيۈمىزنى قاتتىق سېغىناتتۇ‌ق.‏ بىر كۈنى كە‌چتە ئايالىمنى قاتتىق سېغىنىش بېسىپ،‏ مە‌ن ئۇ‌نى ھېچ بە‌زلىيە‌لمىدىم.‏ كېيىن،‏ سائە‌ت يە‌تتە يېرىمدا بىرسى ئىشىكىمىزنى چە‌كتى.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتقان ئايال ئىكە‌ن.‏ قولىدا ئۈچ تال ئاپېلسىن بار ئىدى.‏ ئۇ يېڭىدىن يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ كە‌لگە‌نلە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌شقا كە‌لگە‌نىكە‌ن.‏ بىز ئۇ‌نى ئۆيگە كىرگۈزۈپ،‏ بىر چىنە سۇ بە‌ردۇ‌ق.‏ ئاندىن چاي ۋە ئىسسىق شاكىلات تە‌ييارلىدۇ‌ق.‏ بىز سۇ‌ۋاخىلى تىلىنى تېخى بىلمە‌يتتۇ‌ق،‏ ئۇ بولسا ئىنگلىزچە بىلمە‌يتتى،‏ بىراق بۇ ۋە‌قە بىزنى يە‌رلىك قېرىنداشلار بىلە‌ن دوست بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىق تېپىشىمىزغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن»،‏ دە‌يدۇ.‏

مېھماندوست بولۇ‌شىڭىزغا ھېچنە‌رسە توسالغۇ بولمىسۇ‌ن

13.‏ مېھماندوست بولۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

13 مېھمان چاقىرىشتىن خىجىل بولغان چېغىڭىز بولغانمۇ؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ۋاقىتنى قىزىقارلىق ئۆتكۈزۈپ،‏ مە‌ڭگۈ داۋاملىشىدىغان دوستلۇ‌ققا ئېرىشىشنىڭ پۇ‌رسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇ‌ۋاتىسىز.‏ مېھماندوست بولۇ‌ش —‏ يالغۇ‌زلۇ‌قنىڭ ئە‌ڭ ياخشى داۋاسى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر مېھمان چاقىرىشتىن خىجىل بولىدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بى بار.‏

14.‏ مېھمان كۈتۈشكە ياكى مېھمانغا بېرىشقا ۋاقتىمىز بىلە‌ن كۈچىمىز يە‌تمىسە،‏ نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

14 ۋاقىت بىلە‌ن كۈچ.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بە‌ك ئالدىراش ۋە ئۇ‌لارنىڭ كۆپ ۋە‌زىپىلىرى بار.‏ بە‌زىبىرلىرى مېھمان چاقىرىشقا ۋاقتىم يوق ياكى كۈچۈم يە‌تمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولسىڭىز،‏ مېھماندوست بولۇ‌ش ياكى مېھمانغا بېرىش ئۈچۈن،‏ سىز ۋاقىت جە‌دۋىلىڭىزنى ئۆزگە‌رتىسىڭىز بولىدۇ.‏ مۇ‌نداق قىلىش بە‌ك مۇ‌ھىم،‏ چۈنكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 13:‏2)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ مېھماندوست بولۇ‌ش توغرا.‏ مېھمان چاقىرىش ئۈچۈن،‏ بە‌لكىم سىز بە‌زى مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س ئىشلارغا ئازىراق ۋاقىت سە‌رپ قىلىشىڭىز زۆرۈر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌ر مېھمان كۈتە‌لمە‌يمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن؟‏

15 ئۆزىڭىزگە بولغان كۆزقاراش.‏ چاقىرىشنى خالىساممۇ،‏ مېھمان كۈتۈش قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان چېغىڭىز بولغانمۇ؟‏ ئۆزىڭىز تارتىنچاق بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن ياكى مېھمانلىرىڭىز زېرىكىپ كېتىدۇ،‏ دە‌پ ئە‌نسىرە‌يدىغانسىز.‏ ياكى بولمىسا،‏ پۇ‌لۇ‌م ئانچە كۆپ ئە‌مە‌س،‏ مېھمانلارنى باشقا قېرىنداشلاردە‌ك ياخشى كۈتە‌لمە‌يمە‌ن،‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۆيىڭىزنىڭ چىرايلىق ۋە ھە‌شە‌مە‌تلىك بولۇ‌شى ئە‌مە‌س،‏ پاكىزە-‏رە‌تلىك بولۇ‌شى ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ مېھمانلارنى ئوچۇ‌ق چىراي بىلە‌ن قارشى ئالسىڭىز،‏ ئۇ‌لار مە‌منۇ‌ن بولىدۇ.‏

16،‏ 17.‏ مېھمانلارنى چاقىرغاندا ھودۇ‌قسىڭىز،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

16 مېھمان كۈتكە‌ندە باشقىلارمۇ بىراز ئە‌نسىرە‌يدۇ.‏ برىتانىيىدە ياشايدىغان بىر ئاقساقال:‏ «مېھمانلارنىڭ كېلىشىگە تە‌ييارلانغاندا ئازىراق ھودۇ‌قۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋاغا بولغان خىزمە‌تكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ھە‌رقانداق ئىشقا ئوخشاش،‏ مېھماندوستلۇ‌قنىڭ پايدىسى ۋە ھېس قىلدۇ‌رىدىغان قانائە‌ت ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بارچە غە‌م-‏ئە‌ندىشلە‌ردىن ئېشىپ چۈشىدۇ.‏ ماڭا مېھمانلار بىلە‌ن قە‌ھۋە ئىچىپ،‏ سۆھبە‌تلىشىش ياقىدۇ»،‏ دە‌يدۇ.‏ مېھمانلىرىڭىزغا سە‌مىمىي قىزىقىش بىلدۈرۈش ياخشى نە‌تىجە ئېلىپ كېلىدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏4)‏.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپچىلىكى بېشىدىن ئۆتكە‌ن ۋە‌قە‌لە‌رنى ئېيتىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ مۇ‌نداق ۋە‌قە‌لە‌رنى پە‌قە‌ت بىرگە جە‌م بولغاندا ئاڭلالايمىز.‏ يە‌نە بىر ئاقساقال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جامائە‌تتىكى دوستلىرىمنى ئۆيگە چاقىرىش ئارقىلىق ئۇ‌لارنى ياخشىراق چۈشىنە‌لە‌يمە‌ن ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شۇ‌پ،‏ ھە‌قىقە‌تكە قانداق كە‌لگە‌نلىكىنى بىلە‌لە‌يمە‌ن».‏ ئە‌گە‌ر مېھمانلارغا سە‌مىمىي كۆڭۈل بۆلسىڭىز،‏ ھە‌ممە خۇ‌شال-‏خوراملىققا چۆمۈشى مۇ‌مكىن.‏

17 ھە‌ر تۈرلۈك تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتە‌پلىرىگە قاتناشقانلارنى پات-‏پات مېھمان قىلىدىغان بىر قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دە‌سلە‌پتە ئازىراق ئە‌نسىرىدىم.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۆيۈم بە‌ك ئاددىي،‏ ئۆي جىھازلىرىممۇ باشقىلاردىن قالغان.‏ بىراق،‏ مە‌كتە‌پتە مۇ‌ئە‌للىم بولغان بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ ئايالى بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندىن كېيىن،‏ كۆڭلۈم ئورنىغا چۈشتى.‏ ئۇ يولدىشى ئىككىسىنىڭ جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىش خىزمىتىدە بولغانلقىنى ئېيتىپ:‏ «باي بولمىسىمۇ،‏ ئە‌مما،‏ بىزگە ئوخشاش ئاددىي تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈپ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان روھىي قېرىنداشلارنىڭ ئۆيىدە كۈنلىرىمىز ئاجايىپ ئۆتتى»،‏—‏ دېدى.‏ بۇ ماڭا ئاپامنىڭ كىچىك چېغىمدا:‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىچىدە يېگە‌ن كۆكتاتلار ئە‌ۋزە‌ل»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى ئېسىمگە سالدى» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏17)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ مېھمانلىرىمىزغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌نسىرە‌شنىڭ ھاجىتى يوق.‏

18،‏ 19.‏ مېھماندوست بولۇ‌ش بىرسىگە بولغان يامان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌مىزنى يېڭىشكە قانداق تە‌سىر قىلالايدۇ؟‏

18 باشقىلارغا بولغان كۆزقاراش.‏ جامائە‌تتە بىلمە‌ستىن سىزنى رە‌نجىتىپ قويغان بىرە‌ر ئېتىقادچى بارمۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ بار بولسا،‏ ئۇ قېرىنداشقا قارىتا قە‌لبىڭىزدە يامان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار ساقلانغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردىكى مۇ‌ناسىۋە‌تنى ياخشىلانمىسا،‏ بۇ ئۇ‌زۇ‌نغىچە سە‌لبىي ھېس-‏تويغۇ‌لاردىن ئايرىلالمايسىز ۋە ئۇ قېرىنداشنى ئۆيىڭىزگە ھە‌م چاقىرىشنىمۇ خالىمايسىز.‏ يە‌نە بىر ئە‌ھۋال،‏ سىزگە مىجە‌زى ياقمايدىغان ئادە‌منى مېھمان قىلغۇ‌ڭىز كە‌لمە‌يدىغاندۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ بىرسى ئۆتمۈشتە سىزنى رە‌نجىتكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتالماي يۈرگە‌نسىز.‏

19 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مېھماندوست بولۇ‌ش باشقىلار بىلە‌ن،‏ ھە‌تتا دۈشمە‌نلىرىمىز بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئېيتىلغان ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 25:‏21،‏ 22نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مېھمانغا چاقىرىش ئارقىلىق سىز شۇ ئادە‌مگە بولغان يامان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزنى يېڭىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياخشىراق مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە بولالايسىز.‏ سىز شۇ ئادە‌منىڭ ياخشى تە‌رىپىنى،‏ يە‌نى يە‌ھۋا ئۇ‌نى ھە‌قىقە‌تكە جە‌لىپ قىلغاندا دىققە‌ت ئىتىبارىنى قاراتقان پە‌زىلە‌تلىرىنى،‏ سىزمۇ كۆرە‌لە‌يسىز (‏يوھاننا 6:‏44)‏.‏ سىز تە‌شە‌ببۇ‌سكار بولۇ‌پ،‏ ئۆزىڭىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ مېھمانغا تە‌كلىپ قىلىڭ،‏ بۇ ئارقىلىق يېقىن دوستلۇ‌قنىڭ ئۇ‌ل ئاساسى سېلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ سىزنى بۇ‌نىڭغا ھە‌قىقە‌تە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دە‌ۋە‌ت قىلغانلىقىغا قانداق جە‌زم قىلالايسىز؟‏ بۇ‌نىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ فىلىپپىلىقلارغا 2:‏3تىكى مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىش.‏ بۇ ئايە‌تتە:‏ «باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئارتۇ‌ق دە‌پ ساناڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزدىن قايسى تە‌رە‌پتىن راستىنلا ئارتۇ‌ق ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئېھتىمال،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادى،‏ سە‌ۋر-‏تاقىتى ياكى قانداقتۇ بىر گۈزە‌ل پە‌زىلىتىنى ئۈلگە قىلىشقا ئە‌رزىيدىغاندۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغاندا،‏ ئۇ‌لارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇ‌لارغا مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىش ئاسانراق بولىدۇ.‏

ياخشى مېھمان بولۇ‌ڭ

ئاپىسى بىلە‌ن ئىككى بالىسى مېھمانلار ئۈچۈن تاماق تە‌ييارلاۋاتىدۇ

ئ‍ۆي ئېگىسى ئادە‌تتە مېھمان كۈتۈشكە ياخشى تە‌ييارلىنىدۇ (‏20-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

20.‏ تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلغاندىن كېيىن،‏ ئىشە‌نچلىك ئادە‌م ئىكە‌نلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز ۋە نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

20 زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى داۋۇ‌ت:‏ «پە‌رۋە‌ردىگار،‏ كىم چېدىرىڭدە تۇ‌رالايدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان (‏زە‌بۇ‌ر 15:‏1)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ ئۇ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ مېھمانلىرىدا قانداق پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌رنىڭ بىرى —‏ «ئۆزى زىيان تارتسىمۇ ۋە‌دىسىدە تۇ‌رىدىغان» ئىشە‌نچلىك ئادە‌م بولۇ‌ش (‏زە‌بۇ‌ر 15:‏4،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلساق،‏ مېھمانغا بېرىشنى مۇ‌نداقلا ئە‌مە‌لدىن قالدۇ‌رماسلىقىمىز لازىم.‏ تە‌كلىپ قىلغان كىشى بىزنى كۈتۈشكە تە‌ييارلىنىپ ئولتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر بىز بېرىشتىن باش تارتساق،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌مگىكى بېكار بولۇ‌پ قالىدۇ (‏مە‌تتا 5:‏37‏)‏.‏ بە‌زىلە‌ر بە‌لكىم يە‌نە بىر جايغا مېھمانغا بېرىشقا توغرا كە‌لسە،‏ ئىلگىرى ۋە‌دە بە‌رگە‌ن يە‌رگە بېرىشنى ئە‌مە‌لدىن قالدۇ‌رىدۇ.‏ بۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىك بولامدۇ؟‏ ئۆي ئېگىسى نېمە تە‌ييالاپ بىزنى مېھمان قىلىشدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏لۇ‌قا 10:‏7)‏.‏ ئە‌گە‌ر مېھمانغا بېرىشنى ئە‌مە‌لدىن قالدۇ‌رۇ‌شقا توغرا كە‌لسە،‏ ئۆي ئېگىسىنى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر بالدۇ‌رراق خە‌ۋە‌رلە‌ندۇ‌رۇ‌پ قويۇ‌ش لازىم.‏ شۇ چاغدا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن بولىمىز.‏

21.‏ بىر-‏بىرىمىزگە مېھماندوست بولۇ‌ش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

21 يە‌رلىك مە‌دە‌نىيە‌تنىمۇ ھۆرمە‌تلىشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە كۈتمىگە‌ندە كە‌لگە‌ن مېھمانلارنى قۇ‌چاق ئېچىپ قارشى ئالىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە،‏ ئالدىن كېلىشپ قويۇ‌پ بېرىش كېرە‌ك.‏ بە‌زى جايلاردا ئۆي ئېگىسى مېھماننىڭ ئالدىغا ئە‌ڭ ياخشىسىنى قويۇ‌پ،‏ ئۆز ئۆيدىكىلە‌ر كېيىنرە‌ك تاماق يە‌يدۇ،‏ يە‌نە بە‌زى جايلاردا بولسا،‏ ھە‌ممىسى بىر دە‌ستىخانغا جە‌م بولۇ‌پ ئولتۇ‌رىدۇ.‏ يە‌نە بىر يە‌رلە‌ردە مېھمانلار ئادە‌تتە جوزىغا قويۇ‌شقا بىر نە‌رسىلە‌رنى ئالغاچ كېلىدۇ،‏ يە‌نە بىرلىرىدە ساھىبخان مېھمانلارنىڭ بىر نە‌رسىلە‌رنى ئېلىپ كېلىشىنى خالىمايدۇ.‏ بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە مېھمان ئاۋۋال بىرنە‌چچە قېتىم تە‌كلىپنى سىلىق-‏سىپايىلىق بىلە‌ن رە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۆزگە مە‌دە‌نىيە‌تتە بىرىنچى قېتىم چاقىرغاندا،‏ ئۇ‌نى رە‌ت قىلىش ئە‌دە‌بسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.‏ ئۆي ئېگىسى بىزنى مېھمان قىلماقچى بولغاندا،‏ خۇ‌شال بولۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رقاچان بار كۈچىمىزنى سېلىشىمىز كېرە‌ك.‏

22.‏ «ئۆزئارا مېھماندوست بولۇ‌ش» نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

22 ئە‌لچى پېترۇ‌س:‏ «بارلىق نە‌رسىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشماقتا»،‏—‏ دېگە‌ن (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 4:‏7)‏.‏ بۈگۈن بىز ئىلگىرى ھېچقاچان بولۇ‌پ باقمىغان چوڭ بالايىئاپە‌ت يېقىنلىشىۋاتقان پە‌يتتە ياشاۋاتىمىز.‏ بۇ دۇ‌نيا رە‌زىللىكە تولغانسېرى،‏ بىز قېرىنداشلارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌ك.‏ دېمە‌ك،‏ پېترۇ‌سنىڭ «ئۆزئارا مېھماندوست بولۇ‌ڭلار»،‏ دېگە‌ن مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىش بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن بە‌كمۇ مۇ‌ھىم (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 4:‏9)‏.‏ مېھماندوستلۇ‌ق ھازىر ۋە مە‌ڭگۈلۈك كۆڭلۈمىزنى خۇ‌ش قىلىدىغان ئېسىل پە‌زىلە‌تتۇ‌ر.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش