13-تەتقىق ماقالىسى
بىر-بىرىڭلارنى چىن يۈرەكتىن قىزغىن سۆيۈڭلار
«بىر-بىرىڭلارنى چىن يۈرەكتىن قىزغىن سۆيۈڭلار».—1-پېتر. 1:22
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
بۇ ماقالىدەa
ئاخىرقى كېچىدە ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن (1، 2-ئابزاسلىرىغا قاراڭ)
1. ئەيسا شاگىرتلىرىغا قانداق ئالاھىدە بۇيرۇقنى بەرگەن؟ مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ.
ئۆلۈمى ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېچىدە ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئالاھىدە بىر بۇيرۇقنى بەرگەن. ئۇ ئۇلارغا: «ئەگەر ئاراڭلاردا سۆيگۈ-مۇھەببەت بولسا، بۇنىڭدىن ھەممىسى سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ»،— دېگەن.—يۇھاننا 13:34، 35.
2. بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
2 ئەيسا شاگىرتلىرىغا، ئەگەر ئۇلار باشقىلارنى، ئۆزى ئۇلارنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرسە، ھەممە ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سۆزلەرنىڭ بىرىنچى ئەسىردىمۇ، ھازىرمۇ جېنى بار. شۇڭا، قىيىن بولسىمۇ، ئۆز-ئارا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ئىنتايىن مۇھىم!
3. بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
3 نامۇكەممەل بولغاچقا، بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈش قىيىن بولىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، مەسىھتىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە، مېھىر-مۇھەببەت بىزگە تىنچلىقپەرۋەر، ھەممىسىگە تەڭ قارايدىغان ۋە مېھماندوست ئادەم بولۇشقا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغان قېرىنداشلاردىن قانداق ئۈلگە ئالالايمەن؟»— دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ.
تىنچلىقپەرۋەر بولۇڭ
4. مەتتا 5:23، 24-ئايەتكە ئاساسەن، بىزگە خاپا بولغان قېرىنداش بىلەن نېمە ئۈچۈن يارىشىۋېلىش بەك مۇھىم؟
4 ئەيسا بىزگە خاپا بولغان قېرىنداش بىلەن يارىشىۋېلىش بەك مۇھىم دەپ تەلىم بەرگەن (مەتتا 5:23، 24-نى ئوقۇڭ). ئۇ خۇدانىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلىشنى خالىساق، باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش كېرەكلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن. بىز قېرىنداشلار بىلەن ئىناقلىقتا ياشاشقا تىرىشقاندا، يەھۋا خۇدا ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر بىرسىگە خاپا بولۇپ، ئاداۋەت ساقلىساق ۋە ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىشقا قەدەم باسمىساق، يەھۋا ئىبادىتىمىزنى قوبۇل قىلمايدۇ.—1-يۇھاننا 4:20.
5. مارك ئۈچۈن ئۇنى خاپا قىلغان بۇرادەر بىلەن يارىشىۋېلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولغان؟
5 بەزىدە ئىناقلىقنى ساقلاش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟ ماركنىڭb مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. مارك ئۇنى تەنقىد قىلغان ۋە باشقىلارغا ئۇ توغرۇلۇق يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلغان بۇرادەرگە قاتتىق رەنجىپ قالغان. مارك قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي، يامان ئاچچىقىم كەلدى». ئەمما، كېيىن مارك قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، شۇ بۇرادەردىن كەچۈرۈم سوراشقا ۋە ئىناق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشقا تىرىشقان. لېكىن، بۇرادەر يارىشىشنى خالىمىغان. دەسلەپتە مارك «ئۇ خالىمىسا، مەن نېمە دەپ ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن كۈچ سېلىشىم كېرەك؟» دەپ ئويلىغان. لېكىن، بىر رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ئۇنى داۋاملىق تىرىشىشقا دەۋەت قىلغان. شۇ چاغدا مارك نېمە قىلغان؟
6. (1) ماركۇس ئىناقلىقنى ئورنۇتۇشقا قانداق تىرىشقان؟ (2) ئۇ كولوسىلىقلار 3:13، 14-ئايەتلەرگە قانداق ئەمەل قىلغان؟
6 مارك ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا كەمتەرلىك يېتىشمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشىراق دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ئىقرار قىلغان (كولوسى. 3:8، 9، 12). مارك كەمتەرلىكنى كۆرسىتىپ، شۇ بۇرادەرگە قايتا بېرىپ، كەچۈرۈم سورىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بەكمۇ پۇشايمان قىلغانلىقى ۋە قايتىدىن دوست بولۇشنى خالايدىغانلىقى توغرۇلۇق خەت يازغان. مارك شۇ بۇرادەر ياقتۇرىدىغان كىچىك سوۋغاتلارنىمۇ بەرگەن. ئەپسۇسكى، شۇ بۇرادەر يەنىلا ئاداۋەت ساقلىغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، مارك مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە كەچۈرۈمچان بولۇش كېرەك، دېگەن ئەيسانىڭ ئەمىرىگە ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان (كولوسىلىقلار 3:13، 14-نى ئوقۇڭ). باشقىلار يارىشىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىمىزگە توغرا ئىنكاس قايتۇرمىسىمۇ، ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزگە ئۇلارنى داۋاملىق كەچۈرۈشكە ۋە يارىشىۋېلىش توغرۇلۇق دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.—مەتتا 18:21، 22؛ گالاتىيا. 6:9.
بىزگە خاپا بولغان ئادەم بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك يوللارنى تېپىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن (7، 8-ئابزاسلارغا قاراڭ)c
7. (1) ئەيسا بىزنى نېمە قىلىشقا دەۋەت قىلغان؟ (2) بىر قېرىنداش قانداق قىيىن ۋەزىيەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن؟
7 ئەيسا باشقىلار بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىساق، بىزمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇ بىز پەقەت ئۆزۈمىزنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىلا ياخشى كۆرۈش يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقان (لۇقا 6:31—33). ئەگەر جامائەتتە بىرسى ئۆزىنى قاچۇرۇپ، سىز بىلەن سالاملاشمىسا، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلاتتىڭىز؟ شۇنداق ۋەزىيەت پات-پات بولمىسىمۇ، بىراق لارا شۇنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر قېرىنداش مېنى كۆرمىگەندەك قىلىپ، يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتەتتى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى چۈشەنمەيتتىم. بۇ مەن ئۈچۈن بەك ئېغىر كەلدى ۋە ھەتتا يىغىلىشلارغىمۇ بارغۇم كەلمەيتتى». بېشىدا لارا مۇنداق ئويلىغان: «مېنىڭ ھېچقانداق بىر ئىشنى خاتا قىلغىنىم يوق. ھەتتا باشقىلارمۇ شۇ قېرىنداشنىڭ ھەرىكەتلىرىنى غەلىتە دەپ ھېسابلايدۇ».
8. ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن لارا نېمە قىلغان ۋە ئۇنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
8 لارا يارىشىۋېلىش ئۈچۈن قەدەم باسقان. ئۇ يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىپ، شۇ قېرىنداش بىلەن سۆزلىشىشنى قارار قىلغان. ئۇلار چۈشەنمەسلىكى توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ، بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ، يارىشىۋالغان. قارىماققا، ھەممىسى ئورنىغا چۈشكەندەك ئىدى. لارا داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «لېكىن، كېيىنرەك شۇ قېرىنداش ماڭا بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى». بېشىدا لارا شۇ قېرىنداش ماڭا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتسە، مەن خۇشال بولالايمەن دەپ ئويلىغان. بىراق، كېيىنرەك لارا شۇ قېرىنداشقا مېھرىبان بولۇپ، ئۇنى «چىن دىلدىن» كەچۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى قارار ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنىدى (ئەفەس. 4:32—5:2). لارا ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى «ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمايدۇ»، ئەكسىنچە «ھەممە نەرسىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممە نەرسىگە ئىشىنىدۇ، ھەممە نەرسىگە ئۈمىد باغلايدۇ، ھەممە نەرسىگە چىدايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئېسىگە ئالغان (1-كورىنت. 13:5، 7). لارا قايتىدىن كۆڭۈل خاتىرجەملىكىنى ھېس قىلغان. ۋاقىت ئۆتۈپ، شۇ قېرىنداشمۇ لاراغا دوستانە مۇئامىلە قىلىشنى باشلىغان. ئەگەر قېرىنداشلار بىلەن ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى چىقارسىڭىز ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، «سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە تىنچلىقنىڭ خۇداسى» سىز بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزەلەيسىز.—2-كورىنت. 13:11.
ھەممىسىگە تەڭ قاراڭ
9. ئەلچىلەر 10:34، 35-ئايەتكە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا تەڭ قارىشىمىز كېرەك؟
9 يەھۋا ھەممىسىگە تەڭ قارايدۇ (ئەلچىلەر 10:34، 35-نى ئوقۇڭ). ئەگەر باشقىلارغا تەڭ قارىساق، خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز. بىز يېنىڭدىكى كىشىنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن، دېگەن ئەمىرگە بويسۇنىمىز ۋە روھىي ئائىلىمىزدىكى ئىناقلىقنى ساقلايمىز.—رىملىقلار 12:9، 10؛ ياقۇپ 2:8، 9.
10، 11. بىر قېرىنداش يامان ھېس-تۇيغۇلىرىنى قانداق يەڭگەن؟
10 بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ھەممىسىگە تەڭ قاراش ئاسانغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن. رۇت ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۆسمۈرلۈك چېغىدا باشقا دۆلەتتىكى بىر كىشى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە يامانلىق قىلغان ئىدى. بۇ رۇتقا قانداق تەسىر قىلغان؟ رۇت مۇنداق دەيدۇ: «شۇ دۆلەت بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ھەممە نەرسىلەرنى ئۆچ كۆرەتتىم. شۇ دۆلەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش يامان، ھەتتا بىزنىڭ ئېتىقادداشلارمۇ شۇنداق دەپ ئويلايتىم». رۇت شۇنداق سەلبىي ھېس-تۇيغۇلارنى قانداق يەڭگەن؟
11 رۇت شۇنداق ئوي-پىكىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەنىدى. ئۇ يىلنامىدىن شۇ دۆلەت توغرۇلۇق ئوقۇپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ يەردە ياشايدىغان ئادەملەر توغرۇلۇق ئىجابىي يەنى ياخشى تەرەپتىن ئويلاش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردىم. شۇ دۆلەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ يەھۋا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن قىلىدىغانلىقىنى بايقاشقا باشلىدىم. ئۇلارنىڭمۇ دۇنياۋىي قېرىنداشچىلىقىمىزنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىگە ئېنىق كۆز يەتكۈزدۈم». ۋاقىت ئۆتۈپ رۇت تېخىمۇ كۆپ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن. رۇت يەنە مۇنداق دېگەن: «ھەر قېتىم شۇ دۆلەتتىكى ئېتىقادداشلارنى ئۇچراتقاندا، ئۇلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشاتتىم. مەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى ياخشىراق بىلىۋالاتتىم. ئاخىرىدا ۋاقىت ئۆتكەنسېرى يامان ھېس-تۇيغۇلىرىم يوقاپ كەتتى».
بىز قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى كۆرسەك، ھېچكىمنى كەمسىتمەيمىز (12، 13-ئابزاسلارغا قاراڭ)d
12. سارا قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن؟
12 بەزىلەر ئۆزلىرى بىلمەستىن، باشقىلارنى كەمسىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، سارا ئادەملەرنى مىللىتى، باي-كەمبەغەللىك ئەھۋالىغا ياكى تەشكىلاتتا ئورۇنداۋاتقان ۋەزىپىلىرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلمىغاچ، ئۆزىنى ھەممىسىگە تەڭ قارايمەن دەپ ئويلىغان. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممىسىگە تەڭ قارىمىغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى. قانداقلارچە؟ سارا ئالىي بىلىم ئالغان ئائىلىدىن كېلىپ چىققاچقا، ئۆزىگە ئوخشاش ساۋاتلىق ئادەملەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىشقا ئامراق بولغان. ھەتتا بىر كۈنى ئۇ دوستىغا مۇنداق دېگەن: «مەن پەقەت ئالىي بىلىمى بار قېرىنداشلار بىلەن ئارىلىشىمەن. باشقىلاردىن بولسا نېرى تۇرىمەن». ئېنىقكى، سارا باشقىلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىدى.
13. سارانىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكىنىدىن بىز نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
13 رايونغا مەسئۇل ئاقساقال سارانىڭ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن. سارا مۇنداق دېگەن: «ئۇ مېنى سادىق خىزمىتىم، ياخشى ئىزاھاتلارنى بەرگىنىم ۋە خۇدا سۆزىنى ياخشى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ماختىدى. كېيىن، ئۇ كۆپرەك بىلىم ئالغانسېرى، ياخشى پەزىلەتلەرنى، شۇ جۈملىدىن كەمتەرلىك، كىچىك-پېئىللىق ۋە ھېسداشلىقنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان». سارا رايونغا مەسئۇل ئاقساقالنىڭ مەسلىھىتىنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن مېھرىبان بولۇش ۋە باشقىلارنى ياخشى كۆرۈش بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم». نەتىجىدە، سارا ئېتىقادداشلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن. «يەھۋا خۇدا قېرىنداشلارنى قانداق پەزىلەتلىرى ئۈچۈن قەدىرلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشاتتىم»،— دەيدۇ سارا. بىز ئۆزۈمىزچۇ؟ ئالغان بىلىمىمىز تۈپەيلى ئۆزۈمىزنى باشقىلاردىن ئارتۇقراق دەپ ھېچقاچان ئويلىمايلى! ئەگەر قېرىنداشلارنى چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرسەك، بىز باشقىلارنى كەمسىتىشتىن نېرى تۇرىمىز.—1-پېتر. 2:17.
مېھماندوست بولۇڭ
14. ئىبرانىيلار 13:16-ئايەتكە ئاساسەن، بىز مېھماندوست بولغاندا يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
14 يەھۋا مېھماندوستلۇقنى بەك قەدىرلەيدۇ (ئىبرانىيلار 13:16-نى ئوقۇڭ). ئۇ مېھماندوستلۇقنى، بولۇپمۇ مۇھتاجلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىشنى، ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسمى دەپ ھېسابلايدۇ (ياقۇپ 1:27؛ 2:14—17). شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتاب بىزنى مېھماندوست بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ (رىملىقلار 12:13). مېھماندوست بولغاندا، بىز باشقىلارغا چىن مېھىر-مۇھەببەت، غەمخورلۇق ۋە ئۇلار بىلەن دوست بولۇش ئىستىكىمىزنى كۆرسىتىمىز. بىز باشقىلارنى چاي ياكى تاماققا تەكلىپ قىلساق ياكى ئۇلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزسەك، خۇدانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىمىز (1-پېتر. 4:8—10). لېكىن، بەزىدە مېھماندوستلۇقنى كۆرسىتىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن.
«بۇرۇن مەن مېھماندوست ئەمەس ئىدىم، بىراق مەن كۆز قارىشىمنى ئۆزگەرتىپ، نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتىم» (16-ئابزاسقا قاراڭ)e
15، 16. (1) بەزىلەر نېمە ئۈچۈن مېھماندوستلۇقنى كۆرسىتىشتىن ئۆزىنى تارتىشى مۇمكىن؟ (2) ئېدىتقا مېھماندوست بولۇشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟
15 بىز ھال-ئەھۋالىمىز يار بەرمەيدۇ دەپ، باشقىلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسىتىشتىن تارتىنىشىمىز مۇمكىن. ئېدىت ئىسىملىك تۇل ئايالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇشتىن ئاۋۋال ئۇ باشقىلار بىلەن ئارىلاشقۇسى كەلمىگەن. ئۇ باشقىلار مېھمانلارنى ماڭا قارىغاندا ياخشىراق كۈتەلەيدۇ، دەپ ئويلىغان.
16 يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغاندىن كېيىن ئېدىت كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، مېھماندوست بولۇشقا تىرىشقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يېڭى ئىبادەت زالىمىز سېلىنىۋاتقاندا، ئاقساقال ماڭا قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشكە كېلىدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايال توغرۇلۇق ئېيتىپ، ئۇلارنى ئىككى ھەپتە مېھمان قىلىشنى سورىدى. يەھۋا خۇدا زەرەپەتتىكى تۇل ئايالنى قانداق بەرىكەتلىگەنلىكىنى ئەسكە ئالدىم» (1-پادىشاھ. 17:12—16). ئېدىت شۇ ئەر-ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشىغا قوشۇلغان. ئۇ قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەن؟ ئېدىت مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ھەپتىنىڭ ئورنىغا ئۇلار ئىككى ئايغا قالغاچ، بىز يېقىن دوستلار بولۇپ قالدۇق». ئېدىت جامائەتتىمۇ نۇرغۇن ياخشى دوستلارنى تاپقان. ھازىر ئۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ۋە بىللە ۋەز قىلغان قېرىنداشلارنى ئۆيىگە چاقىرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېدىت: «باشقىلارغا بەرگەندە، بەك خۇشال بولىمەن. راستىنى ئېيتقاندا، ئېرىشىۋاتقان بەرىكەتلىرىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ»،— دەپ ئېيتقان.—ئىبرانىي. 13:1، 2.
17. ليۇك ۋە ئۇنىڭ ئايالى نېمىنى چۈشەنگەن؟
17 تېخىمۇ مېھماندوست بولۇشىمىز مۇمكىنمۇ؟ مەسىلەن، ليۇك بىلەن ئۇنىڭ ئايالى دائىم مېھماندوستلۇقنى كۆرسەتكەن. ئۇلار ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يېقىن دوستلىرى ۋە رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنى پات-پات مېھمانغا چاقىرىپ تۇراتتى. لېكىن، ليۇك ئۇلارنىڭ پەقەت يېقىنلىرىنىلا تەكلىپ قىلغانلىقىنى چۈشەنگەن. ليۇك ۋە ئۇنىڭ ئايالى تېخىمۇ مېھماندوست بولۇشنى قانداق ئۆگەنگەن؟
18. ليۇك ۋە ئۇنىڭ ئايالى تېخىمۇ مېھماندوست بولۇشنى قانداق ئۆگەنگەن؟
18 ليۇك ۋە ئۇنىڭ ئايالى، ئەيسانىڭ «سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى سۆيگەنلەرنى سۆيسەڭلار، قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر؟» دېگەن سۆزلىرى توغرۇلۇق ئويلانغاندا، ئۇلار كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن (مەتتا 5:45—47). ئۇلار ھەممىسىگە تەڭ سېخىيلىق كۆرسىتىدىغان يەھۋا خۇدادىن ئۈلگە ئېلىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن. شۇڭا، ئۇلار ھېچقاچان مېھمانغا چاقىرمىغان قېرىنداشلارنى تەكلىپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ليۇك مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىمىز بىللە جەم بولۇشنى ياخشى كۆرىمىز. بىز ئۆزۈمىزنى بىر-بىرىمىزگە ۋە يەھۋا خۇداغا يېقىنراق ھېس قىلىمىز».
19. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى قانداق ئىسپاتلايمىز ۋە نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
19 بۇ ماقالىدە، مېھىر-مۇھەببەت بىزگە قانداق قىلىپ تىنچلىقپەرۋەر، ھەممىسىگە تەڭ قارايدىغان ۋە مېھماندوست ئادەم بولۇشقا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقتۇق. يامان ھېس-تۇيغۇلاردىن ئايرىلىپ، ئېتىقادداشلىرىمىزنى چىن يۈرەكتىن ياخشى كۆرۈشىمىز لازىم. شۇنداق قىلساق، بىز خۇشاللىققا ئېرىشىمىز ۋە ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز.—يۇھاننا 13:17، 35.
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
a ئەيسا ئېيتقاندەك، ئادەملەر مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆز-ئارا مېھىر-مۇھەببىتىدىن تونۇيدۇ. ئېتىقادداشلارنى ياخشى كۆرسەك، بىز تىنچلىقپەرۋەر، ھەممىسىگە تەڭ قارايدىغان ۋە مېھماندوست ئادەم بولۇشقا ئىنتىلىمىز. بۇ ھەرقاچان ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بىر-بىرىمىزنى چىن يۈرەكتىن سۆيۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان بىرنەچچە ئەمەلىي مەسلىھەتنى كۆرۈپ چىقايلى.
b بۇ ماقالىدىكى بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c سۈرەتتە: قېرىنداشنىڭ يارىشىۋېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بېشىدا نەتىجە بەرمىسىمۇ، ئۇ كۈچ چىقىرىشنى توختاتمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرغاچقا، ئۇ قېرىنداش بىلەن يارىشىۋالدى.
d سۈرەتتە: ياشانغان بۇرادەر ئۆزىنى چەتتە قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.
e سۈرەتتە: مېھماندوستلۇقنى كۆرسىتىشتىن تارتىنغان قېرىنداش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، خۇشاللىققا ئېرىشتى.