كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 مارت 21-‏26 ب.‏
  • تۈزىتىش —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىسپاتى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • تۈزىتىش —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىسپاتى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزىتىدۇ
  • يە‌ھۋانىڭ تۈزىتىشى بىزگە پايدا ئە‌كېلىدۇ
  • باشقىلارنى تۈزە‌تكە‌ندە يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىڭ
  • تىنچلىقتا مە‌ڭگۈ ياشاشنى ئۆگىنىش
  • تە‌ربىيە‌نى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ دانا بولۇ‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 مارت 21-‏26 ب.‏
چېقىلغان لۇ‌ڭقا؛‏ ئانا بالىسىنى تە‌ربىيە‌لە‌ۋاتىدۇ

تە‌ربىيە —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىسپاتى

‏«يە‌ھۋا كىمنى سۆيسە،‏ شۇ‌نىڭغا تە‌ربىيە بېرىدۇ» (‏ئىبرانىيلارغا 12:‏6)‏.‏

ناخشىلار:‏ 43،‏ 20

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • شە‌بنا بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌دىن يە‌ھۋانىڭ تۈزىتىشىگە تېگىشلىك قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

  • بىرى تۈزە‌تكە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

  • تۈزىتىش ئارقىلىق نېمىگە تە‌ييار بولىمىز؟‏

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تە‌ربىيە بېرىش قانداق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏

‏«تە‌ربىيە» ياكى «ئە‌دە‌بلە‌ش» دېگە‌ن سۆزنى ئاڭلىغاندا،‏ ئوي-‏خىيالىڭىزغا نېمە كېلىدۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ دە‌رھاللا ئە‌دە‌بلە‌پ جازا بېرىشنى خىيالىڭىزغا كە‌لتۈرە‌رسىز،‏ لېكىن تە‌ربىيە بېرىش كۆپرە‌ك نە‌رسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ تە‌ربىيە سۆزى ئىشلىتگە‌ندە،‏ ئۇ بىلىم،‏ دانالىق،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ھاياتلىق دېگە‌ن سۆزلە‌ر بىلە‌ن باغلىنىشلىق بولغانىدى.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ‌نىڭدا نە‌سىھە‌تنىڭ ئۆزۈمىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكى يېزىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏2—‏7؛‏ 4:‏11—‏13)‏.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ خۇ‌دانىڭ نە‌سىھە‌ت بېرىشى بىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ۋە مە‌ڭگۈ ياشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 12:‏6)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە تە‌ربىيە بېرىش ئۈچۈن بە‌زىدە ئە‌دە‌بلە‌پ جازالىشى مۇ‌مكىن،‏ بىراق ھېچقاچان ۋە‌ھشىيلىك ياكى زالىملىق بىلە‌ن جازالىمايدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە «ئە‌دە‌بلە‌ش» سۆزىنىڭ ئاساسىي مە‌نىسى نە‌سىھە‌ت بېرىش بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ بۇ ئاتا-‏ئانىنىڭ سۆيۈملۈك پە‌رزە‌نتلىرىگە بېرىدىغان تە‌لىم-‏تە‌ربىيە‌گە ئوخشايدۇ.‏

2،‏ 3.‏ تە‌ربىيە بېرىش نېمە ئۈچۈن نە‌سىھە‌ت قىلىش ۋە ئە‌دە‌بلە‌پ جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

2 بىر مىسالنى قاراپ چىقايلى.‏ جون ئىسىملىك كىچىك بالا ئۆيدە توپ ئويناۋاتىدۇ.‏ ئاپىسى جونغا نە‌سىھە‌ت قىلىپ:‏ «بالام،‏ ئۆيدە توپ ئويناشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىسە‌نغۇ!‏ بىر نە‌رسىلە‌رنى چېقىپ قويىسە‌ن!‏»—‏ دە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ ئاپىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي داۋاملىق ئويناۋە‌ردى.‏ بىر چاغدا توپ لوڭقىغا تە‌گدى ۋە ئۇ يە‌رگە چۈشۈپ چېقىلىپ كە‌تتى.‏ ئانىسى جونغا تە‌ربىيىلە‌پ تۈزىتىش ئۈچۈن نېمە قىلدى؟‏ ئانىسى جونغا تە‌ربىيە بېرىش ئۈچۈن،‏ يە‌نە ئۇ‌نىڭ قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ئىكە‌نلكىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بە‌ردى.‏ ئۇ‌نىڭ ئاتا-‏ئانىغا بويسۇ‌نۇ‌شى ئۆزىگە ياخشى ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئۆيدە قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنىڭ بولۇ‌شى پايدىلىق ۋە ئورۇ‌نلۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشىنى خالايدۇ.‏ جوننىڭ بۇ‌نىڭدىن ساۋاق ئېلىشى ئۈچۈن،‏ ئاپىسى ئۇ‌نى ئە‌دە‌بلە‌پ توپىنى ۋاقتىنچە ئويناشقا بە‌رمە‌سلىكنى قارار قىلىدۇ.‏ بۇ جونغا ئاتا-‏ئانىسىغا ئىتائە‌ت قىلماسلىق،‏ قانداق ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئە‌سلىتىشى مۇ‌مكىن.‏

3 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سۈپىتىدە بىز خۇ‌دا ئائىلىسىنىڭ بىر ئە‌زاسى (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 3:‏15)‏.‏ ئاتىمىز يە‌ھۋانىڭ نېمىنىڭ توغرا،‏ نېمىنىڭ خاتا ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلىش ۋە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نمىساق بىزنى ئە‌دە‌بلە‌پ جازالاش ھوقۇ‌قى بار.‏ ئە‌گە‌ر ھە‌رىكىتىمىزنىڭ ئاقىۋېتى يامان بولسا،‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزىتىشى ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىققا ياردە‌م بېرىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏7)‏.‏ خۇ‌دا بىزنى قاتتىق ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئازاپ چېكىشىمىزنى خالىمايدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏6،‏ 7)‏.‏

4.‏ ئا)‏ يە‌ھۋا قانداق تە‌لىم بېرىشنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ؟‏ ئە)‏ بۇ ماقالىدە بىز نېمە ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

4 بىز بالىغا ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتقان ئادە‌مگە خۇ‌دا سۆزىگە ئاساسلىنىپ مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىمىز.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلىتىپ،‏ تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلارغا نېمىنىڭ توغرا،‏ نېمىنىڭ خاتا ئىكە‌نلىكىنى ئۆگىتىمىز ۋە ئە‌يسا «بۇ‌يرىغان بارلىق نە‌رسىلە‌رنى» چۈشىنىشكە ۋە ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شتا ئىشلىتىشكە ياردە‌ملىشىمىز (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20؛‏ تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏16)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌م بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگە‌نگۈچىلە‌رگە قانداق تە‌لىم بېرىش ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشلە‌رنىڭ مە‌سىھنىڭ شاگىرتى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىشىمىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ ‏(‏تىتقا 2:‏11—‏14نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھازىر،‏ بۇ ماقالىدە ئۈچ مۇ‌ھىم سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى:‏ 1)‏ خۇ‌دانىڭ تە‌ربىيە بېرىشى،‏ ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟‏ 2)‏ خۇ‌دا ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزە‌تكە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ 3)‏ بىرسىگە نەىسھە‌ت بېرىپ تۈزە‌تكە‌ندە،‏ يە‌ھۋانى ۋە ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

خۇ‌دا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزىتىدۇ

5.‏ تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىش قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا يە‌ھۋانىڭ بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌كىس ئە‌تتۈرىدۇ؟‏

5 يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرگە‌نلىكتىن نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىدۇ،‏ تە‌لىم بېرىدۇ ۋە تە‌ربىيىلە‌يدۇ.‏ بىزنىڭ ئۆزى بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىمىزنى ۋە مە‌ڭگۈ ياشىشىمىزنى خالايدۇ (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 4:‏16)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ بىزنى كە‌مسىتمە‌يدۇ ۋە خورلاپ ئۆزۈمىزنى ھېچ نېمىگە ئە‌رزىمە‌ستە‌ك ھېس قىلدۇ‌رمايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏18)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ بىزگە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بە‌رگە‌ن،‏ ئۇ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىمىزگە دىققە‌ت قىلىدۇ ۋە تاللاش ئە‌ركىنلىكىمىزنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا سىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ كىتاب-‏ماتېرىياللار،‏ ئاتا-‏ئانىڭىز ۋە ئاقساقاللار ئارقىلىق تە‌ربىيە بېرىپ تۈزە‌تكە‌ندە،‏ بۇ‌نى ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىپادىسى دە‌پ قارامسىز؟‏ بىز ئۆزىمىزمۇ سېزىپ سە‌زمە‌ي روھىي جە‌ھە‌تتە يولدىن چە‌تنە‌پ كېتىۋاتقاندا،‏ ئاقساقاللار بىزگە مۇ‌لايىملىق ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌كىس ئە‌تتۈرىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏1)‏.‏

6.‏ ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزىتىشنىڭ نە‌تىجىسىدە ئادە‌م جامائە‌تتىكى ۋە‌زىپىلىرىدىن ئايرىلسىمۇ،‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق ئە‌كىس ئە‌تتۈرىدۇ؟‏

6 بە‌زىدە ئە‌دە‌بلە‌ش پە‌قە‌ت نە‌سىھە‌ت ياكى مە‌سلىھە‌ت بېرىش بىلە‌نلا چە‌كلە‌نمە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر جامائە‌تتە بىرى ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغان بولسا،‏ ئۇ ئە‌مدى بە‌زى ۋە‌زىپىلە‌رنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىش شان-‏شە‌رىپىدىن ئايرىلىدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ بۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە ھە‌م ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزىتىش يە‌ھۋانىڭ شۇ ئادە‌منى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئە‌كىس ئە‌تتۈرىدۇ.‏ ۋە‌زىپىلە‌رنى زىممىسىگە ئېلىپ شان-‏شە‌رىپىدىن ئايرىلىش،‏ مە‌سىلە‌ن ئۇ كىشىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش،‏ چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلىش ۋە دۇ‌ئا قىلىشقا كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىشنىڭ قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يېتىشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ ئارقىلىق ئۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7)‏.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ قايتىدىن ۋە‌زىپىلە‌رنى زېممىسىگە ئېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌تتا،‏ بىرى جامائە‌تتىن ھە‌يدە‌لگە‌ن بولسىمۇ،‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌كىس ئە‌تتۈرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ بۇ ئارقىلىق يە‌ھۋا جامائە‌تنى يامان تە‌سىردىن ھىمايە قىلىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏6،‏ 7،‏ 11)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزىتىشى ھە‌رقاچان ئادىل بولغانلىقتىن،‏ بۇ جامائە‌تتىن چىقىرىلغان ئادە‌مگە ئۆز گۇ‌ناھىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يېتىشىگە ياردە‌پ بېرىپ،‏ ئۇ‌نى قىلغانلىرىغا توۋا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن (‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19)‏.‏

يە‌ھۋانىڭ تۈزىتىشى بىزگە پايدا ئە‌كېلىدۇ

7.‏ شە‌بنا دېگە‌ن كىم ۋە ئۇ قانداق يامان ئىللە‌تنى يېتىلدۈرگە‌ن؟‏

7 ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزىتىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا تۈزە‌تكە‌ن ئىككى ئادە‌منىڭ مىسالىنى قاراپ باقايلى.‏ بىرىنچىسى —‏ ھە‌زە‌قىيا پادىشاھنىڭ زامانىدا ياشىغان شە‌بنا ئىسىملىك ئىسرائىللىق كىشى.‏ ئىككىنچىسى —‏ بىزنىڭ كۈنىمىزدە ياشاۋاتقان گراھام بۇ‌رادىرىمىز.‏ شە‌بنا ھە‌زە‌قىيا پادىشاھنىڭ سارىيىدا «ئوردىنى باشقۇ‌رغان» ۋە چوڭ ئابرويغا ئىگە بولغان (‏يە‌شايا 22:‏15)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ مە‌غرۇ‌رلىنىپ،‏ ئۆزىگە شان-‏شۆھرە‌ت ئىزدە‌شكە باشلىغان.‏ ئۇ ھە‌تتا ئۆزىگە ھە‌شە‌مە‌تلىك قە‌برە ياسىتىپ،‏ «ھە‌يۋە‌تلىك جە‌ڭ ھارۋۇ‌لىرىدا» يۈرگە‌ن (‏يە‌شايا 22:‏16—‏18)‏.‏

بۇ‌رادە‌ر ئىككى ئاقساقال بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىۋاتىدۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ مۇ‌لاھىزە قىلىۋاتىدۇ،‏ خىزمە‌تكە چىقتى

بىز كە‌متە‌ر ۋە كۆزقارىشىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە تە‌ييار بولساق،‏ خۇ‌دا بىزگە بە‌رىكە‌ت بېرىدۇ (‏8—‏10 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

8.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا شە‌بنانى قانداق ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزە‌تكە‌نىدى ۋە نە‌تجىدە نېمە بولدى؟‏

8 شە‌بنا داڭلىق ئادە‌م بولۇ‌شقا ئىنتىلگە‌نلىكتىن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى ۋە‌زىپىسىدىن ئېلىۋېتىپ،‏ ئېلىئاكىم دېگە‌ن كىشىگە بە‌رگە‌ن (‏يە‌شايا 22:‏19—‏21)‏.‏ بۇ ۋە‌قە ئاسسۇ‌رىيە پادىشاھى سانخېرىب يېرۇ‌سالىمغا ھۇ‌جۇ‌م قىلماقچى بولغاندا يۈز بە‌رگە‌ن.‏ كېيىنرە‌ك،‏ سانخېرىب ھە‌يۋە قىلىپ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ روھىنى چۈشۈرۈش ۋە ھە‌زە‌قىيا پادىشاھنى باش ئېگىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن،‏ ئۆزىنىڭ ئە‌مە‌لدارلىرى بىلە‌ن قوشۇ‌نلىرىنى ئە‌ۋە‌تكە‌نىدى (‏پادىشاھلار 2-‏يازما 18:‏17—‏25)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ھە‌زە‌قىيا ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆھپە‌تلىشىشكە ئېلىئاكىم بىلە‌ن يە‌نە ئىككى ئادە‌منى ئە‌ۋە‌تتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى شە‌بنا بولغان.‏ ئە‌مدى ئۇ كاتىپ بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلاتتى.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ شە‌بنا شۇ ئۆزى ئۆزىنىڭ ۋە‌زىپىسىدە بولغان ئۆزگىش ئۈچۈن خاپا بولمىغان ياكى نارازىلىق بىلدۈرمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ كە‌متە‌رلىكنى ئۆگىنىپ،‏ دە‌رىجىسى تۆۋە‌نرە‌ك خىزمە‌تنى قىلىشقا تە‌ييار بولغان.‏ شە‌بنانىڭ ئۈلگىسىدىن بىز ئۈچ نە‌رسىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

9—‏11.‏ ئا)‏ شە‌بنانىڭ ۋە‌قە‌سىدىن قانداق مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋانىڭ شە‌بناغا قىلغان مۇ‌ئامىسلىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

9 بىرىنچىدىن،‏ شە‌بنانىڭ ئۆز ۋە‌زىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى «مە‌غرۇ‌رلۇ‌ق ھالاك بولۇ‌شتىن ئاۋۋال كېلىدىغانلىقىنى» كۆرسىتىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏18)‏.‏ جامائە‌تتە ئالاھىدە ۋە‌زىپىلىرىمىز بولسا،‏ باشقىلار بىزنى ھۆرمە‌تلە‌پ مۇ‌ھىم دە‌پ قارىسا،‏ بىز كە‌متە‌رلىكنى ساقلايمىزمۇ؟‏ بىزدە بولغان ھە‌ر تۈرلۈك قابىلىيە‌تلە‌ر ۋە ياخشى نە‌رسىلە‌رنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 4:‏7)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «ھە‌ربىرىڭلارغا ئېيتىمە‌نكى،‏ ئۆزۈڭلار ھە‌ققىدە ئارتۇ‌قچە ئويلىماڭلار،‏ بە‌لكى.‏.‏.‏ ساغلام پىكىرلىكنى ساقلاشنى ئويلاڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏رىملىقلارغا 12:‏3)‏.‏

10 ئىككىنچىدىن،‏ يە‌ھۋا شە‌بنانى قاتتىق تە‌نقىت قىلغان بولسىمۇ،‏ بىراق بۇ ئۇ‌نىڭ شە‌بنانىڭ ئۆزگۈرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏11،‏ 12)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە ۋە‌زىپىسىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلار بۇ‌نىڭدىن ياخشى ساۋاق ئالالايدۇ.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا بولغانلار ئاچچىقلىنىپ،‏ رە‌نجىپ يۈرگە‌ننىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋاغا ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزىتىشنى يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىسپاتى ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يېتىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌رشتىكى ئاتىمىزنىڭ بىزنى تاشلىمايدىغانلىقى،‏ بولۇ‌پمۇ كە‌متە‌ر بولساق،‏ مە‌ڭگۈ بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تايلى ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏6،‏ 7نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ قولىدا يۇ‌مشاق سېغىز لايدە‌ك بولساق،‏ ئۇ بىزنى تە‌ربىيىلە‌پ تۈزىتىپ،‏ چىرايلىق شە‌كىلگە كە‌لتۈرىدۇ.‏

11 ئۈچىنچىدىن،‏ يە‌ھۋانىڭ شە‌بناغا قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدىن ئە‌دە‌بلە‌پ تۈزىتىش ھوقۇ‌قى بولغانلار ھە‌م ئۈلگە ئالسا بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئېتىقادچى ئاتا-‏ئانىلار ۋە جامائە‌تنىڭ ئاقساقاللىرى مۇ‌ھىم نە‌رسىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىشى ئۇ‌نىڭ يامانلىقنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقى،‏ ئە‌مما يامانلىق قىلغان گۇ‌ناھكارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرستىپ بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئادە‌ملە‌رنىك ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىگە دىققە‌ت قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاتا-‏ئانا ياكى ئاقساقال بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىش ئۇ‌سۇ‌لىنى چوقۇ‌م ئۈلگە قىلامسىز؟‏ (‏يە‌ھۇ‌دا 22،‏ 23)‏.‏

12—‏14.‏ ئا)‏ بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىشىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدۇ؟‏ ئە)‏ خۇ‌دا سۆزى بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ كۆزقارىشىنى تۈزىتىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى ۋە نە‌تىجىدە نېمە بولدى؟‏

12 بە‌ك ئە‌پسۇ‌سكى،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر تە‌ربىيە بېرىپ تۈزە‌تكە‌ندە خاپا بولۇ‌پ ۋە خۇ‌دادىن يىراقلىشىپ،‏ ھە‌تتا جامائە‌تتىن كېتىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 3:‏12،‏ 13)‏.‏ بۇ ئە‌مدى ئۇ‌لارغا ھېچكىم ياردە‌م بېرە‌لمە‌يدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ مە‌سىلە‌ن،‏ گراھام بۇ‌رادە‌رنى ئالايلى.‏ ئۇ جامائە‌تتىن ھە‌يدىلىپ،‏ كېيىن قايتىدىن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ كېيىن ۋە‌ز خىزمىتىگە ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغىمۇ قاتناشماي يۈرىدۇ.‏ بىر ئاقساقال ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏ ئاخىرىدا،‏ گراھام ئۆزى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشنى سورىغانىدى.‏

13 شۇ ئاقساقال مۇ‌نداق دېدى:‏ «گراھام تە‌كە‌ببۇ‌ر بولغان.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ جامائە‌تتىن ھە‌يدە‌لىشى ئۈچۈن قارار چىقىرىشقا قاتناشقان ئاقساقاللارنى تە‌نقىت قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بىرنە‌چچە قېتىم تە‌تقىق ئېلىپ بارغاندا تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئاقىۋە‌تلىرى ھە‌ققىدە ئايە‌تلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلدۇ‌ق.‏ گراھام خۇ‌دا سۆزىدىن ئىبارە‌ت بۇ ئە‌ينە‌كتىن ئۆزىنىڭ قىياپىتىنىڭ قانداق ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق كۆرۈپ،‏ ئۆزۈنى ياقتۇ‌رمىدى!‏ بۇ ئاجايىپ نە‌تىجە ئېلىپ كە‌لدى!‏ ئۇ تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق دېگە‌ن «لىمنىڭ» كۆزىنى يېپىۋالغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتىشى كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ياخشى تە‌رە‌پكە تېزراق ئۆزگىرىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا باشلىدى.‏ ئۇ يىغىلىشلارغا مۇ‌نتىزىم قاتنىشىپ،‏ خۇ‌دا سۆزىنى پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلىشقا باشلاپ،‏ ھە‌ر كۈنى دۇ‌ئا قىلىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌ردى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ گراھام ئائىلە بېشى سۈپىتىدە روھىي ئىشلارنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ،‏ ئايالى بىلە‌ن بالىلىرىغا زور خۇ‌شاللىق ئاتا قىلدى» (‏لۇ‌قا 6:‏41،‏ 42؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏23—‏25)‏.‏

14 بۇ ئاقساقال يە‌نە مۇ‌نداق دېدى:‏ «بىر كۈنى گراھامنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى قە‌لبىمگە بە‌ك تە‌سىر قىلدى.‏ «ھە‌قىقە‌تنى بىلگىنىمگە كۆپ يىل بولدى،‏ ھە‌تتا پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پمۇ خىزمە‌ت قىلدىم.‏ بىراق،‏ پە‌قە‌ت ھازىر يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىمە‌ن،‏ دە‌پ ھە‌قىقىي ئېيتالايمە‌ن»،‏—‏ دېدى ئۇ».‏ بىراز ۋاقىتتىن كېيىن،‏ گراھام جامائە‌تتە مىكروفوننى يە‌تكۈزۈش ۋە‌زىپىسىنى قىلىشقا تە‌يىنلە‌ندى.‏ ئۇ بۇ ۋە‌زىپىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلدى.‏ ئاقساقال شۇ‌نداق دېدى:‏ «بۇ ۋە‌قە‌دىن شۇ‌نى چۈشە‌ندىمكى،‏ ئادە‌م خۇ‌دانىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۆۋە‌ن تۇ‌تسا،‏ تە‌نبىھ ۋە تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلسا،‏ مول بە‌رىكە‌تكە ئېرىشىدۇ!‏»‏

باشقىلارنى تۈزە‌تكە‌ندە يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىڭ

15.‏ نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىش ئۈنۈملۈك بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 ياخشى مۇ‌ئە‌للىم بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئاۋۋال ياخشى ئوقۇ‌غۇ‌چى بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 4:‏15،‏ 16)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋا سىزنى باشقىلارغا نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىش ئۈچۈن ئىشلە‌تسە،‏ سىز كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ ھاياتىڭىزدا يە‌ھۋانىڭ رە‌ھبە‌رلىكىگە تايىنىشىڭىز مۇ‌ھىم.‏ كە‌متە‌ر ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرگە‌ندە،‏ باشقىلارنىڭ سىزنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ نە‌سىھە‌تلىرىڭىزگە قۇ‌لاق سېلىشى ئاسانراق بولىدۇ.‏ بۇ جە‌ھە‌تتە بىز ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىدىن ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

16.‏ ئۈنۈملۈك تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىش ۋە تە‌لىم بېرىش ھە‌ققىدە ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

16 ئە‌يسا ھە‌ردائىم،‏ ھە‌تتا بە‌ك قىيىن چاغلاردا ھە‌م ئاتىسىغا بويسۇ‌نغانىدى (‏مە‌تتا 26:‏39‏)‏.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رگە ئۆز تە‌لىملىرى بىلە‌ن دانالىقى يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏يوھاننا 5:‏19،‏ 30)‏.‏ كە‌متە‌ر ۋە ئىتائە‌تچان بولۇ‌ش ئە‌يساغا باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئۇ‌ستاز بولۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ پە‌زىلە‌تلىرى سە‌مىمىي ئادە‌ملە‌رنى جە‌لىپ قىلغان ‏(‏لۇ‌قا 4:‏22نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسانىڭ مۇ‌لايىم سۆزلىرى چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن،‏ ئاجىز ئادە‌ملە‌رگە تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 12:‏20‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌لچىلىرى بىر-‏بىرى بىلە‌ن كىم ئۇ‌لۇ‌غراق،‏ دە‌پ سۆز تالاشقاندا،‏ ئە‌يسا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت كۆرسىتىشى ئاسانغا چۈشمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا مۇ‌لايىملىق ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن تە‌ربىيە بېرىپ تۈزە‌تكە‌ن (‏ماركۇ‌س 9:‏33—‏37؛‏ لۇ‌قا 22:‏24—‏27)‏.‏

17.‏ جامائە‌تكە ياخشى يېتە‌كچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللارغا قانداق پە‌زىلە‌تلە‌ر كېرە‌ك؟‏

17 ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىپ نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزە‌تكە‌ندە،‏ ھە‌رقاچان مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئوغلىنىڭ رە‌ھبە‌رلىكىگە ماس ھە‌رىكە‌ت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س مۇ‌نداق يازغان:‏ «سىلە‌رگە ئىشىنىپ تاپشۇ‌رۇ‌لغان خۇ‌دانىڭ پادىسىنى مە‌جبۇ‌رىي تۈردە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى رازىمە‌نلىك بىلە‌ن،‏ ھارام يول بىلە‌ن پايدا كۆرۈش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىچە،‏ ئىخلاس بىلە‌ن بېقىڭلار.‏ رە‌ببىمىزنىڭ ئامانىتى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماستىن،‏ پادىغا ئۈلگە كۆرسىتىڭلار» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏2—‏4)‏.‏ ئاقساقاللار خۇ‌دا بىلە‌ن مە‌سىھكە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئىتائە‌ت قىلسا،‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرىگە ۋە ئۇ‌لار غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلارغىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ (‏يە‌شايا 32:‏1،‏ 2،‏ 17،‏ 18)‏.‏

18.‏ ئا)‏ يە‌ھۋا ئاتا-‏ئانىلاردىن نېمىنى كۈتمە‌كتە؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋا ئاتا-‏ئانىلارغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

18 ئائىلىدە تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىش ۋە تە‌لىم بېرىشتە ئوخشاش پرىنسىپنى تە‌دبىقلاشقا بولىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئائىلە باشلىرىغا:‏ «بالىلىرىڭلارنى تېرىكتۈرمە‌ڭلار،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنى يە‌ھۋا بۇ‌يرىغاندە‌ك تە‌ربىيىلە‌ڭلار ھە‌م نە‌سىھە‌ت بېرىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏4)‏.‏ تە‌ربىيىلە‌ش بىلە‌ن تۈزىتىش قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏18دە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئۈمىدۋار بولۇ‌پ پە‌رزە‌نتىڭنى جازالاپ،‏ تە‌ربىيە بېرىپ تۇ‌رغىن،‏ لېكىن ئۇ‌نى ئۆلگىچە خار بولسۇ‌ن،‏ دېگۈچى بولما».‏ يە‌ھۋا ئاتا-‏ئانىلارغا بالىغا تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىش ۋە‌زىپىسىنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لار بۇ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌ندىمىسا،‏ خۇ‌دانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ!‏ (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 3:‏12—‏14)‏.‏ لېكىن،‏ ئاتا-‏ئانىلار دۇ‌ئا قىلىپ ياردە‌م سورىغاندا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ يېتە‌كلىشىگە تايانغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا كېرە‌كلىك دانالىق ۋە كۈچ بېرىدۇ ‏(‏ياقۇ‌پ 1:‏5نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

تىنچلىقتا مە‌ڭگۈ ياشاشنى ئۆگىنىش

19،‏ 20.‏ ئا)‏ خۇ‌دانىڭ تە‌نبىھ-‏تە‌ربىيە‌سىنى قوبۇ‌ل قىلىپ تۈزە‌تسە‌ك،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏ ئە)‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمە ھە‌ققىدە كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

19 ئۆزۈمىز خۇ‌دانىڭ تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىشىنى قوبۇ‌ل قىلساق ۋە باشقىلارنى تۈزە‌تكە‌ندە يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسانى ئۈلگە قىلساق مول بە‌رىكە‌تلە‌شلە‌رگە ئېرىشىمىز!‏ ئائىلىمىز بىلە‌ن جامائىتىمىزدە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ھۆكۈم سۈرىدۇ.‏ ھە‌ربىر ئادە‌م ئۆزىنىڭ سۆيۈلىدىغانلىقى،‏ قە‌دىرلىنىدىغانلىقى ۋە بېخە‌تە‌ر ئىكە‌نلىكىنى ھېس قىلىدۇ.‏ بۇ —‏ كە‌لگۈسىدە بولىدىغان تىنچ-‏ئامانلىق ۋە شاد-‏خوراملىق تولىدىغان ھاياتنىڭ پە‌قە‌ت كىچىكىنە كارتىنىسى (‏زە‌بۇ‌ر 72:‏7)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌لىم-‏تە‌ربىيىسى،‏ بىزنى ئە‌رشىتىكى ئاتىنىڭ غە‌مخورلۇ‌قى ئاسىتىدا،‏ ئىناق-‏ئىتىپاق ۋە تىنچ-‏خاتىرجە‌م بىر ئائىلە بولۇ‌پ مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈشكە ئۆگىتىۋاتىدۇ ‏(‏يە‌شايا 11:‏9نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دانىڭ تە‌نبىھ-‏تە‌ربىيە‌سىگە توغرا كۆزقاراشتا بولساق،‏ نە‌سىھە‌ت قىلىپ تۈزە‌تكە‌ندە ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلىمىز.‏ بۇ —‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە كۆرسە‌تكە‌ن چوڭقۇ‌ر مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتى!‏

20 كېيىنكى ماقالىدە،‏ بىز ئائىلىدىكى ۋە جامائە‌تتىكى نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىش ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك ئۆگىنىمىز.‏ بىز ئۆزۈمىزنى قانداق تۈزىتە‌لە‌يمىز.‏ تە‌بىھ قوبۇ‌ل قىلىپ تۈزۈشتىنمۇ ئېغىر كېلىدىغان يامان ئاقىۋە‌تتىن قانداق ساقلىنالايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە كۆرۈپ چىقىمىز.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • يە‌ھۋا تە‌نبىھ بېرىپ بىزنى تۈزە‌تكە‌ندە،‏ بىزگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىدۇ.‏ ئۇ ھېچقاچان قاتىللىق ۋە رە‌ھىمسىزلىك بىلە‌ن تۈزە‌تمە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا مېھرىبان ئاتىدە‌ك بىزگە قايسى تە‌رە‌پتىن ئۆزگە‌رتىش كېرە‌كلىكىنى ۋە قانداق ئۆزگە‌رتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش