كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 مارت 27-‏32 ب.‏
  • تە‌ربىيە‌نى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ دانا بولۇ‌ڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • تە‌ربىيە‌نى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ دانا بولۇ‌ڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىشنى بىلىش دانالىقتۇ‌ر
  • بالىلارنى يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماس نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىڭ
  • جامائە‌تتە نە‌سىھە‌ت ۋە ياردە‌منى قوبۇ‌ل قىلىش
  • تۈزىتىشتىنمۇ ئېغىر ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش
  • تۈزىتىش —‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىسپاتى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 مارت 27-‏32 ب.‏
توپ ئويناشنىڭ ئورنىغا،‏ ياش يىگىت دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتىدۇ

تە‌ربىيە‌نى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ دانا بولۇ‌ڭ

‏«تە‌ربىيە‌نى قوبۇ‌ل قىلغىن،‏ ئۇ‌نداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسە‌ن» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏20)‏.‏

ناخشىلار:‏ 34،‏ 6

قانداق جاۋاب بېرە‌تتىڭىز؟‏

  • يە‌ھۋا بىزگە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تە‌ربىيىلە‌شنى قانداق ئۆگىتىدۇ؟‏

  • ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى يە‌ھۋا ئېيتقاندە‌ك نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

  • جامائە‌تتە بېرىلگە‌ن ھە‌ربىر نە‌سىھە‌تنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

1.‏ دانالىققا قانداق ئېرىشە‌لە‌يمىز ۋە بۇ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

يە‌ھۋا —‏ دانالىقنىڭ مە‌نبە‌سى ۋە ئۇ دانالىقنى ھە‌ممە كىشىگە سېخىيلىق بىلە‌ن بېرىدۇ.‏ ياقۇ‌پ 1:‏5تە مۇ‌نداق ئېيتىلغان:‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردىكى بىرى ئە‌قىل-‏پاراسە‌تكە مۇ‌ھتاج بولسا،‏ ھە‌ممىگە سېخىلىق بىلە‌ن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمە‌يدىغان خۇ‌دادىن تىلىسۇ‌ن».‏ دانالىققا ئېرىشىشنىڭ بىر يولى —‏ خۇ‌دانىڭ نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلىش.‏ بۇ بىزنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدۇ ۋە خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏10—‏12)‏.‏ بۇ ئارقىلىق بىز مە‌ڭگۈلۈك ھاياتنى تە‌لمۈرۈپ كۈتۈپ،‏ ئۆزىمىزنى خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ساقلاپ ياشايمىز (‏يە‌ھۇ‌دا 21)‏.‏

2.‏ نېمىنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلىش ئاسان بولىدۇ؟‏

2 ئە‌مما،‏ گۇ‌ناھقا مايىللىقىمىز،‏ ئالغان تە‌ربىيىمىز ياكى باشقا ئامىللار سە‌ۋە‌بلىك بە‌زىدە تۈزىتىش ئۈچۈن بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىش ياكى ئۇ‌نىڭغا توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌ش قىيىن بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ بىز خۇ‌دانىڭ تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىشىنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ بىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏11،‏ 12دە:‏ «ئە‌ي ئوغلۇ‌م،‏ پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ تە‌ربىيىسىگە بېپە‌رۋالىق قىلما،‏.‏.‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار كىمنى سۆيگە‌ن بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌نبىھ بېرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە ئە‌ڭ پايدىلىق ئىشنى پىلان قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل ‏(‏ئىبرانىيلارغا 12:‏5—‏11نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى ياخشى بىلگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌ربىيىسى ياكى نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىشى ھە‌ردائىم ئورۇ‌نلۇ‌ق ۋە مۇ‌ۋاپىق يۇ‌سۇ‌ندا بېرىلىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىشنىڭ تۆت تۈرلۈك يولىنى قاراپ چىقىمىز:‏ 1)‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى ئە‌يىبلە‌پ تۈزىتىش،‏ 2)‏ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىشى،‏ 3)‏ جامائە‌تتە نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىش ۋە 4)‏ گە‌رچە تە‌ربىيە بېرىپ تۈزۈش ئازغىنە ۋاقىتقا كۆڭۈلنى ئاغرىتسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش بار.‏

ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىشنى بىلىش دانالىقتۇ‌ر

3.‏ بالىلار ئۆز-‏ئۆزىنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىشنى قانداق ئۆگىنىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

3 ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىش دېگە‌نلىك،‏ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌ش ۋە ئوي-‏پىكىر قىلىش يولىمىزنى ياخشى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز-‏ئۆزىمىزنى تىزگىنلە‌پ تۇ‌رۇ‌شنى كۆرسىتىدۇ.‏ بىز ئۆز-‏ئۆزۈمىزگە تىزگىنلە‌پ تە‌ربىيىلە‌ش قابىلىيىتى بىلە‌ن تۇ‌غۇ‌لمىدۇ‌ق،‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىچىك بالا ۋېلىسپىت ھە‌يدە‌شنى ئۆگىنىۋاتقاندا،‏ ئۇ‌نىڭ يىقىلىپ كە‌تمە‌سلىكى ئۈچۈن دادىسى ياكى ئاپىسى ئادە‌تتە ئۇ‌نى تۇ‌تۇ‌پ ماڭىدۇ.‏ لېكىن،‏ ۋاقىت ئۆتكە‌نسىرى بالا ۋېلسىپىتتا تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلاشنى ئۈگە‌نگە‌ندە،‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇ‌نى قىسقا ۋاقىت قويۇ‌پ بېرىدۇ.‏ ئاتا-‏ئانا بالىنىڭ ۋېلىسىپىتنى ئۆزى ھە‌يدىيە‌لە‌يدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى پۈتۈنلە‌ي قويۇ‌پ بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئاتا-‏ئانا بالىلىرىنى سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن «يە‌ھۋا بۇ‌يرىغاندە‌ك تە‌ربىيىلىگە‌ندە»،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆز-‏ئۆزىنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىشىگە ۋە دانالىقنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏4)‏.‏

4،‏ 5.‏ ئا)‏ نېمە ئۈچۈن ئۆز-‏ئۆزىنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىش «يېڭى تە‌بىئە‌ت»نىڭ مۇ‌ھىم تە‌ركىبى قىسمى؟‏ ئە)‏ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قالساق،‏ نېمە ئۈچۈن روھىي چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ كە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

4 ھە‌قىقە‌تنى ياشتا ياشىنىپ قالغاندا بىلىپ-‏تونۇ‌شنى باشلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌ھۋالىمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشايدۇ.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ئۆزلىرىنى تىزگىنلە‌پ تە‌ربىيىلە‌پ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار روھىي جە‌ھە‌تتىن تېخى يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلار ئە‌مە‌س.‏ لېكىن «يېڭى تە‌بىئە‌تكە» يە‌نى يېڭى ئادە‌م بولۇ‌ش ئۈچۈن مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشقاندا،‏ ئۇ‌لار روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏23،‏ 24)‏.‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىش،‏ بىزگە «رە‌زىللىكنى ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى رە‌ت قىلىپ،‏ بۇ دۇ‌نيا تۈزۈلمىسى ئاستىدا خۇ‌داغا بولغان ساغلام پىكىرلىكنى،‏ ھە‌ققانىيلىقنى ھە‌م ۋاپادارلىقنى ساقلاپ ياشاشنى ئۆگىنىشكە» ياردە‌م بېرىدۇ (‏تىتقا 2:‏12)‏.‏

5 شۇ‌نداق،‏ بىز ھە‌ممىمىز گۇ‌ناھكار (‏ۋە‌ز 7:‏20)‏.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ئە‌گە‌ر خاتالىق ئۆتكۈزسە‌ك،‏ بۇ ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تىزگىنلە‌شتە مە‌غلۇ‌پ بولغانلىقىمىز ياكى ئۆز-‏ئۆزىمىزنى پۈتۈنلە‌ي تىزگىنلە‌پ تۈزىتە‌لمە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏16دە:‏ «ھە‌ققانىي يە‌تتە قېتىم يىقىلىپ چۈشە‌ر،‏ بىراق ئاخىرى يە‌نە ئورنىدىن تۇ‌رار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بىزگە ئورنۇ‌مىزدىن تۇ‌رۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئۆزىمىزنىڭ غە‌يرىتى ياكى ئىردىمىز ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ روھى ‏(‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏13نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ مېۋىسى ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىش ھە‌م ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بۇ پە‌زىلە‌ت ئۆز-‏ئۆزىنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىشكە بە‌ك ئوخشايدۇ.‏

توپ ئويناشنىڭ ئورنىغا،‏ ياش يىگىت دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتىدۇ

6.‏ خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ شاد-‏خۇ‌راملىق ۋە مە‌منۇ‌نلۇ‌ققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

6 دۇ‌ئا قىلىش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىش ۋە مۇ‌لاھىزە قىلىش ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز كىتاب ئوقۇ‌ش ئادىتىنى ئۇ‌زۇ‌ن يىل بۇ‌رۇ‌ن توختاتقاچ،‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ياكى تە‌تقىق قىلىشنى قىيىن كۆرسىڭىزچۇ؟‏ ھە‌رگىز ۋاز كە‌چمە‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئۆزىڭىز يە‌ھۋانىڭ ياردە‌م بېرىشىگە يول بە‌رسىڭىز،‏ ئۇ سىزنىڭ ئۇ‌نىڭ سۆزىگە بولغان تە‌شنالىقىڭىزنى كۈچە‌يتىدۇ (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏2)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىشقا ۋاقىتنى چىقىرىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋادىن ئۆز-‏ئۆزىڭىزنى تە‌رتىپكە سېلىشنى سوراڭ.‏ سىز دە‌سلە‌پتە تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن بىرنە‌چچە مىنۇ‌ت سە‌رپ قىلىشتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.‏ ئاستا-‏ئاستا بۇ ئاسانراق ۋە قىزىقارلىق بولىدۇ.‏ تىنچ بىر جايدا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش سىزنى شاد-‏خۇ‌راملىق ۋە مە‌منۇ‌نلۇ‌ققا ئېرىشتۈرىدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 4:‏15)‏.‏

7.‏ ئۆز-‏ئۆزىنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىش يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن پىلان قىلغان مە‌قسە‌تلىرىمىزگە يېتىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 ئۆز-‏ئۆزىنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىش يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن پىلان قىلغان مە‌قسە‌تلىرىمىزگە يېتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر بۇ‌رادە‌ر قىزغىنلىقنى يوقاتقانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى پىلان قىلغانىدى.‏ ئۆز-‏ئۆزىنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىش ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ژۇ‌رناللىرىمىزدىكى پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش ھە‌ققىدە ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ بۇ توغرىسىدا دۇ‌ئا قىلغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچە‌يگە‌ن.‏ يە‌نە،‏ پۇ‌رسە‌ت بولغاندا ياردە‌مچى پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسىمۇ،‏ ئۆزى پىلانلىغان مە‌قسە‌تكە يېتىشتىن ۋاز كە‌چمىگە‌ن.‏ كېيىن،‏ بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئۇ پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏

بالىلارنى يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ماس نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىڭ

دادىسى بالىسىنى ۋېلوسىپېد ھايداشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ

بالىلار ياخشى بىلە‌ن ياماننى پە‌رق ئېتىش قابىلىيىتى بىلە‌ن تۇ‌غۇ‌لمايدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار تە‌ربىيىگە مۇ‌ھتاج (‏8-‏ئابزايسقا قاراڭ)‏

8—‏10.‏ ئاتا-‏ئانىلارغا بالىلىرىنى يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىسى قىلىپ تە‌ربىيىلە‌شكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

8 ئاتا-‏ئانىغا:‏ «بالىلىرىڭلارنى.‏.‏.‏ يە‌ھۋا بۇ‌يرىغاندە‌ك تە‌ربىيىلە‌ڭلار ھە‌م نە‌سىھە‌ت بېرىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ق بېرىلگە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏4)‏.‏ ئە‌مما،‏ بۈگۈنكى كۈندە بۇ بۇ‌يرۇ‌قنى ئورۇ‌نداش بە‌ك قىيىن (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏1—‏5)‏.‏ بالا تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى بىلە‌نلا،‏ خۇ‌دا ئاتا قىلغان ۋىجدان بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار نېمىنىڭ ياخشى،‏ نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى بىلمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ۋىجدانى تە‌ربىيلىنىپ چىقىشى كېرە‌ك (‏رىملىقلارغا 2:‏14،‏ 15)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىدىغان بىر ئالىمنىڭ كۆرسىتىشىچە،‏ «تە‌ربىيىلە‌ش» ياكى «تۈزىتىش»،‏ دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى «بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى» بىلە‌ن باغلىنىشى بولغان.‏

9 ئاتا-‏ئانا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىپ بالىنى تۈزە‌تكە‌ندە،‏ بالا ئۆزىنى بېخە‌تە‌ر ھېس قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆز ئە‌ركىنلىكىنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئادە‌م ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن جاۋاپكار بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئېتىقادچى ئاتا-‏ئانىلارنىڭ بالىنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋانىڭ دانالىقىغا تايىنىشى ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ ياشايدىغان رايون،‏ مە‌دە‌نىيە‌ت پە‌رقى ۋە دە‌ۋىرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ،‏ بالا تە‌ربىيىلە‌ش ھە‌ققىدە ھە‌ر تۈرلۈك ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە ئۇ‌سۇ‌للار پە‌يدا بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان ئاتا-‏ئانىلار پە‌رزە‌نتلىرىنى قانداق تە‌ربىيىلە‌شنى بىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار ئىنسانلارنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى ياكى تە‌جرىبە-‏ساۋاقلىرىغا تايانمايدۇ.‏

10 نۇ‌ھنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا كېمە ياساشنى بۇ‌يرىغاندا،‏ نۇ‌ھ ئۇ‌نى قانداق ياساشنى بىلمىگە‌نىدى.‏ نۇ‌ھ يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ ئۇ كۆرسە‌تكە‌ن كۆرسە‌تمە بويىچە،‏ «نە‌ق شۇ‌نداق قىلدى» (‏يارىتىلىش 6:‏22)‏.‏ نە‌تىجىدە نېمە بولغان؟‏ كېمە كۆرسە‌تمە بويىچە پۈتۈپ،‏ نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى ئامان قالغان.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ نۇ‌ھ خۇ‌دانىڭ دانالىقىغا تايانغانلىقتىن،‏ ياخشى ئاتا بولغانىدى.‏ توپان سۈيىنىڭ ئالدىدىكى رە‌زىللىكە تولغان زاماندا بالا تە‌ربىيىلە‌ش قىيىن بولسىمۇ،‏ نۇ‌ھ بالىلىرىنى ياخشى تە‌ربىيىلە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن (‏يارىتىلىش 6:‏5)‏.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىلار بالىنى تە‌ربىيىلىگە‌ندە بارچە كۈچىنى چىقىرىشى كېرە‌ك؟‏

11 سىز ئاتا-‏ئانا بولسىڭىز،‏ «نە‌ق شۇ‌نداق» قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ يە‌ھۋاغا قۇ‌لاق سېلىڭ.‏ بالىلىرىڭىزنى تە‌ربىيىلە‌شتە خۇ‌دانىڭ ياردىمىگە تايىنىڭ.‏ خۇ‌دا سۆزىدىن ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىدىن كېلىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌ردىن پايدىلىنىپ بالىلىرىڭىزنى تە‌ربىيىلە‌ڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ بالىلىرىڭىز چوڭ بولغاندا،‏ قىلغانلىرىڭىزغا مىننە‌تدار بولىدۇ.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر:‏ «ئاتا-‏ئانام مېنى ھە‌قىقە‌تتە چوڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن چە‌كسىز مىننە‌تدارمە‌ن.‏ ئۇ‌لار قە‌لبىمگە تە‌سىر قىلىش ئۈچۈن،‏ قولىدىن كە‌لگىنىنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلغان»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقانىدى.‏ ئۇ‌نىڭ ئېيتىشىچە،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىغا ئاتا-‏ئانىسى ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌تتا،‏ ئاتا-‏ئانىلار تىرىشىپ بالىلىرىنى تە‌ربىيىلىسىمۇ،‏ بە‌زى بالىلار يە‌نىلا يە‌ھۋانىڭ يولىدا مېڭىشنى تاشلاپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئاتا-‏ئانا بالىنى ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىش ئۈچۈن بارچە كۈچىنى چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكە‌نلا بولسا،‏ ئۆزلىرىنى ئە‌يىبلىمە‌سلىكى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار يە‌نە كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە بالىسى يە‌ھۋانىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزمىسە بولىدۇ.‏

12،‏ 13.‏ ئا)‏ بالىسى جامائە‌تتىن ھە‌يدە‌لگە‌ن بولسا،‏ ئاتا-‏ئانا خۇ‌داغا بويسۇ‌نغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏ ئە)‏ ئاتا-‏ئانا خۇ‌داغا بويسۇ‌نغاندا،‏ پۈتكۈل ئائىلە قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئىگە بولالايدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

12 بالىسى جامائە‌تتىن ھە‌يدە‌لگە‌ن بە‌زى ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ش بە‌ك ئېغىر سىناق بولىدۇ.‏ جامائە‌تتىن ھە‌يدە‌لگە‌ن،‏ ئۆيدىن كېتىپ قالغان بىر قىزنىڭ ئانىسى:‏ «قىزىم ۋە نە‌ۋرە‌م بىلە‌ن ئالاقە قىلىشقا بىر ئامال-‏چارىلە‌ر تېپلىپ قالارمىكىن،‏ دە‌پ كىتاب-‏ماتېرىياللىرىمىزدىن بىر يوچۇ‌قلارنى ئىزدە‌پ خېلى تە‌تقىق قىلدىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭ يولدىشى قىزى يە‌ھۋانىڭ قولىدا ئىكە‌نلىكىنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ يە‌ھۋانىڭ قىزىغا تە‌نبىھ بېرىپ تۈزىتىشىگە ئارىلاشماي،‏ ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقانىدى.‏

13 كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ‌لارنىڭ قىزى جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ن.‏ ئانىسى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھازىر قىزىم ھە‌ر كۈنى ماڭا ئۇ‌چۇ‌ر ئە‌ۋە‌تىپ ياكى تېلېفون قىلىپ خە‌ۋە‌رلىشىپ تۇ‌رىدۇ!‏ بىز يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نغانلىقتىن،‏ ئۇ بىزنى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏ مۇ‌ناسىۋىتىمىز بولسا بە‌ك يېقىن».‏ ئە‌گە‌ر ئوغلۇ‌ڭىز ياكى قىزىڭىز جامائە‌تتىن ھە‌يدە‌لگە‌ن بولسا،‏ «پە‌رۋە‌ردىگارغا چىن قە‌لبىڭىز» دىن تايىنىپ،‏ «ئۆز ئە‌قلىڭىزگە» تايانمايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتە‌مسىز؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5،‏ 6)‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌ربىيىسى ئۇ‌نىڭ چە‌كسىز دانالىقىنى ھە‌م بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ڭ.‏ ئۇ ئۆز ئوغلىنى ھە‌ممە ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن،‏ سىزنىڭ بالىڭىز ئۈچۈن ھە‌م قۇ‌ربان قىلغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ!‏ خۇ‌دا ھە‌ممە ئادە‌منىڭ مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈشىنى خالايدۇ ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏9نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاتا-‏ئانىلار،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌ربىيە بېرىپ تۈزىتىشى ۋە ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئىشە‌نچ قىلىڭلار،‏ ھە‌تتا كۆڭلۈڭلار ئاغرىغان ھالە‌تتە ھە‌م ئۇ‌نىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېىڭلار.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌نبىھ بېرىپ تۈزىتىشىگە قارشى ھە‌رىكە‌ت قىلماي،‏ ئە‌كسىچە ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىڭلار.‏

جامائە‌تتە نە‌سىھە‌ت ۋە ياردە‌منى قوبۇ‌ل قىلىش

14.‏ يە‌ھۋا «سادىق چاكار» ئارقىلىق بېرىۋاتقان يېتە‌كچىلىك بىزنى قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

14 يە‌ھۋا ئېتىقادچىلار جامائىتىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى،‏ قوغداشنى ۋە تە‌لىم بېرىشنى ۋە‌دە قىلغان.‏ ئۇ بۇ‌نى ھە‌ر تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىغا جامائە‌تكە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى تاپشۇ‌رغان.‏ ئە‌يسا بولسا،‏ بىزگە ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان روھىي تاماقنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن «سادىق چاكار»نى تە‌يىنلىگە‌ن (‏لۇ‌قا 12:‏42)‏.‏ بۇ «سادىق چاكار» بىزگە قىممە‌ت-‏باھا مە‌سلىھە‌ت ۋە تە‌نبىھ-‏نە‌سىھە‌تنى بېرىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ قانداقتۇ بىر نۇ‌تۇ‌ق ياكى ژۇ‌رناللىرىمىزدىكى بىر ماقالە،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت ياكى ئوي-‏پىكرىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكى ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏!‏ ئە‌گە‌ر بار بولسا،‏ بۇ‌نىڭدىن خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولسىڭىز بولىدۇ،‏ سە‌ۋە‌بى سىز يە‌ھۋانىڭ ئۆزىڭىزنى شە‌كىلگە كە‌لتۈرۈشىگە ۋە تە‌ربىيىلە‌پ تۈزىتىشىگە يول قويۇ‌ۋاتىسىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 2:‏1—‏5)‏.‏

15،‏ 16.‏ ئا)‏ جامائە‌تتە ئاقساقاللارنىڭ خىزمىتىدىن پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ ئە)‏ ئاقساقاللار ئۆز خىزمىتىدىن خۇ‌رسە‌ن بولۇ‌شى ئۈچۈن ئۆز ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟‏

15 ئە‌يسا جامائە‌تكە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللارنى بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ‌لار «ھە‌دىيە‌لە‌ر سۈپىتىدە» بېرىلگە‌ن ئىنسانلار دە‌پ ئاتالغان (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 4:‏8،‏ 11—‏13)‏.‏ بۇ ھە‌دىيە‌لە‌ر يە‌نى ئاقساقاللارنىڭ خىزمىتىدىن قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ ئىشە‌نچى ۋە كۆرسە‌تكە‌ن ئۈلگىسىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنە‌ك قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسىدا بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك ‏(‏ئىبرانىيلارغا 13:‏7،‏ 17نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاقساقاللار بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىزنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتە ئۆسۈپ،‏ خۇ‌داغا يېقىنلىشىشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئۇ‌لار جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا كە‌لمە‌يۋاتقان ياكى قىزغىنلىقنى يوقاتقانلارنى ئارىمىزدا بايقىسا،‏ بىزگە دە‌رھال ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏ ئاقساقاللار بىزنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشايدۇ،‏ كېيىن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن دانا نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ياردىمىنى يە‌ھۋانىڭ سىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىسپاتى دە‌پ قارامسىز؟‏

16 ئاقساقاللارنىڭ بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىشى ئاسان ئىش ئە‌مە‌سلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ ئېغىر گۇ‌ناھىنى يوشۇ‌رماقچى بولغان داۋۇ‌ت پادىشاھ بىلە‌ن سۆزلىشىش كېرە‌ك بولغاندا،‏ ناتان پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟‏ (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسى 12:‏1—‏14)‏.‏ 12 ئە‌لچلە‌رنىڭ بىرى بولغان پېترۇ‌س يە‌ھۇ‌دىي ئېتىقادچىلارنى يات خە‌لقلە‌ردىن بولغان ئېتىقادچىلاردىن ئۈستۈن كۆرگىنى ئۈچۈن پاۋلۇ‌سنىڭ پېتروسقا نە‌سىھ بېرىشى ئاسان بولغانمۇ؟‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن پاۋلۇ‌سغا جە‌سۇ‌رلۇ‌ق كېرە‌ك بولغانىدى (‏گالاتىلىقلارغا 2:‏11—‏14)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاقساقاللارنىڭ سىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىىشى ئاسانراق بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ كە‌متە‌ر،‏ مىننە‌تدار ۋە تىڭشاشقا تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ياردىمىنى خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىپادىسى،‏ دە‌پ ھېسابلاڭ.‏ شۇ چاغدا،‏ سىزمۇ پايدىسىنى كۆرىسىز،‏ ئاقساقاللارمۇ ئۆز خىزمىتىنى خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن قىلىدۇ.‏

17.‏ ئاقساقاللار بىر قېرىندىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

17 بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئۆتمۈشتە بېشىدىن ئۆتكە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشى قىيىن بولغان ۋە قاتتىق ئازابلىنىپ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى كونترول قىلىىشى بە‌كمۇ قىيىن بولغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆزلىشىشىم كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ ئۇ‌لار مېنى ئە‌يىبلىمىدى ياكى تە‌نقىت قىلمىدى،‏ ئە‌كسىچە،‏ ماڭا ئىلھام بېرىپ،‏ ئىشە‌نچىمنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىدى.‏ ئاقساقاللارنىڭ ئىشلىرى قانچىلىك كۆپ بولسىمۇ،‏ ھە‌ربىر يىغىلىشتىن كېيىن ئۇ‌لارنىڭ بىرسى كېلىپ،‏ ئە‌ھۋالىمنى سوراپ تۇ‌ردى.‏ ئۆتمۈشتە بولغان ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ تە‌سىرىدىن ئۆزۈمنى خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە مۇ‌ناسىپ ئە‌مە‌ستە‌ك سە‌زدىم.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا ئاقساقاللار ۋە جامائە‌ت ئارقىلىق مېنى ئۆز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە قايتا-‏قايتا ئىشە‌ندۈردى.‏ مە‌ن يە‌ھۋادىن ھە‌رگىز ئايرىلماسلىق ئۈچۈن دۇ‌ئادا يالۋۇ‌رىمە‌ن».‏

تۈزىتىشتىنمۇ ئېغىر ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كېلىدىغان ئىش

18،‏ 19.‏ تۈزىتىشتىنمۇ ئېغىر ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كېلىدىغان قانداق ئىش بار؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

18 تە‌بىھ بېرىپ تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلىش ئېغىر كېلىشى مۇ‌مكىن،‏ لېكىن خۇ‌دانىڭ تۈزىتىشىنى رە‌ت قىلىشنىڭ ئاقىۋېتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 12:‏11)‏.‏ بىز قابىل ۋە زە‌دە‌كىيا پادىشاھنىڭ ۋە‌قە‌لىرىدىن ساۋاق ئالالايمىز.‏ خۇ‌دا قابىلنىڭ ئىنىسىغا بولغان ئۆچمە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى:‏ «نېمىشقا سە‌ن ئاچچىقلىنىسە‌ن ھە‌م نېمىشقا چىرايىڭ بۇ‌زۇ‌لدى؟‏ ئە‌گە‌ر ياخشىلىق قىلساڭ،‏ ياقتۇ‌رماي قالىمە‌نمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ياخشىلىق قىلمىساڭ،‏ گۇ‌ناھ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇ‌رىدۇ ۋە ئۇ ساڭا ئىگە بولماقچى،‏ لېكىن سە‌ن ئۇ‌نىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلامسە‌ن؟‏»—‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رغانىدى (‏يارىتىلىش 4:‏6،‏ 7)‏.‏ قابىل يە‌ھۋانىڭ تۈزىتىشىنى رە‌ت قىلىپ،‏ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگە‌ن.‏ ئاقىۋە‌تتى بولسا،‏ بىر ئۆمۈر ئاچچىق ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ئىچىدە ياشىغان (‏يارىتىلىش 4:‏11،‏ 12)‏.‏ خۇ‌دانىڭ نە‌سىھىتىنى ئاڭلىغان بولسا،‏ قابىل شۇ‌نداق ئاقىۋە‌تكە قالمايتتى.‏

19 زە‌دە‌كىيا كۈچسىز ۋە رە‌زىل پادىشاھ بولغان.‏ ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا يېرۇ‌سالىمنىڭ ئە‌ھۋالى بە‌ك ناچار ئىدى.‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌نىڭغا رە‌زىل ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن قول ئۈزۈشى كېرە‌كلىكىنى قايتا-‏قايتا ئە‌سكە‌رتكە‌نىدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن نە‌سىھە‌تنى يە‌نى تۈزىتىشنى قوبۇ‌ل قىلماي،‏ نە‌تىجىدە زە‌دە‌كىيا پاجىئە‌لىك ئاقىۋە‌تكە دۇ‌چار بولغان (‏يە‌رە‌مىيا 52:‏8—‏11)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ بىكاردىن-‏بىكار ئازاپ چېكىشىمىزنى خالىمايدۇ!‏ ‏(‏يە‌شايا 48:‏17،‏ 18نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

20.‏ خۇ‌دانىڭ بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلغانلار بىلە‌ن ئۇ‌نى رە‌ت قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟‏

20 بۈگۈنكى كۈندە بۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا كۆپ ئادە‌م خۇ‌دانىڭ نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىشىنى زاڭلىق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بېپە‌رۋالىق قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ پات-‏ئارىدا خۇ‌دانىڭ نە‌سىھە‌ت بېرىپ تۈزىتىشىنى رە‌ت قىلغانلار ھە‌ممىسى پاجىئە‌لىك ئاقىۋە‌تكە دۇ‌چا بولىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏24—‏31)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ تە‌نبىھ-‏نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ دانا بولايلى.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏13تە يېزىلغاندە‌ك،‏ «تە‌ربىيىنى چىڭ تۇ‌تۇ‌پ،‏ قولىمىزدىن كە‌تكۈزمە‌يلى،‏ ئۇ‌نى ئۇ‌بدان ئامانە‌ت قىلايلى،‏ چۈنكى ئۇ —‏ بىزنىڭ ھاياتىمىزدۇ‌ر!‏»‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تىزگىنلە‌پ تە‌ربىيىلە‌ش ئۆزۈمىزنى باشقۇ‌رۇ‌پ،‏ تۈزىتىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ بىزگە ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىپ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن پىشىپ يېتىلىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىش جە‌دۋىلىمىزنى ياخشى تۈزۈش ۋە روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىش ئۈچۈن،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزنى تىزگىنلە‌پ تۈزىتىشكە،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش