كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاپرېل 3-‏8 ب.‏
  • ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئاپىرىدىغان يول

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئاپىرىدىغان يول
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئادە‌ملە‌ر ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولغان چاغ
  • ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىكتىن قانداق ئايرىلىپ قالدۇ‌ق؟‏
  • ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە قانداق ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏
  • ئە‌ركىنلىكنىڭ خۇ‌داسى بولغان يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ياشلار،‏ ياراتقۇ‌چىڭلار خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌شۇ‌ڭلارنى خالايدۇ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاپرېل 3-‏8 ب.‏
ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا ئېرە‌م بېغىدا

ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئاپىرىدىغان يول

‏«دېمە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر ئوغۇ‌ل سىلە‌رنى ئازات قىلسا،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌ركىن بولىسىلە‌ر» (‏يوھاننا 8:‏36)‏.‏

ناخشىلار:‏ 32،‏ 52

چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌مسىز؟‏

  • نىسبىي ئە‌ركىنلىك دېگە‌ن نېمە؟‏

  • ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىكتىن قانداق قىلىپ مە‌ھرۇ‌م بولدۇ‌ق؟‏

  • ئە‌يسا قانداق ئە‌ركىنلىكنى ۋە‌دە قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭغا قانداق ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ ئە‌ركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر نېمە قىلماقتا؟‏ ئە)‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق؟‏

بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن يە‌رلە‌ردىكى ئادە‌ملە‌ر باراۋە‌ر ھوقۇ‌ق ۋە ئە‌ركىنلىك توغرىسىدا پات-‏پات سۆزلە‌يدۇ.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئادالە‌تسىزلىك،‏ كە‌مسىتىش ۋە نامراتچىلىقتىن ئازات بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏ يە‌نە باشقىلىرى سۆز ئە‌ركىنلىگى،‏ تاللاش ئە‌ركىنلىكى ۋە ئۆزلىرى خالىغاندە‌ك ياشاش ھوقۇ‌قى ئۈچۈن كۈرە‌ش قىلىشىدۇ.‏ ھە‌ر تۈرلۈك جايلاردىكى ئادە‌ملە‌ر ئە‌ركىن بولۇ‌شنى خالايدۇ.‏

2 ئازاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر نامايىشلارغا چىقىپ،‏ ھە‌تتا ھۆكۈمە‌تكە قارشى ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىدۇ.‏ ئە‌مما ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۆز مە‌قسىتىگە يېتە‌لە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ ئادە‌تتە مۇ‌نداق ھە‌رىكە‌تلە‌ر تېخىمۇ كۆپ قايغۇ ئە‌كېلىپ،‏ ھە‌تتا ئۆلۈمگە ئاپىرىدۇ.‏ بۇ سۇ‌لايمان پادىشانىڭ ۋە‌ز 8:‏9دىكى سۆزلىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ:‏ «ئادە‌منىڭ ئادە‌م ئۈستىگە ھوقۇ‌ق تۇ‌تقانلىقى ئۆز-‏ئۆزىگە زىيان».‏

3.‏ ھە‌قىقىي بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقىي بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكى يېزىلغان.‏ شاگىرت ياقۇ‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كىم ئە‌ركىنلىكنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل قانۇ‌نىغا زېھىن قويۇ‌پ قارىسا ھە‌م ئۇ‌نىڭدا قالسا،‏.‏.‏.‏ بە‌ختلىك بولىدۇ» (‏ياقۇ‌پ 1:‏25)‏.‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل قانۇ‌ننى يە‌ھۋا ئورنىتىدۇ ۋە ئۇ ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە نېمە كېرە‌كلىكىنى ھە‌ممىسىدىن ياخشى بىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىغا ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىكنى بە‌ردى.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لار بە‌ختلىك بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ كېرە‌كلىك بولغان ھە‌ممە نە‌رسە بىلە‌ن تە‌مىنلىدى.‏

ئادە‌ملە‌ر ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولغان چاغ

4.‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىنىڭ قانداق ئە‌ركىنلىكى بولدى؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

4 بىز يارىتىلىش كىتاۋىنىڭ 1،‏ 2-‏باپلىرىدىن ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىدا قانداق ئە‌ركىنلىك بولغانلىقىنى بىلىمىز.‏ بۈگۈن مۇ‌نداق ئە‌ركىنلىك ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن ئارمانلا،‏ خالاس.‏ ئادە‌م ئاتا ۋە ھاۋا ئانىدا ھاجە‌تلىك نە‌رسىنىڭ ھە‌ممىسى بولدى،‏ ئۇ‌لار ھېچنېمىدىن قورقمىغان،‏ ھېچقانداق ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چرىمىغان.‏ ئۇ‌لار تاماق،‏ ئىش،‏ ئاغرىق ۋە ئۆلۈم ھە‌ققىدە ئە‌نسىرىمىگە‌ن (‏يارىتىلىش 1:‏27—‏29؛‏ 2:‏8،‏ 9،‏ 15)‏.‏ لېكىن ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ركىنلىكى چە‌كسىز بولدىمۇ؟‏ كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا ئېرە‌م بېغىدا

5.‏ كۆپچىلىك بۇ‌نىڭ بىلە‌ن كېلىشمىسىمۇ،‏ ئادە‌ملە‌ر ئە‌ركىن بولۇ‌شى ئۈچۈن نېمە ھاجە‌ت؟‏

5 كۆپ ئادە‌م ئاقىۋېتى توغرىسىدا ئويلىماي،‏ خالىغان نە‌رسىسىنى قىلىش —‏ بۇ ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىك دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بىر قامۇ‌ستا ئە‌ركىنلىك سۆزى «قارار قىلىش ۋە ئۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش قابىلىيىتى» دە‌پ چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭدا ھۆكۈمە‌ت ئورناتقان چە‌كلىمىلە‌ر ئادالە‌تسىز،‏ ھاجە‌تسىز ۋە ئاساسسىز بولمىسا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌ركىن بولىدىغانلىقىمۇ يېزىلغان (‏«‏The World Book Encyclopedia‏»)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ھە‌ربىر ئادە‌منىڭ ئە‌ركىن بولۇ‌شى ئۈچۈن قانداقتۇ بىر چە‌كلىمىلە‌ر كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نداقتا چە‌كلىمىلە‌رنىڭ قايسىسى ئادالە‌تلىك،‏ ھاجە‌تلىك ۋە ئورۇ‌نلۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلىشقا كىمنىڭ ھوقۇ‌قى بار؟‏

6.‏ ئا)‏ نېمە ئۈچۈن پە‌قە‌ت يە‌ھۋا چە‌كسىز ئە‌ركىنلىككە ئىگە؟‏ ئە)‏ ئادە‌ملە‌ر قانداق ئە‌ركىنلىككە ئىگە ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

6 پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دا چە‌كسىز،‏ تولۇ‌ق ئە‌ركىنلىككە ئىگە ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز مۇ‌ھىم.‏ سە‌ۋە‌ۋى ئۇ ھە‌ممىسىنى ياراتتى ۋە ئۇ جاھاننىڭ كۈچ قۇ‌درە‌تلىك ئېگىسى (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 1:‏17؛‏ ۋە‌ھىي 4:‏11)‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋانىڭ دە‌رىجىسىنى بە‌ك چىرايلىق سۆزلە‌ر بىلە‌ن تە‌سۋىرلىگە‌ن ‏(‏تارىخنامە 1-‏يازما 29:‏11،‏ 12نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ لېكىن يە‌ر بىلە‌ن ئاسماندىكى ھە‌ممە مە‌ۋجۇ‌داتلارنىڭ ئە‌ركىنلىكى چە‌كلىك.‏ بۇ —‏ نىسبىي ئە‌ركىنلىك.‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دا چە‌كلىمىلە‌رنىڭ قايسىسى ئادالە‌تلىك،‏ ھاجە‌تلىك ۋە ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلىشقا ھوقۇ‌قلۇ‌ق.‏ ئىنسانىيە‌تنى يارىتىشتىن باشلاپ،‏ يە‌ھۋا ئۆز مە‌ۋجۇ‌داتلىرىنىڭ ئە‌ركىنلىكىنى چە‌كلىگە‌ن.‏

7.‏ بىز قىلىدىغان قانداق ئىشلار بىزنى خۇ‌شال قىلىدۇ؟‏

7 ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا ئە‌ركىن بولسىمۇ،‏ ئە‌ركىنلىكى چە‌كلىك بولغان.‏ بە‌زى چە‌كلىمىلە‌ر ئۇ‌لار ئۈچۈن تە‌بىئىي نە‌رسە بولغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياشاش ئۈچۈن ئۇ‌لارغا نە‌پە‌سلىنىش،‏ ئوزۇ‌قلىنىش ۋە ئۇ‌خلاش كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ركىنلىكى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا بۇ نە‌رسىلە‌ر ئۇ‌لارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قانائە‌ت ئە‌كېلىدىغاندە‌ك ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏14،‏ 15؛‏ ۋە‌ز 3:‏12،‏ 13)‏.‏ ھە‌ممىمىزگە تازا ھاۋا بىلە‌ن نە‌پە‌س ئېلىش،‏ ئۆزۈمىز ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى يېيىش ۋە تۈندە ئۇ‌يقۇ‌مىزنى قاندۇ‌رۇ‌ش ياقىدۇ.‏ بۇ‌لارنى قىلغاندا ئۆزۈمىزنى چە‌كلە‌نگە‌ندە‌ك ھېس قىلمايمىز.‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىمۇ شۇ‌نداق ھېس قىلمىغان.‏

8.‏ خۇ‌دا ئادە‌م ئاتىغا ۋە ھاۋا ئانىغا قانداق ئېنىق بۇ‌يرۇ‌ق بە‌ردى ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

8 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىغا ئېنىق بۇ‌يرۇ‌ق بە‌ردى.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا بالىلىق بولۇ‌پ،‏ يە‌رنى تولدۇ‌رۇ‌شنى ۋە ئۇ‌نىڭغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى تاپشۇ‌رغان (‏يارىتىلىش 1:‏28)‏.‏ بۇ بۇ‌يرۇ‌ق ئىنسانلارنىڭ ئە‌ركىنلىكىنى چە‌كلىگە‌نمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ بۇ ئۇ‌لارغا پۈتۈن يە‌رنى جە‌ننە‌تكە،‏ يە‌نى مۇ‌كە‌ممە‌ل بالىلىرى بىلە‌ن مە‌ڭگۈ ياشالايدىغان جايغا،‏ ئايلاندۇ‌رۇ‌شقا مۇ‌مكىنچىلىك بە‌ردى.‏ بۇ خۇ‌دانىڭ نىيىتى بولغان (‏يە‌شايا 45:‏18)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىرسى نىكاھ قۇ‌رماسلىققا ياكى بالىلىق بولماسلىققا قارار قىلسا،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە قارشى يول تۇ‌تقانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ توي قىلىشنى ياكى بالىلىق بولۇ‌شنى تاللايدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏36—‏38)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى ئۇ‌لار بە‌خت ۋە قانائە‌تكە ئېرىشىشكە ئىنتىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 127:‏3)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌م ئاتا ۋە ھاۋا ئانا خۇ‌داغا ئىتائە‌تچان بولغان بولسا،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلىسى بىلە‌ن مە‌ڭگۈ ھۇ‌زۇ‌رلىناتتى.‏

ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىكتىن قانداق ئايرىلىپ قالدۇ‌ق؟‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن يارىتىلىش 2:‏17دىكى بۇ‌يرۇ‌ق ئادالە‌تسىز،‏ ھاجە‌تسىز ۋە ئاساسسىز بولمىغان؟‏

9 يە‌ھۋا ئادە‌م ئاتا ۋە ھاۋا ئانىغا يە‌نە بۇ‌يرۇ‌ق بېرىپ،‏ ئۇ‌لار ئىتائە‌ت قىلمىسا،‏ نېمە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق ئېيتقان:‏ «ئامما ياخشى بىلە‌ن ياماننى تونۇ‌تىدىغان دە‌رە‌قتىن يېمە،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭدىن يېگە‌ن كۈنىلا چوقۇ‌م ئۆلىسە‌ن» (‏يارىتىلىش 2:‏17)‏.‏ بۇ بۇ‌يرۇ‌ق ئادالە‌تسىز،‏ ھاجە‌تسىز ۋە ئاساسسىز بولغانمۇ؟‏ بۇ ئادە‌م ئاتا ۋە ھاۋا ئانىنى ئە‌ركىنلىكتىن مە‌ھرۇ‌م قىلدىمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ كۆپ دىنشۇ‌ناسلار خۇ‌دانىڭ بۇ‌يرۇ‌قى بە‌ك دانا ۋە ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق بولغان دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ بىر مۇ‌تە‌خە‌سسىسنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بۇ بۇ‌يرۇ‌ق ««پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ.‏.‏.‏ ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن نېمىنىڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى ۋە پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ.‏.‏.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن نېمىنىڭ ياخشى ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى» كۆرسىتىدۇ.‏ «ياخشى» نە‌رسىلە‌رنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر خۇ‌داغا ئىشىنىپ،‏ بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر بويسۇ‌نمىسا،‏ نېمىنىڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى.‏.‏.‏ ۋە نېمىنىڭ ياخشى ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلاتتى».‏ ئە‌مما ئىنسانىيە‌ت بۇ يۈكنى كۆتىرە‌لمە‌يدۇ.‏

ھاۋا ئانا ئادە‌م ئاتىغا مېۋىنى بېرىۋاتىدۇ؛‏ ئۇ‌لارنىڭ بويسۇ‌نماسلىقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋېتى

ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىنىڭ تاللىشى پاجىئە‌گە ئېلىپ كە‌لدى!‏ (‏9—‏12 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن تاللاش ئە‌ركىنلىكى ھە‌م نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇ‌قى ئوخشاش نە‌رسە ئە‌مە‌س؟‏

پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇ‌قى بار

10 بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋا ئادە‌م ئاتىغا خالىغان نە‌رسىلە‌رنى قىلىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلمىغان دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ ئە‌مما بۇ ئادە‌ملە‌ر تاللاش ئە‌ركىنلىكىنىڭ نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇ‌قىدىن پە‌رقلىنىدىغانلىقىنى چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ ئادە‌م ئاتا ۋە ھاۋا ئانا خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شنى ياكى بويسۇ‌نماسلىقنى تاللاش ئە‌ركىنلىكىگە ئىگە بولغان.‏ لېكىن،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ نېمىنىڭ ياخشى نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇ‌قى بار.‏ «ياخشى بىلە‌ن ياماننى تونۇ‌تىدىغان دە‌رە‌ق» ئادە‌م ئاتا ۋە ھاۋا ئانا ئۈچۈن بۇ‌نىڭ ئىسپاتى بولغان (‏يارىتىلىش 2:‏9)‏.‏ تاللىشىمىزنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بولىدىغانلىقىنى دائىم بىلىۋە‌رمە‌يمىز ۋە نە‌تىجىسى ھە‌رقاچان ياخشى بولىدۇ دە‌پمۇ ئېيتالمايمىز.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئادە‌ملە‌ر پات-‏پات ياخشى نىيە‌ت بىلە‌ن قارار قىلسىمۇ،‏ بۇ ئازاپ-‏ئوقۇ‌بە‌ت ۋە قايغۇ ھە‌سرە‌تكە ئېلىپ كېلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏12)‏.‏ راستىنلا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۈچى چە‌كلە‌نگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئادە‌م ئاتا ۋە ھاۋا ئانىغا بۇ دە‌رە‌قنىڭ مېۋىسىنى يېمە‌ڭلار،‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلىش ئارقىلىق ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تتى.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار نېمە قىلىشنى قارار قىلغان؟‏

11،‏ 12.‏ نېمە ئۈچۈن ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىنىڭ قارارى پاجىئە‌گە ئە‌كە‌لدى؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

11 مىڭ ئە‌پسۇ‌سكى،‏ بىرىنچى ئە‌ر-‏ئايال يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نماسلىقنى تاللىدى.‏ ھاۋا ئانا شە‌يتاننىڭ:‏ «كۆزلىرىڭلار ئېچىلىدۇ ۋە سىلە‌ر ياخشى ۋە ياماننى بىلىدىغان خۇ‌دادە‌ك بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن ۋە‌دىسىگە ئىشە‌ندى (‏يارىتىلىش 3:‏5)‏.‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىنىڭ تاللىشى،‏ شە‌يتان ئېيتقاندە‌ك،‏ ئۇ‌لارغا كۆپرە‌ك ئە‌ركىنلىك ئە‌كە‌لدىمۇ؟‏ ياق،‏ ئە‌كە‌لمىدى.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ رە‌ھبە‌رلىكىنى رە‌ت قىلغانلىقى ھە‌سرە‌تكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندى (‏يارىتىلىش 3:‏16—‏19)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى يە‌ھۋا نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلىشقا ئە‌ركىنلىك بە‌رمىگە‌ن ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏24؛‏ يە‌رە‌مىيا 10:‏23نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

12 مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌چقۇ‌چىنى ئالايلى.‏ مە‌قسە‌ت قىلغان يېرىگە ئامان-‏ئېسە‌ن يېتىش ئۈچۈن ئۇ بە‌لگۈلە‌نگە‌ن يۆنىلىش بىلە‌ن ماڭىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ئايروپلاندىكى يول باشلاش قوراللىرىنى پايدىلىنىدۇ ۋە ئاۋىئاتسىيە باشقۇ‌رۇ‌ش سۇ‌پىسى بىلە‌ن ئالاقىلىشىپ،‏ كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌چقۇ‌چى كۆرسە‌تمىلە‌رگە سە‌ل قاراپ،‏ ئۆزى خالىغان يە‌رگە ئۇ‌چسا،‏ بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە‌گە ئە‌كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئادە‌م ئاتا ۋە ھاۋا ئانا شۇ‌نداق ئۇ‌چقۇ‌چىغا ئوخشاش،‏ ئۆزلىرى خالىغاندە‌ك ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ رە‌ھبە‌رلىگىنى رە‌ت قىلغان.‏ نە‌تىجىسىدە،‏ ئۇ‌لار ھە‌سرە‌ت چە‌كتى.‏ ئۇ‌لارنىڭ قارارى ئۆزلىرىنىمۇ،‏ ئە‌ۋلاتلىرىنىمۇ گۇ‌ناھ بىلە‌ن ئۆلۈمگە ئە‌كە‌لدى (‏رىملىقلارغا 5:‏12)‏.‏ ئادە‌م ئاتا ۋە ھاۋا ئانا نېمىنىڭ يامان ۋە نېمىنىڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلماقچى بولۇ‌پ،‏ كۆپرە‌ك ئە‌ركىنلىككە ئېرىشمىدى.‏ ئە‌كسىچە،‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىكتىن ئايرىلىپ قالدى.‏

ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە قانداق ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

13،‏ 14.‏ ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە قانداق ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

13 بە‌زى ئادە‌ملە‌ر چە‌كسىز ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولساق،‏ ئاجايىپ ياخشى بولاتتى دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداقمۇ؟‏ ئە‌ركىنلىكنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرى كۆپ،‏ لېكىن ھېچقانداق چە‌كلىمىلە‌ر بولمىسا،‏ دۇ‌نيا بىلە‌ن نېمە بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ژۇ‌قۇ‌رىدا تىلغا ئېلىنغان قامۇ‌سقا ماس،‏ ھە‌رقانداق جە‌مئىيە‌ت تۈزۈلمىسىدە بە‌لگىلە‌نگە‌ن قانۇ‌نلار بە‌ك مۇ‌رە‌ككە‌پ،‏ چۈنكى قانۇ‌نلار بىر تە‌رە‌پتىن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌ركىنلىكىنى قوغدىشى،‏ باشقا تە‌رە‌پتىن چە‌كلە‌پ تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك.‏ بۇ ھە‌ردائىم ئاسان ئە‌مە‌س.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىنمۇ،‏ قانۇ‌نلارنى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارنى قوللىنىشقا تىرىشىدىغان قانۇ‌نشۇ‌ناسلار ۋە سوتچىلارنىڭ سانى بە‌كمۇ كۆپ.‏

14 ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە قانداق ئېرىشىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ ئۇ:‏ «ئە‌گە‌ر مېنىڭ سۆزۈمگە ئە‌مە‌ل قىلساڭلار،‏ شۇ‌ندا ھە‌قىقە‌تە‌ن مېنىڭ شاگىرتلىرىم بولىسىلە‌ر.‏ سىلە‌ر ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ-‏بىلىسىلە‌ر،‏ ۋە ھە‌قىقە‌ت سىلە‌رنى ئازاتلىققا چىقىرىدۇ»،‏—‏ دىدى (‏يوھاننا 8:‏31،‏ 32)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ئىككى نە‌رسىنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىرىنچىدىن،‏ ئە‌يسا ئۆگە‌تكە‌ن ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشىمىز زۆرۈر.‏ ئىككىنچىدىن،‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتى بولۇ‌شىمىز لازىم.‏ بۇ ئىشلارنى قىلىش —‏ ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان يول.‏ بىز نېمىدىن ئە‌ركىن بولىمىز؟‏ ئە‌يسا:‏ «گۇ‌ناھ قىلغان ھە‌ربىر كىشى —‏ گۇ‌نانىڭ قۇ‌لىدۇ‌ر.‏.‏.‏ ئە‌گە‌ر ئوغۇ‌ل سىلە‌رنى ئازات قىلسا،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌ركىن بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يوھاننا 8:‏34،‏ 36)‏.‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ۋە‌دە قىلغان ئە‌ركىنلىك بىزنى ھە‌قىقە‌تە‌ن ئازات قىلالايدۇ؟‏

15 ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا ۋە‌دە قىلغان ئە‌ركىنلىك بۈگۈن ئادە‌ملە‌ر خالايدىغان ئە‌ركىنلىكتىن نە‌قە‌دە‌ر ياخشى.‏ «ئە‌گە‌ر ئوغۇ‌ل سىلە‌رنى ئازات قىلسا،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌ركىن بولىسىلە‌ر» دېگە‌ندە،‏ ئە‌يسا گۇ‌نانىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن،‏ يە‌نى ئىنسانىيە‌تنىڭ بېشىغا چۈشكە‌ن ئە‌ڭ ئېغىر قۇ‌للۇ‌قتىن،‏ ئازات بولۇ‌ش ھە‌ققىدە ئېيتقان.‏ بىز قايسى مە‌نىدە گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدا؟‏ گۇ‌ناھ بىزنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئىشتىرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ بىزگە توغرا دە‌پ بىلىدىغان نە‌رسىلە‌رنى ۋە قولىمىزدىن كە‌لگىنىنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىشقا توسالغۇ قىلىدۇ.‏ گۇ‌ناھلىرىمىز تۈپە‌يلىدىن روھىمىز چۈشىدۇ،‏ قايغۇ‌رىمىز،‏ ئازاپ چېكىمىز ۋە ئاخىرى ئۆلۈمىز (‏رىملىقلارغا 6:‏23)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ‌نى باشتىن كە‌چۈرۈپ،‏ گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدا بولۇ‌ش قانچىلىك كۆپ ئازاپ ئە‌كېلىدىغانلىقىنى سە‌زگە‌ن ‏(‏رىملىقلارغا 7:‏21—‏25نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ گۇ‌ناھ پۈتۈنلە‌ي يوق بولغاندىن كېيىنلا بىز ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىدا بولغان ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏

16.‏ بىز قانداقلارچە ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌ركىن بولالايمىز؟‏

16 «ئە‌گە‌ر مېنىڭ سۆزۈمگە ئە‌مە‌ل قىلساڭلار» دېگە‌ن سۆزلىرىدىن كۆرۈنگە‌ندە‌ك،‏ ئە‌يسانىڭ بىزنى ئازات قىلىشىنى خالىساق،‏ ئۆز تە‌رىپىمىزدىن كۈچ چىقىرىپ ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭغا نېمە كىرىدۇ؟‏ بېغىشلانغان مە‌سىھىيلە‌ر سۈپىتىدە بىز ئۆزۈمىزدىن ۋاز كېچىپ،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىغا قويغان چە‌كلىمىلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شقا قارار قىلدۇ‌ق (‏مە‌تتا 16:‏24‏)‏.‏ ئە‌يسا ۋە‌دە قىلغاندە‌ك،‏ كە‌لگۈسىدە بىز تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ تولۇ‌ق پايدىسىنى كۆرۈپ،‏ ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئېرىشىمىز.‏

17.‏ ئا)‏ قانداق قىلىپ بىز ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌ختلىك بولالايمىز؟‏ ئە)‏ كېلە‌ركى ماقالىدە نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

17 ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌خت-‏سائادە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ بىز ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى سۈپىتىدە ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ نە‌تىجىسىدە گۇ‌ناھ بىلە‌ن ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن پۈتۈنلە‌ي ئازات بولالايمىز ‏(‏رىملىقلارغا 8:‏1،‏ 2،‏ 20،‏ 21نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە بىز قولىمىزدا بار ئە‌ركىنلىكنى دانالىق بىلە‌ن قوللىنىشنى ئۆگىنىمىز.‏ شۇ چاغدا ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىكنىڭ خۇ‌داسى بولغان يە‌ھۋانى مە‌ڭگۈ مە‌دھىيىلە‌لە‌يمىز.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسىدە نىسبىي ياكى چە‌كلىك ئە‌ركىنلىك بار.‏ بىزدە تاللاش ئە‌ركىنلىكى بولسىمۇ،‏ بىز نېمىنىڭ ياخشى ۋە نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلالمايمىز

  • گۇ‌ناھ قىلغاندىن ئاۋۋال،‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌ش كېرە‌ك بولسىمۇ،‏ ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى بولغاندا،‏ ئۇ بىزنى ئازات قىلىدۇ.‏ كېلە‌چە‌كتىكى جە‌ننە‌تتە بىز ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌ركىن بولۇ‌پ،‏ گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن پۈتۈنلە‌ي ئايرىلىمىز

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش