كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاپرېل 9-‏14 ب.‏
  • ئە‌ركىنلىكنىڭ خۇ‌داسى بولغان يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلايلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئە‌ركىنلىكنىڭ خۇ‌داسى بولغان يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلايلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا بېرىدىغان ئە‌ركىنلىك بە‌ك باھالىق
  • خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلساق،‏ ئە‌ركىنلىكىمىزنى دانا قوللىنىمىز
  • ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىككە ئاپىرىدىغان يول
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاپرېل 9-‏14 ب.‏
ياش قېرىنداش پېشقە‌دە‌م بولۇ‌شقا ئىلتىماس خېتىنى بېرىۋاتىدۇ،‏ پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ۋاتىدۇ،‏ چە‌تئە‌ل تىلنى ئۆگىنىۋاتىدۇ،‏ كېيىن باشقا دۆلە‌تتە خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ

ئە‌ركىنلىكنىڭ خۇ‌داسى بولغان يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلايلى

‏«يە‌ھۋا خۇ‌دا —‏ روھ،‏ يە‌ھۋانىڭ روھى بولغان جايدا ئە‌ركىنلىك باردۇ‌ر» (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 3:‏17)‏.‏

ناخشىلار:‏ 11،‏ 137

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ روھى قايسى مە‌نىدە ئە‌ركىنلىك بېرىدۇ؟‏

  • ئە‌ركىنلىكىمىزنى ناتوغرا ئىشلىتىشتىن قانداق نېرى تۇ‌رالايمىز؟‏

  • ئە‌ركىنلىكىمىزنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌ركىنلىك ۋە قۇ‌للۇ‌ق پاۋلۇ‌سنىڭ زامانىدا مۇ‌ھىم بىر مە‌سىلە بولغان؟‏ ئە)‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئېيتىشىچە ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىكنىڭ مە‌نبە‌سى كىم؟‏

دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌ر رىم ئىمپېرىيىسىدە ياشىغانىدى.‏ شۇ يە‌ردە ياشىغان ئادە‌ملە‌ر رىملىقلارنىڭ قانۇ‌ن،‏ سوت تۈزۈمى ۋە ئە‌ركىنلىكىدىن بە‌ك پە‌خىرلە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئېغىر ئىشنىڭ كۆپىنچىسىنى قۇ‌للار قىلغانىدى.‏ بىر ۋاقىتتا،‏ رىم ئىمپېرىيىسىدىكى ئۈچ ئادە‌منىڭ بىرى قۇ‌ل بولغان.‏ ئە‌ركىنلىك ۋە قۇ‌للۇ‌ق مە‌سىلىسى ئاددىي خە‌لىقنى،‏ شۇ جۈملىدىن مە‌سىھىيلە‌رنىمۇ قىزىقتۇ‌رغان.‏

2 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌ركىنلىك ھە‌ققىدە پات-‏پات يازغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ شۇ ۋاقىتتا ياشىغان كۆپ ئادە‌ملە‌رگە ئوخشاش،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى مە‌سىلىلە‌رنى ھە‌ل قىلىشقا تىرىشمىغان.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ پاۋلۇ‌س ۋە باشقا مە‌سىھىيلە‌ر كۆپ تە‌ر تۆكۈپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى قانچىلىك قىممە‌ت-‏باھالىق ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س مە‌سىھىيلە‌رگە ھە‌قىقىي ئە‌ركىنلىكنىڭ مە‌نبە‌سى كىم ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ ئۇ:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا —‏ روھ،‏ يە‌ھۋانىڭ روھى بولغان جايدا ئە‌ركىنلىك باردۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 3:‏17)‏.‏

3،‏ 4.‏ ئا)‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 3:‏17نىڭ ئالدىدىكى ئايە‌تلە‌ردە پاۋلۇ‌س نېمە ھە‌ققىدە ئېيتقان؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

3 پاۋلۇ‌س كورىنتلىقلارغا يازغان ئىككىنچى خېتىدە مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر سىناي تېغىدىن چۈشكە‌ندە نېمە بولغانلىقىنى ئېيتقان.‏ شۇ يە‌ردە يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌سا بىلە‌ن پە‌رىشتىسى ئارقىلىق سۆزلە‌شكە‌ن.‏ مۇ‌سانىڭ ئۈزىدىن نۇ‌ر ياغدى!‏ ئىسرائىللىقلار بۇ‌نى كۆرۈپ قورقۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكتىن،‏ مۇ‌سا ئۈزىنى ياپقۇ‌چ بىلە‌ن يېپىۋالدى (‏چىقىش 34:‏29،‏ 30،‏ 33؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 3:‏7،‏ 13)‏.‏ پاۋلۇ‌س:‏ «لېكىن يە‌ھۋاغا مۇ‌راجىئە‌ت قىلغاندا،‏ ياپقۇ‌چ ئېلىنىدۇ»،‏—‏ دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 3:‏16)‏.‏ پاۋلۇ‌س نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏

4 ئاۋۋالقى ماقالىدىن بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ پە‌قە‌ت ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا چە‌كسىز ئە‌ركىنلىككە ئىگە.‏ دېمە‌ك،‏ «يە‌ھۋانىڭ روھى بولغان جايدا ئە‌ركىنلىك باردۇ‌ر».‏ ئە‌گە‌ر بىز مۇ‌شۇ‌نداق ئە‌ركىنلىككە ئېرىشىشنى خالىساق،‏ پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا مۇ‌راجىئە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ.‏ چۆلدە بولغان ئىسرائىللىقلار ھە‌ممىگە يە‌ھۋانىڭ ئە‌مە‌س،‏ ئىنسانىي كۆزقاراش بىلە‌ن قارىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ يۈرە‌كلىرى ۋە ئە‌قىللىرى ياپقۇ‌چ بىلە‌ن يېپىلغاندە‌ك بولغان.‏ ئۇ‌لار يېڭىدىن پە‌يدا بولغان ئە‌ركىنلىكىنى ئۆزىنىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى خالىغان (‏ئىبرانىيلارغا 3:‏8—‏10)‏.‏

ھە‌تتا قۇ‌للۇ‌قتا ياكى تۈرمىدە بولغان ئادە‌منىڭ ئۆزى ئە‌ركىنلىككە ئېرىشە‌لە‌يدۇ

5.‏ ئا)‏ يە‌ھۋانىڭ روھى بىزنى قانداق ئازاتلىققا يە‌تكۈزە‌لە‌يدۇ؟‏ ئە)‏ بىرى قۇ‌للۇ‌قتا ياكى تۈرمىدە ئولتۇ‌رسىمۇ،‏ يە‌ھۋا بېرىدىغان ئە‌ركىنلىككە ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ب)‏ قانداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

5 يە‌ھۋانىڭ روھى بېرىدىغان ئە‌ركىنلىك قۇ‌للۇ‌قتىن ئازات بولۇ‌شتىنمۇ ئاجايىپ.‏ بۇ روھ ئىنسانلار ھېچقاچان بېرە‌لمە‌يدىغان ئە‌ركىنلىكنى بېرىدۇ.‏ ئۇ بىزنى گۇ‌ناھ بىلە‌ن ئۆلۈمدىن،‏ يالغان دىن بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا باغلىق ئۇ‌رپ-‏ئادە‌تلە‌رنىڭ قۇ‌للىقىدىن ئازات قىلىدۇ (‏رىملىقلارغا 6:‏23؛‏ 8:‏2)‏.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن ئاجايىپ ئە‌ركىنلىك!‏ ھە‌تتا قۇ‌للۇ‌قتا ياكى تۈرمىدە بولغان ئادە‌منىڭ ئۆزى بۇ ئە‌ركىنلىككە ئېرىشە‌لە‌يدۇ (‏يارىتىلىش 39:‏20—‏23)‏.‏ خورست خېنشېل بىلە‌ن يرىخ فروست بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئېتىقادى ئۈچۈن بىرنە‌چچە يىل قاماقتا ئولتۇ‌رسىمۇ،‏ ئۇ‌لاردا مۇ‌نداق ئە‌ركىنلىك بولغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆز ھاياتى توغرىسىدا ئېيتىپ بە‌رگە‌نلىكىنى JW Broadcasting تېلېۋىزىيىسىدىن كۆرە‌لە‌يسىز (‏سۆھبە‌تلە‌ر ۋە ۋە‌قە‌لە‌ر >‏ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش دېگە‌ن توپلامغا قاراڭ)‏.‏ ھازىر ئىككى سوئالنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ چىقايلى:‏ ئە‌ركىنلىكىمىز بىز ئۈچۈن بە‌ك قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى قانداق ئىسپاتلىيالايمىز؟‏ ئە‌ركىنلىكىمىزنى قانداق قىلىپ دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتە‌لە‌يمىز؟‏

يە‌ھۋا بېرىدىغان ئە‌ركىنلىك بە‌ك باھالىق

6.‏ ئىسرائىللىقلارنىڭ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ئە‌ركىنلىك ئۈچۈن مىننە‌تدار بولمىغانلىقىنى نېمىدىن كۆرۈنگە‌ن؟‏

6 بىرى بىزگە قىممە‌ت-‏باھالىق سوۋغاتنى بە‌رگە‌ندە،‏ بىز شۇ ئادە‌مگە مىننە‌تدار بولىمىز.‏ ئىسرائىللىقلار بولسا،‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ئە‌ركىنلىكنى قە‌دىرلىمىگە‌ن.‏ مىسىرنىڭ قۇ‌للىقىدىن ئازات بولغىنىغا بىرنە‌چچە ئاي بولغاندا،‏ ئۇ‌لار شۇ يە‌ردە يە‌پ-‏ئىچكە‌ن تاماقنى سېغىنىشقا باشلغانىدى.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ماننانى ياقتۇ‌رماي،‏ نارازىلىق بىلدۈرگە‌ن.‏ ھە‌تتا،‏ مىسىرغا قايتقۇ‌سى كە‌لگە‌ن!‏ ئىسرائىللىقلار ئۈچۈن يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشقا مۇ‌مكىنچىلىك بېرىدىغان ئە‌ركىنلىكتىن «بېلىق بىلە‌ن خاڭگا،‏ قوغۇ‌ن بىلە‌ن گۈدى،‏ پىياز بىلە‌ن سامساق» مۇ‌ھىمىراق بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا غە‌زە‌پلە‌نگە‌نلىكى ھە‌يران قالدۇ‌رمايدۇ (‏سانلار 11:‏5،‏ 6،‏ 10؛‏ 14:‏3،‏ 4)‏.‏ بۇ بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم ساۋاق.‏

7.‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏1دىكى نە‌سىھىتىنى پاۋلۇ‌س ئۆزى قانداق قوللاندى ۋە بىز ئۇ‌نى قانداق قوللىنالايمىز؟‏

7 پاۋلۇ‌س ھە‌ممە مە‌سىھىيلە‌رنى يە‌ھۋا خۇ‌دا ئوغلى ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق بە‌رگە‌ن ئە‌ركىنلىكنى قە‌دىرلىمە‌سلىكتىن ئاگاھلاندۇ‌رغان ‏(‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏1نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌س مۇ‌كە‌ممە‌لسىز،‏ گۇ‌ناھنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌لى بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزىنى بە‌ك ناچار سە‌زگە‌ن.‏ ئە‌مما ئۇ:‏ «ھاكىمدارىمىز ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق خۇ‌داغا شۈكۈر!‏»—‏ دە‌پ ئېيتقانىدى.‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېگە‌ن؟‏ پاۋلۇ‌س بۇ‌نى قېرىنداشلىرىغا چۈشە‌ندۈرۈپ:‏ «روھنىڭ قانۇ‌نى مە‌سىھ ئە‌يسا بىلە‌ن بىرلىكتە ھاياتلىق بېرىپ،‏ سېنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈم قانۇ‌نىدىن ئازات قىلدى»،‏—‏ دېگە‌ن (‏رىملىقلارغا 7:‏24،‏ 25؛‏ 8:‏2)‏.‏ بىزمۇ پاۋلۇ‌سغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للىقىدىن ئازات قىلغانلىقىنى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ تۆلە‌م بىزگە خۇ‌داغا پاك ۋىجدان بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشقا يول ئېچىپ،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏8)‏.‏

ياش بۇ‌رادە‌ر تە‌ر تۆكۈپ ئوقۇ‌ۋاتىدۇ،‏ ئالىي بىلىمگە ئىنتىلىۋاتىدۇ،‏ ئىشلە‌ۋاتىدۇ،‏ ئىشتىن چىقىرىلغان،‏ ھە‌ددىدىن تاشقىرى كۆپ ئىچىۋاتىدۇ

تاللاش ئە‌ركىنلىكىڭىزنى يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ئىشلىتە‌مسىز ياكى ئۆز ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىمىز بويىچە ھە‌رىكە‌ت قىلامسىز؟‏ (‏8—‏10 ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

8،‏ 9.‏ ئا)‏ ئە‌ركىنلىكىمىزنى قانداق ئىشلىتىش ھە‌ققىدە ئە‌لچى پېترۇ‌س قانداق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش ئېيتقان؟‏ ئە)‏ بىرى ئە‌ركىنلىكىنى قانداق قىلىپ ناتوغرا ئىشلىتىشى مۇ‌مكىن؟‏

8 يە‌ھۋاغا مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى ئېيتىپلا قويماي،‏ ئە‌ركىنلىكىمىزنى ناتوغرا ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئە‌ركىنلىكىمىزنى يامان ئىشلارنى ئاقلاش ئۈچۈن پايدىلىنىشتىن ئاگاھلاندۇ‌رغان ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏16نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش چۆلدە ئىسرائىللىقلار بىلە‌ن نېمە بولغانلىقىنى ئېسىمىزغا سالىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن بۇ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقى بۇ‌رۇ‌نقىدىنمۇ زور.‏ سە‌ۋە‌بى شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ دۇ‌نياسى بىزگە كىيىنىش،‏ يە‌پ-‏ئىچىش،‏ كۆڭۈل كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلىگە‌ن يېقىملىق نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن قىزىقتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏ چېۋە‌ر ئېلان لاھىيىلىگۈچىلە‌ر كېلىشكە‌ن ئادە‌ملە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ بىزنى ئۆزۈمىزگە كېرە‌ك ئە‌مە‌س قانداقتۇ بىر نە‌رسىنى سېتىۋېلىشىمىز كېرە‌ك دېگە‌نگە ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ تۇ‌زىغىغا چۈشۈپ،‏ ئە‌ركىنلىكىمىزنى ناتوغرا ئىشلىتىشنى باشلاش ئاسان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

9 پېترۇ‌سنىڭ نە‌سىھىتى بىلىم ئېلىش،‏ ئىشقا كىرىش ۋە مە‌نسە‌پ قوغلاشتە‌ك مۇ‌ھىم ئىشلار بىلە‌ن باغلىنىشلىق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بۈگۈن ياشلارغا ياخشى ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ تە‌ر تۆكۈش كېرە‌ك دە‌پ،‏ ھە‌ر تە‌رە‌پتىن بېسىم قىلىنىۋاتىدۇ.‏ كۆپچىلىك ئۇ‌لارغا ئالىي بىلىم ئالسا،‏ ياخشى ئىشقا كىرىپ،‏ كۆپ پۇ‌ل تاپىدىغان ۋە ھۆرمە‌تكە ئىگە ئادە‌م بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏ بۇ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌غانلار مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌غانلارغا قارىغاندا،‏ كۆپرە‌ك پۇ‌ل تاپىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مە‌لۇ‌ماتنى كە‌لتۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ پۈتكۈل ھاياتىغا تە‌سىر قىلىدىغان قارارنى چىقارغاندا،‏ ئالىي بىلىم ئېلىش ياشلارغا ياخشى مۇ‌مكىنچىلىك بولۇ‌پ كۆرۈنىدىغاندۇ.‏ لېكىن،‏ ياشلار ۋە ئاتا-‏ئانىلىرى نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

10.‏ شە‌خسىي ئىشلاردا تېگىشلىك قارار قىلغاندا،‏ نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

10 بىرلىرى:‏ «بۇ ھە‌ركىمنىڭ شە‌خسىي مە‌سىلىسى،‏ شۇ‌ڭا ۋىجدانى ئازاپلىمىسا،‏ ئادە‌م ئۆزى خالىغان نە‌رسىنى تاللىسا بولىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار پاۋلۇ‌سنىڭ:‏ «نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئە‌ركىنلىكىمنى باشقا بىرسىنىڭ ۋىجدانى ھۆكۈم قىلىشىغا يول قويۇ‌شۇ‌م كېرە‌ك؟‏»—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى كە‌لتۈرىدىغاندۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏29)‏.‏ قانداق بىلىم ئېلىپ،‏ قانداق ئىشقا تۇ‌رۇ‌شنى تاللاش ھوقۇ‌قىمىز بولسىمۇ،‏ ئە‌ركىنلىكىمىزنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى ۋە قارارلىرىمىزنىڭ ئاقىۋېتى بولىدىغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌ممە نە‌رسە قانۇ‌نىي،‏ ئامما بارلىقى پايدىلىق ئە‌مە‌س.‏ ھە‌ممە نە‌رسە قانۇ‌نلۇ‌ق،‏ بىراق بارلىقى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىمە‌يدۇ» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏23)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌خسىي ئىشلاردا قارار قىلىش ئە‌ركىنلىكىمىز بولسىمۇ،‏ خاھىشلىرىمىز ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌ندا تۇ‌رماسلىقى كېرە‌ك.‏

خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلساق،‏ ئە‌ركىنلىكىمىزنى دانا قوللىنىمىز

11.‏ يە‌ھۋا بىزنى نېمە ئۈچۈن ئازات قىلغان؟‏

11 پېترۇ‌س ئە‌ركىنلىكىمىزنى ناتوغرا ئىشلىتىش ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغاندا،‏ ئۇ‌نى «رە‌بنىڭ قۇ‌للىرىدە‌ك» ئىشلىتىشىمىزنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ يە‌ھۋا پۈتكۈل ھاياتىمىزنى ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا بېغىشلىشىمىز ئۈچۈن،‏ بىزنى ئە‌يسا ئارقىلىق گۇ‌ناھ بىلە‌ن ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للىقىدىن ئازات قىلغان.‏

ئە‌ركىنلىكىمىزنى ئىشلىتىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىزنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا بېغىشلاش

12.‏ نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى بىز ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

12 ئە‌ركىنلىكىمىزنى ئىشلىتىشىنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ ۋاقتىمىز بىلە‌ن كۈچىمىزنى يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي خىزمە‌ت قىلىشقا بېغىشلاش.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ بۇ دۇ‌نياغا خاس بولغان مە‌قسە‌تلە‌ر ۋە شە‌خسىي ھە‌ۋە‌سلە‌ر ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌ندا بولمايدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏16)‏.‏ نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى نېمە قىلغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ.‏ ئۇ‌لار ۋە‌ھشىي ۋە ئە‌خلاقسىز دۇ‌نيادا ياشىغان.‏ بىراق ئۇ‌لار ئە‌تراپتىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ مە‌قسە‌تلىرى بىلە‌ن ئىشلىرىغا قاتناشمىغانىدى.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا بۇ‌يرىغان ئىش بىلە‌ن بە‌نت بولغان.‏ نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى كېمىنى ياساپ،‏ ئۆزلىرىگە ۋە ھايۋاناتلارغا ئوزۇ‌ق يىغىپ تە‌ييارلىغان ۋە باشقىلارنى توپان سۇ ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ «نۇ‌ھ ھە‌ممىنى خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا بۇ‌يرىغاندە‌ك قىلدى.‏ ئۇ نە‌ق شۇ‌نداق قىلدى» (‏يارىتىلىش 6:‏22)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ شۇ دۇ‌نيا ۋە‌يران قىلىنغاندا،‏ نۇ‌ھ ئائىلىسى بىلە‌ن ئامان قالغان (‏ئىبرانىيلارغا 11:‏7)‏.‏

13.‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن؟‏

13 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا بىزگە قانداق بۇ‌يرۇ‌ق بە‌ردى؟‏ بىز ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغانلىقتىن،‏ خۇ‌دا بىزگە ۋە‌ز قىلىشنى بۇ‌يرىغانلىقىنى بىلىمىز ‏(‏لۇ‌قا 4:‏18،‏ 19نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۈگۈن شە‌يتان كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌قىللىرىنى قارغۇ قىلىۋە‌تتى.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌لار يالغان دىن،‏ مال-‏دۇ‌نيا ۋە سە‌ياسىي تۈزۈمىنىڭ قۇ‌لى بولغانلىقىنى چۈشە‌نمە‌يدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 4:‏4)‏.‏ ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىز ئادە‌ملە‌رگە ئە‌ركىنلىكنىڭ خۇ‌داسى يە‌ھۋانى تونۇ‌پ-‏بىلىشكە ۋە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا ياردە‌م بېرىش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ باشقىلارغا ۋە‌ز قىلىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ بە‌زى يە‌رلە‌ردە كىشىلە‌ر خۇ‌دا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشنى خالىمايدۇ،‏ ھە‌تتا بىز ئۇ‌لارغا ۋە‌ز قىلغاندا،‏ بە‌زىلىرى غە‌زە‌پلىنىدۇ.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا بىزگە ۋە‌ز قىلىشنى بۇ‌يرىغانلىقتىن،‏ ئۆزۈمىزدىن:‏ «ئە‌ركىنلىكىمنى يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىشىمىز كېرە‌ك.‏

ياش قېرىنداش پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش ئىلتىماس خېتىنى بېرىۋاتىدۇ،‏ پېدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ۋاتىدۇ،‏ چە‌تئە‌ل تىلنى ئۆگىنىۋاتىدۇ،‏ كېيىن باشقا دۆلە‌تتە خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ

14،‏ 15.‏ خۇ‌دانىڭ كۆپ خىزمە‌تچىسى قانداق قارار قىلغان؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

14 يە‌ھۋانىڭ كۆپ خىزمە‌تچىلىرى بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى بە‌ك يېقىن ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىپ،‏ ھاياتىنى ئاددىيلاشتۇ‌رۇ‌شنى ۋە تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشنى تاللىغانلىقى بىزنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 9:‏19،‏ 23)‏.‏ بە‌زى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئۆزلىرى تۇ‌رغان يە‌ردە خىزمە‌ت قىلىپ،‏ باشقىلىرى بولسا،‏ ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج جامائە‌تلە‌رگە كۆچۈپ بارىدۇ.‏ يېقىنقى بە‌ش يىل ئىچىدە 250000دىن ئارتۇ‌ق قېرىنداش تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى باشلىغان ۋە ھازىر 1100000دىن كۆپرە‌ك قېرىنداش پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلماقتا.‏ شۇ‌نچىلىك كۆپ قېرىنداش ئۆز ئە‌ركىنلىكىنى يە‌ھۋاغا شۇ‌نداق خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىشلە‌تكە‌نلىكى نېمە دېگە‌ن ئاجايىپ!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 110:‏3)‏.‏

15 ئۇ‌لارغا ئە‌ركىنلىكىنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىشكە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ مۇ‌شۇ 30 يىل جە‌ريانىدا،‏ بىرنە‌چچە دۆلە‌تتە خىزمە‌ت قىلغان جون بىلە‌ن جۇ‌دىنىڭ مىسالىنى قاراپ باقايلى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ 1977-‏يىلى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپى باشلانغاندا،‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىلار ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئاز يە‌رلە‌رگە كۆچۈپ،‏ شۇ يە‌ردە خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىنغان.‏ بۇ مە‌قسە‌تكە يېتىش ئۈچۈن جون بىلە‌ن جۇ‌دى ھاياتىنى ئاددىيلاشتۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ جون ئىشىنى پات-‏پات ئالماشتۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رغان.‏ ئاخىرى،‏ ئۇ‌لار چە‌ت ئە‌لگە ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن كۆچۈپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لارغا يېڭى تىلنى ئۆگىنىشكە ۋە ھاۋا رايىغا كۆنۈشكە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ جون بىلە‌ن ئايالى يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمىگە تايانغان.‏ ئۇ‌لار شۇ‌نچە يىلاردىن بۇ‌يان خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلغان ۋاقتى ھە‌ققىدە نېمە ئويلايدۇ؟‏ جون:‏ «بۇ ھاياتىمدىكى بېرىلىپ ئورۇ‌نلىغان ئە‌ڭ ئاجايىپ ئىش بولدى دە‌پ ئويلايمە‌ن.‏ يە‌ھۋا مە‌ن ئۈچۈن ھە‌قىقىي شە‌خس بولۇ‌پ،‏ خۇ‌ددى مېھرىبان ئاتىدە‌ك بولۇ‌پ كە‌تتى.‏ ياقۇ‌پ 4:‏8دىكى:‏ «خۇ‌داغا يېقىنلىشىڭلار ھە‌م ئۇ‌مۇ سىلە‌رگە يېقىنلىشىدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ياخشىراق چۈشىنىدىغان بولدۇ‌م.‏ ھاياتنىڭ مە‌ناسىنى ئىزدە‌پ تاپتىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏

16.‏ مىڭلىغان قېرىنداش ئۆز ئە‌ركىنلىكىنى قانداق ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

16 بە‌زىلىرى جون بىلە‌ن جۇ‌دىغا ئوخشاش ئۇ‌زۇ‌ن يىللار پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالايدۇ.‏ باشقىلار ئۆز مۇ‌مكىنچىلىكىگە قاراپ،‏ قىسقا ۋاقىت پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولالايدۇ.‏ كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار پىدائىي سۈپىتىدە دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ۋورۋىكتىكى (‏نيۇ-‏يورك)‏ دۇ‌نياۋىي باش ئىدارىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا تە‌خمىنە‌ن 27000 قېرىنداش كاتناشقان.‏ بىرلىرى ئىككى ھە‌پتىگە،‏ يە‌نە بىرلىرى بىرنە‌چچە ئايغا،‏ باشقىلىرى بولسا،‏ بىر يىلغا ياكى ئۇ‌نىڭدىن ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتقا كە‌لگە‌ن.‏ كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلار ۋورۋىكتا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن قۇ‌ربانلىقلارنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆز ئازاتلىقىنى ئە‌ركىنلىكنىڭ خۇ‌داسى يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ش ئۈچۈن پايدىلىنىپ،‏ ئاجايىپ ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن!‏

17.‏ ئە‌ركىنلىكىمىزنى دانالىق بىلە‌ن قوللانساق،‏ نېمىنى تاقە‌تسىزلىق بىلە‌ن كۈتە‌لە‌يمىز؟‏

17 يە‌ھۋانى تونۇ‌پ-‏بىلگە‌نلىكىمىز ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكە‌ن ئە‌ركىنلىكىمىز ئۈچۈن چە‌كسىز مىننە‌تدارمىز.‏ قانداق قارار قىلغانلىقىمىز بىلە‌ن بۇ ئە‌ركىنلىك بىز ئۈچۈن ناھايىتى قىممە‌ت-‏باھالىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتە‌يلى.‏ ئۇ‌نى ناتوغرا ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋاغا بار كۈچىمىزنى سېلىپ خىزمە‌ت قىلايلى.‏ شۇ چاغدا بىز يە‌ھۋانىڭ «ياراتما ئۆزىمۇ چىرىكلىشىش قۇ‌للۇ‌غىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ شە‌رە‌پلىك ئە‌ركىنلىكىگە چىقىدۇ» دېگە‌ن ۋە‌دىسى ئورۇ‌نلانغاندا،‏ بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز (‏رىملىقلارغا 8:‏21)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھى

  • ئە‌ركىنلىكىمىزنى ناتوغرا ئىشلىتىش‏—‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئە‌مە‌س،‏ ئۆز ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىمىز بويىچە ھە‌رىكە‌ت قىلىش.‏ مۇ‌نداق قىلىش ئاسان،‏ چۈنكى شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسى يە‌ھۋاغا بولغان خىزمىتىمىزنى ئە‌مە‌س،‏ شە‌خسىي ھە‌ۋە‌سلىرىمىزنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ

  • ئە‌ركىنلىكىمىزنى دانالىق بىلە‌ن ئىشلىتىش —‏ يە‌ھۋاغا بولغان خىزمىتىمىزنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ش.‏ ئاددىي ھايات كە‌چۈرسە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆپرە‌ك ۋاقتىمىز بىلە‌ن كۈچىمىزنى چىقىرالايمىز

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش