بىر-بىرىمىزنى بولۇپمۇ ھازىر ئىلھاملاندۇرايلى!
«بىر-بىرىمىزگە دىققەتچان بولايلى... بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرايلى، بولۇپمۇ شۇ كۈننىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغان ئىكەنمىز، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى» (ئىبرانىيلارغا 10:24، 25).
1. نېمە ئۈچۈن ئەلچى پاۋلۇس مەسىھىيلەرنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ كۆپ تەسەللىي بېرىشكە دەۋەت قىلغان؟
بىرىنچى ئەسىردە ئەلچى پاۋلۇس ئىبرانىي مەسىھىيلەرگە مۇنداق مەسلىھەت بەرگەن: «مېھىر-مۇھەببەتكە ۋە ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزگە دىققەتچان بولايلى. بەزىلەر ئادەتلەنگەندەك، بىزنىڭ ئۇمۇمىي ئۇچرىشىشلىرىمىزنى قالدۇرمايلى، ئەكسىچە بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرايلى، بولۇپمۇ شۇ كۈننىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغان ئىكەنمىز، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى» (ئىبرانىيلارغا 10:24، 25). بەلكىم، قېرىنداشلار پاۋلۇسنىڭ نېمە سەۋەبتىن بىر-بىرىگە تېخىمۇ كۆپ تەسەللىي بېرىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشەنمىگەندۇ. تەخمىنەن بەش يىلدىن كېيىن بۇنىڭ بىر سەۋەبى ئېنىق كۆرۈنگەن. قېرىنداشلار يەھۋانىڭ يېرۇسالىمغا ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنى يېقىن بولغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار ئەيسا بۇيرىغاندەك، شەھەردىن قېچىش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن (لۇقا 21:20—22؛ ئەلچىلەر 2:19، 20). رىملىقلار ب.م. 70-يىلى يېرۇسالىمنى ۋەيران قىلغاندا، يەھۋانىڭ كۈنى كەلگەن.
2. بۈگۈنكى كۈندە بىز قېرىنداشلارغا نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ دىققەتچان بولۇشىمىز كېرەك؟
2 بۈگۈن بىزنىڭمۇ ئەھۋالىمىز دەل شۇنداق. يەھۋانىڭ «ئۇلۇغ ھەم ئىنتايىن ۋەھشىي» كۈنى يېقىنلاشماقتا (يوئېل 2:11). سەفانىيا پەيغەمبەرنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىزنىڭ كۈنىمىزگىمۇ قارىتا ئېيتىلغان: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ كۈنى يېقىندۇر. بەرھەق، ئۇ يېقىنلاشقان، ئىنتايىن تېز يېتىپ كېلىدۇ» (سەفانىيا 1:14). شۇ سەۋەبتىنمۇ، بىز «مېھىر-مۇھەببەتكە ۋە ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، بىر-بىرىمىزگە دىققەتچان بولۇشىمىز» كېرەك (ئىبرانىيلارغا 10:24). بىز قېرىنداشلارغا تېخىمۇ دىققەتچان بولساق، ئۇلارغا مۇھتاج بولغان چاغدا تەسەللىي بېرەلەيمىز.
كىملەر تەسەللىيگە مۇھتاج؟
3. ئەلچى پاۋلۇس تەسەللىي بېرىش ھەققىدە نېمە ئېيتقان؟ (ماقالىنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.)
3 «كۆڭۈلنىڭ غەم-ئەندىشىسى كىشىنى مۈكچەيتەر، لېكىن بىر ياخشى سۆز كىشىنى روھلاندۇرار» (پەندى-نەسىھەت 12:25). بەزىدە ھەممىمىز تەسەللىيگە مۇھتاج. پاۋلۇس باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا جاۋاپكار بولغانلارمۇ تەسەللىيگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. ئۇ رىمدىكى قېرىنداشلارغا مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى بىرەر روھىي ھەدىيەگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن ئىنتىزارمەن، يەنى، مەن ئاراڭلاردا بولۇپ، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا ئىلھام ئالالايمىز دېمەكچىمەن» (رىملىقلارغا 1:11، 12). شۇڭا ھەتتا ئەلچى پاۋلۇسمۇ بەزىدە تەسەللىيگە مۇھتاج بولغان (رىملىقلارغا 15:30—32نى ئوقۇڭ).
4، 5. بۈگۈنكى كۈندە كىملەر تەسەللىيگە مۇھتاج ۋە نېمە ئۈچۈن؟
4 بۈگۈنكى كۈندە، بىز يەھۋاغا تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىدىغان قېرىنداشلارنى، مەسىلەن سادىق خىزمەت قىلىۋاتقان تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتچىلەرنى ئىلھاملاندۇرالايمىز. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەن. مىسسىئونېرلار، رايۇنغا مەسئۇل ئاقساقاللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، شۇنداقلا بەيتەللەردە ياكى ياكى يىراق مۇساپىلىك تەرجىمە ئىشخانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان قېرىنداشلارمۇ شۇنداق قىلغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى بەرمەكتە. شۇڭا، بىز ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشىمىز لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغان، لېكىن ئەمدى قىلالمايدىغان قېرىنداشلارمۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئىلھاملاندۇرساق، ئۇلار بەك مەمنۇن بولىدۇ.
5 يەنە كىملەر تەسەللىيگە مۇھتاج؟ يەھۋاغا بويسۇنۇپ، «پەقەت ھاكىمدارنىڭ ئىزباسارى» بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلار. ئۇلار يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەسلەر بىلەن توي قىلىمىغانلىقى ئۈچۈن ماختاشقا لايىق (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:39). ئەگەر ئەرلەر ئاياللىرىغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قىلغان ھەممە ئىشلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرسە، ئاياللىرى ئىلھام ئالىدۇ (پەندى-نەسىھەت 31:28، 31). زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ياكى ئاغرىققا دۇچ كەلگەن قېرىنداشلارمۇ تەسەللىيگە مۇھتاج (سالونىكىلىقلارغا 2-خەت 1:3—5). يەھۋا خۇدا بىلەن ئەيسا مەسىھ بۇ سادىق خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ (سالونىكىلىقلارغا 2-خەت 2:16، 17نى ئوقۇڭ).
ئاقساقاللار باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرالايدۇ
6. يەشايا 32:1، 2دىن ئاقساقاللارنىڭ خىزمىتى ھەققىدە نېمىنى بىلىمىز؟
6 يەشايا 32:1، 2نى ئوقۇڭ. بىز قىيىن ۋاقىتتا ياشاۋاتقانلىقتىن، ئۈمىدسىزلىنىپ، چۈشكۈنلۈككە چۈشۈشىمىز مۇمكىن. ئەيسا مەسىھ بىزنى «ئەمىرلەر»، يەنى مايلانغان بۇرادەرلەرنىڭ ۋە باشقا قويلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاقساقاللار، ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرىدۇ. جامائەتتىكى ئاقساقاللار بىزگە «ھۆكۈمرانلىق قىلماي»، ئەكسىچە خۇشال بولۇشىمىز ئۈچۈن، «ھەمكارلىرىمىز» سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار بىزگە بەختلىك بولۇشقا ۋە سادىقلىقىمىزنى ساقلاشقا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 1:24).
7، 8. ئاقساقاللار باشقىلارنى ئۆز سۆزلىرى ۋە ئىشلىرى بىلەن قانداق ئىلھاملاندۇرالايدۇ؟
7 ئاقساقاللار ھەردائىم قېرىنداشلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇشقا تىرىشقان ئەلچى پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلالايدۇ. پاۋلۇس سالونىكىدىكى زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن مەسىھىيلەرگە مۇنداق يازغان: «سىلەرگە نازۇك تۇيغۇلارنى ھېس قىلىپ، بىز پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خۇش خەۋىرىنىلا ئەمەس، ئامما جانلىرىمىزنىمۇ بېرىشكە خۇرسەن بولدۇق، چۈنكى سىلەرنى سۆيگەن ئېدۇق» (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 2:8).
8 ئاقساقاللار ئۆز سۆزلىرى بىلەن زور تەسەللىي بېرەلەيدۇ. ئەمما بەزىدە بۇ يېتەرلىك ئەمەس. پاۋلۇس ئەفەستىكى ئاقساقاللارغا: «سىلەرگە ھەممە نەرسىدە ئاجىزلارغا قانداق ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە ھاكىمدارىمىز ئەيسانىڭ: «ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بەختلىكىرەك»، دېگەن سۆزلىرىنى ئەستە تۇتۇشنى كۆرسەتتىم»،— دەپ يازغان (ئەلچىلەر 20:35). پاۋلۇس قېرىنداشلار ئۈچۈن ئۆزىنى «ئاخىرىغىچە سەرپ قىلىشقا بەك خۇرسەن بولدى» ۋە ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسىنى قىلىشقا تەييار بولغانلىقىنى ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىسپاتلىغان (كورىنتلىقلارغا 2-خەت 12:15). شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاقساقاللارمۇ باشقىلارنى پەقەت سۆزلىرى بىلەن ئەمەس، ئىشلىرى بىلەنمۇ ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىزگە ھەقىقەتەن غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 14:3).
9. ئاقساقاللار قانداقلارچە نەسىھەتنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئۇسۇلدا بېرەلەيدۇ؟
9 قېرىنداشلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئاقساقاللار بەزىدە نەسىھەت بېرىشى كېرەك. ئۇلار نەسىھەتنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئۇسۇلدا بېرىشنى مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگىنەلەيدۇ. ئەيسا ئۆلۈپ، تىرىلگەندىن كېيىن كىچىك ئاسىيادىكى جامائەتلەرگە خەتلەرنى ئەۋەتكەندە، نەسىھەت بېرىش ھەققىدە ئاجايىپ ئۈلگە كۆرسەتكەن. ئۇ ئەفەس، پەرگامۇم ۋە تىياتىرادىكى جامائەتلەرگە بىرنەچچە مۇھىم نەسىھەتلەرنى بەرمەكچى بولغان. بىراق نەسىھەت بېرىشتىن ئاۋۋال، ئەيسا ئۇلارنى ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن ماختىغان (ۋەھىي 2:1—5، 12، 13، 18، 19). ئەيسا لائودىكىيادىكى جامائەتكە مۇنداق دېگەن: «ماڭا قەدىرلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى پاش قىلىمەن ۋە جازالايمەن. شۇ سەۋەبتىن قىزغىن بولغىن ۋە توۋۋا قىلغىن» (ۋەھىي 3:19). ئاقساقاللىرىمىز نەسىھەت بەرگەندە، ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىدۇ.
باشقا قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى
ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارنى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئۆگىتەمسىلەر؟ (10-ئابزايسقا قاراڭ)
10. ھەممىمىز بىر-بىرىمىزنى قانداق مۇستەھكەملىيەلەيمىز؟
10 باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش پەقەت ئاقساقاللارنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئەلچى پاۋلۇس ھەممە مەسىھىيلەرنى «پايدىلىق سۆز» ئېيتىشقا دەۋەت قىلغان. بۇ سۆزلەر باشقىلارنى «كېرەك ۋاقىتتا» مۇستەھكەملىگەنىدى (ئەفەسلىكلەرگە 4:29). باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ھەربىرىمىز ئۇلارنىڭ نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بايقىشىمىز كېرەك. پاۋلۇس ئىبرانىي مەسىھىيلەرگە: «ھالسىزلانغان قوللىرىڭلارنى ۋە ئاجىزلاشقان تىزلىرىڭلارنى چىڭداڭلار، توكۇلىغان ئاياقنىڭ چىقىپ كەتمەسلىگى، ئەكسىچە ساقىيىپ كېتىشى ئۈچۈن، ئاياقلىرىڭلارغا تۈز يوللارنى ياساڭلار»،— دەپ ئېيتقانىدى (ئىبرانىيلارغا 12:12، 13). ھەممىمىز، ھەتتا ياشلارمۇ، بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ، مۇستەھكەملەلەيمىز.
11. مەرىيەم چۈشكۈنلەككە بېرىلگەندە ئۇنىڭغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
11 مەرىيەم ئىسىملىك قېرىنداش بىر چاغدا چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ يۈرگەن ئىدىa (ئىزاھەتكە قاراڭ). ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىر كۈنى مەن خۇدادىن تەسەللىي سوراپ، دۇئا قىلغاندىن كېيىن، يېشى چوڭ بىر قېرىنداشنى ئۇچراتتىم. بۇنىڭغا ئالاھىدە مۇھتاج بولغىنىمدا، ئۇ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىچ ئاغرىتتى. ئاندىن مېنىڭكىدەك سىناققا ئۇمۇ دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. شۇ چاغدا يالغۇز ئەمەسلىكىمنى چۈشەندىم». بۇ قېرىنداش ئۇنىڭ سۆزلىرى مەرىيەمگە قانچىلىك ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن!
12، 13. فىلىپپىلىقلارغا 2:1—4تىكى مەسلىھەتنى قانداق قوللىنالايمىز؟
12 پاۋلۇس فىلىپىدىكى مەسىھىيلەرگە مۇنداق يازغان: «ئەگەر سىلەردە مەسىھتىكى قانداقتۇ بىر ئىلھام بولسا، قانداقتۇ بىر مېھىر-مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى، مۇقەددەس روھقا قانداقتۇ بىر سىرداشلىق بولسا، ئەگەر قانداقتۇ بىر نازۇك سېزىملەر ھەم ئىچ ئاغرىتىش بولسا، ئۇ چاغدا خۇشاللىقىمنى تولتۇرۇڭلار: ئوي-پىكىرلەردىكى بىرلىكنى ساقلاڭلار، ئوخشاش مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسۇن، بىر قەلبتە، بىر نىيەتتە بولۇڭلار. ھېچنەرسىنى تالاش-تارتىشتىن ياكى شۆھرەتپەرەسلىكتىن قىلماڭلار، ئەكسىچە ئەقىل مۇلايىملىقىدىن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئارتۇق دەپ ساناڭلار. پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرىڭلارغا غەمخورلۇق قىلماي، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتلىرىنى ئويلاڭلار» (فىلىپپىلىقلارغا 2:1—4).
13 ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە ياردەم بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئىزدەپ يۈرۈشىمىز كېرەك. قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تەسەللىي بېرىش، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە نازۇك سېزىملەرنى كۆرسىتىپ، ئىچ ئاغرىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرالايمىز.
تەسەللىي بېرىشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرى
14. تەسەللىي بېرىشنىڭ بىر ئۇسۇلى قانداق؟
14 ئۆز ۋاقتىدا بىز ياردەم بەرگەن قانداقتۇ بىر ئادەمنىڭ سادىقلىقىنى ساقلاپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، بەك خۇشال بولىمىز. ئەلچى يوھان: «بالىلىرىمنىڭ ھەقىقەتتە مېڭىۋاتقىنىنى ئاڭلاشتىن باشقا، مېنىڭ مىننەتدار بولۇشقا ئارتۇغىراق سەۋەبىم يوق»،— دەپ يازغان (يوھاننانىڭ 3-خېتى 4). كۆپلىگەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار بۇرۇن ئۆزلىرى ھەقىقەتنى تونۇشقا ياردەم بەرگەن كىشىنىڭ داۋاملىق يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسە شاتلىنىدۇ. ئۇنداقتا، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قالسا، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقىنى ئېسىگە سالساق بولىدۇ.
15. يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟
15 كۆپلىگەن رايۇنغا مەسئۇل ئاقساقاللارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر جامائەتنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، قىسقىچە مىننەتدارلىق خېتى ئېلىش ئۇلارنىمۇ، ئاياللىرىنىمۇ روھلاندۇرىدۇ. يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئاقساقاللار، ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ۋە بەيتەلدىكىلەرمۇ شۇنداق ئىلھامغا مۇھتاج بولىدۇ. مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆزۈمىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ تەسەللىي بېرەلەيمىز.
ھەممىمىز بىر-بىرىمىزنى قانداق ئىلھاملاندۇرالايمىز؟
16. بىرسىنى ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ قانداق ئاددىي ئۇسۇللىرى بار؟
16 باشقىلارغا بولغان ھېس-تۇيغۇڭىزنى ئوچۇق بىلدۈرۈشكە تارتىنسىڭىزچۇ؟ راستىنى ئېيتقاندا، باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئانچە قىيىن ئەمەس. بەزىدە بىرسىگە كۈلۈمسىرەپ قاراشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك. ئەگەر شۇ ئادەم سىزگە كۈلۈمسىرمىسە، بەلكىم ئۇ قانداقتۇ بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ، مۇڭدىشىدىغان ئادەمگە مۇھتاج بولۇپ يۈرگەندۇ. ئۇلارنى دىققەت بىلەن تىڭشىسىڭىز، دەردىگە دەرمان بولالايسىز (ياقۇپ 1:19).
17. بىر ياش بۇرادەرنى نېمە ئىلھاملاندۇرغان؟
17 ئەنۋەر ئىسىملىك ياش بۇرادەرنىڭ بىرنەچچە يېقىن تۇققىنى يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتقاندا، ئۇ بەكمۇ ئازابلانغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان دادىسىمۇ بولغان. بىر رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ئەنۋەرنىڭ چۈشكۈن ھالدا يۈرگەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنى بىرگە قەھۋە ئىچىشكە چاقىرغان. ئەنۋەر سېزىملىرى بىلەن بۆلۈشكەندە، ئۇ دىققەت بىلەن تىڭشىغان. شۇ چاغدا ئەنۋەر ئۆزى سادىق بولۇپ قالسىلا، ئائىلىسىگە يەھۋاغا قايتىپ كېلىشكە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا زەبۇر 46-باپتىكى، سەفانىيا 3:17 ۋە ماركۇس 10:29، 30دىكى سۆزلەر تەسەللىي بەرگەن.
باشقىلارغا تەسەللىي بېرىش ھەممىمىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ (18-ئابزايسقا قاراڭ)
18. ئا) سۇلايمان پادىشاھ تەسەللىي بېرىش ھەققىدە نېمە يازغان؟ ئە) ئەلچى پاۋلۇس قانداق مەسلىھەت بەرگەن؟
18 مەرىيەم ۋە ئەنۋەرنىڭ ۋەقەلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ ھەربىرىمىز ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج بولغان قېرىنداشلارنىڭ روھىنى كۆتىرەلەيمىز. سۇلايمان پادىشاھ مۇنداق يازغان: «دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر! خۇش كۆزلەر كۆڭۈلنى شاتلاندۇرار، خۇش خەۋەر بولسا، جانغا ئوزۇق بېرەر» (پەندى-نەسىھەت 15:23، 30). بىرسىنىڭ روھى چۈشكەن ياكى قايغۇلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭغا «كۈزىتىش مۇنارىدىن» ياكى تور بېكىتىمىزدىن بىرنەرسە ئوقۇپ بېرەلەمسىز؟ پاۋلۇسنىڭ ئېيتىشىچە، پادىشاھلىق ناخشىلارنى بىللە ئېيتقاندىمۇ، كۆڭلۈمىز ئورنىغا چۈشىدۇ. ئۇ: «بىر-بىرىڭلارغا تەلىم بېرىشنى ھەم يۈرەكلىرىڭلاردا يەھۋاغا ساز چېلىپ، يېقىملىق روھىي ناخشىلار، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان سۆزلەر، زەبۇر-نەغمىلەر بىلەن جېمىلەشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار»،— دەپ يازغان (كولوسىلىقلارغا 3:16؛ ئەلچىلەر 16:25).
19. نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئېتىقادچىلار ئۆز-ئارا تەسەللىي بېرىش بەكمۇ مۇھىم ۋە بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
19 يەھۋانىڭ كۈنى يېقىنلاشقانسىرى، بىر-بىرىمىزگە تەسەللىي بېرىش تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ (ئىبرانىيلارغا 10:25). پاۋلۇسنىڭ: «شۇڭلاشقا قىلىۋاتقىنىڭلاردەك، بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلارنى مۇستەھكەملەڭلار»،— دېگەن مەسلىھىتىگە قۇلاق سالساق، خۇشاللىققا ئېرىشىمىز (سالونىكىلىقلارغا 1-خەت 5:11).
a بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.