كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاپرېل 15-‏20 ب.‏
  • تە‌سە‌للىي بە‌رگۈچى خۇ‌دا يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالايلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • تە‌سە‌للىي بە‌رگۈچى خۇ‌دا يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالايلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا قە‌دىمقى خىزمە‌تچىلىرىگە تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن
  • ئە‌يسا باشقىلارغا تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن
  • تە‌سە‌للىي بېرىش ھە‌ققىدىكى ئۆتمۈشتىكى ۋە‌قە‌لە‌ر
  • ئە‌لچىلە‌ر قېرىنداشلارغا تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن
  • يېتە‌كچى كېڭە‌ش بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ
  • بىر-‏بىرىمىزنى بولۇ‌پمۇ ھازىر ئىلھاملاندۇ‌رايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ئۇ دادىسىنى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانى خوشال قىلغان
    بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
  • سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنىڭ رولى
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاپرېل 15-‏20 ب.‏
مۇ‌سا يە‌شۇ‌ئانى ئۆز مە‌نسىپىگە تە‌يىنلىگە‌ن

تە‌سە‌للىي بە‌رگۈچى خۇ‌دا يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلايلى!‏

‏«خۇ‌دا.‏.‏.‏ بىزگە ھە‌ممە دە‌ردلىرىمىزدە تە‌سە‌للى بېرىۋاتىدۇ» (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 1:‏3،‏ 4)‏.‏

ناخشىلار:‏ 23،‏ 152

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋا ھە‌ردائىم تە‌سە‌للىي بە‌رگۈچى خۇ‌دا بولغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

  • ئە‌يسا باشقىلارغا قانداق تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن؟‏

  • ئە‌لچىلە‌ر قېرىنداشلارنى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رغان؟‏

1.‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا ئىنسانىيە‌تكە قانداق قىلىپ تە‌سە‌للىي ۋە ئۈمىدنى بە‌رگە‌ن؟‏

يە‌ھۋا —‏ تە‌سە‌للىي بە‌رگۈچى خۇ‌دا.‏ ئىنسانىيە‌ت گۇ‌ناھ قىلىپ،‏ مۇ‌كە‌ممە‌للىكتىن ئايرىلغاندىن بېرى يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للىي بېرىپ كە‌لمە‌كتە.‏ ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانا خۇ‌داغا قارشى چىققاندا،‏ خۇ‌دا دە‌رھال بىر بېشارە‌تنى ئېيتقان.‏ يارىتىلىش 3:‏15تە يېزىلغان بېشارە‌تنى چۈشىنىش ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للىي ۋە ئۈمىد بېرە‌تتى.‏ بېشارە‌تتە شە‌يتان ئىبلىسنىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە رە‌زىل ئىشلىرىنىڭ يوق قىلىنىدىغانلىقى ۋە‌دە قىلىنغان (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 3:‏8؛‏ ۋە‌ھىي 12:‏9)‏.‏

يە‌ھۋا قە‌دىمقى خىزمە‌تچىلىرىگە تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن

2.‏ يە‌ھۋا نۇ‌ھقا قانداق تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن؟‏

2 يە‌ھۋا خۇ‌دا نۇ‌ھ ئىسىملىك خىزمە‌تچىسىنى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رغانلىقىنى ئە‌سكە ئالايلى.‏ ئۇ‌نىڭ زامانداشلىرى زوراۋان ۋە ئە‌خلاقسىز بولغان،‏ پە‌قە‌ت نۇ‌ھ بىلە‌ن ئائىلىسى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە ياشىغان نۇ‌ھ چۈشكۈنلۈككە بېرىلىشى مۇ‌مكىن ئىدى (‏يارىتىلىش 6:‏4،‏ 5،‏ 11؛‏ يە‌ھۇ‌دا 6)‏.‏ ئە‌مما يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا داۋاملىق ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلىشقا ۋە توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا جاسارە‌ت بە‌رگە‌ن (‏يارىتىلىش 6:‏9)‏.‏ يە‌ھۋا نۇ‌ھقا شۇ زە‌زىل دۇ‌نيانى ۋە‌يران قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقانىدى ۋە ئائىلىسى بىلە‌ن ئامان قېلىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنىمۇ چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏يارىتىلىش 13—‏18)‏.‏ ئۇ نۇ‌ھ ئۈچۈن تە‌سە‌للىي بە‌رگۈچى خۇ‌دا ئىدى.‏

مۇ‌سا يە‌شۇ‌ئانى ئۆز مە‌نسىپىگە تە‌يىنلىگە‌ن

3.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا يە‌شۇ‌ئاغا قانداقلارچە تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌نىدى؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

3 كېيىنىرە‌ك،‏ يە‌ھۋا خىزمە‌تچىسى يە‌شۇ‌ئانى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌ھىم ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىدى.‏ يە‌شۇ‌ئا ئىسرائىللىقلارنى ۋە‌دە قىلىنغان يە‌رگە باشلاپ كىرىشى ھە‌م شۇ يە‌ردە ياشىغان خە‌لىقلە‌رنىڭ كۈچلۈك ئە‌سكە‌رلىرىنى يېڭىپ غە‌لبە قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ يە‌ھۋا يە‌شۇ‌ئانىڭ قورقۇ‌نۇ‌چقا چۈشۈپ قېلىشىغا سە‌ۋە‌بلە‌رنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى بىلىپ،‏ مۇ‌ساغا:‏ «يە‌شۇ‌ئانى ئۆز مە‌نسىپىگە سېلىپ:‏ «جۈرئە‌تلىك بولۇ‌پ قورقمىغىن» دە‌پ ئۇ‌نى قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ندۈرگىن.‏ چۈنكى ئۇ ئۆزى بۇ خە‌لىقنىڭ ئالدىدا بېرىپ،‏ سە‌ن كۆرگە‌ن يۇ‌رتنى ئۇ‌لارغا مىراس قىلىپ ئۈلە‌شتۈرۈپ بېرىدۇ»،‏—‏ دېدى (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 3:‏28)‏.‏ ئاندىن،‏ يە‌ھۋا ئۆزى يە‌شۇ‌ئانى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق ئېيتقان:‏ «جۈرئە‌تلىك بولۇ‌پ قورقمىغىن دە‌پ بۇ‌يرۇ‌غاندىن كېيىن،‏ قورقماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ جۈرئە‌تسىز بولمىغىن،‏ چۈنكى مە‌ن تە‌ڭرىڭ خۇ‌داۋە‌ندە سە‌ن قە‌يە‌رگە بارساڭ،‏ سە‌ن بىلە‌ن بولىمە‌ن» (‏يە‌شۇ‌ئا 1:‏1،‏ 9)‏.‏ قانداق ئويلايسىز،‏ بۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلىغاندا،‏ يە‌شۇ‌ئا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟‏

4،‏ 5.‏ ئا)‏ قە‌دىمدە يە‌ھۋا خە‌لقىنى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رغان؟‏ ئە)‏ يە‌ھۋا ئوغلىغا قانداق تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن؟‏

4 شۇ‌نداقلا يە‌ھۋا خۇ‌دا پۈتكۈل خە‌لقىنى ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بابىل قۇ‌للىقىدىكى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ تە‌سە‌للىيگە مۇ‌ھتاج بولغانلىقىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ روھىنى كۆتىرىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌نداق بېشارە‌ت ئېيتقان:‏ «قورقما،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ بىلە‌ن بىللىدۇ‌رمە‌ن،‏ ئۇ يان بۇ يان قاراپ ھودۇ‌قماڭلار،‏ چۈنكى مە‌ن سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن،‏ مە‌ن يە‌نە سېنى كۈچە‌يتىمە‌ن،‏ شۇ‌نداق،‏ مە‌ن ساڭا ياردە‌مدە بولىمە‌ن!‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ مە‌ن ئۆزۈمنىڭ ھە‌ققانىيلىقىمنى بىلدۈرىدىغان ئوڭ قولۇ‌م بىلە‌ن يۆلە‌يمە‌ن» (‏يە‌شايا 41:‏10)‏.‏ كېيىن يە‌ھۋا دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌رگىمۇ تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىزگە دە‌ل شۇ‌نداق تە‌سە‌للىي بېرىدۇ ‏(‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 1:‏3،‏ 4نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

5 يە‌ھۋا ئۆز ئوغلىنىمۇ ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ ئە‌يسا چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئاسماندىن:‏ «بۇ مە‌ن ماقۇ‌للايدىغان مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م»،‏—‏ دېگە‌ن ئاۋازنى ئاڭلىغانىدى (‏مە‌تتا 3:‏17‏)‏.‏ يە‌ردىكى خىزمىتى جە‌ريانىدا،‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ ئە‌يساغا كۈچ بە‌رگە‌نلىكى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر!‏

ئە‌يسا باشقىلارغا تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن

6.‏ ئە‌يسانىڭ تالانت توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌مسىلى بىزگە قانداق تە‌سە‌للىي بېرىدۇ؟‏

6 ئە‌يسا باشقىلارنى سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىپ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئاتىسىنى ئۈلگە قىلغانىدى.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ تالانت ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلىدىن كۆرۈنىدۇ.‏ ئە‌يسا غوجايىننىڭ ھە‌ربىر سادىق خىزمە‌تچىسىگە:‏ «يارايسە‌ن!‏ سە‌ن مېھرىبان ھە‌م سادىق قۇ‌ل ئىكە‌نسە‌ن.‏ سە‌ن كىچىك نە‌رسىگە ئىدارە قىلغاندا سادىق بولدۇ‌ڭ،‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن مە‌ن سېنى كۆپ نە‌رسىنىڭ ئۈستىدىن قويۇ‌مە‌ن.‏ غوجايىنىڭنىڭ خۇ‌شاللىقىنى بۆلۈشكىن»،‏—‏ دېگە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 25:‏21،‏ 23‏)‏.‏ بۇ سۆزلە‌ر شاگىرتلىرىغا تە‌سە‌للىي بېرىپ،‏ ئۇ‌لارنى يە‌ھۋاغا داۋاملىق سادىق خىزمە‌ت قىلىشقا ئۈندىگە‌نىدى!‏

7.‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىنى،‏ بولۇ‌پمۇ پېترۇ‌سنى،‏ قانداق ئىلھاملاندۇ‌رغان؟‏

7 شاگىرتلىرى ئۆز-‏ئارا ئارىسىدا كىم ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە پات-‏پات گە‌پ تالاشسىمۇ،‏ ئە‌يسا ھە‌ردائىم ئۇ‌لارغا سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئۇ‌لارنى كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە خىزمە‌ت قىلىشىنى خالاشنىڭ ئورنىغا،‏ باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏لۇ‌قا 22:‏24—‏26)‏.‏ پېترۇ‌س بىرنە‌چچە قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ،‏ ئە‌يسانىڭ كۆڭلىنى قالدۇ‌رغان (‏مە‌تتا 16:‏21—‏23؛‏ 26:‏31—‏35،‏ 75‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئە‌يسا پېترۇ‌ستىن ۋاز كېچىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للىي بېرىپ،‏ ھە‌تتا باشقىلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنى تاپشۇ‌رغان (‏يوھاننا 21:‏16)‏.‏

تە‌سە‌للىي بېرىش ھە‌ققىدىكى ئۆتمۈشتىكى ۋە‌قە‌لە‌ر

8.‏ ھىزكىيا قوشۇ‌ن سە‌ردارلىرىنى ۋە يە‌ھۇ‌دىيلارنى قانداق قىلىپ ئىلھاملاندۇ‌رغان؟‏

8 ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسى تېخى بولمىغان چاغدىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى بىلگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھىزكىيانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئاسسۇ‌رىيە‌لىكلە‌ر يېرۇ‌سالىمغا ھۇ‌جۇ‌م قىلماقچى بولغاندا،‏ ئۇ قوشۇ‌ن سە‌ردارلىرى ۋە خە‌لىقنى يىغىپ،‏ ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ن.‏ خە‌لىق ئۇ‌نىڭ «سۆزىدىن تە‌سكىن تاپتى» ‏(‏تارىخنامە 2-‏يازما 32:‏6—‏8نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

9.‏ باشقىلارغا تە‌سە‌للىي بېرىشتە ئايۇ‌پتىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

9 باشقىلارغا تە‌سە‌للىي بېرىش ھە‌ققىدە ئايۇ‌پتىنمۇ ئۈلگە ئالساق بولىدۇ.‏ ئۆزى تە‌سە‌للىيگە مۇ‌ھتاج بولسىمۇ،‏ ئۇ باشقىلارغا قانداق تە‌سە‌للىي بېرىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئايۇ‌پ ئۇ‌نى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شقا كە‌لگە‌نلە‌رگە ئۇ‌لارنىڭ ئورنىدا بولسا،‏ ئېغىر تېگىدىغان سۆزلە‌رنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدىغان ۋە دە‌ردىگە داۋا بولىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتىدىغانلىقىنى دېگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 16:‏1—‏5)‏.‏ ئاخىرىدا ئايۇ‌پ ئېلىخۇ‌دىن ۋە يە‌ھۋانىڭ ئۆزىدىن تە‌سە‌للىي بېرىدىغان سۆزلە‌رنى ئاڭلىغانىدى (‏ئايۇ‌پ 33:‏24،‏ 25؛‏ 36:‏1،‏ 11؛‏ 42:‏7،‏ 10)‏.‏

10،‏ 11.‏ ئا)‏ يىفتاھنىڭ قىزى نېمە ئۈچۈن تە‌سە‌للىيگە مۇ‌ھتاج بولغانىدى؟‏ ئە)‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز كىملە‌رنى ئىلھاملاندۇ‌رساق بولىدۇ؟‏

10 يىفتاھنىڭ قىزىمۇ تە‌سە‌للىيگە مۇ‌ھتاج بولغانىدى.‏ ھاكىم بولغان ئاتىسى يىفتاھ ئاممونلۇ‌قلارغا قارشى جە‌ڭگە چىقماقچى بولغان.‏ يە‌ھۋا جە‌ڭدە غە‌لىبە قىلىشقا ياردە‌م بە‌رسە،‏ ئۇ ئۆيىگە قايتقاندا،‏ بىرىنچى بولۇ‌پ چىققان ئادە‌منى مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىردا خىزمە‌ت قىلىشقا بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ ئىسرائىل خە‌لقى دۈشمە‌نلىرىنى يېڭىپ،‏ يىفتاھنىڭ ئالدىغا بىرىنچى بولۇ‌پ ئۇ‌نىڭ يالغۇ‌ز قىزى چىقتى.‏ بۇ‌نى كۆرگە‌ندە،‏ يىفتاھ قاتتىق قايغۇ‌ردى.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ سۆزىدىن يانماي،‏ قىزىنى مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىردا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمە‌ت قىلىشقا ئە‌ۋە‌تىدۇ (‏ھاكىملار 11:‏30—‏35)‏.‏

11 بۇ يىفتاھ ئۈچۈن بە‌ك قىيىن بولغىنى بىلە‌ن،‏ قىزىغا ئۇ‌نىڭدىنمۇ تە‌س بولغان بولسا كېرە‌ك.‏ ئامما قىزى ئاتىسىنىڭ ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلاشقا تە‌ييار بولدى (‏ھاكىملار 11:‏36،‏ 37)‏.‏ ئۇ ھېچقاچان تۇ‌رمۇ‌شقا چىقماتتى ۋە پە‌رزە‌نت كۆرە‌لمە‌تتى.‏ دېمە‌ك،‏ ئائىلىسىنىڭ نە‌سە‌بنامىسى ئاياقلىشاتتى.‏ يىفتاھنىڭ قىزىغا كۆپ تە‌سە‌للىي ۋە مە‌دە‌ت كېرە‌ك ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئىسرائىلنىڭ قىزلىرى بېرىپ،‏ ھە‌ر يىل تۆت كۈنگىچە گىلىيادلىق يىفتاھ قىزىنى ياد يىغلىشاتتى» (‏ھاكىملار 11:‏39،‏ 40)‏.‏ يىفتاھنىڭ قىزى بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن توي قىلماي يۈرگە‌ن قېرىنداشلارنى ئېسىمىزغا سالىدۇ.‏ ئۇ‌لارنى ماختاپ،‏ ئىلھاملاندۇ‌رىمىزمۇ؟‏ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏32—‏35)‏.‏

ئە‌لچىلە‌ر قېرىنداشلارغا تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن

12،‏ 13.‏ پېترۇ‌س قانداقلارچە قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن؟‏

12 ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كېچىسى ئە‌يسا ئە‌لچى پېترۇ‌سقا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىمۇ‌ن،‏ سىمۇ‌ن،‏ شە‌يتان سىلە‌رنى بۇ‌غدايدە‌ك تاسقاشنى تە‌لە‌پ قىلغان.‏ لېكىن ئېتىقادىڭ ئاجىزلىماسلىقى ئۈچۈن،‏ مە‌ن سە‌ن ھە‌ققىدە قىزغىن دۇ‌ئا قىلدىم.‏ ھە‌م سە‌ن يېنىپ كېلىپ،‏ بۇ‌رادە‌رلىرىڭنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىكىن» (‏لۇ‌قا 22:‏31،‏ 32)‏.‏

بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌رنى ئىلھاملاندۇ‌رغان ئە‌لچىلە‌رنىڭ خە‌تلىرى بۈگۈنكى كۈنى بىزگىمۇ تە‌سە‌للىي بېرىدۇ

بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌رنى ئىلھاملاندۇ‌رغان ئە‌لچىلە‌رنىڭ خە‌تلىرى بۈگۈنكى كۈنى بىزگىمۇ تە‌سە‌للىي بېرىدۇ (‏12—‏17 ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

13 پېترۇ‌س دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌ر جامائىتىدە رە‌ھبە‌رلىكنى زىممىسىگە ئالغانلارنىڭ بىرى بولغان (‏گالاتىلىقلارغا 2:‏9)‏.‏ ئۇ ئە‌للىكىنچى كۈندىكى ھوسۇ‌ل يىغىش بايرىمىدىكى ۋە كېيىنكى باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن قىلغان ئىشلىرى ئارقىلىق قېرىنداشلىرىنى ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ كۆپ يىل خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۇ قېرىنداشلارغا:‏ «سىلە‌رنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ۋە خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي ئىنايىتى ھە‌ققىدە ئىخلاس بىلە‌ن گۇ‌ۋاھ بېرىش ئۈچۈن،‏ رە‌ببىمىزنىڭ سادىق خىزمە‌تچىسى سىلۋانۇ‌سنىڭ ياردىمى بىلە‌ن سىلە‌رگە قىسقىچە يازدىم.‏ خۇ‌دانىڭ مول مېھىرلىگىدە مە‌ھكە‌م تۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏12)‏.‏ پېترۇ‌سنىڭ خە‌تلىرى ئۇ‌نىڭ زامانىدىكى مە‌سىھىيلە‌رنى ئىلھاملاندۇ‌رغانىدى.‏ شۇ خە‌تلە‌ر يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىنىڭ پۈتۈنلە‌ي ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى كۈتۈپ يۈرگە‌ن بىزنى تېخىچە ئىلھاملاندۇ‌رماقتا!‏ (‏پېترۇ‌سنىڭ 2-‏خېتى 3:‏13)‏.‏

14،‏ 15.‏ ئە‌لچى يوھاننا يازغان كىتابلار بىزنى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ؟‏

14 ئە‌لچى يوھاننامۇ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌ر جامائىتىدە يېتە‌كچىلىك قىلغانلارنىڭ بىرى بولغان.‏ ئۇ ئۆزى يازغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ردە ئە‌يسانىڭ خىزمىتى ھە‌ققىدە بايان قىلغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ بۇ كىتابى مە‌سىھىيلە‌رنى يۈزلىگە‌ن يىل داۋامىدا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزگىمۇ تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌قىقىي شاگىرتلارنى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئېنىقلاشقا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدىكى ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى پە‌قە‌ت ئە‌لچى يوھاننا يېزىپ قويغان ‏(‏يوھاننا 13:‏34،‏ 35نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

15 يوھاننانىڭ يازغان ئۈچ خېتىدىمۇ باھالىق ھە‌قىقە‌تلە‌ر بار.‏ ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرىمىز تۈپە‌يلىدىن چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ندە،‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى «ھە‌رقانداق گۇ‌نادىن تازىلايدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌ر بىزگە تە‌سكىن بېرىدۇ (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 1:‏7)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۆزۈمىزنى يە‌نىلا ئە‌يىبكاردە‌ك ھېس قىلىۋە‌رسە‌ك،‏ يە‌ھۋا «بىزنىڭ يۈرىكىمىزدىن ئۇ‌لۇ‌ق» دېگە‌ن سۆزلە‌ر تە‌سە‌للىي بېرىدۇ (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 3:‏20)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرىنىڭ ئىچىدە پە‌قە‌ت يوھاننا «خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر» دە‌پ يازغان (‏يوھاننانىڭ 1-‏خېتى 4:‏8،‏ 16)‏.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خە‌تلىرىدە «ھە‌قىقە‌تتە مېڭىۋاتقان» مە‌سىھىيلە‌رنى ماختىغان (‏يوھاننانىڭ 2-‏خېتى 4؛‏ يوھاننانىڭ 3-‏خېتى 3،‏ 4)‏.‏

16،‏ 17.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌رگە قانداق تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن؟‏

16 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قېرىنداشلارغا تە‌سە‌للىي بېرىشنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسى بولغان.‏ ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمە‌ي،‏ ئە‌لچىلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى يېرۇ‌سالىمدا قالغانىدى.‏ رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌شمۇ شۇ يە‌ردە ئىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 8:‏14؛‏ 15:‏2)‏.‏ يە‌ھۇ‌دىيە‌دىكى مە‌سىھىيلە‌ر ئاللىقاچان يالغۇ‌ز خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە مە‌سىھ ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلىپ يۈرگە‌نىدى.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ پاۋلۇ‌سنى كۆپلىگە‌ن ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان گرېكلار،‏ رىملىقلار ۋە باشقا خە‌لىقلە‌رگە ۋە‌ز قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏گالاتىلىقلارغا 2:‏7—‏9؛‏ تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 2:‏7)‏.‏

17 پاۋلۇ‌س ھازىرقى تۈركىيە،‏ گرېتسىيە ۋە ئىتالىيە رايونلىرىغا سە‌پە‌ر قىلغان.‏ ئۇ شۇ يە‌ردىكى يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌س ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلىپ،‏ يېڭى جامائە‌تلە‌رنى قۇ‌رغان.‏ يېڭىدىن مە‌سىھىي بولغان بۇ قېرىنداشلارنىڭ ئە‌ھۋالى ئاسان بولمىغان.‏ ئۆز مىللە‌ت كىشىلىرىگە قارشىلىق كۆرسە‌تكە‌چكە،‏ ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للىي كېرە‌ك بولغان (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏14)‏.‏ تە‌خمىنە‌ن 50-‏يىللىرى پاۋلۇ‌س سالونىكىدىكى يېڭى جامائە‌تكە روھنى كۆتىرىدىغان خە‌تلە‌رنى يازغان.‏ ئۇ:‏ «ھە‌ر قېتىم دۇ‌ئالىرىمىزدا بارلىقىڭلارنى ئە‌سكە ئېلىپ،‏ خۇ‌داغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز،‏ چۈنكى بىز ھە‌ردائىم سىلە‌رنىڭ.‏.‏.‏ ئېتىقاد پائالىيىتىڭلارنى،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە تاقابىل ئە‌مگىگىڭلارنى ئە‌سلە‌يمىز»،‏—‏ دىدى (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 1:‏2،‏ 3)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لاردىن بىر-‏بىرىگە تە‌سە‌للىي بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ،‏ مۇ‌نداق دە‌پ يازغانىدى:‏ «بىر-‏بىرىڭلارغا تە‌سە‌للى بېرىڭلار ۋە بىر-‏بىرىڭلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭلار» (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏11)‏.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌ش بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ

18.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى يېتە‌كچى كېڭە‌ش فىلىپنى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رغان؟‏

18 بىرىنچى ئە‌سىردە‏،‏ يە‌ھۋا يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئارقىلىق ھە‌ممە مە‌سىھىيلە‌رگە،‏ شۇ‌نىڭ ئىچىدە جامائە‌تتە يېتە‌كچىلىك قىلغانلارغىمۇ تە‌سە‌للى بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ فىلىپ سامارىيە‌لىكلە‌رگە مە‌سىھ ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلغاندا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئۇ‌نى قوللىغان.‏ ئۇ‌لار پېترۇ‌س بىلە‌ن يوھاننانى يېڭىدىن مە‌سىھىي بولغان قېرىنداشلار ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراپ دۇ‌ئا قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌نىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 8:‏5،‏ 14—‏17)‏.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ياردىمىنى سە‌زگە‌ن فىلىپ ۋە يېڭىدىن مە‌سىھىي بولغان قېرىنداشلارنىڭ زور تە‌سە‌للىي ئالغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىز!‏

19.‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھىيلە‌ر يېتە‌كچى كېڭە‌شتىن كە‌لگە‌ن خە‌تنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۆزىنى قانداق ھېس قىلدى؟‏

19 كېيىنىرە‌ك،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ناھايىتى مۇ‌ھىم بىر قارارنى چىقىرىشى زۆرۈر بولغانىدى:‏ يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌س مە‌سىھىيلە‌رنىڭ يە‌ھۇ‌دىيلارغا ئوخشاش خە‌تنە قىلىنىشى شە‌رت بولدىمۇ؟‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏1،‏ 2)‏.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراپ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يازمىلارنىڭ ئاساسىدا مۇ‌لاھىزە قىلغاندىن كېيىن،‏ ئە‌مدى خە‌تنە قىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكە‌نلىكىنى قارار قىلغانىدى.‏ ئاندىن ئۆز قارارىنى چۈشە‌ندۈرۈپ خە‌ت يازغان ۋە ئۇ‌نى جامائە‌تلە‌رگە يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن بۇ‌رادە‌رلە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىھىيلە‌ر خە‌تنى ئوقۇ‌غاندا،‏ ئۇ‌نىڭدىكى «ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان سۆزلە‌رگە ئۇ‌لار خۇ‌شال بولۇ‌شتى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏27—‏32)‏.‏

20.‏ ئا)‏ بۈگۈن يېتە‌كچى كېڭە‌ش ھە‌ممىمىزنى قانداق ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ؟‏ ئە)‏ كېلە‌ركى ماقالىدە قانداق سوئالنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

20 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭىشى بە‌يتە‌لدىكىلە‌رگە،‏ باشقا مە‌خسۇ‌س تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچىلە‌رگە ۋە ھە‌ممە ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى قېرىنداشلارغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ ئۇ‌لاردىن تە‌سە‌للىي ئېلىپ خۇ‌شال بولىمىز!‏ شۇ‌نداقلا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ھە‌قىقە‌تتىن يىراقلاپ كېتىپ قالغانلارنى قايتىپ كېلىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىش ئۈچۈن،‏ 2015-‏يىلى «‏يە‌ھۋاغا قايتىپ كېلىڭ‏» (‏خە‌نزۇ‌چە)‏ ناملىق كىتابچىنى نە‌شىر قىلغانىدى.‏ لېكىن،‏ پە‌قە‌ت يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى كېرە‌كمۇ ياكى ھە‌ممىمىز شۇ‌نداق قىلىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى كېلە‌ركى ماقالىدە تاپالايسىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش