كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ب‌ك 4-‏دە‌رس 10-‏11 ب.‏
  • ئۇ دادىسىنى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانى خوشال قىلغان

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئۇ دادىسىنى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانى خوشال قىلغان
  • بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋاغا سادىق كىشىلە‌ر قە‌سىمىنى ئورۇ‌ندىغان
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • تە‌سە‌للىي بە‌رگۈچى خۇ‌دا يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
ب‌ك 4-‏دە‌رس 10-‏11 ب.‏
يىفتاھ قىزی كىچىك بولغاندا ئوُنىڭغا كوپ ۋاقىت بولگه‌ن

4-‏دە‌رس

ئۇ دادىسىنى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانى خوشال قىلغان

ىسرائىل قوشوُنی دوٰشمه‌نلىرىگه قارشی ئوُروُشوُۋاتقاندا،‏ يىفتاھ يه‌هۋاغا دوُئا قىلىۋاتىدوُ

يىفتاھ يە‌ھۋاغا قانداق ۋە‌دە بېرىۋاتىدۇ؟‏

يىفتاھ ئوُروُشتىن قايتىپ كه‌لگه‌نده،‏ ئوُنی قارشی ئېلىشقا چىققان قىزىنی قوُچاقۋاتىدوُ

قىيىن بولسىمۇ،‏ يىفتاھنىڭ قىزى دادىسىنىڭ ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلىدى

سىز رە‌سىمدىكى قىزنى كۆرۈۋاتامسىز؟‏ –‏ ئۇ يىفتاھ ئىسىملىق كىشىنىڭ قىزى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ قىزنىڭ ئىسمى يېزىلمىسىمۇ،‏ ئۇ دادىسىنى ۋە يە‌ھۋانى خوشال قىلغانلىقىنى بىلىمىز.‏ كېلىڭ،‏ ئۇ‌نىڭ دادىسى يىفتاھ توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىۋالايلى.‏

يىفتاھ ياخشى ئادە‌م بولغان ۋە قىزىغا يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرىسىدا تە‌لىم بېرىشكە كۆپ ۋاقىت بۆلگە‌ن.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ كۈچلۈك ئادە‌م ۋە ياخشى باشقۇ‌رغۇ‌چى بولغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللىقلار ئۇ‌نى دۈشمە‌نلىرىگە قارشى ئۇ‌رۇ‌شتا باشچىلىق قىلىشقا سورىدى.‏

يىفتاھ يېڭىۋېلىش ئۈچۈن خۇ‌دادىن دۇ‌ئادا ياردە‌م سورىدى.‏ يىفتاھ ئۇ‌رۇ‌شتىن يېڭىپ كە‌لسە‌م،‏ ئۆيۈمدىن بىرىنچى بولۇ‌پ چىققان ئادە‌منى يە‌ھۋاغا بېرىمە‌ن دە‌پ ۋە‌دە قىلىدۇ.‏ بۇ ئادە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىردا،‏ يە‌نى خۇ‌دانىڭ ئۆيىدە ياشاپ،‏ ئۆمۈر بويى ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىر ئىبادە‌ت جايى بولغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يىفتاھ دۈشمە‌نلىرىنى يېڭىۋالدى!‏ ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كە‌لگە‌ندە ئالدىغا بىرىنچى بولۇ‌پ كىم چىققانلىقىنى بىلە‌مسىز؟‏ –‏

يىفتاھنىڭ ئالدىغا ئۇ‌نىڭ قىزى چىقتى.‏ ئۇ ئۇ‌نىڭ يالغۇ‌ز بالىسى بولۇ‌پ،‏ ئە‌مدى ئۇ ئۆيدىن كېتىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ يىفتاھ بۇ‌نىڭغا قاتتىق قايغۇ‌ردى.‏ لېكىن ئۇ خۇ‌داغا ۋە‌دە بېرىپ قويغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا قىزى ئۇ‌نىڭغا:‏ «دادا،‏ يە‌ھۋاغا سۆز بە‌رگە‌ن بولسىڭىز،‏ سۆزىڭىزدىن يانماڭ»،‏—‏ دىدى.‏

يىفتاهنىڭ قىزی موُقه‌دده‌س چېدىر ئوٰچوٰن ئوتوُن يىغىۋاتىدوُ؛‏ دوستلىری ئوُنی يوقپ كه‌لدی

دوستلىرى يىفتاھنىڭ قىزىنى ھە‌ر يىلى يوقلاپ تۇ‌راتتى

يىفتاھنىڭ قىزىغىمۇ قىيىن بولدى.‏ چۈنكى مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىردا خىزمە‌ت قىلغانلىقتىن،‏ ئۇ تۇ‌رمۇ‌شقا چىقالماتتى،‏ بالىلىق بولالماتتى.‏ لېكىن ئۇ دادىسىنىڭ ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلاپ،‏ يە‌ھۋانى خوشال قىلىشنى خالىغان.‏ بۇ قىز ئۈچۈن يە‌ھۋانى خوشال قىلىش تۇ‌رمۇ‌شقا چىقىپ،‏ بالىلىق بولۇ‌شتىنمۇ مۇ‌ھىم ئىدى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆيىنى تاشلاپ كېتىپ،‏ قالغان ھاياتىنى مۇ‌قە‌ددە‌س چېدىردا ئۆتكۈزدى.‏

قانداق ئويلايسىز،‏ ئۇ دادىسىنى ۋە يە‌ھۋانى خوشال قىلدىمۇ؟‏ –‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋاغا قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌نى ياخشى كۆرسىڭىز،‏ يىفتاھنىڭ قىزىغا ئوخشاش بولالايسىز.‏ سىزمۇ ئاتا-‏ئانىڭىزنى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانى خوشال قىلىسىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىڭىزدىن ئوقۇ‌ڭ

  • تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏4—‏6

  • ھاكىملار 11:‏30—‏40

  • كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏37،‏ 38

سوئاللار:‏

  • يىفتاھ كىم بولغان؟‏ ئۇ قانداق ۋە‌دە بە‌ردى؟‏

  • نېمىشقا يىفتاھنىڭ قىزىغا دادىسىنىڭ بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلاش ئاسان بولمىغان؟‏

  • يىفتاھنىڭ قىزى ئۈچۈن نېمە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بولغان؟‏

  • سىز قانداق قىلىپ يىفتاھنىڭ قىزىغا ئوخشاش بولالايسىز؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش