تەتقىق قىلىش پىلانى
يەھۋاغا سادىق كىشىلەر قەسىمىنى ئورۇندىغان
ھاكىملار 11:30–40-نى ئوقۇپ، قەسەمنى ئورۇنداش ھەققىدە يىفتاھ ۋە ئۇنىڭ قىزىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىڭ.
ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرنى تەتقىق قىلىڭ. سادىق ئىسرائىللار يەھۋا خۇداغا بەرگەن قەسەملىرىگە قانداق قارىغان؟ (سانلار 30:2). يىفتاھ ۋە ئۇنىڭ قىزى يەھۋاغا ئىشەنگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (ھاكىم. 11:9–11، 19–24، 36).
چوڭقۇرراق قېزىڭ. يىفتاھ يەھۋاغا قەسەم بەرگەندە، ئۇ نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق قىلغان؟ (16w.04 7-ب.، 12-ئابز.) قەسەمنى ئورۇنداش ئۈچۈن، يىفتاھ ۋە ئۇنىڭ قىزى قانداق قۇربانلىقلارنى بەرگەن؟ (16w.04 7، 8-ب.، 14–16 ئابز.) بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى قانداق قەسەملەرنى بېرىدۇ؟ (17w.04 6–9 ب.، 10–19 ئابز.)
نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ:
يەھۋاغا ئۆزۈمنى بېغىشلاپ بەرگەن قەسىمىمنى ئورۇنداشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (20w.03 13-ب.، 20-ئابز.)
يەھۋاغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قانداق قۇربانلىقلارنى بېرەلەيمەن؟
توي قىلغاندا، ئۆز ھەمراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئورۇنداپ، ۋاپادارلىقنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟ (مەتتا 19:5، 6؛ ئەفەس. 5:28–33)