كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئىيۇ‌ل 21-‏26 ب.‏
  • بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا مە‌نسۈپ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا مە‌نسۈپ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ھاياتىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاش
  • بۇ دۇ‌نياغا خاس ھە‌ۋە‌سلە‌رنى رە‌ت قىلىش
  • بىر-‏بىرىمىزنى قىزغىن سۆيۈش
  • پە‌رۋە‌ردىگار ئۆز خە‌لقىنى تاشلىمايدۇ
  • نېمە ئۈچۈن ھاياتىمىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز كېرە‌ك؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • نېمە ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىڭىز كېرە‌ك؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈش —‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن شە‌رت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ‏«كىم يە‌ھۋانىڭ تە‌رىپىدە؟‏»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئىيۇ‌ل 21-‏26 ب.‏
يۇ‌لتۇ‌زلۇ‌ق ئاسمانغا قاراۋاتقان ئادە‌م

بىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا مە‌نسۈپ

‏«پە‌رۋە‌ردىگارنى ئۆز خۇ‌دائىمىز دە‌پ بىلگە‌ن ئىسرائىل بە‌ختلىكتۇ‌ر،‏ پە‌رۋە‌ردىگار ئۆزىگە تە‌ۋە قىلىپ تاللىغان خە‌لىق بە‌ختلىكتۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 33:‏12،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏

ناخشىلار:‏ 31،‏ 48

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • بىز يە‌ھۋاغا ئۆزۈمىزنى بېغىشلاپ،‏ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ نېمىنى ئىسپاتلايمىز؟‏

  • نېمە ئۈچۈن پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغىلا ئىبادە‌ت قىلىدىغانلىقىمىز باشقىلارغا ئېنىق كۆرۈنۈشى كېرە‌ك؟‏

  • قېرىنداشلىرىمىزغا نېمە ئۈچۈن مېھماندوست،‏ مە‌رت،‏ مېھرىبان ۋە كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ممە نە‌رسە يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

ھە‌ممە نە‌رسە يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ!‏ «ئاسمانلار بىلە‌ن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى،‏ يە‌ر يۈزى بىلە‌ن پۈتۈن بارلىقى تە‌ڭرىڭ خۇ‌داۋە‌ندىنىڭكىدۇ‌ر» (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏14؛‏ ۋە‌ھىي 4:‏11)‏.‏ يە‌ھۋا ئادە‌ملە‌رنى ياراتقاچقا،‏ بىز ھە‌ممىمىز ئۇ‌نىڭغا مە‌نسۈپ (‏زە‌بۇ‌ر 100:‏3)‏.‏ خۇ‌دا ئىنسانىيە‌ت تارىخىدا ھايات كە‌چۈرگە‌ن پۈتكۈل خە‌لىقلە‌ر ئارىسىدىن ئۆزىگە ئالاھىدە مە‌نسۈپ كىشىلە‌رنى تاللىۋالغان.‏

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا كىملە‌ر يە‌ھۋاغا ئالاھىدە مە‌نسۈپ؟‏

2 مە‌سىلە‌ن،‏ زە‌بۇ‌رنىڭ 135-‏بابىدا يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمكى زاماندىكى سادىق خىزمە‌تچىلىرى خۇ‌دانىڭ «مىراسى» ياكى ئالاھىدە مۈلكى دە‌پ ئاتالغان (‏زە‌بۇ‌ر 135،‏ 4)‏.‏ ھوشىيا پە‌يغە‌مبە‌ر بېشارە‌ت قىلغاندە‌ك،‏ ئىسرائىللار ئە‌مە‌س بە‌زى ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى قاتارىغا كىرە‌لىگە‌ن (‏ھوشىيا 2:‏23)‏.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر،‏ خۇ‌دا ئىسرائىللار ئە‌مە‌س كىشىلە‌رنى مە‌سىھ بىلە‌ن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن تاللاشقا باشلىغاندا ئورۇ‌نلانغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏45؛‏ رىملىقلارغا 9:‏23—‏26)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان ئادە‌ملە‌ر «مۇ‌قە‌ددە‌س خە‌لق» دە‌پ ئاتالغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ «ئالاھىدە مۈلكى» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏9،‏ 10)‏.‏ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار سادىق ئېتىقادچىلار ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىلغان؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى «خە‌لقىم» دە‌پ ئاتىغان (‏يە‌شايا 65:‏22)‏.‏

3.‏ ئا)‏ بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋا بىلە‌ن ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئىگە؟‏ ئە)‏ بۇ ماقالىدە بىز نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بۈگۈنكى كۈندە ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار «كىچىك پادا»،‏ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بار «باشقا قويلار» بىلە‌ن يە‌ھۋاغا بىللە «بىر پادا» بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلماقتا (‏لۇ‌قا 12:‏32؛‏ يوھان 10:‏16)‏.‏ بىز يە‌ھۋا بىلە‌ن ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن چە‌كسىز مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىشنى خالايمىز.‏ بۇ ماقالىدە يە‌ھۋا بىزگە بە‌رگە‌ن بۇ ئالاھىدە ئىمتىياز ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

ھاياتىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاش

4.‏ يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز ۋە ئە‌يسا ئۇ‌نى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

4 ھاياتىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.‏ شۇ چاغدىلا،‏ يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ ئىكە‌نلىكىمىزنى ۋە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شنى خالايدىغانلىقىمىزنى ھە‌ممىسى كۆرە‌لە‌يدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 12:‏9)‏.‏ ئە‌يسامۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ندە شۇ‌نداق قىلغان.‏ ئە‌يسا يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ خە‌لقتىن چىققان بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغان ئىدى.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ مۇ‌نداق ئېيتقاندە‌ك بولغان:‏ «خۇ‌دايىم،‏ ئىرادە‌ڭنى ئىشقا ئاشۇ‌رۇ‌ش خۇ‌شاللىقىمدۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏7،‏ 8)‏.‏

5،‏ 6.‏ ئا)‏ ئە‌يسا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە يە‌ھۋا نېمە دېگە‌ن؟‏ ئە)‏ بىز ئۆزۈمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندا ئۇ‌نىڭ خۇ‌شال بولىدىغانلىقىنى قانداق مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈشكە بولىدۇ؟‏

5 ئە‌يسا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە يە‌ھۋا قانداق ھېسسىياتتا بولغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ئە‌يسا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن دە‌رھال سۇ‌دىن چىقتى.‏ شۇ مە‌زگىلدە ئاسمان ئېچىلىپ،‏ ئە‌يساغا كە‌پتە‌ر قىياپىتىدە چۈشۈپ كېلىۋاتقان خۇ‌دانىڭ روھىنى يە‌ھىيا كۆردى.‏ ھە‌م ئاسماندىن بىر ئاۋاز:‏ «بۇ مە‌ن ماقۇ‌للايدىغان مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م»،‏—‏ دېدى» (‏مە‌تتا 3:‏16،‏ 17‏)‏.‏ ئە‌يسا ئاللىقاچان يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ بولغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە خىزمە‌ت قىلىشقا ئە‌يسانىڭ ئۆز ھاياتىنى بېغىشلاشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولغان ئىدى.‏ بىزمۇ ئۆزۈمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندا،‏ ئۇ ناھايىتى خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ ۋە بىزگە بە‌رىكە‌ت بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 149:‏4)‏.‏

6 ھە‌ممە نە‌رسە ئاللىقاچان يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ بولسا،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا يە‌نە نېمە بېرە‌لە‌يمىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر كىشى بېغىدا چىرايلىق گۈللە‌رنى ئۆستۈردى دە‌يلى.‏ بىر كۈنى ئۇ‌نىڭ كىچىك قىزى شۇ گۈللە‌ر ئارىسىدىن بىرىنى ئۈزۈپ،‏ دادىسىغا سوۋغا قىلىدۇ.‏ باغدىكى گۈللە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئۆزىنىڭكى بولسىمۇ،‏ كۆيۈمچان ئاتا قىزىنىڭ شۇ سوۋغىسىدىن خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىن قىزنىڭ ئۆز ئاتىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى كۆرۈنىدۇ.‏ ئاتىسى ئۈچۈن ئە‌مدى بۇ گۈل باغدىكى باشقا گۈللە‌ردىن قىممە‌تلىك.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ ھاياتىمىزنى ئۆز ئىختىيارىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى خۇ‌شال بولىدۇ (‏چىقىش 34:‏14)‏.‏

7.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزىگە خىزمە‌ت قىلىدىغانلارغا نىسبە‌تە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى مالاكى قانداق تە‌سۋىرلىگە‌ن؟‏

7 مالاكى 3:‏16نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئۆزۈمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچىلىك مۇ‌ھىم؟‏ بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا تۆرە‌لگە‌ندىن باشلاپ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ ئىكە‌نلىكىمىز راست.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ئۇ‌نى ھۆكۈمران سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ھاياتىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلاشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرگە‌ندە،‏ قە‌لبى قانچىلىك خۇ‌شال بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭە!‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏15)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە پۈتۈن قە‌لبى بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىدىغانلارنى ياخشى بىلىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرىنى «ھاياتلىق كىتابىغا» يېزىپ قويىدۇ.‏

8،‏ 9.‏ ئىسىملىرى «ھاياتلىق كىتابىدا» يېزىلغان ئادە‌ملە‌ردىن يە‌ھۋا نېمىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏

8 بىز ئىسمىمىزنىڭ داۋاملىق يە‌ھۋانىڭ «ھاياتلىق كىتابىدا» بولۇ‌شىنى خالىساق،‏ بە‌زى تە‌لە‌پلە‌رنى ئورۇ‌نلىشىمىز لازىم.‏ مالاكى بىزنىڭ يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىسمى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋادىن باشقا بىرىگە ياكى بىرە‌ر نە‌رسىگە چوقۇ‌نساق،‏ ئىسمىمىز يە‌ھۋانىڭ كىتابىدىن ئۆچۈرىدۇ!‏ (‏چىقىش 32:‏33؛‏ ۋە‌ھىي 3:‏5)‏.‏

بىز ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز بىلە‌ن ئىسپاتلىشىمىز كېرە‌ك

9 دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن ۋە‌دە بېرىپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ بۇ ئىشلارنى ھاياتىمىزدا پە‌قە‌ت بىرلا قېتىم قىلىمىز.‏ بىراق يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش —‏ بىزنىڭ ھايات تە‌رزىمىز.‏ بىز ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز بىلە‌ن ئىسپاتلىشىمىز كېرە‌ك (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 4:‏1،‏ 2)‏.‏

بۇ دۇ‌نياغا خاس ھە‌ۋە‌سلە‌رنى رە‌ت قىلىش

10.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمىتىدە بولغانلار بىلە‌ن بولمىغانلار ئارىسىدا قانداق پە‌رق ئېنىق كۆرۈنۈشى كېرە‌ك؟‏

10 ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ قابىل،‏ سۇ‌لايمان ۋە ئىسرائىل خە‌لقى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىۋاتىمىز دېگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭغا سادىق بولمىغان.‏ بۇ مىساللاردىن يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىمە‌ن دە‌پ قويۇ‌شنىڭلا يېتە‌رلىك ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.‏ بىز رە‌زىللىكنى ئۆچ كۆرۈپ،‏ ياخشىلىقنى سۆيۈشىمىز كېرە‌ك (‏رىملىقلارغا 12:‏9)‏.‏ يە‌ھۋا «ھە‌ققانىيلار بىلە‌ن رە‌زىللە‌رنى،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمىتىدە بولغانلار بىلە‌ن بولمىغانلارنى پە‌رق ئېتىش» ئاسان بولىدۇ دە‌پ ئېيتقان (‏مالاكى 3:‏18)‏.‏

11.‏ بىزنىڭ پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغىلا ئىبادە‌ت قىلىدىغانلىقىمىز نېمە ئۈچۈن روشە‌ن كۆرۈنۈشى كېرە‌ك؟‏

11 يە‌ھۋا بىزنى ئۆز خە‌لقى سۈپىتىدە تاللىغانلىقى ئۈچۈن چە‌كسىز مىننە‌تدارمىز!‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رىدىغانلىقىمىزنى ھە‌ممىسى روشە‌ن كۆرە‌لىشى زۆرۈر (‏مە‌تتا 5:‏16؛‏ تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 4:‏15)‏.‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «باشقىلار مېنىڭ يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي سادىق ئىكە‌نلىكىمنى كۆرە‌لە‌مدۇ؟‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغانلىقىمدىن پە‌خىرلىنىمە‌نمۇ؟‏» بىز ئۆزۈمىزنىڭ يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ ئىكە‌نلىكىمىزنى باشقىلارغا ئېيتىشتىن ئۇ‌يالساق،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلى قانچىلىك يېرىم بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭە!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏46؛‏ مارك 8:‏38نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

گۇ‌ۋاھچى ئە‌ر-‏ئايالنىڭ كىيىمى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ ئادە‌ملىرىدىن پە‌رقلىق ئىكە‌نلىكى ئېنىق كۆرۈنمە‌يدۇ

ھاياتىمىزدىن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئىكە‌نلىكىمىز ئېنىق كۆرۈنە‌مدۇ؟‏ (‏12،‏ 13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

12،‏ 13.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىلە‌رنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ياكى ئە‌مە‌سلىكىنى پە‌رق ئېتىش قىيىن؟‏

12 بە‌ك ئە‌پسۇ‌سكى،‏ بە‌زى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بۇ «دۇ‌نيانىڭ روھىنى» ئۈلگە قىلىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمايدىغان ئادە‌ملە‌ردىن ئانچە پە‌رقلە‌نمە‌يدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 2:‏12)‏.‏ «دۇ‌نيانىڭ روھى» ئادە‌ملە‌رنى ئۆزىنىڭ شە‌خسىي ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىنىلا ئويلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 2:‏3)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌ۋاپىق كىيىنىش ھە‌ققىدە قايتا-‏قايتا مە‌سلىھە‌ت بېرىلسىمۇ،‏ بە‌زىلە‌ر بۇ مە‌سلىھە‌تكە پە‌رۋا قىلمايدۇ.‏ ئۇ‌لار بە‌دە‌نگە چاپلىشىپ تۇ‌رىدىغان،‏ يېرىم ئوچۇ‌ق كىيىملە‌رنى كىيىدۇ،‏ ھە‌تتا جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىغىمۇ شۇ‌نداق كىيىنىپ كېلىدۇ.‏ ياكى بولمىسا كىشىلە‌رنىڭ دىققىتىنى تېزلا ئۆزىگە جە‌لىپ قىلىدىغان چاچ فاسونىنى تاللايدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 2:‏9،‏ 10)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ياكى ئە‌مە‌سلىكىنى باشقىلارنىڭ پە‌رق ئېتىشى قىيىن بولىدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏4)‏.‏

13 بە‌زى گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ردىن ئانچە چوڭ پە‌رق قىلمايدىغانلىقى يە‌نە باشقا تە‌رە‌پلە‌ردە ئىپادىلىنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئولتۇ‌رۇ‌شلىرىدا بە‌زىلە‌رنىڭ ئوينىغان ئۇ‌سسۇ‌للىرى ياكى قىلغان قىلىقلىرى خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىگە ماس كە‌لمە‌يدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌رنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا چىقارغان سۈرە‌تلىرى ياكى يازغان ئىزاھاتلىرى ئۇ‌لارنىڭ جىسمانىي كۆزقاراشلىرىنى ئاشكارىلايدۇ.‏ ئۇ‌لار ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزمىگە‌نلىكتىن،‏ يە‌نىلا جامائە‌تنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار بۇ دۇ‌نيا كىشىلىرىدىن پە‌رقلىنىپ ياشاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان باشقا ئېتىقادچىلارغا يامان تە‌سىر قىلالايدۇ ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏11،‏ 12نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

ئە‌دە‌پسىز كىيىنىپ،‏ ئىبادە‌ت ئۆيىگە كىرىۋاتقان ئە‌ر-‏ئايال

يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تمىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر سىزگە يامان تە‌سىر قىلمىسۇ‌ن

14.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋە‌تنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟‏

14 بۇ «دۇ‌نيادىكى ھە‌ممە بار نە‌رسە» تە‌ننىڭ ھە‌ۋە‌سلىرى ۋە كۆزنىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى كۈچە‌يتىپ،‏ مال-‏دۇ‌نيا بىلە‌ن ماختىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏يوھاننىڭ 1-‏خېتى 2:‏16)‏.‏ بىز يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ بولغانلىقتىن،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ئادە‌ملە‌ردىن پە‌رقلىنىمىز.‏ بىز «رە‌زىللىكنى ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى رە‌ت قىلىپ»،‏ «ساغلام پىكىرلىكنى،‏ ھە‌ققانىيلىقنى ھە‌م ۋاپادارلىقنى ساقلاپ ياشايمىز» (‏تىتقا 2:‏12)‏.‏ بىزنىڭ گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز،‏ يە‌پ-‏ئىچىش ئادە‌تلىرىمىز،‏ كىيىنىش ۋە ياسىنىشىمىز ھە‌م ئىشلىگە‌ن ئىشىمىز قاتارلىق ھاياتنىڭ ھە‌ربىر ساھە‌سىدە يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ ئىكە‌نلىكىمىزنى باشقىلارغا ئېنىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك ‏(‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏31،‏ 32نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

بىر-‏بىرىمىزنى قىزغىن سۆيۈش

15.‏ بىز قېرىنداشلارغا نېمە ئۈچۈن مېھرىبانلىق ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 قېرىنداشلارغا قىلغان مۇ‌ئامىلىمىزدىن يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى قانچىلىك قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىز كۆرۈنىدۇ.‏ ئۇ‌لارمۇ بىزگە ئوخشاش يە‌ھۋانىڭ مۈلكى.‏ ئە‌گە‌ر بۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تساق،‏ بىز ھە‌ردائىم ئۇ‌لارغا مېھرىبانلىق ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىمىز (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏15)‏.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر بىر-‏بىرىڭلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بولساڭلار،‏ سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى ھە‌ممىسى تونۇ‌يدۇ» (‏يوھان 13:‏35)‏.‏

16.‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نىدىن يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىۋالىمىز؟‏

16 تە‌ۋرات قانۇ‌نىدىكى بىر مىسال جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا قانداق مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىسىدا پە‌قە‌ت ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگە‌ن ئە‌سۋاپلار بولغان.‏ قانۇ‌ندا لاۋىيلار بۇ ئە‌سۋاپلارنى قانداق ئىشلىتىشى كېرە‌كلىكى ئېنىق چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنى بۇ كۆرسە‌تمىلە‌ر بويىچە ئىشلە‌تمىگە‌ن كىشىلە‌ر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (‏سانلار 1:‏50،‏ 51)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا ئىبادە‌تتە ئىشلىتىلىدىغان جانسىز ئە‌سۋاپلارغا شۇ‌نچىلىك كۆڭۈل بۆلسە،‏ ئۇ‌نداقتا ئۆزىگە بېغىشلانغان سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە باشقىلارنىڭ قانداق مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌ۋاتقانلىقىغا ئۇ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمە‌مدۇ؟‏ بىز تۆۋە‌ندىكى سۆزلە‌ردىن ئۆزۈمىزنىڭ يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا قانچىلىك قە‌دىرلىك ئىكە‌نلىكىمىزنى بىلىۋالىمىز:‏ «كىم سىلە‌رگە قول تە‌ككۈزسە،‏ مېنىڭ كۆز قارىچۇ‌قۇ‌مغا تېگىدۇ» (‏زە‌كە‌رىيا 2:‏8،‏ ي‌د)‏.‏

17.‏ يە‌ھۋا نېمىنى نە‌زە‌رىگە ئالىدۇ؟‏

17 مالاكى پە‌يغە‌مبە‌ر ئېيتقاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ بىر-‏بىرىگە قانداق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولىدىغانلىقىنى «نە‌زە‌رىگە ئالدى،‏ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى» (‏مالاكى 3:‏16)‏.‏ «يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا مە‌نسۈپلە‌رنى بىلىدۇ» (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏19)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ نېمە ئېيتقان ۋە قىلغانلىقىمىزنىڭ ھە‌ممىسىنى بىلىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 4:‏13)‏.‏ بىز قېرىنداشلارغا مېھرىبانلىق كۆرسە‌تمىسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بۇ‌نىڭغا دىققە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىز مېھماندوست،‏ مە‌رت،‏ مېھرىبان ۋە كە‌چۈرۈمچان بولساق،‏ يە‌ھۋا بۇ‌نىمۇ كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 13:‏16؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 4:‏8،‏ 9)‏.‏

پە‌رۋە‌ردىگار ئۆز خە‌لقىنى تاشلىمايدۇ

18.‏ بىزنى ئۆزىنىڭ خە‌لقى قىلغانلىقى ئۈچۈن يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

18 بىز يە‌ھۋاغا ئۇ‌نىڭ خە‌لقى سۈپىتىدە مە‌نسۈپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىشنى خالايمىز.‏ ئۆز ھاياتىمىزنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلىغانلىقىمىزنىڭ ئە‌ڭ دانا قارار بولغانلىقىنى بىلىمىز.‏ «بۇ بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ،‏ رە‌زىللىشىپ كە‌تكە‌ن ئىنسانلار ئارىسىدا» ياشىساقمۇ،‏ «كە‌مچىلىكسىز» بولۇ‌پ،‏ «دۇ‌نيادا خۇ‌ددى چاقناپ تۇ‌رىدىغان يۇ‌لتۇ‌زلارغا ئوخشاش چاقناپ» پارلىيالايمىز (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏15)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن نېرى تۇ‌رۇ‌شقا بە‌ل باغلىدۇ‌ق (‏ياقۇ‌پ 4:‏7)‏.‏ بىز قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆرۈمىز ۋە ھۆرمە‌تلە‌يمىز،‏ ئۇ‌لارنىڭمۇ خۇ‌داغا مە‌نسۈپ ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايمىز (‏رىملىقلارغا 12:‏10)‏.‏

19.‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى قانداق مۇ‌كاپاتلايدۇ؟‏

19 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى تاشلىمايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن ۋە‌دە بار (‏زە‌بۇ‌ر 94:‏14،‏ ي د)‏.‏ نېمە يۈز بېرىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بۇ سۆزلە‌ر يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بىرگە بولىدىغانلىقىغا كاپالە‌ت بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھاياتىمىزدىن ئايرىلساقمۇ،‏ ئۇ بىزنى ئۇ‌نتۇ‌مايدۇ (‏رىملىقلارغا 8:‏38،‏ 39)‏.‏ «ئە‌گە‌ر ياشىساق،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن ياشايمىز ھە‌م ئە‌گە‌ر ئۆلسە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن ئۆلىمىز» (‏رىملىقلارغا 14:‏8)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ھە‌ممە سادىق دوستلىرىنى تىرىلدۈرىدىغان ۋاقىت-‏سائىتىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىمىز (‏مە‌تتا 22:‏32‏)‏.‏ ھە‌تتا،‏ ھازىر بىزدە ئاتىمىز بە‌رگە‌ن ئاجايىپ سوۋغاتلار ئاز ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ «پە‌رۋە‌ردىگار ئۆزىگە تە‌ۋە قىلىپ تاللىغان خە‌لق بە‌ختلىكتۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 33:‏12)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • بىز يە‌ھۋاغا مە‌نسۈپ.‏ يە‌ھۋا بىزگە ھايات بە‌ردى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئانىمىزنىڭ قوسىغىدا تۆرە‌لگە‌ندىن باشلاپ ئۇ‌نىڭغا مە‌نسۈپ.‏ ھاياتىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈپ،‏ ھاياتىمىزنى ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا بېغىشلىغاندا،‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئالاھىدە مۈلكى بولدۇ‌ق

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش