كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ب‌م 45-‏ماقالە
  • روسىيە ئۇ‌كرائىناغا تاجاۋۇ‌ز قىلدى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • روسىيە ئۇ‌كرائىناغا تاجاۋۇ‌ز قىلدى
  • باشقا ماۋزۇ‌لار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ يۈز بېرىشى نېمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟‏
  • نېمە ئۈچۈن كە‌لگۈسىگە ئۈمىد بىلە‌ن كۆز تىكە‌لە‌يمىز؟‏
  • بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ئۇ‌كرائىنادىكى دىن ۋە ئۇ‌رۇ‌ش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏
    باشقا ماۋزۇ‌لار
  • ئۇ‌كرائىنا ئۇ‌رۇ‌شى ئىككىنچى يىلغا قە‌دە‌م قويدى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانداق ئۈمىد يېزىلغان؟‏
    باشقا ماۋزۇ‌لار
  • ئاخىر زاماندىكى «شىمال پادىشاھى»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
كۆپرەك ئۇچۇرلار
باشقا ماۋزۇ‌لار
ب‌م 45-‏ماقالە
ئۇ‌كرائىنا ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌تراپىدىكى دۆلە‌تلە‌رنىڭ خە‌رىتىسى.‏

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

روسىيە ئۇ‌كرائىناغا تاجاۋۇ‌ز قىلدى

دۇ‌نيادىكى نۇ‌رغۇ‌ن دۆلە‌تلە‌رنىڭ رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ ئۇ‌رۇ‌شتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىغا قارىماي،‏ 2022-‏يىل،‏ 24-‏فېۋرال كۈنى تاڭ سە‌ھە‌ردە،‏ روسىيە ئۇ‌كرائىناغا ھە‌ربىي تاجاۋۇ‌ز قىلىشنى باشلىدى.‏ بۇ ئۇ‌رۇ‌ش دۇ‌نياغا قانداق تە‌سىر كۆرسىتىشى مۇ‌مكىن؟‏ بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىئو گۇ‌تېررېس بىر نە‌چچە كۈن ئىلگىرى مۇ‌نداق دېدى:‏ «بۇ ئۇ‌رۇ‌شنىڭ ياۋرۇ‌پا ۋە پۈتۈن دۇ‌نيانىڭ بىخە‌تە‌رلىكىگە زىيان يە‌تكۈزۈپ،‏ ئىنسانلارغا قانچىلىك ئېغىر ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت ۋە ۋە‌يرانچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش ئىنتايىن قىيىن».‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ يۈز بېرىشى نېمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟‏

  • ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «بىر مىللە‌ت يە‌نە بىر مىللە‌ت بىلە‌ن ئۇ‌رۇ‌ش قىلىدۇ.‏ بىر دۆلە‌ت يە‌نە بىر دۆلە‌تكە ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ»،‏—‏ دە‌پ شۇ‌نداق بىر ۋاقىت كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 24:‏7‏)‏.‏ «ئاخىرقى كۈنلە‌ر» ياكى «‏ئاخىر زاماننىڭ‏» ئالامە‌تلىرى نېمە؟‏» دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ بۈگۈن يۈز بېرىۋاتقان ئۇ‌رۇ‌شلارنىڭ ئە‌يسا ئېيتقان بېشارە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ۋە‌ھىي كىتابىدا ئۇ‌رۇ‌ش «يە‌ر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش» ھوقۇ‌قى بېرىلگە‌ن رە‌ڭگى قىزىل ئاتنى مىنگۈچى چە‌ۋە‌نداز سۈپىتىدە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏ۋە‌ھىي 6:‏4)‏.‏ بۇ بېشارە‌تنىڭ بۈگۈنكى ئۇ‌رۇ‌شقا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «‏تۆت چە‌ۋە‌نداز ئۇ‌لار كىملە‌ر؟‏‏» (‏باشقا تىل.‏)‏ دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

  • دانىيال كىتابىدا،‏ «شىمال پادىشاھى» بىلە‌ن «جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» ئوتتۇ‌رىسىدىكى دۈشمە‌نلىشىش بېشارە‌ت قىلىنغان (‏دانىيال 11:‏25–‏45)‏.‏ نېمە ئۈچۈن روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى «شىمال پادىشاھى» دە‌پ تونۇ‌شقا بولىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «‏ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لغان بېشارە‌ت —‏ دانىيال 11-‏باب‏» (‏باشقا تىل.‏)‏ ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭa‏.‏

  • ۋە‌ھىي كىتابىدا يە‌نە «ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ كۈنىدە بولىدىغان» ئۇ‌رۇ‌ش تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏ۋە‌ھىي 16:‏14،‏ 16)‏.‏ ئە‌مما بۇ بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان دۆلە‌تلە‌ر ئوتتۇ‌رىسىدىكى ئۇ‌رۇ‌ش ئە‌مە‌س.‏ كە‌لگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ «‏ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى دېگە‌ن نېمە؟‏‏» (‏رۇ‌س.‏)‏ دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

نېمە ئۈچۈن كە‌لگۈسىگە ئۈمىد بىلە‌ن كۆز تىكە‌لە‌يمىز؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ خۇ‌دا «ئۇ،‏ جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە بولغان ئۇ‌رۇ‌شلارنى توختىتىدۇ» دېيىلگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 46:‏9)‏.‏ خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان كە‌لگۈسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ «‏ئە‌تىمىز ئۈچۈن گۈزە‌ل بىر ئۈمۈت‏» (‏رۇ‌س.‏)‏ ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

  • ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 6:‏9،‏ 10‏)‏.‏ ئۇ پادىشاھلىق خۇ‌دانىڭ يە‌ر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغان ئاسماندىكى ھۆكۈمە‌ت.‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى دۇ‌نيانىڭ تىنچلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بۇ پادىشاھلىقنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «‏خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

ئۇ‌كرائىنادا 129000دىن كۆپرە‌ك يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بار.‏ باشقا دۆلە‌تلە‌ردىكى گۇ‌ۋاھچىلارغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لارمۇ سىياسىي جە‌ھە‌تتە بىتە‌رە‌پ تۇ‌رۇ‌ش ۋە ئۇ‌رۇ‌شقا قاتنىشىشنى رە‌ت قىلىش ئارقىلىق ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 18:‏36)‏.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى داۋاملىق «پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى»،‏ يە‌نى ئۇ‌رۇ‌شنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيە‌تنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى كىشىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان ۋە‌دىلە‌ر ھە‌ققىدە تېخىمۇ كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشنى خالىسىڭىز،‏ بىز بىلە‌ن ئالاقە قىلىڭ‏.‏

a بۇ بېشارە‌تنى تولۇ‌ق چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئاخىر زاماندىكى «‏شىمالىي پادىشاھ‏» ۋە «‏بۈگۈنكى كۈندە «شىمالىي پادىشاھ» كىم؟‏‏» ناملىق ماقالىلە‌رنى كۆرۈڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش