«ئاخىر زاماننىڭ» ئالامەتلىرى نېمە؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ جاۋابى
مۇقەددەس يازمىلار ئاخىرقى كۈنلەردە دۇنيادا يۈز بېرىدىغان ئىش-ۋەقەلەرنى، ۋەزىيەتلەرنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ مىجەز-خۇلقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى دەپ تەسۋىرلەيدۇ (مەتتا 24:3). مۇقەددەس كىتابتا بۇ ۋاقىت «ئاخىرقى كۈنلەر» ياكى «ئاخىر زامان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.—2-تىموتىي 3:1؛ دانىيال 8:19.
«ئاخىر زامان» توغرىسىدىكى بەزى بېشارەتلەر
مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتلەر بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان كۆپلىگەن ئىش-ۋەقەلەرنى ۋە ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى «ئاخىر زامان»نىڭ ئالامەتلىرى دەپ كۆرسىتىدۇ (لۇقا 21:7). ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى:
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلار. ھەزرىتى ئەيسا پەيغەمبەر ئالدىن-ئالا مۇنداق دېگەن: «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە، بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ » (مەتتا 24:7). شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس يازمىلاردىكى باشقا ئايەتتە، ئۇرۇشقا سىمۋول قىلىنغان چەۋەندازغا يەر يۈزىدىن «تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ھوقۇقى بېرىلدى» دېگەن پەيغەمبەرلىك سۆزلەر يېزىلغان.—ۋەھىيلەر 6:4.
ئاچارچىلىق. ھەزرىتى ئەيسا: «ئاچارچىلىق . . . يۈز بېرىدۇ»،— دەپ بېشارەت قىلغان (مەتتا 24:7). شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتابتىكى ۋەھىيلەر 6:5، 6-ئايەتلەردە، سىمۋوللۇق ئاتقا مىنگەن چەۋەندازنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان.—ۋەھىيلەر 6:5، 6.
شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر. ئەيسا پەيغەمبەر: «جاي-جايلاردا . . . يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ»،— دەپ بېشارەت قىلغان (مەتتا 24:7؛ لۇقا 21:11). بۇ شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىشىگە ۋە ئۆلۈمىگە سەۋەب بولىدۇ.
يۇقۇملۇق كېسەللەر. ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى بويىچە، يۇقۇملۇق كېسەللەر ياكى ۋابالار تارقىلىدۇ.—لۇقا 21:11.
جىنايەتنىڭ كۆپىيىشى. گەرچە ئەسىرلەر بويى جىنايەت مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى بويىچە ئاخىر زاماندا جىنايەت تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ.—مەتتا 24:12.
ئادەملەرنىڭ يەر يۈزىنى گۇمران قىلىشى. مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىنى گۇمران قىلىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان. ئۇلار بۇنى تۈرلۈك يوللار بىلەن، شۇ جۈملىدىن زوراۋانلىق ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.—ۋەھىيلەر 11:18.
ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى. مۇقەددەس كىتابتا، كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ « ناشۈكۈر، ۋاپاسىز، . . . مۇرەسسە قىلىشنى خالىمايدىغان، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرىدىغان، ساتقۇن، ئۆز بېشىمچى، مەغرۇر» بولۇپ كېتىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان (2-تىموتىي 3:1–4). ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنچىلىك ناچارلىشىپ كەتتىكى، ھەتتا بۇ كۈنلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى « ئىنتايىن تەس ۋاقىتلار » دەپ تەسۋىرلەشكىمۇ بولىدۇ.
ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يامانلىشىپ كېتىشى. مۇقەددەس كىتابتا نۇرغۇن ئادەملەر ئۆز ئائىلىسىگە كۆيۈنمەيدىغانلىقى، بالىلار « ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىگە كىرمەيدىغان » بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان.—2-تىموتىي 3:2، 3.
نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى سوۋۇپ كېتىشى. ھەزرىتى ئەيسا: «كۆپىنچە ئىنسانلاردا سۆيگۈ-مۇھەببەت سوۋۇپ كېتىدۇ»،— دەپ بېشارەت قىلغان (مەتتا 24:12). ئەيسا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندا، ئىنسانلارنىڭ خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى سوۋۇپ كېتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، «ئاخىر زاماندا» بۇنداق كىشىلەر «خۇدادىن بەكرەك ئەيش-ئىشرەتنى سۆيىدىغان بولىدۇ».—2-تىموتىي 3:4.
دىنىي ساختىپەزلىك. مۇقەددەس يازمىلاردا، سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە خۇدانىڭ ئۆلچەم-تەلەپلىرىگە ماس ياشىمايدىغان كىشىلەرنىڭ بولىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان.—2-تىموتىي 3:5.
مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەر ھەققىدىكى چوڭقۇر چۈشەنچە. دانىيال پەيغەمبەرنىڭ كىتابىدا بېشارەت قىلىنغاندەك، «ئاخىر زامان» مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىكى ھەقىقەت سۆزلىرىنى، شۇ جۈملىدىن پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى ياخشىراق چۈشىنىشكە باشلايدۇ.—دانىيال 12:4.
كەڭ كۆلەملىك ۋەز قىلىش ئىش-پائالىيىتى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بېشارەت ئېيتقان: «بۇ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارچە مىللەتلەرگە يەتكۈزۈلۈش ئۈچۈن ۋەز قىلىنىدۇ».—مەتتا 24:14.
ئادەملەرنىڭ بىپەرۋا بولۇشى ۋە مەسخىرە قىلىشى. ئەيسا پەيغەمبەر ئادەملەرنىڭ زاماننىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىشەنچىلىك دەلىل-ئىسپاتلىرىغا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان (مەتتا 24:37–39). ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر بېشارىتىدە ئېيتىلغاندەك، بەزىلەر بۇ دەلىل-ئىسپاتلارنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ .—2-پېترۇس 3:3، 4.
ھەممە بېشارەتلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئېشىشى. ھەزرىتى ئەيسا ئاخىر زاماندا پەقەت بىرنەچچە ياكى كۆپۈنچە بېشارەتلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى بارلىق بېشارەتلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان.—مەتتا 24:33.
ھازىر «ئاخىر زاماندا» ياشاۋاتىمىزمۇ؟
ھەئە. دۇنيادىكى ئەھۋال ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرگە ئاساسەن ھېسابلانغان ۋاقىت شۇنى كۆرسىتىدۇكى، «ئاخىر زامان» 1914-يىلى، يەنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە باشلانغان.
خۇدا پادىشاھلىقى 1914-يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشلىرىدىن بىرى شەيتان ئىبلىسنى ۋە جىنلارنى ئاسماندىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە تەسىرىنى چەكلەش (ۋەھىيلەر 12:7–12). شەيتاننىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان تەسىرىنى ئادەملەرنىڭ ناچار مىجەز-خۇلقلىرى ۋە يامان ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، «ئاخىر زامان» ئادەتتىن تاشقىرى «ئېغىر كۈنلەر» دەپمۇ ئاتالغان.—2-تىموتىي 3:1.
بۇ ئېغىر كۈنلەردە نۇرغۇن ئادەملەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بارغانسېرى رەزىللىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن تەشۋىشلىنىپ، ھەتتا بەزىلەر ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلىشىدۇ.
بەزىلەر دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدىن غەم-تەشۋىش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە باشقا ئادەملەر كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارايدۇ. ئۇلار پات-ئارىدا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ دۇنيادىكى بارچە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ (دانىيال 2:44؛ ۋەھىيلەر 21:3، 4). ئۇلار خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ ۋە ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ: «ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ»،— دېگەن سۆزلىرىدىن تەسەللى تاپىدۇ.—مەتتا 24:13؛ مىكاھ 7:7.