كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 9-‏باپ 86-‏95 ب.‏
  • بىز ئاخىر زاماندا ياشاۋاتىمىزمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بىز ئاخىر زاماندا ياشاۋاتىمىزمۇ؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئاسماندىكى جە‌ڭ
  • ئاخىر زاماندىكى دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتى
  • ئاخىر زاماندا ئادە‌ملە‌ر قانداق بولۇ‌ۋاتىدۇ
  • خۇ‌شال ۋە‌زىيە‌ت
  • سىز قانداق قىلماقچى؟‏
  • ‏«ئاخىر زاماننىڭ» ئالامە‌تلىرى نېمە؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا تېگىشلىك سوئاللار
  • يە‌ر يۈزى قاچان جە‌ننە‌تكە ئايلىنىدۇ؟‏
    خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ مە‌ڭگۈ ياشاڭ!‏
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 9-‏باپ 86-‏95 ب.‏

9-‏باب

بىز ئاخىر زاماندا ياشاۋاتىمىزمۇ؟‏

  • بىز ياشاۋاتقان مۇ‌شۇ زاماندا قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئالدىن ئېيتىلغان؟‏

  • ‏«ئاخىر كۈنلە‌ردە» ئادە‌ملە‌رنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئېيتىلغان؟‏

  • ‏«ئاخىر كۈنلە‌ردە» قانداق خۇ‌شال ۋە‌زىيە‌تنىڭ راۋاجلىنىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانداق بېشارە‌ت ئېيتىلغان؟‏

1.‏ كە‌لگۈسىدە نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىز قە‌يە‌ردىن مە‌لۇ‌ماتلارغا ئىگە بولالايمىز؟‏

سىز تېلېۋىزوردىن ياكى رادىئودىن خە‌ۋە‌رلە‌رنى كۆرگىنىڭىزدە ياكى ئاڭلىغىنىڭىزدا،‏ ‹بۇ دۇ‌نيا كە‌لگۈسىدە زادى نېمە بولۇ‌پ كېتە‌ر› دە‌پ ئويلاپ قالامسىز؟‏ پاجىئە‌لىك ئىشلار ئويلاپ باقمىغان ۋاقىتتا ناھايىتى تۇ‌يۇ‌قسىز كېلىدۇ.‏ ئە‌تە نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏ بۇ‌نىڭغا ھېچكىم ئالدىن بىر نېمە دېيە‌لمە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏14)‏.‏ ئە‌مما پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا كە‌لگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ (‏يە‌شايا 46:‏10)‏.‏ ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ پە‌قە‌ت بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قانداق پاجىئە‌لىك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى توغرىسىدا ئالدىن بېشارە‌ت بېرىپ قالماستىن،‏ يە‌نە يېقىن كە‌لگۈسىدە ئاجايىپ بە‌خت-‏سائادە‌تتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدىغان كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏

2،‏ 3.‏ شاگىرتلار ھە‌زرىتى ئە‌يسادىن نېمە سوئال سورىدى؟‏ ئۇ ئۇ‌لارغا قانداق جاۋاب بە‌ردى؟‏

2 مە‌سىھ ئە‌يسا رە‌زىللىكنى ئاخىرلاشتۇ‌رۇ‌پ يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رىدىغان خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە سۆزلىگە‌ن ئىدى (‏لۇ‌قا 4:‏43)‏.‏ شۇ چاغدا ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلگۈسى كە‌لگە‌ن.‏ ھە‌مدە ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭدىن:‏ «بۇ نە ۋاقىت بولىدىغانىنى ۋە كېلىشىڭنىڭ ۋە بۇ ئالە‌منىڭ ئاخىرىنىڭ ئالامىتى نېمە ئىكە‌نىنى بىزگە ئېيتىپ بە‌رگىن؟‏» دە‌پ سورىغان (‏مە‌تتا 24:‏3‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ مۇ‌شۇ زامان ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىت-‏سائە‌تنىڭ زادى قاچان كېلىدىغانلىقىنى پە‌قە‌ت يە‌ھۋالا بىلىدۇ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 24:‏36‏)‏.‏ گە‌رچە ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا بۇ زاماننىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىت-‏سائىتىنى ئېنىق ئېيتمىغان بولسىمۇ،‏ ئۇ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلارغا ھە‌قىقىي تىنچلىق ۋە بىخە‌تە‌رلىك ئېلىپ كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ دۇ‌نيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان.‏ ئۇ ئالدىن ئېيتقان بېشارە‌تلە‌ر بۈگۈنكى كۈندە ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتىدۇ!‏

3 ھازىر بىز «ئاخىرقى زاماندا» ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىنى تە‌كشۈرۈشتىن ئاۋۋال،‏ ئىنساننىڭ كۆز بىلە‌ن كۆرۈشى مۇ‌مكىن بولمايدىغان ئاسماندا يۈز بە‌رگە‌ن بىر مە‌يدان جە‌ڭ ھە‌ققىدە قىسقىچە مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ بۇ جە‌ڭنىڭ نە‌تىجىسىنىڭ بىز بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋىتى بار.‏

ئاسماندىكى جە‌ڭ

4،‏ 5.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا مە‌سىھ پادىشاھ بولۇ‌پ تە‌ختكە ئولتۇ‌رغاندىن كېيىن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي ئاسماندا نېمە ئىش يۈز بە‌ردى؟‏ (‏2)‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 12-‏​باب 12-‏​ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ئاسماندىكى جە‌ڭنىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏

4 مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ 1914-‏يىلى پادىشاھ بولۇ‌پ ئاسماندا ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزۈشنى باشلىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌شۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى بابىدا چۈشە‌ندۈرگە‌ن ئىدۇ‌ق ‏(‏دانىيال 7:‏13،‏ 14)‏.‏ پادىشاھ بولۇ‌پ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌يلا ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌رىكە‌تكە كە‌لدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئاسماندا بىر جە‌ڭ ۋە‌قە بولدى» دە‌يدۇ.‏ «مىكائىل [يە‌نە بىر ئىسمى ئە‌يسا] ۋە ئۇ‌نىڭ پە‌رىشتىلىرى ئە‌جدىھا [شە‌يتان ئىبلىس] بىلە‌ن جە‌ڭلە‌شتى».‏a شە‌يتان بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغان جىنلار دە‌پ ئاتالغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر جە‌ڭدە مە‌غلۇ‌پ بولۇ‌پ ئاسماندىن يە‌ر يۈزىگە قوغلاپ تاشلاندى.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغان جىنلار قوغلاپ تاشلانغاچقا،‏ ئاللانىڭ ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلىرى خۇ‌شاللىققا چۆمدى.‏ گە‌رچە ئاسماندىكى پە‌رىشتىلە‌ر خۇ‌شاللىققا چۆمگە‌ن بولسىمۇ،‏ يە‌ر يۈزىدە ياشايدىغان ئىنسانلار ئاشۇ خۇ‌شاللىقدىن بە‌ھرىمە‌ن بولالمىدى.‏ ئە‌كسىچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئالدىن بېشارە‌ت بېرىپ:‏ «ۋاي يە‌رگە .‏.‏.‏ چۈنكى ئىبلىس سىزلە‌رگە چۈشۈپ ۋاقتىنىڭ ئاز ئىكە‌نىنى بىلىپ چوڭ غە‌زە‌پ بىلە‌ن كە‌لدى» دە‌يدۇ.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏7،‏ 9،‏ 12.‏

5 قېنى ئاسماندىكى ئاشۇ بىر مە‌يدان جە‌ڭنىڭ نە‌تىجىسىگە قاراپ باقايلى.‏ شە‌يتان،‏ ئۇ دە‌ر-‏غە‌زە‌پ بىلە‌ن يە‌ر يۈزىگە بالايىئاپە‌تلە‌رنى ئېلىپ كە‌لدى.‏ بىز ھازىر دە‌ل ئاشۇ بالايىئاپە‌تلىك زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىز ھە‌ققىدە سىز بىرئازدىن كېيىن كۆرۈپ ئۆتىسىز.‏ بىراق،‏ ئۇ نىسبە‌تە‌ن قىسقا بىر مە‌زگىل ۋاقىت بولۇ‌پ،‏ ھە‌تتا شە‌يتان ئۆزى «ۋاقتىنىڭ ئاز» ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌شۇ قىسقا بىر مە‌زگىل ۋاقىتنى «ئاخىرقى كۈنلە‌ر» ياكى ئاخىر زامان دە‌پ تىلغا ئالغان (‏2-‏تىموتىي 3:‏1)‏.‏ ئاللانىڭ يېقىن كە‌لگۈسىدە شە‌يتاننىڭ يە‌رشارىغا بولغان تە‌سىرىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىش بىزنى نە‌قە‌دە‌ر خۇ‌شال قىلىدۇ،‏ ھە!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالدىن بېشارە‌ت بېرىلگە‌ن بە‌زى ئىشلارنىڭ بىز ياشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ مۇ‌شۇ ئىشلار بىزنىڭ ئاخىرقى زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن كە‌لگۈسىدە يە‌ھۋانى سۆيگە‌ن كىشىلە‌رگە مە‌ڭگۈلۈك بە‌خت-‏سائادە‌تنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ ئاۋۋال،‏ بىز ياشاۋاتقان مۇ‌شۇ زاماننىڭ ئالامىتى ياكى بە‌لگىسى سۈپىتىدە مە‌سىھ ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن ۋە‌كىللىك تۆت ئىشنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئاخىر زاماندىكى دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتى

6،‏ 7.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۇ‌رۇ‌ش ۋە ئاچارچىلىق توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان بېشارە‌تلىرى بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشماقتا؟‏

6 «‏تائىفە تائىفە‌نىڭ [مىللە‌ت مىللە‌تنىڭ] ئۈستىگە ۋە مە‌ملىكە‌ت مە‌ملىكە‌تنىڭ ئۈستىگە زىت قوپار‏» (‏مە‌تتا 24:‏7‏)‏.‏ ئالدىنقى ئە‌سىردە مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌رۇ‌شتا ئۆلدى.‏ مۇ‌شۇ ھە‌قتە ئە‌نگلىيىلىك بىر تارىخشۇ‌ناس:‏ «20-‏ئە‌سىر،‏ ئىنسانىيە‌تنىڭ خاتىرىلە‌نگە‌ن تارىخىدىكى ئە‌ڭ كۆپ قان تۆكۈلگە‌ن ئە‌سىر بولۇ‌پ .‏.‏.‏ ئۇ جاي ياكى بۇ جايدا داۋاملىق ئۇ‌رۇ‌ش يۈز بېرىپ ئۇ‌رۇ‌شسىز ئۆتكە‌ن تىنچ ۋاقىت ناھايىتى قىسقا بولغان» دە‌پ يازغان.‏ دۇ‌نيا نازارە‌ت قىلىش تە‌شكىلاتىنىڭ بىر دوكلاتىدا:‏ «20-‏ئە‌سىردە ئۇ‌رۇ‌شتا ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ سانى،‏ مىلادى 1-‏ئە‌سىردىن 1899-‏يىلغىچە ھە‌ممە ئۇ‌رۇ‌شتا ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ سانىنىڭ ئۈچ ھە‌سسىگە باراۋە‌ر بولغان» دە‌پ ئېلان قىلىنغان.‏ 1914-‏يىلدىن بۇ‌يان ئۇ‌رۇ‌ش سە‌ۋە‌بلىك ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ سانى 100 مىليوندىن كۆپرە‌ك بولغان.‏ شۇ ئۇ‌رۇ‌شلاردا مىليونلىغان ئائىلىلە‌رنىڭ ئۆز يېقىن ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىدىن ئايرىلىپ چە‌ككە‌ن ئاچچىق قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ۋە دە‌رد-‏ئە‌لە‌ملىرىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش قىيىن.‏

7 «‏يە‌ردىن يە‌رگە ئاچارچىلىقلار .‏.‏.‏ بولۇ‌ر‏» (‏مە‌تتا 24:‏7‏)‏.‏ تە‌تقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە،‏ ئالدىنقى 30 يىلدا پۈتۈن دۇ‌نيانىڭ يىمە‌كلىك ئىشلە‌پ چىقىرىش مىقدارى ناھايىتى زور كۆلە‌مدە ئاشقان.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئاچارچىلىقلار داۋاملاشماقتا.‏ چۈنكى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ يىمە‌كلىك سېتىۋالغۇ‌دە‌ك يېتە‌رلىك پۇ‌لى ياكى زىرائە‌ت تېرىغۇ‌دە‌ك تېرىلغۇ يېرى يوق.‏ تە‌رە‌ققىي قىلىۋاتقان دۆلە‌تلە‌ردە بىر مىلياردتىن ئارتۇ‌ق ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىش ھە‌ققى ناھايىتى تۆۋە‌ن بولۇ‌پ،‏ ئاشۇ كىشىلە‌رنىڭ كۆپىنچىسى ئۇ‌زۇ‌ن مۇ‌ددە‌تلىك ئاچارچىلىق ئىچىدە تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرمە‌كتە.‏ دۇ‌نيا سە‌ھىيە تە‌شكىلاتىنىڭ مۆلچە‌رىگە ئاساسلانغاندا،‏ ئوزۇ‌قلىنىشنىڭ ناچار بولۇ‌شى دۇ‌نيادا ھە‌ر يىلى 5 مىليون بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق بىر سە‌ۋە‌ب بولغان.‏

8،‏ 9.‏ نېمە يە‌ر تە‌ۋرە‌ش ۋە ۋابالار ھە‌ققىدە ئە‌يسانىڭ ئالدىن ئېيتقان بېشارە‌تلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى كۆرسە‌تتى؟‏

8 «‏يە‌ردىن يە‌رگە چوڭ .‏ .‏ .‏ زىلزىلىلە‌ر [يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر] .‏ .‏ .‏ بولۇ‌ر‏» (‏لۇ‌قا 21:‏11)‏.‏ ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تە‌كشۈرۈش ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە،‏ 1990-‏يىلدىن بۇ‌يان بىنالار زىيانغا ئۇ‌چراپ،‏ يە‌رلە‌ر يېرىلىپ كە‌تكۈدە‌ك كۈچلۈك يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر ئوتتۇ‌را ھېساب بىلە‌ن ھە‌ر يىلى 17 قېتىم يۈز بېرىپ كە‌لگە‌ن.‏ بۇ‌ندىن باشقا،‏ بىنالارنى ئۆرۈپ چۈشۈرىدىغان كۈچلۈك يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر ھە‌ر يىلى دېگۈدە‌ك بولۇ‌پ تۇ‌رىدىكە‌ن.‏ باشقا ماتېرىياللارنىڭ كۆرسىتىشىچە،‏ «ئالدىنقى 100 يىل جە‌ريانىدا يۈز مىڭلىغان ئادە‌ملە‌ر يە‌ر تە‌ۋرە‌شتە ئۆلگە‌ن بولۇ‌پ،‏ پە‌ن-‏تېخنىكىنىڭ تە‌رە‌ققىي قىلىشى ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ سانىنى پە‌قە‌ت ئازراقلا كېمە‌يتە‌لىگە‌ن».‏

9 «‏يە‌ردىن يە‌رگە .‏.‏.‏ ۋابالار بولار‏» (‏لۇ‌قا 21:‏11)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە تېبابە‌ت ئىلمى تە‌رە‌ققىي قىلىپ ئىلغار داۋالاش باسقۇ‌چىغا يە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ كونا-‏يېڭى كېسە‌للىكلە‌ر يە‌نىلا ئىنسانلار ئۈچۈن تۈگىمە‌س بىر بالايىئاپە‌ت بولماقتا.‏ بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە،‏ ھە‌ممىگە تونۇ‌ش بولغان 20 تۈرلۈك كېسە‌للىك بار بولۇ‌پ ئۆپكە تۇ‌بېركۇ‌ليوزى،‏ بە‌زگە‌ك،‏ خولېرا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېسە‌للىكلە‌ر يېقىنقى نە‌چچە ئون يىلدا يە‌رشارىدا كە‌ڭ تارقالغان.‏ ھازىر ئاشۇ كېسە‌للىكلە‌رنىڭ بە‌زىلىرىنى دورا بىلە‌ن داۋالاپ ساقايتىش بارغانسېرى قىيىن بولۇ‌ۋېتىپتۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئاز دېگە‌ندىمۇ 30 تۈرلۈك يېڭى كېسە‌للىك پە‌يدا بولغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى جاننى ئالىدىغان كېسە‌للىك بولۇ‌پ،‏ تە‌تقىقاتچى ئالىملار ھازىرغىچە داۋالاش ئۇ‌سۇ‌لىنى تاپالمىغان.‏

ئاخىر زاماندا ئادە‌ملە‌ر قانداق بولۇ‌ۋاتىدۇ

10.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تىموتىي 2-‏خە‌ت 3-‏​باب 1–‏5-‏​ئايىتىدە تىلغا ئېلىنغان قايسى سۈپە‌تلە‌رنى بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇ‌نيا كىشىلىرى ئارىسىدا كۆرۈۋالالايمىز؟‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتى توغرىسىدا ئالدىن بېشارە‌ت بېرىپ قالماستىن،‏ يە‌نە ئاخىر زاماندا كىشىلە‌رنىڭ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ جە‌مئىيە‌تنىڭ چىرىكلىشىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كىشىلە‌رنىڭ قانداق بولۇ‌پ كېتىدىغانلىقىنى تە‌سۋىرلە‌پ،‏ تىموتىي 2-‏خە‌ت 3-‏​باب 1​–‏​5-‏​ئايە‌تتە:‏ «ئاخىرقى كۈنلە‌ردە تە‌س ۋاقىتلار كېلە‌دۇ‌ر» دېگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە كىشىلە‌رنىڭ تۆۋە‌ندە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك بولۇ‌پ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان.‏

  • ئادە‌ملە‌ر ئۆزىنى ئويلايدىغان

  • پۇ‌لنى دوست تۇ‌تقۇ‌چى

  • ئاتا-‏ئانىغا ئىتائە‌ت قىلمايدىغان

  • ۋاپاسىز

  • مۇ‌ھە‌ببە‌تسىز

  • ئۆزىنى توختاتمايدىغان

  • ۋە‌ھشىي

  • خۇ‌دانى دوست تۇ‌تۇ‌شتىن لە‌ززە‌تنى زىيادىرە‌ك دوست تۇ‌تقۇ‌چى بولۇ‌ر

  • تە‌قۋادارلىقنىڭ سۈرىتىدە بولۇ‌پ خۇ‌دانىڭ قۇ‌درىتىنى ئىنكار قىلۇ‌ر

11.‏ كە‌لگۈسىدە يامان ئادە‌ملە‌رگە نېمە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە زە‌بۇ‌ر 92-‏​باب 7-‏​ئايە‌ت نېمە دە‌يدۇ؟‏

11 سىز ياشاۋاتقان مە‌ھە‌للىدە يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ندە‌ك كىشىلە‌ر بارمۇ؟‏ ئاشۇ‌نداق كىشىلە‌رنىڭ بولۇ‌شى شە‌ك-‏شۈبھىسزدۇ‌ر.‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممە جايلىرىدا ئاشۇ‌نداق ناچار ئادە‌ملە‌ر بار.‏ مۇ‌شۇ‌لار خۇ‌دانىڭ پات-‏ئارىدا تېزلا ھە‌رىكە‌تكە كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ چۈنكى،‏ زە‌بۇ‌ر 92-‏​باب 7-‏​ئايە‌ت:‏ «يامانلار ئوت [ئوت-‏چۆپ] تە‌ك كۆكلە‌پ،‏ بە‌دكارلار [يامانلىق قىلغۇ‌چىلار] نىڭ ھە‌ممىسى چېچە‌كلە‌پ گۈللىسىمۇ بۇ ئۆزى ئە‌بە‌دغىچە ھالاك قىلىنماق ئۈچۈن بولۇ‌ر» دە‌يدۇ.‏

خۇ‌شال ۋە‌زىيە‌ت

12،‏ 13.‏ دۇ‌نيانىڭ «ئاخىرقى ۋاقىت»دا قايسى ھە‌قىقىي بىلىم ئېشىپ زىيادە مول بولدى؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئالدىن ئېيتىلغاندە‌ك،‏ ئاخىر زامان كۈنلىرى ھە‌قىقە‌تە‌ن بالايىئاپە‌تلە‌رگە تولدى.‏ گە‌رچە بۇ دۇ‌نيا ھازىر قىيىنچىلىققا تولغان بولسىمۇ،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئارىسىدا خۇ‌شال ۋە‌زىيە‌ت كۈندىن-‏كۈنگە راۋاجلانماقتا.‏

13 ھە‌قىقىي بىلىم «ئېشىپ زىيادە‌لىشە‌دۇ‌ر»‏ دە‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ قاچان ئاشۇ ھە‌قىقىي بىلىم ئېشىپ زىيادە مول بولىدۇ؟‏ دە‌ل دۇ‌نيانىڭ «ئاخىرقى ۋاقىت»تا (‏دانىيال 12:‏4)‏.‏ بولۇ‌پمۇ 1914-‏يىلدىن بۇ‌يان،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە خىزمە‌ت قىلىشقا ھە‌قىقىي ئىنتىلگۈچىلە‌رنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىپ يېتىشى ئۈچۈن ياردە‌م قىلماقتا.‏ ئاشۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئۇ‌نىڭ ئىسمى ۋە ئىرادىسى،‏ مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى،‏ ئادە‌ملە‌ر ئۆلگە‌ندىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقى ۋە تېرىلىش قاتارلىق ناھايىتى قىممە‌تلىك ھە‌قىقىي بىلىمنى چوڭقۇ‌ر چۈشىنىپ يە‌تتى.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار قانداق ياشىغاندا ئۆزىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدى.‏ ئۇ‌لار يە‌نە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇ‌رۇ‌پ كە‌لگۈسىدە يە‌ر يۈزىنىڭ ۋە‌زىيىتىنى قانداق بىر تە‌رە‌پ قىلىپ ئىشلارنى ئۆز ئورنىغا سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر چۈشە‌نچىگە ئىگە بولدى.‏ ئۇ‌لار مۇ‌شۇ ھە‌قىقىي بىلىم ئارقىلىق نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏ بۇ سوئال مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى يە‌نە بىر ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌ت بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ ئاشۇ بېشارە‌ت ھازىر مۇ‌شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يە‌نى ئاخىر زاماننىڭ كۈنلىرىدە ئە‌مە‌لگە ئاشماقتا.‏

پادىشاھلىقنىڭ ئىنجىلى [خۇ‌ش خە‌ۋىرى] ھە‌ممە تائىفە [مىللە‌ت] لە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بولماق ئۈچۈن بارچە دۇ‌نيادا بېشارە‌ت بېرىلۇ‌ر.‏ —‏ مە‌تتا 24:‏14

14.‏ بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر قانداق تارقىتىلىۋاتىدۇ ۋە كىملە‌ر ئاشۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تارقىتىۋاتىدۇ؟‏

14 «‏پادىشاھلىقنىڭ ئىنجىلى [خۇ‌ش خە‌ۋىرى] ھە‌ممە تائىفە [مىللە‌ت] لە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بولماق ئۈچۈن بارچە دۇ‌نيادا بېشارە‌ت بېرىلۇ‌ر‏»،‏ ئاندىن كېيىن «ئاخىر كېلۇ‌ر» دە‌پ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌شۇ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىنىڭ ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا سۆزلىگە‌ندە،‏ يۇ‌قىرىقى پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرى توغرىسىدىكى بېشارە‌تنى ئالدىن ئېيتقان ‏(‏مە‌تتا 24:‏3،‏ 14‏)‏.‏ يە‌ر يۈزىدە جاي-‏جايلاردا تارقىتىلىۋاتقان خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋىرى بولسا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى دېگە‌ن نېمە؟‏ ئاشۇ پادىشاھلىق كە‌لگۈسىدە قايسى ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏ بىز قانداق قىلىپ پادىشاھلىق ئېلىپ كە‌لگە‌ن بە‌خت-‏سائادە‌تتىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز؟‏ دېگە‌نلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ ھازىر 230 دىن ئارتۇ‌ق دۆلە‌ت ۋە رايونلاردا خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 400 دىن كۆپرە‌ك تىلدا ھە‌ر مىللە‌ت كىشىلىرى ئارىسىدا تارقىتىلىۋاتىدۇ.‏ مىليونلىغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلە‌ن خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تارقاتماقتا.‏ ئاشۇ گۇ‌ۋاھچىلار «ھە‌ر تائىفە [قوۋم] دىن ۋە ھە‌ر قە‌بىلە‌دىن ۋە ھە‌ر مىللە‌تتىن ۋە ھە‌ر تىلدىن» كە‌لگە‌ن (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9)‏.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بارلىقىنى بىلىشنى خالايدىغان مىليونلىغان كىشىلە‌رگە ھە‌قسىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىم بە‌رمە‌كتە.‏ گە‌رچە ئە‌يسا ئالدىن ئېيتىپ،‏ ھە‌ممە كىشىلە‌ر يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنى «يامان كۆرۈرلە‌ر» دە‌پ بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن بولسىمۇ،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە تارقىتىلىشى ھە‌قىقە‌تە‌ن كىشىنى تە‌سىرلە‌ندۈرىدۇ!‏ —‏ لۇ‌قا 21:‏17.‏

سىز قانداق قىلماقچى؟‏

15.‏ (‏1)‏ سىز بىزنىڭ ھازىر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنە‌مسىز؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏2)‏ خۇ‌داغا قارشى چىققۇ‌چىلار ۋە خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شىغا بويسۇ‌نغۇ‌چىلار ئۈچۈن «ئاخىر» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

15 بۈگۈنكى كۈندە شۇ‌نچە نۇ‌رغۇ‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشقان ئىكە‌ن،‏ بىز ئاخىر زاماندا ياشاۋاتىمىز دېسە‌ك سىز قۇ‌شۇ‌لمامسىز؟‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر خۇ‌دانى مە‌منۇ‌ن قىلغۇ‌دە‌ك تارقىتىلغاندىن كېيىن،‏ «ئاخىر» جە‌زمە‌ن كېلىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ «ئاخىر» بۇ دېگە‌نلىك ئاللا يە‌ر يۈزىدىكى رە‌زىللىكلە‌رنى تازىلاپ چىقىرىپ تاشلايدىغان ۋاقىت-‏سائە‌تنى بىلدۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە قە‌ستە‌ن قارشى چىققۇ‌چىلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن مە‌سىھ ئە‌يسا ۋە باشقا كۈچلۈك پە‌رىشتىلە‌رنى ئىشلىتىدۇ (‏2-‏سالونىكالىقلار 1:‏6–‏9)‏.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغان جىنلار يە‌نە ئىنسانلارنى ئازدۇ‌رالمايدۇ.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ئادىللىق بىلە‌ن باشقۇ‌رۇ‌شىغا بويسۇ‌نغان بارلىق ئىنسانلار خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئېلىپ كېلىدىغان پۈتمە‌س-‏تۈگىمە‌س بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئىگە بولىدۇ.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏1–‏3؛‏ 21:‏3–‏5.‏

16.‏ قانداق قىلىش سىز ئۈچۈن دانالىقتۇ‌ر؟‏

16 شە‌يتان كونترول قىلىۋاتقان بۇ رە‌زىل دۇ‌نيا ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان ئىكە‌ن،‏ ھە‌ربىرىمىز ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن،‏ ‹مە‌ن نېمە قىلىشىم كېرە‌ك؟‏› دە‌پ سورىشىمىز زۆرۈر.‏ داۋاملىق يە‌ھۋا توغرىسىدا بىلىم ئېلىپ ئۇ‌نىڭ بىزدىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى بىلىش دانالىقتۇ‌ر (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تىرىشىپ ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىڭ.‏ ھە‌مدە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداشنى ئىزدىگۈچىلە‌ر بىلە‌ن دائىم ئالاقە قىلىپ تۇ‌رۇ‌شنى ئۆز ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇ‌رۇ‌ۋېلىڭ ‏(‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25)‏.‏ ئاللا يە‌ھۋا پۈتكۈل دۇ‌نيا كىشىلىرى ئۈچۈن بە‌رگە‌ن مول بىلىملە‌رنى ئېلىپ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا ئۆزگە‌رتىشكە تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى ئۆزگە‌رتىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالايسىز.‏ —‏ ياقۇ‌پ 4:‏8.‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنى يوقىتىدىغان ئاشۇ كۈننىڭ كېلىشى كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدۇ؟‏

17 ئە‌يسا مە‌سىھ ئالدىن بېشارە‌ت بېرىپ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ بىزنىڭ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئېنىق دە‌لىل ئىسپاتلىرىغا كۆز يۇ‌مۇ‌پ پە‌رۋاسىز قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنى يوق قىلىش كۈتۈلمىگە‌ن ۋاقىتتا ناھايىتى تۇ‌يۇ‌قسىز كېلىدۇ.‏ ئاشۇ كۈن كېچىدىكى ئوغرىدە‌ك تۇ‌يۇ‌قسىز كېلىپ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدۇ ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏2)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ:‏ «توپاننىڭ ئىلگىرىكى كۈنلىرىدە نۇ‌ھ كېمىگە كىرگە‌ن كۈنگىچە ئۇ‌لار يە‌پ ئىچىپ خوتۇ‌ن ئېلىپ ئە‌رگە تېگىپ تۇ‌رغاندە‌ك ۋە توپان كېلىپ ھە‌ممىسىنى بېسىپ ئېلىپ كە‌تكۈچە ئۇ‌لار ھېچ نېمە بىلمىگە‌ندە‌ك ئىبنالئىنسان [ئىنسان ئوغلى] نىڭ كېلىشى ھە‌م شۇ‌نداق بولۇ‌ر» دېگە‌ن.‏ —‏ مە‌تتا 24:‏37–‏39‏.‏

18.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ قايسى سۆزىنى قە‌لبىمىزدە مە‌ھكە‌م ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18 شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئە‌يسا ئۆز سۆزىنى ئاڭلىغان كىشىلە‌رنى:‏ «ئە‌مما ئۆزىڭىز ئاگاھ بولۇ‌ڭلاركى كۆڭۈللىرىڭىز مە‌ستلىكتە ۋە شاراپ ئىچىشتە ۋە تېرىكچىلىك ئە‌ندىشىسىدە ئېغىرلاشمىغاي ۋە ئۇ كۈن سىزلە‌رنىڭ ئۈستىڭىزگە تۇ‌يۇ‌قسىز كە‌لمىگە‌ي،‏ چۈنكى بارچە يە‌ر يۈزىدە ئولتۇ‌رغانلارنىڭ ھە‌ممىسىگە بىر تۇ‌زاقدە‌ك كېلە‌دۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئويغاق تۇ‌رۇ‌پ بۇ ۋە‌قە بولىدىغاننىڭ ھە‌ممىسىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ ئىبنالئىنسان [ئىنسان ئوغلى] نىڭ ئالدىدا تۇ‌رغىلى لايىق بولمىقىڭىز ئۈچۈن ھە‌مىشە دۇ‌ئا قىلىڭلار» دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏لۇ‌قا 21:‏34–‏36)‏.‏ مە‌سىھنىڭ سۆزىنى قە‌لبىمىزدە مە‌ھكە‌م ساقلاش دانالىقتۇ‌ر.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ۋە «ئىنسان ئوغلى» يە‌نى مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ كۆڭلىنى مە‌منۇ‌ن قىلىپ ئۇ‌لارنىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشكە‌ن كىشىلە‌رنىڭ شە‌يتاننىڭ بۇ رە‌زىل دۇ‌نياسىنىڭ ئاخىرلىشىپ ھالاك بولۇ‌ش ۋاقتىدا قۇ‌تۇ‌لۇ‌شىغا ئۈمىد بار ھە‌مدە ئاشۇ كىشىلە‌ر پات-‏ئارىدا كېلىدىغان ئاجايىپ يېڭى دۇ‌نيادا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏13.‏

a ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ يە‌نە بىر ئىسمىنىڭ مىكائىل ئىكە‌نلىكى توغرىسىدىكى تە‌پسىلىي مە‌لۇ‌ماتلارنى «‏كىم باش پە‌رىشتە مىكائىل؟‏‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتتىن كۆرۈڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • ئاخىر زاماننىڭ ئالامىتى ياكى بە‌لگىسى —‏ ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ ئاچارچىلىق،‏ يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر ۋە ۋابالار يە‌نى كېسە‌للىكلە‌ردۇ‌ر.‏ —‏ مە‌تتا 24:‏7؛‏ لۇ‌قا 21:‏11.‏

  • ئاخىر زاماننىڭ كۈنلىرىدە نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆزىنىلا دوست تۇ‌تىدىغان،‏ پۇ‌لپە‌رە‌س ۋە خۇ‌دانى دوست تۇ‌تۇ‌شتىن لە‌ززە‌تنى زىيادىرە‌ك دوست تۇ‌تىدىغان بولىدۇ.‏ —‏ 2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5.‏

  • ھازىر بىز ياشاۋاتقان ئاخىر زامان كۈنلىرىدە،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋىرى پۈتكۈل دۇ‌نيادا تارقىتىلماقتا.‏ —‏ مە‌تتا 24:‏14‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش