9-بۆلۈم
يەر يۈزى قاچان جەننەتكە ئايلىنىدۇ؟
بۇ دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىقلار خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لۇقا 21:10، 11؛ 2-تىموتىي 3:1–5
مۇقەددەس كىتاب ئالدىن ئېيتقان نۇرغۇن ئىشلار بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئادەملەر پۇلپەرەس، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، ۋەھشىي، كەيپ-ساپانى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
چوڭ يەر تەۋرەشلەر، ئۇرۇشلار، ئاچارچىلىقلار بولۇپ، كېسەللىكلەر كەڭ تارقىلىدۇ، دەپ ئالدىن ئېيتىلغان. شۇ ئىشلار بىزنىڭ كۈنىمىزدە يۈز بەرمەكتە.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا پەيغەمبەر: خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، دېگەن. — مەتتا 24:14.
خۇدا پادىشاھلىقى بارچە يامانلىقنى يوق قىلىدۇ. 2-پېترۇس 3:13
پات-ئارىدا يەھۋا بارچە يامانلىق قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ.
شەيتان ۋە جىنلار جازاغا تارتىلىدۇ.
خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغانلار ھايات قېلىپ، ئادىل يېڭى بىر دۇنياغا ئېرىشىدۇ. بۇ يېڭى جەمئىيەتتە قۇرقۇنچلۇق ئىشلار ئەسلا يۈز بەرمەيدۇ، ئادەملەر بىر-بىرگە ئىشەنچ قىلىپ، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ ياشايدۇ.