ياشلارنىڭ سوئاللىرى
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا بېرىشىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىبادەت ئۆيى دەپ ئاتىلىدىغان ئىبادەت جايلىرىدا ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يىغىلىشلاردا نېمە يۈز بېرىدۇ ۋە شۇ يەرگە بېرىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئىبادەت ئۆيىدە نېمە يۈز بېرىدۇ؟
ئىبادەت ئۆيى — مۇقەددەس كىتابتىن پايدىلىق تەلىم بېرىدىغان جاي. شۇ يەردە ئۆتىدىغان جامائەت يىغىلىشلىرى سىزگە:
خۇدا توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلىشكە؛
بۈگۈنكى تاڭدا بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشكە؛
ياخشى ئادەم بولۇشقا؛
ھەقىقىي دوستلارنى تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ.
سىز بىلەمسىز؟ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى يىغىلىدىغان جاينىڭ ئىبادەت ئۆيى دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى — شۇ يەردە ئاساسەن خۇدا پادىشاھلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ (مەتتا 6:9، 10؛ 24:14؛ لۇقا 4:43).
شۇ يەرگە بېرىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
شۇ يەردە بىلگەنلىرىڭىز سىزگە پايدا ئەكېلىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مۇقەددەس كىتاب مەسلىھەتلىرى سىزگە دانالىقنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ (پەندى-نەسىھەت 4:5). دېمەك، مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمى بىلەن ھاياتىڭىزدا توغرا قارارلارنى چىقىرىشنى ئۆگىنەلەلەيسىز. شۇنداقلا بۇ كىتابتىن مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز. مەسىلەن:
دەم ئېلىش كۈنى ئۆتىدىغان جامائەت يىغىلىشلىرىدا ھەر تۈرلۈك ماۋزۇلاردىكى نۇتۇقلار ئېيتىلىدۇ. مەسىلەن:
نېمىشقا مۇقەددەس كىتابنىڭ رەھبەرلىگىگە ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك؟
بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە ياردەمنى قەيەردىن تاپالايمىز؟
خۇدا پادىشاھلىقى بىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟
«بىر قېتىم مېنىڭ بىر ئوغۇل سىنىپدىشىم يىغىلىشقا كەلدى. ئۇ مېنىڭ ئائىلەم بىلەن بىللە ئولتاردى. بىز ئۇنىڭغا كىتابلىرىمىزنى ئېچىپ كۆرسىتىپ ئولتاردۇق. يىغىلىشتىن كېيىن ئۇ ئادەملەرنىڭ مۇھاكىمە ۋاقتىدا ئېيتقان جاۋاپلىرى ئۇنىڭغا بەك ياققانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ چىركوسىدا بىزنىڭكىگە ئوخشاش تەتقىق قىلىشقا ئارنالغان مەلۇماتلار يوقلىقىنىمۇ ئېيتتى» (برېندا).
سىز بىلەمسىز؟ ئىبادەت ئۆيىگە كىرىش ھەقسىز ۋە شۇ يەردە ھېچكىم پۇل يىغمايدۇ.
ادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ، تەسەللى تاپىسىز. مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن جەم بولۇپ تۇرۇشنىڭ بىر سەۋەبى — بىر-بىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش (ئىبرانىيلار 10:24، 25). شەخسىيەتچىلىك كەڭ تارقالغان دۇنيادا خۇدانى ۋە باشقىلارنى ئۆزىدىن ژۇقۇرى سانايدىغان ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىش جانغا تەسكىن بېرىدۇ.
«ئېغىر كۈندىن كېيىن بەزىدە روھۇم چۈشۈپ، قاتتىق ھېرىپ قالىمەن. بىراق ئىبادەت ئۆيىدىكى ئادەملەر بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن، نەقەدەر يېنىكلىشىپ قالىمەن. ئۆيگە خۇشال كەيپىياتتا قايتىپ، كېلەركى كۈننى خۇرسەنلىك ۋە تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىمەن» (يلىزا).
سىز بىلەمسىز؟ دۇنيا يۈزى بويىچە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ 120000دىن ئوشۇق جامائىتى بار. ئۇلار 60000دىن ئوشۇق ئىبادەت ئۆيىدە جەم بولىدۇ. جامائەتكە كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆسۈۋاتقانلىقتىن، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن تەخمىنەن 1500 ئىبادەت ئۆيى قۇرۇلىدۇa.
a جامائەتنىڭ قەيەردە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ جامائەت يىغىلىشلىرى» دېگەن يەرگە كىرىڭ. شۇ يەردە «جامائەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىغان سىزگە يېقىن جاينى تېپىۋېلىڭ» دېگەن يەرگە بېسىڭ.