-
نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش كېرەك؟كۈزىتىش مۇنارى (ئاممىۋى)—2017 | 1-سان
-
-
مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش كېرەك
نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش كېرەك؟
«مەن مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىش قىيىن دەپ ئويلىدىم».—جۇۋېي.
«ئۇنى ئوقۇش ماڭا زېرىكىشلىك تۇيۇلغان ئىدى».—كۋىنى.
«مۇقەددەس كىتابنىڭ شۇنچە كۆپ بەتلىك كىتابلىقىنى كۆرۈپ، ئوقۇش ئىستىكىم يوقالدى».—ئەزەكىيال.
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى ئويلىغاندا، سىزدىمۇ شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار پەيدا بولغانمۇ؟ نۇرغۇن ئادەملەر بۇ كىتابنى ئوقۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ دەپ ئويلىشىدۇ. لېكىن، مۇقەددەس كىتاب سىزنىڭ تېخىمۇ خۇشال-خۇرام ۋە قانائەتلىنەرلىك ھايات كەچۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرەلىسىچۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنى ئوقۇشنىڭ تېخىمۇ قىزىقارلىق بەزى ئۇسۇللىرىنى تاپقان بولسىڭىزچۇ؟ مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلىشنى خالامسىز؟
كۆپلىگەن كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، قانداق پايدىسىنى كۆرگەن، كېلىڭ ئۇلاردىن بىر قانچىسىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
20ياشلاردىكى ئەزەكىيال مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان شوپۇرغا ئوخشايتتىم. بىراق، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش مەنىلىك ھايات كەچۈرۈشۈمگە ياردەم بەردى. بۇ كىتابتا كۈندىلىك تۇرمۇشۇمغا ياردەم بېرىدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەر بار».
20ياشلاردىن ئاشقان فرىدا ئىسىملىك بىر ياش قىز مۇنداق دەيدۇ: «قېنىم قىزىق ئىدى. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنىڭ ياردىمىدە ئۆزۈمنى كونترول قىلىشنى ئۆگەندىم. باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش ئاسانراق بولدى ۋە ھازىر كۆپ دوستلىرىم بار».
50تىن ئاشقان يۇۋنەس ئىسىملىك بىر ئايال بولسا، مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش يامان ئادەتلىرىمنى تاشلاپ، ياخشىراق ئادەم بولۇشۇمغا ياردەم بەردى».
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر ۋە باشقا مىليونلىغان ئىنسانلار ئۆز ھاياتىدا كۆز يەتكۈزگەندەك، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش سىزگىمۇ مەنىلىك ھايات كەچۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 48:17، 18). بۇ كىتابنىڭ ياردىمىدە، سىز (1) توغرا قارارلارنى چىقىرالايسىز، (2) ھەقىقىي دوستلارنى تاپالايسىز، (3) بېسىملارغا قارشى كۈرەش قىلالايسىز ۋە ئەڭ مۇھىمى، (4) خۇدا توغرىسىدا بىلىم ئالالايسىز. مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەر خۇدادىن كەلگەچ، سىز ئۇلارغا ئەمەل قىلسىڭىز، بۇنىڭغا ھېچقاچان ئۆكۈنمەيسىز. خۇدا ھېچقاچان يامان مەسلىھەت بەرمەيدۇ.
ئەڭ مۇھىمى — ئوقۇشنى باشلاشتۇر. قانداق ئەمەلىي قەدەملەر مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى ئاسانراق باشلاشقا ۋە تېخىمۇ قىزىقارلىق ۋە كۆڭۈللۈك ئوقۇشقا ياردەم بېرىدۇ؟
-
-
قانداق باشلىسام بولىدۇ؟كۈزىتىش مۇنارى (ئاممىۋى)—2017 | 1-سان
-
-
مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش كېرەك
قانداق باشلىسام بولىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشتىن ھۇزۇر ئېلىشىڭىزغا ۋە پايدىسىنى كۆرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدىغان قانداق ئۇسۇللار بار؟ كۆپلىگەن كىشىلەرگە ياردەم بەرگەن بەش ئۇسۇلنى ئەستە ساقلىۋېلىڭ.
مۇۋاپىق بىر مۇھىتنى يارىتىڭ. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، دىققىتىڭىز چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تىنچ جاي تېپىڭ. يېتەرلىك يورۇقلۇق ۋە ساپ ھاۋامۇ دىققىتىڭىزنى ئوقۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.
توغرا كۆزقاراش بىلەن ئوقۇڭ. مۇقەددەس كىتاب ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە چۈشەرگەن كىتابتۇر. شۇڭا، بۇ كىتابنى ئوقۇشنىڭ كۆپرەك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇنى خۇددى كىچىك بالا كۆيۈمچان دادىسىنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاۋاتقاندەك ئوقۇڭ. ئەگەر بۇ كىتابقا قارىتا سەلبىي، ناتوغرا كۆزقاراشتا بولسىڭىز، خۇدا سىزگە تەلىم بېرەلىشى ئۈچۈن ئاشۇ كۆزقاراشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇڭ.—زەبۇر 25:4.
ئوقۇشتىن ئىلگىرى دۇئا قىلىڭ. مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرى يېزىلغانلىقتىن، ئۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. خۇدا «تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات» قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە بەرگەن (لۇقا 11:13). مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، بۇ روھ «ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكىرلىرىنىمۇ» چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن زېھنىڭىزنى ئاچىدۇ.—كورىنتلىقلارغا 1-خەت 2:10.
ئوقۇپ چوڭقۇر ئويلىنىڭ. بىراقلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوقۇشقا تىرىشماڭ. ئوقۇغانلىرىڭىز ئۈستىدىن چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىڭ. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «ئۇشبۇ شەخسنىڭ قانداق پەزىلەتلىرىنى كۆردۈم؟ ئۇنىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمەن؟»— دەپ سوراڭ.
ئالدىڭىزغا ئېنىق مەقسەتلەرنى قويۇڭ. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ھايات كەچۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى ئىزدەڭ. ئۆزىڭىزگە مۇنداق مەقسەتلەرنى قويسىڭىز بولىدۇ: خۇدا ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىش، ئىش-ھەرىكەتلىرىمنى ۋە مىجەز-خۇلقۇمنى ئۆزگەرتىش ۋە ياخشى ئەر ياكى ئايال بولۇش. ئاندىن شۇ مەقسەتلەرگە يېتىشكە ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنى تېپىڭ.
ئاشۇ بەش ئۇسۇل ئوقۇشنى باشلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بىراق، ئوقۇشتىن تېخىمۇ ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟ كېيىنكى ماقالىدە، بەزى مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.
-
-
قانداق ئۇسۇلدا ئوقۇش ھۇزۇر بېغىشلايدۇ؟كۈزىتىش مۇنارى (ئاممىۋى)—2017 | 1-سان
-
-
مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش كېرەك
قانداق ئۇسۇلدا ئوقۇش ھۇزۇر بېغىشلايدۇ؟
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش سىزگە زېرىكىشلىك تۇيۇلامدۇ ياكى ھۇزۇر بېغىشلامدۇ؟ بۇ كۆپىنچە سىزنىڭ قانداق ئوقۇشىڭىزغا باغلىق. كېلىڭ، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئوقۇشتىن كۆپرەك ھۇزۇر ئېلىشقا ياردەم بېرىدىغان بىرقانچە مەسلىھەتنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئىشەنچىلىك ۋە زامانىۋىي تىلدىكى تەرجىمىنى تاللاڭ. ئەگەر كىتابتا مۇرەككەپ ياكى كونا ۋە ئىشلىتىشتىن قالغان سۆز-ئىبارىلەر كۆپ بولسا، بەلكىم بۇ كىتابنى ئوقۇشتىن ھۇزۇر ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا، سۆز-جۈملىلەرنىڭ قەلبىڭىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلىشى ئۈچۈن، ئاسان چۈشىنىدىغان تىلدىكى مۇقەددەس كىتابنى تېپىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىز تاللىغان تەرجىمىنىڭ ئېنىق ۋە توغرا ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈڭa.
زامانىۋى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىڭ. بۈگۈنكى كۈندە مۇقەددەس كىتاب تەرجىمىلىرىنىڭ پەقەت باسما نەشىرى ئەمەس، بەلكى ئېلېكترونلۇق نەشىرىمۇ بار. بەزى مۇقەددەس كىتابنى تور بەتتە ياكى توردىن چۈشۈرۈپ كومپيۇتېر، قول كومپيۇتېر ياكى تېلېفوندا شەخسىي ئوقۇشقا بولىدۇ. بەزى تەرجىمىلەردە ئوخشاش بىر تېمىدىكى باشقا ئايەتلەرنى تېزلىكتە تەكشۈرەلەيدىغان ياكى بىر قانچە تەرجىمىنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغان قوشۇمچە قوراللار بار. ئەگەر ئوقۇشنى ئەمەس، ئاڭلاشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئاۋازلىق نەشىرى بار. نۇرغۇن كىشىلەر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن سەپەرگە چىققاندا، كىر يۇيغاندا ياكى باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا، تىڭشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى سىناپ باقمايسىز؟
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش قوراللىرىنى ئىشلىتىڭ. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش قوراللىرى ئوقۇغانلىرىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. مۇقەددەس كىتابتا تىلغان ئېلىنغان جايلارنىڭ خەرىتىلىرى بار، بۇ ئوقۇغان چاغدا، ئۇچراتقان جاي ناملىرىنى تېپىشىڭىزغا ۋە ۋەقەلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ ژۇرنالدىكى ياكى org.jw تور بېكىتىدىكى «مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى» دېگەن سەھىپىدىكى ماقالىلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ نۇرغۇن مەزمۇنلىرىنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئوقۇش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر مۇقەددەس كىتابنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئوقۇش قىيىن تۇيۇلسا، نېمە ئۈچۈن سىزنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان قىسىمدىن باشلاپ، ئوقۇش قىزغىنىلىقىڭىزنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ باقمايسىز؟ ئەگەر سىز يازمىلاردىكى مەشھۇر كىشىلەر ھەققىدە بىلمەكچى بولسىڭىز، ئاشۇ شەخسنى ئاساس قىلىپ ئوقۇشنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ بىر ئۈلگىسى «خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابتىن غەزىنە قېزىش» ناملىق ئىزاھاتتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ماۋزۇ ياكى ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش تەرتىپى بويىچە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئۇسۇللارنىڭ بىرىنى سىناپ بېقىڭ!
a نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنىڭ يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنىڭ توغرا، ئىشەنچلىك ۋە ئوقۇپ چۈشىنىشكە ئاسان ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بۇ مۇقەددەس كىتاب 130 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. سىز org.jw تور بېكىتىدىن ئېلىكترونلۇق نۇسخىسىنى چۈشۈرەلەيسىز ياكى JW كۈتۈپخانىسىنى چۈشۈرەلەيسىز. خالىسىڭىز، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى باسما نۇسخىسىنى ئۆيىڭىزگە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.
-
-
مۇقەددەس كىتاب تۇرمۇشىڭىزنى قانداق ياخشىلايدۇ؟كۈزىتىش مۇنارى (ئاممىۋى)—2017 | 1-سان
-
-
مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش كېرەك
مۇقەددەس كىتاب تۇرمۇشىڭىزنى قانداق ياخشىلايدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب ئۆزگىچە كىتابتۇر. ئۇنىڭدا ياراتقۇچىمىزنىڭ مەسلىھەتلىرى يېزىلغان (تىموتىيغا 2-خەت 3:16). بۇ كىتابتىكى مەلۇمات تۇرمۇشىڭىزغا قاتتىق تەسىر قىلالايدۇ. ئۇنىڭدا مۇنداق سۆزلەر بار: «خۇدانىڭ سۆزى ھاياتى كۈچكە ئىگە» (ئىبرانىيلارغا 4:12). مۇقەددەس كىتاب كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزگە يول-يورۇق كۆرسىتىپ، خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ۋەدىلىرىنى بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.
ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلايدۇ. مۇقەددەس كىتاب ھاياتىڭىزنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە ياردەم بېرىدۇ. تۆۋەندىكى مەسلىھەتلەرنىڭ بىرقانچىسى كەلتۈرۈلگەن:
باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت.—ئەفەسلىكلەرگە 4:31، 32؛ 5:22، 25، 28، 33.
ھېسسىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىق.—زەبۇر 37:8؛ پەندى-نەسىھەت 17:22.
ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەملىرى.—كورىنتلىقلارغا 1-خەت 6:9، 10.
مال-دۇنيا.—پەندى-نەسىھەت 10:4؛ 28:19؛ ئەفەسلىكلەرگە 4:28.
مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەت ئاسىيادا ياشايدىغان ياش بىر جۈپنىڭ نىكاھىنى مۇستەھكەملەشكە ياردەم بەرگەن. يېقىندا ئۆي-ئوچاقلىق بولغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا چىقىش ئۆتۈشى ۋە ئوچۇق-يورۇق سۆھبەتلىشىشى ئاسانغا چۈشمىگەن ئىدى. ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغانلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشقا باشلىغان. نەتىجىسى قانداق بولغان؟ ئائىلە بېشى ۋىسېنت مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابتىكى مەسلىھەتلەر نىكاھىمىزدا پەيدا بولىدىغان سوغاقچىلىقلارنى سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا ياردەم بەردى. بىز ھازىر مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز». ئۇنىڭ ئايالى ئانالۇ ئېرىنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلۇپ، مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتابتىكى ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى بىزگە ياردەم بەردى. ئەمدى نىكاھىمىز ۋە ھاياتىمىزدا ئورتاق مەقسىتىمىزنىڭ بولغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمەن».
خۇدانى تونۇش. ۋىسېنت نىكاھى توغرۇلۇق سۆز قىلغاندا، يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنى باشلىغاندا، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خۇداغا تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلدىم». ۋىسنېتنىڭ سۆزلىرىدىن كۆرگىنىمىزدەك، مۇقەددەس كىتاب بىزگە خۇدانى تونۇشتۇرىدۇ. بۇ كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى مەسلىھەتلەرنىڭ ئەمەلىي پايدىسىنى كۆرۈپلا قالماي، بەلكى خۇدا بىلەن دوست بولالايسىز. ئۇ ئاشكارىلىغان تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك، يەنى مەڭگۈ «ھەقىقىي ھايات»تىن ھۇزۇرلىنىدىغان ۋاقىت توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆرۈپ يېتىسىز (تىموتىيغا 1-خەت 6:19). ھېچبىر كىتاب ئۇنداق تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بېرەلمەيدۇ.
مۇقەددەس كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنى تاشلىماي داۋام قىلسىڭىز، سىزمۇ ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلىنىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيسىز. بىراق، بۇ كىتابنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا، كاللىڭىزدا نۇرغۇن سوئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن. سوئاللار ئۈستىدە ئويلانغاندا، 2000 يىل ئىلگىرى ياشىغان ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدارنىڭ مىسالىنى ئەستىن چىقارماڭ. ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق نۇرغۇن سوئاللىرى بولغان. ئۇنىڭدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى چۈشەنگەن-چۈشەنمىگەنلىكىنى سورىغاندا، ئەمەلدار شۇنداق جاۋاب قايتۇرغان: «بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟!». خۇددى شۇنىڭدەك، مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىشنى خالىسىڭىز، org.jw تور بېكىتىدە ھەقسىز مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش ئىلتىماسىنى تولدۇرۇڭ ياكى بۇ سان ژۇرنالدا كۆرسىتىلگەن ئادېرسقا خەت ئەۋەتىڭ. يېقىن ئەتراپتا ياشايدىغان يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئىبادەت يىغىلىش زالىنى زىيارەت قىلىڭ. نېمىشقا تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىكى مەسلىھەتلەرنى ئەمەلىي قوللىنىپ باقمايسىز؟!
مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سوئاللىرىڭىز بولسا، ئۇنداقتا مۇقەددەس كىتابنىڭ خۇدادىن ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلىمىز؟ ناملىق فىلىمنى كۆرۈپ بېقىڭ. بۇ فىلىمنى ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاڭ ياكى org.jw تور بېكىتىدە، ئىزدەش دېگەن يەرگە فىلىمنىڭ نامىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تاپالايسىز. بۇ سان ژۇرنالدىكى «بۇ پەقەت كىچىكىنە خاتا چۈشىنىپ قېلىشمۇ؟» ناملىق ماقالىنىمۇ ئوقۇڭ.
-