17-ناخشا
ئالغا باس، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى!
(لۇقا 16:16)
1. ئاخىرقى كۈنلەردە تەۋرەنمەي چىڭ تۇر؛
خۇدانىڭ خەلقى ۋەز ئېيتىشقا تەيياردۇر.
شەيتان قارشى تۇرسا، قورقماي تۇر،
ئالغا باس! ساڭا خۇدا مەدەتكاردۇر.
(قايتۇرما)
ئالغا باس، گۇۋاھچىلار جاسارەت بىلەن!
قىل شەرەپلىك خىزمەتنى جان دىلىڭ بىلەن!
بار ئېيت مۇنداق دەپ: بولۇر يەر يۈزى جەننەت،
بارچە تاپار خۇشاللىق، مول بەر’كەت.
2. يەھۋانىڭ جەڭچىسى راھەت قوغلاشماس؛
بۇ دۇنيانى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشماس.
تەگكۈزمەي داغ ئۆز پاك نامىغا،
سادىق، ھەق جەڭچىلەر بولۇر يەھۋاغا.
(قايتۇرما)
ئالغا باس، گۇۋاھچىلار جاسارەت بىلەن!
قىل شەرەپلىك خىزمەتنى جان دىلىڭ بىلەن!
بار ئېيت مۇنداق دەپ: بولۇر يەر يۈزى جەننەت،
بارچە تاپار خۇشاللىق، مول بەر’كەت.
3. شاھلىق ئۈمىدى مازاق قىلىنماقتا،
خۇدا ئىسمى ھەم ھاقارەت قىلىنماقتا.
كەل! خاس ئىسىمنى ئۇلۇغلايلى،
بارچە مىللەت خەلقىگە جاكارلايلى.
(قايتۇرما)
ئالغا باس، گۇۋاھچىلار جاسارەت بىلەن!
قىل شەرەپلىك خىزمەتنى جان دىلىڭ بىلەن!
بار ئېيت مۇنداق دەپ: بولۇر يەر يۈزى جەننەت،
بارچە تاپار خۇشاللىق، مول بەر’كەت.
(فىلىپىلىكلەر 1:7؛ 2-تىموتىي 2:3، 4؛ ياقۇپ 1:27-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).