2-ناخشا
تەشەككۈر يەھۋا!
(1-سالونىكالىقلار 5:18)
1. تەشەككۈر يەھۋا، چاچتىڭ ئۈستىمىزگە
كېچە-كۈندۈز ھەقىقەت نۇرۇڭنى.
تەشەككۈر يەھۋا، دۇئاغا قۇلاق سال.
خالايمىز ساڭا يېقىنلىشىشنى.
2. تەشەككۈر يەھۋا، سۆيۈملۈك ئوغلۇڭغا،
ئۇنىڭ ئىشەنچى يەڭدى دۇنيانى.
تەشەككۈر يەھۋا، بىلدۇق ئىرادەڭنى،
ياردەم قىل! ئورۇنداشقا ۋەدىنى.
3. تەشەككۈر يەھۋا، بەرگەن ئىمتىيازغا،
جاكارلاي ئىسمىڭنى، ھەقىقەتنى.
تەشەككۈر يەھۋا، ئازابلار يوق بولار،
شاھلىقىڭ بېرەر مەڭگۈلۈك بەختنى.
(زەبۇر 50:14؛ 95:2؛ 147:7؛ كولوسىلىقلار 3:15-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).