كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م21 يانۋار 31-‏ب.‏
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم —‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مە‌نىسى
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ك‌م21 يانۋار 31-‏ب.‏
خۇ‌دانىڭ ئىسمى بىر تاشقا ئويۇ‌لۇ‌پ يېزىلغان.‏

تاشتىكى يېزىق:‏ «ياھۋە‌ھ سابائوت ھاگاۋنىڭ ئوغلى ھاگافنى لە‌نە‌ت قىلسۇ‌ن»‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

قە‌دىمىي يېزىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ؟‏

يېرۇ‌سالېمدىكى «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار زېمىنلىرى مۇ‌زېيى»غا تە‌ۋە،‏ تە‌خمىنە‌ن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 700—‏600-‏يىللىرى ئارىلىقىدا خە‌ت ئويۇ‌لغان بىر پارچە تاش بار.‏ بۇ تاش ئىسرائىل زېمىنىدىكى ھىبرون شە‌ھىرىدىن ئانچە يىراق ئە‌مە‌س بىر جايدىكى قە‌برىستانلىق قىلىنغان ئۆڭكۈرىدىن ئېلىنغان.‏ بۇ تاشتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ياھۋە‌ھ سابائوت ھاگاۋنىڭ ئوغلى ھاگافقا لە‌نە‌ت قىلسۇ‌ن».‏ بۇ قە‌دىمىي يېزىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ قانداق؟‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمى يە‌ھۋا،‏ قە‌دىمىي ئىبرانىيچىدە يھۋھ ھە‌رىپلىرى بىلە‌ن يېزىلغان.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ خۇ‌دا ئىسىمىنىڭ،‏ قە‌دىمقى دە‌ۋردە ھە‌ممىگە تونۇ‌شلۇ‌ق بولغانلىقى ۋە كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا ئىشلىتىلگە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ باشقىمۇ قە‌برە قىلىنغان ئۆڭكۈرلە‌ردىكى يازمىلار ئادە‌ملە‌رنىڭ بىر-‏بىرى بىلە‌ن كۆرۈشۈش ياكى ئۆزلىرىنى يوشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۆڭكۈرلە‌رنىڭ تاملىرىدا خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنىڭ باشقا شە‌كلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزلىرىنىڭ شە‌خسىي ئىسىملىرىنى ۋە خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى يازغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

گرۇ‌زىيە ئۇ‌نىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى رېچېل نابۇ‌لسى بۇ يېزىقلار ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ تاشتىكى يېزىقلاردا خۇ‌دانىڭ ئىسىمى قايتا-‏قايتا ئىشلىتىلگە‌نلىكى بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم ۋە ئۇ‌لار ئىسرائىل ۋە يە‌ھۇ‌دا خە‌لقىنىڭ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىدا خۇ‌دانىڭ ئىسىمى مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ».‏ ئالىمنىڭ بۇ سۆزلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىبرانىيچە يھۋھ ھە‌رىپلىرى بىلە‌ن يېزىلغان خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنىڭ نە‌چچە مىڭ قېتىملاپ ئۇ‌چرىشى ناھايىتى تە‌بئىي ئە‌ھۋال ئىكە‌نلىكىنى تە‌ستىقلايدۇ.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ شە‌خسىي ئىسىملىرى پات-‏پات خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏

تاشتا يېزىلغان «ياھۋە‌ھ سابائوت» دېگە‌ن ئىبارە «ساماۋى قوشۇ‌نلارنىڭ سە‌ردارى» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ ئىسىمى دېگە‌ن ئىبارىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى «ساماۋى قوشۇ‌نلارنىڭ سە‌ردارى يە‌ھۋا»،‏ دېگە‌ن ئىبارىنىڭ ھە‌م قە‌دىمقى زامانلاردا كۆپ ئىشلىتىلگە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ يە‌نە «ساماۋى قوشۇ‌نلارنىڭ سە‌ردارى يە‌ھۋا» دېگە‌ن ئىبارە ئىبرانىي يازمىلاردا بولۇ‌پمۇ يە‌شايا،‏ يە‌رە‌مىيا ۋە زە‌كە‌رىيا كىتابلىرىدا،‏ 283 قېتىمچە ئۇ‌چرايدىغانلىقىنىڭ بە‌كمۇ ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق ئىكە‌نلىكىنى تە‌ستىقلايدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش