14-ناخشا
خۇدا ھەممىنى يېڭىلار
(ۋەھىيلەر 21:1–5)
1. «يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى» كۆر!
خۇدا ئوغلى پادىشاھ بولدى، كۆر!
ئاسماندا جەڭدە غەلبە قىلدى، كۆر!
يەردە ھەم ئۇ غەلبە قىلۇر، سەن كۆر!
(قايتۇرما)
شادلان! چېدىر تىكتى خۇدا،
بىز ئىنسانلار ئارىسىغا.
ئەمدى بولماس قايغۇ ۋە ئەلەم،
نە ئاغرىق، نە ئۆلۈم ۋە ماتەم.
ئۇ: «ھەممىنى يېڭىلايمەن»، دېگەن.
بۇ سۆز ئۆزگەرمەس، بەرھەق!
2. ئەي جاھان يېڭى يېرۇسالېمنى كۆر!
مەسىھ كېلىنچىكى نۇر چاچتى، كۆر!
بىباھا گۆھەر، ياقۇت ئاستى، كۆر!
يەھۋالا نۇر بېرەر قىزغا، سەن كۆر!
(قايتۇرما)
شادلان! چېدىر تىكتى خۇدا،
بىز ئىنسانلار ئارىسىغا.
ئەمدى بولماس قايغۇ ۋە ئەلەم،
نە ئاغرىق، نە ئۆلۈم ۋە ماتەم.
ئۇ: «ھەممىنى يېڭىلايمەن»، دېگەن.
بۇ سۆز ئۆزگەرمەس، بەرھەق!
3. كۆر! شەھەر گۈزەل، شاد-خۇرامدۇر خەلقى
كېچە-كۈندۈز ئوچۇق دەرۋازىسى.
نۇرىدا ماڭار بارچە ئەل خەلقى؛
ئەي قۇل چاچ جاھانغا ئەكىس نۇرنى.
(قايتۇرما)
شادلان! چېدىر تىكتى خۇدا،
بىز ئىنسانلار ئارىسىغا.
ئەمدى بولماس قايغۇ ۋە ئەلەم،
نە ئاغرىق، نە ئۆلۈم ۋە ماتەم.
ئۇ: «ھەممىنى يېڭىلايمەن»، دېگەن.
بۇ سۆز ئۆزگەرمەس، بەرھەق!
(مەتتا 16:3؛ ۋەھىيلەر 12:7–9؛ 21:23–25-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).