3-ناخشا
«خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر»
(1-يۇھاننا 4:7، 8)
1. خۇدا مۇھەببەت، چاقىرار
ماڭ ۋە سۆي يولۇمنى، دەپ.
خۇدا ھەم قوشنىنى سۆيسەك،
ھارمايمىز ھەقنى سۆزلەپ.
ھايات ئاچقۇچى مۇھەببەت،
بەختنىڭ مەنبەسى سۆيگۈ.
مەسىھ سۆيگۈسى كۈچ-مەدەت،
نائۈمىد قويماس مەڭگۈ.
2. چىن مۇھەببەت بىزنى ئۈندەر
باشقىلارنى سۆيۈشكە.
يىقىلساق، تۇرايلى دەرھال!
خۇدانىڭ ياردىمىدە.
مۇھەببەت پاك، ھەسەت قىلماس
ئۈمىدۋار، مېھرىبان ھەم.
ئۆز-ئارا كۆرسەت مۇھەببەت!
تېتىپ كۆرگىن شېرىن تەم!
3. غەزەپ ئەمەس، سۆيگۈ كۆرسەت،
قەلبىڭ تولماس نەپرەتكە.
سۆي خۇدانى، يولباشچىڭ ئۇ،
يېتەكلەر مۇھەببەتكە:
‹خۇدانى ۋە قوشناڭنى سۆي،
مەڭگۈ مۇھەببەتلىك بول!›
قۇلاق سال، بىرگە ماڭايلى،
بۇ خۇدا كۆرسەتكەن يول!
(ماركۇس 12:30، 31؛ 1-كورىنتلىقلار 12:31–13:8؛ 1-يۇھاننا 3:23-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).