كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 32-‏دە‌رس
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ!‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • 1914-‏يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېشارىتىدىكى مۇ‌ھىم يىل
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 32-‏دە‌رس
32-‏دە‌رس.‏ قولىدا توقماق كۆتۈرۈۋالغان ئاسماندىكى پادىشاھ ئە‌يسا يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ.‏

32-‏دە‌رس

خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ!‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

1914-‏يىلى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان.‏ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ،‏ ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرقى كۈنلىرىگە قە‌دە‌م باسقان.‏ بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاخىرقى كۈن ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌نلىكىنى كۆرە‌يلى.‏ كېيىن 1914-‏يىلدىن باشلاپ،‏ دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىدا قانداق ئۆزگىرىشلە‌ر بولغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمىلە‌ر بېشارە‌ت قىلىنغان؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دانىيال كىتابىدا،‏ يە‌تتە دە‌ۋر دە‌پ ئاتالغان بىر مە‌زگىل ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلايدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغان (‏دانىيال 4:‏16،‏ 17)‏.‏ نە‌چچە يۈز يىلدىن كېيىن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌شبۇ ۋاقىتنى ‏«مىللە‌تلە‌ر ئۈچۈن بە‌لگىلە‌نگە‌ن زامان»‏ دە‌پ ئاتىغان ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ئېيتقان (‏لۇ‌قا 21:‏24)‏.‏ بۇ دە‌رستە،‏ شۇ يە‌تتە دە‌ۋرنىڭ 1914-‏يىلى ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرۈمىز.‏

2.‏ 1914-‏يىلدىن باشلاپ،‏ دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقىدا قانداق ئۆزگىرىشلە‌ر بولدى؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭدىن:‏ «سېنىڭ ھازىر بولۇ‌شۇ‌ڭنى ۋە زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانداق ئالامە‌تلە‌ر بولىدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان (‏مە‌تتا 24:‏3‏)‏.‏ بۇ‌نىڭغا جاۋاب بېرىپ ئە‌يسا ئاسماندا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلارنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ئۇ‌رۇ‌ش،‏ ئاچارچىلىق ۋە يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏7‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زاماننىڭ ئاخىرىدا ئادە‌ملە‌رنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرى ئۆزگىرىپ،‏ ھايات كە‌چۈرۈش ئادە‌تتىن تاشقىرى قىيىن بولىدىغانلىقى ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغانىدى (‏2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5)‏.‏ 1914-‏يىلدىن باشلاپ،‏ دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتى ۋە ئادە‌ملە‌رنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرىدا ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆپ ئۆزگىرىشلە‌ر بولۇ‌شقا باشلىغان.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن 1914-‏يىلدىن باشلاپ،‏ دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتىدە شۇ‌نچە زور ئۆزگىرىشلە‌ر بولغان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌دا پادىشاھلىقىدا پادىشاھ بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئۆتمە‌ي،‏ ئاسماندا شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرىغا قارشى جە‌ڭگە ئاتلانغان.‏ شە‌يتان بۇ جە‌ڭدە مە‌غلۇ‌پ بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى يە‌ر يۈزىگە تاشلاندى دە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9،‏ 10،‏ 12)‏.‏ شە‌يتان ئۆزىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلگە‌چ،‏ قاتتىق غە‌زە‌پلە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزىدە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ۋە قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلە‌رنى پە‌يدا قىلىۋاتىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتىنىڭ بۇ‌نداق ناچار بولۇ‌پ كېتىشى ھە‌رگىزمۇ ئە‌جە‌بلىنە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ممە قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىدۇ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

خۇ‌دا پادىشاھلىقى 1914-‏يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى قانداق بىلە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ‌نى بىلگە‌ندە،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مۇ‌شۇ سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرە‌يلى.‏

4.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌ر 1914-‏يىلنى كۆرسىتىدۇ

فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى 1914-‏يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىدى» (‏02:‏5)‏

خۇ‌دا قە‌دىمقى زاماندا بابىل پادىشاھى نېبۇ‌قادنىسارغا بىر چۈشنى كۆرسىتىپ،‏ كە‌لگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.‏ ئە‌گە‌ر بىز چۈشنىڭ مە‌زمۇ‌نىغا ۋە دانىيالنىڭ چۈشە‌ندۈرۈشىگە قارىساق،‏ بۇ چۈش نېبۇ‌قادنىسارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دا پادىشاھلىقى بىلە‌نمۇ باغلىنىشلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏‏—‏دانىيال 4:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭa‏.‏

دانىيال 4:‏20–‏26-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى رامكىدىن پايدىلىنىپ،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ‏(‏1)‏ نېبۇ‌قادنىسار چۈشىدە نېمىنى كۆرگە‌ن؟‏​—‏20،‏ 21-‏ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈڭ.‏

  • ‏(‏2)‏ ئاشۇ چۈشتىكى چوڭ دە‌رە‌خكە نېمە بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى؟‏—‏23-‏ئايە‌تنى كۆرۈڭ.‏

  • ‏(‏3)‏ «يە‌تتە دە‌ۋر» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏—‏26-‏ئايە‌تنى كۆرۈڭ.‏

چۈشتىكى دە‌رە‌خ بىلە‌ن خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ قانداق مۇ‌ناسىۋىتى بار؟‏

بېشارە‌ت (‏دانىيال 4:‏20–‏36)‏

ھۆكۈمرانلىق

‏(‏1)‏ غايە‌ت زور دە‌رە‌خ

غايە‌ت زور دە‌رە‌خ.‏

ھۆكۈمرانلىق توختاپ قالدى

‏(‏2)‏ دە‌رە‌خ كېسىلىشى ۋە يە‌تتە دە‌ۋر ئۆتۈپ كېتىشى كېرە‌ك ئىدى

مىس ۋە تۆمۈر بىلە‌ن چە‌مبە‌رلە‌نگە‌ن دە‌رە‌خ كۆتۈكى.‏

ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئە‌سلىگە كە‌لدى

‏(‏3)‏ پادىشاھلىقىڭ ئۆزۈڭگە قايتۇ‌رۇ‌پ بېرىلىدۇ

غايە‌ت زور دە‌رە‌خ.‏

بېشارە‌تلە‌رنىڭ بىرىنچى قېتىم ئە‌مە‌لگە ئېشىشى .‏ .‏ .‏

  • ‏(‏4)‏ شۇ دە‌رە‌خ كىمگە ۋە‌كىللىك قىلغان؟‏​—‏22-‏ئايە‌تنى كۆرۈڭ.‏

  • ‏(‏5)‏ نېبۇ‌قادنىسارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قانداق توختاپ قالغان؟‏ ‏—‏دانىيال 4:‏29–‏33-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

  • ‏(‏6)‏ يە‌تتە دە‌ۋر ئاخىرلاشقاندا،‏ نېبۇ‌قادنىسارغا نېمە بولغان؟‏ ‏—‏دانىيال 4:‏34–‏36-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

بىرىنچى قېتىم ئە‌مە‌لگە ئېشىشى

ھۆكۈمرانلىق

‏• ‏(‏4)‏ بابىلنىڭ پادىشاھى نېبۇ‌قادنىسار

مە‌غرۇ‌رلىنىپ تۇ‌رغان پادىشاھ نېبۇ‌قادنىسار.‏

ھۆكۈمرانلىق توختاپ قالدى

‏• ‏(‏5)‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 606-‏يىلدىن كېيىن،‏ نېبۇ‌قادنىسار ئە‌قىل-‏ھوشىنى يوقىتىپ،‏ 7 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلالمىغان

نېبۇ‌قادنىسار ھايۋانلارغا ئوخشاش يە‌ردە دۈم يېتىپ،‏ ئوت-‏چۆپلە‌رنى يە‌ۋاتىدۇ.‏

ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئە‌سلىگە كە‌لدى

‏• ‏(‏6)‏ نېبۇ‌قادنىسار ئە‌قىل-‏ھوشىغا كېلىپ،‏ قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان

نېبۇ‌قادنىسار قوللىرىنى ئېگىز كۆتىرىپ ئاسمانغا قاراۋاتىدۇ.‏

بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئە‌مە‌لگە ئېشىشى .‏ .‏ .‏

  • ‏(‏7)‏ دە‌رە‌خ كىمگە ۋە‌كىللىك قىلغان؟‏ ‏—‏1-‏تارىخنامە 29:‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

  • ‏(‏8)‏ ئۇ‌لارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قانداق توختاپ قالغان؟‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏ ‏—‏لۇ‌قا 21:‏24-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

  • ‏(‏9)‏ بۇ ھۆكۈمرانلىق قاچان ۋە قە‌يە‌ردە قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلگە‌ن؟‏

ئىككىنچى قېتىم ئە‌مە‌لگە ئېشىشى

ھۆكۈمرانلىق

‏(‏7)‏ ئىسرائىل پادىشاھلىرى خۇ‌داغا ۋە‌كىللىك قىلىپ،‏ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگە‌ن

پادىشاھلىق تە‌ختىدە ئولتارغان ئىسرائىل پادىشاھلىرى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىدە نۇ‌ر چاقناۋاتىدۇ.‏

ھۆكۈمرانلىق توختاپ قالدى

‏(‏8)‏ يېرۇ‌سالىم ۋە‌يران قىلىنغاندىن كېيىنكى 2520 يىل جە‌ريانىدا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىرى خۇ‌داغا ۋە‌كىللىك قىلىپ،‏ ھۆكۈمرانلىق قىلمىغان

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-‏يىلى قە‌دىمقى يېرۇ‌سالىم ئوتتا كۆيدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنكى 2520 يىل جە‌ريانىدا.‏

ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئە‌سلىگە كە‌لدى

‏(‏9)‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئاسماندا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشنى باشلايدۇ

ئە‌يسا 1914-‏يىلدىن باشلاپ،‏ ئاسماندىن يە‌ر ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۈستىدە نۇ‌ر چاقناۋاتىدۇ.‏

يە‌تتە دە‌ۋر قاچان باشلىنىپ،‏ قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئايە‌تلە‌رنى چۈشىنىشكە باشقا ئايە‌تلە‌ر ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىدا ئۈچ يېرىم دە‌ۋرنىڭ 1260 كۈنگە تە‌ڭ ئىكە‌نلىكى تىلغا ئېلىنغان (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏6،‏ 14)‏.‏ يە‌تتە دە‌ۋر ئۈچ يېرىم دە‌ۋرنىڭ ئىككى ھە‌سسىسىگە توغرا كېلىدۇ،‏ يە‌نى 2520 كۈن بولىدۇ.‏ بە‌زىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلە‌يدۇ (‏ھە‌زە‌كىيال 4:‏6)‏.‏ دېمە‌ك،‏ دانىيال كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان يە‌تتە دە‌ۋر 2520 يىل بولىدۇ.‏

5.‏ دۇ‌نيا 1914-‏يىلدىن باشلاپ ئۆزگە‌ردى

فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «دۇ‌نيا 1914-‏يىلدىن باشلاپ ئۆزگە‌ردى» (‏10:‏1)‏

ئە‌يسا پادىشاھ بولغاندىن كېيىن،‏ دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتى ئۆزگىرىدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغان.‏ لۇ‌قا 21:‏9–‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ ئايە‌تلە‌ردە،‏ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن قايسى ئە‌ھۋاللارنى ئۆز كۆزۈڭىز بىلە‌ن كۆردىڭىز ياكى ئاڭلىدىڭىز؟‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە،‏ ئۇ‌لارنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرى قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ 2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا،‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن قانداق ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌چراتتىڭىز؟‏

كوللاژ:‏ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتى ۋە ئادە‌ملە‌رنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشلە‌ر.‏ 1.‏ ئە‌سكە‌رلە‌رنىڭ ئالدىدا قول كۆتۈرۈپ ۋاقىراۋاتقان ئە‌سكە‌ر باشلىقى.‏ 2.‏ يە‌ر تە‌ۋرە‌شتىن كېيىنكى بىنالارنىڭ خارابىلىرى.‏ 3.‏ ئۇ‌رۇ‌ش ئايرۇ‌پىلانلىرى.‏ 4.‏ ماسكا تاقاپ يۈرگە‌ن كىشىلە‌ر.‏ 5.‏ تېرورچىلارنىڭ ھۇ‌جۇ‌مىدىن كېيىن كۆيۈۋاتقان نيۇ-‏يوركتىكى قوشماق بىنالار.‏ 6.‏ زە‌ھە‌ر چېكىۋاتقان كىشى.‏ 7.‏ ئۆز ئايالىغا ۋاقىراپ،‏ مۇ‌شت كۆتۈرۈۋاتقان ئە‌ر كىشى.‏ 8.‏ ھە‌ر تۈرلۈك زە‌ھە‌ر ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلە‌ر.‏ 9.‏ مودا كىيىملە‌رنى كىيىۋالغان ۋە زىبۇ‌زىننە‌تلە‌رنى ئېسىۋالغان ئىككى ئايال ئۆزلىرىنى سۈرە‌تكە چۈشۈرىۋاتىدۇ.‏ 10.‏ مۇ‌زىكا كېچلىكىدە توپ-‏توپ ئادە‌ملە‌رگە باشچىلىق قىلىۋاتقان بىر كىشى.‏ 11.‏ ئوت يېنىۋاتقان بوتۇ‌لكىنى تاشلاۋاتقان ئىسىيانچى.‏

6.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ

مە‌تتا 24:‏3،‏ 14‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • قايسى مۇ‌ھىم خىزمە‌ت خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

  • بۇ خىزمە‌تكە ئۆز ھە‌سسىڭىزنى قوشۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ.‏ پات-‏ئارىدا پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • شۇ كۈننىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ن ئىكە‌نمىز،‏ بىز چوقۇ‌م نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

كوللاژ:‏ 1.‏ بىر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگۈچى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئاشۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئايال ئۆز تونۇ‌شىغا ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏

ئە‌گە‌ر ئۆگە‌نگە‌ن بىلىملىرىڭىز باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌لىسە ياكى ھاياتىنى قۇ‌تقۇ‌زالىسا،‏ سىز نېمە قىلىسىز؟‏

بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق سورايدۇ:‏ «نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى 1914-‏يىلنىڭ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆپ تە‌كىتلە‌يدۇ؟‏»‏

  • سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

خۇ‌لاسە

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌ر،‏ تارىخ ۋە دۇ‌نيا ۋە‌زىيىتى،‏ ھازىر خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ بۇ‌لار ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلىش ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق،‏ بۇ‌نىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

تە‌كرارلاش

  • دانىيال كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان يە‌تتە دە‌ۋرنىڭ ئاخىرىدا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى 1914-‏يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىغا سىزنى نېمە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

1914-‏يىلىدىن بۇ‌يان،‏ دۇ‌نيادىكى ئۆزگىرىشلە‌ر ھە‌ققىدە تارىخشۇ‌ناسلار ۋە باشقىلارنىڭ نېمىلە‌رنى يازغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌دە‌پ-‏ئە‌خلاقى بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ كە‌تتى»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2007-‏يىل،‏ ئاپرېل)‏

مە‌تتا 24:‏14‏-‏ئايە‌تتىكى بېشارە‌تنىڭ بىر كىشىگە قانداق تە‌سىر قىلغانلىقىنى ئوقۇ‌پ بېقىڭ.‏

‏«ھاياتىمنى كالتە‌ك توپقا بېغىشلىغان ئىدىم»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2017-‏يىل،‏ 3-‏سان)‏

دانىيال كىتابى،‏ 4-‏بابتىكى بېشارە‌تنىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بىلە‌ن باغلىنىشى بارلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قاچان باشلىغان؟‏ 1-‏قىسىم»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2014-‏يىل،‏ 1-‏ئۆكتە‌بىر)‏

دانىيال كىتابى،‏ 4-‏بابتا تىلغا ئېلىنغان يە‌تتە دە‌ۋرنىڭ 1914-‏يىلى ئاخىرلاشقانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

‏«خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قاچان باشلىغان؟‏ 2-‏قىسىم»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2014-‏يىل،‏ 1-‏نويابىر)‏

a بۇ دە‌رسنىڭ «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگە‌ن بۆلۈكىدىكى ئاخىرقى ئىككى ماقالىنى ئوقۇ‌پ كۆرۈڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش