كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 فېۋرال 2-‏7 ب.‏
  • يە‌ھۋانىڭ دائىم توغرا ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋانىڭ دائىم توغرا ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ يە‌ھۋاغا ئىشىنىڭ
  • كۆرسە‌تمىلە‌رنى ئالغاندا،‏ يە‌ھۋاغا ئىشىنىڭ
  • ھازىر يە‌ھۋاغا ئىشە‌نسىڭىز،‏ كېلە‌چە‌كتىمۇ ئىشىنىسىز
  • قېرىنداشلىرىڭلارغا ئىشىنىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • جامائە‌ت قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • يېقىن كىشىمىز يە‌ھۋانى تاشلاپ كە‌تكە‌ندە
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 فېۋرال 2-‏7 ب.‏

6-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋانىڭ دائىم توغرا ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏

‏«ئۇ قورام تاش،‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى مۇ‌كە‌ممە‌لدۇ‌ر،‏ بارچە يوللىرى ئادالە‌تلىك،‏ ئە‌سلا ناھە‌قلىق قىلمايدىغان ساداقە‌تمە‌ن خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ئۇ ئادىل ۋە ھە‌ققانىيدۇ‌ر».‏—‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4.‏

152-‏ناخشا كۈچىمىز،‏ ئۈمىدىمىز ۋە يار-‏يۆلىكىمىز

بۇ ماقالىدەa

1،‏ 2‏.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۈچۈن ھوقۇ‌قدارلارغا ئىشىنىش تە‌س؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۈچۈن ھوقۇ‌قدارلارغا ئىشىنىش تە‌سكە توختايدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار قانۇ‌نىي ۋە سىياسىي تۈزۈمىنىڭ باي ۋە كۈچلۈك كىشىلە‌رگە يان بېسىپ،‏ ئادالە‌تنى ياقلاشتا نامراتلارغا سە‌ل قارايدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئىنساننىڭ يە‌نە بىر ئىنسان ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پە‌قە‌ت زىيان-‏زە‌خمە‌ت كە‌لتۈرىدىكە‌ن» (‏ۋە‌ز 8:‏9)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئادە‌ملە‌ر يە‌نە دىنىي ئۇ‌ستازلارنىڭ چىرىك قىلمىشلىرىنى كۆرگە‌چ،‏ نە‌تىجىدە ئۇ‌لار خۇ‌داغا بولغان ئىشە‌نچىنى يوقاتتى.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بە‌زىدە بىر كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا ۋە يە‌ر يۈزىدىكى ئۇ‌نىڭغا ۋە‌كىللىك قىلىدىغانلارغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.‏

2 ئە‌لۋە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقانلار يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشى لازىم.‏ ئە‌مما،‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌لار ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان ھە‌قىقە‌تتە بولغان بىزلە‌رمۇ چوقۇ‌م يە‌ھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرىنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌زىدە بىزنىڭ خۇ‌داغا بولغان ئىشە‌نچىمىز سىنىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالىدە ئۈچ خىل ۋە‌زىيە‌تنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز:‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئۈزۈندىنى ئوقۇ‌غاندا،‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بىزگە يول-‏يورۇ‌ق بە‌رگە‌ندە ۋە (‏3)‏ بىز كە‌لگۈسىدە قىيىن ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ يە‌ھۋاغا ئىشىنىڭ

3‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئۈزۈندىلە‌رنى ئوقۇ‌غاندا يە‌ھۋاغا بولغان ئېتىقادىمىز قانداق سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئۈزۈندىنى ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ يە‌ھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىدىغانلىقى ياكى بە‌زى قارارلارنى چىقارغانلىقىنى چۈشە‌نمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سانلار كىتابىدا يە‌ھۋا دە‌م ئېلىش كۈنى ئوتۇ‌ن يىققان كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.‏ سامۇ‌ئىلنىڭ 2-‏يازمىسىدا،‏ داۋۇ‌ت زىنا قىلىپلا قالماستىن،‏ ئادە‌م ئۆلتۈرگە‌ن بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌ن (‏سانلار 15:‏32،‏ 35؛‏ 2-‏سام.‏ 12:‏9،‏ 13)‏.‏ بە‌لكىم،‏ بىز:‏ «نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا زىنا قىلغان ۋە ئادە‌م ئۆلتۈرگە‌ن داۋۇ‌تنى كە‌چۈرۈۋە‌تكە‌ن؟‏ ئە‌مما،‏ يېنىكرە‌ك گۇ‌ناھ قىلغان ئاشۇ ئوتۇ‌ن يىققان ئادە‌منى كە‌چۈرمە‌ي،‏ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا چوقۇ‌م ئە‌ستە ساقلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئۈچ نۇ‌قتىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

4‏.‏ يارىتىلىش 18:‏20،‏ 21 ۋە تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏17-‏ئايە‌تلە‌ر يە‌ھۋانىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە ھە‌ردائىم بارلىق ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ بارچە تە‌پسىلاتلىرىنى تولۇ‌ق ئېيتىپ بە‌رمە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز داۋۇ‌تنىڭ كېيىنرە‌ك ئۆز قىلمىشلىرى ئۈچۈن توۋا قىلغانلىقىنى بىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 51:‏2–‏4)‏.‏ ئە‌مما،‏ دە‌م ئېلىش كۈنى ئوتۇ‌ن يىققان ئادە‌مچۇ؟‏ ئۇ خاتالىقىغا پۇ‌شايمان قىلدىمۇ؟‏ ئۇ ئىلگىرى يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نىغا خىلاپلىق قىلغانمۇ؟‏ ئۇ بۇ‌رۇ‌ن بېرىلگە‌ن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قە‌ستە‌ن پە‌رۋا قىلمىغان ياكى رە‌ت قىلغانمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ‌لار ھە‌ققىدە ھېچ نە‌رسە ئېيتىلمىغان.‏ ۋە‌زىيە‌ت قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا ناھە‌قلىق قىلمايدىغان خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىگە تولۇ‌ق ئىشىنىمىز (‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈملىرى دە‌لىل-‏ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىدۇ.‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ مىش-‏مىش گە‌پ سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سالمايدۇ،‏ ھېچكىمنى كە‌مسىتمە‌يدۇ،‏ ئىنسانلار تە‌رىپىدىن بۇ‌رمىلانغان ئامىللارنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىمايدۇ ‏(‏يارىتىلىش 18:‏20،‏ 21؛‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى قانچە كۆپ بىلسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ چىقارغان ھۆكۈمىگە شۇ‌نچە كۆپ ئىشىنىمىز.‏ بە‌لكىم،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌غاندا،‏ بە‌زى ئۈزۈندىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق سوئاللىرىمىز پە‌يدا بولسا،‏ دە‌رھال جاۋاب تاپالمايمىز.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىدىغانلىرىمىز كۆپ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌ممە ئىشلاردا ئادىل ئىكە‌نلىكىنى جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 145:‏17.‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن ئادالە‌ت تۇ‌يغۇ‌مىز ئىشە‌نچسىز؟‏ (‏«‏نېمە ئۈچۈن ئادالە‌ت تۇ‌يغۇ‌مىز ئىشە‌نچلىك ئە‌مە‌س؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏

5 نامۇ‌كە‌ممە‌للىك سە‌ۋە‌بلىك ئادالە‌ت تۇ‌يغۇ‌مىز ئىشە‌نچسىز.‏ خۇ‌دا بىزنى ئۆز ئوبرازىدا ياراتقان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ممىمىزدە ئادالە‌تنى ياقلاش تۇ‌يغۇ‌سى بار (‏يارىت.‏ 1:‏26)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىز ھە‌ممىمىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ بىز بارلىق دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى تولۇ‌ق بىلىمىز دە‌پ ئويلىغان تە‌غدىردىمۇ،‏ يە‌نىلا خاتا ھۆكۈم چىقىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىغا قارىساق،‏ يە‌ھۋانىڭ نىنە‌ۋى خە‌لقىنى يوق قىلىۋە‌تمە‌سلىكنى قارار قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،‏ يۇ‌نۇ‌س قاتتىق ئاچچىقلانغان ئىدى (‏يۇ‌نۇ‌س 3:‏10–‏4:‏1)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئاشۇ قارارنىڭ نە‌تىجىسىنى كۆرۈپ باقساق،‏ نىنە‌ۋىدىكى 120000دىن ئارتۇ‌ق توۋا قىلغان خە‌لق قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ،‏ ئامان قالغان.‏ بۇ مىسالدىن خۇ‌دا ئە‌مە‌س،‏ يۇ‌نۇ‌س خاتا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏

نېمە ئۈچۈن ئادالە‌ت تۇ‌يغۇ‌مىز ئىشە‌نچلىك ئە‌مە‌س؟‏

ئە‌تراپىدىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشكە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدىغان ھور باسقان كۆزە‌ينە‌كنى تاقىۋالغان كىشى.‏

نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ بە‌زى مە‌سىلىلە‌رنى ھە‌ل قىلغاندا،‏ يە‌ھۋادە‌ك رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك بولماسلىقىمىز ياكى ئۇ‌نىڭغا ياقمايدىغان نە‌رسىلە‌رنى توغرا دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن (‏1-‏سام.‏ 16:‏7)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ يە‌ھۋانىڭ چىقارغان قارارلىرىغا گۇ‌مان بىلە‌ن قارىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئە‌مە‌س،‏ ئۆز كۆزقارىشىمىزنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ بىز ھور باسقان كۆزە‌ينە‌كنى كىيىۋالغان كىشىگە ئوخشايمىز.‏ شۇ‌نداق كىشى ئە‌تراپىدىكى نە‌رسىلە‌رنى ئېنىق كۆرۈشكە تىرىشسىمۇ،‏ شۇ‌نداق قىلالمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌لۇ‌م بىر قارارىنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىگە گۇ‌مان قىلىشقا باشلىساق،‏ بۇ‌نىڭغا نامۇ‌كە‌ممە‌لىكىمىزنىڭ توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏—‏ھە‌زە‌ك.‏ 18:‏29.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئۆزى چىقارغان قارارلارنى بىزگە چۈشە‌ندۈرۈش مە‌جبۇ‌رىيىتى يوق؟‏

6 يە‌ھۋانىڭ ئۆزى چىقارغان قارارلارنى ئادە‌ملە‌رگە چۈشە‌ندۈرۈش مە‌جبۇ‌رىيىتى يوق.‏ راست،‏ يە‌ھۋا ئۆتمۈشتە چىقارغان قارارى ياكى چىقارماقچى بولغان قارارى ھە‌ققىدە خىزمە‌تچىلىرىگە ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى بايان قىلىشقا يول قويغان (‏يارىت.‏ 18:‏25؛‏ يۇ‌نۇ‌س 4:‏2،‏ 3)‏.‏ بە‌زى چاغلاردا،‏ يە‌ھۋا ئۆزى چىقارغان قارارنىڭ سە‌ۋە‌بلىرىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن (‏يۇ‌نۇ‌س 4:‏10،‏ 11)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ شۇ‌نداق قىلىش مە‌جبۇ‌رىيىتى يوق.‏ ئۇ ياراتقۇ‌چى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن،‏ بىزنىڭ رازىلىقىمىزنى ئېلىشقا مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌س.‏—‏يە‌شايا 40:‏13،‏ 14؛‏ 55:‏9.‏

كۆرسە‌تمىلە‌رنى ئالغاندا،‏ يە‌ھۋاغا ئىشىنىڭ

7.‏ بە‌زىدە نېمە قىلىش ئاسان ئە‌مە‌س ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ يە‌ھۋا ھە‌ردائىم توغرا ئىش قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋاغا ۋە‌كىللىك قىلىدىغان كىشىلە‌رگە ئىشىنىش ئانچە ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ بىز مۇ‌نداق ئويلايمىز:‏ «ئۇ‌لار قارار چىقارغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە ئاساسلىنامدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئوي-‏پىكىرىگىمۇ؟‏» قە‌دىمقى زاماندىمۇ بە‌زى كىشىلە‌ر شۇ‌نداق ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۈچىنچى ئابزاستا تىلغا ئېلىنغان مىسالنى قايتا قاراپ باقايلى.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر دە‌م ئېلىش كۈنىگە خىلاپلىق قىلغان ئاشۇ ئادە‌منى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌ر:‏ «مۇ‌سانىڭ جاكارلىغان ھۆكۈمى ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۇ‌رىيانىڭ دوستى:‏ «داۋۇ‌ت پادىشاھ بولۇ‌ش ھوقۇ‌قىدىن پايدىلىنىپ،‏ ئۆلۈمدىن ئامان قالدى»،‏—‏ دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا ئۆزى تە‌يىنلىگە‌ن كىشىلە‌رگە ئىشىنىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىزگە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ئىشە‌نمىسە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

8.‏ بۈگۈنكى كۈندىكى ۋە بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ جامائىتىدە قانداق ئوخشاشلىق بار؟‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏4،‏ 5)‏

8 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنى قوللىنىپ،‏ ئۆزىنىڭ يە‌ردىكى تە‌شكىلاتىغا يول-‏يورۇ‌ق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ ئاشۇ سادىق خىزمە‌تچىلە‌ر خۇ‌ددى بىرىنچى ئە‌سىردىكى يېتە‌كچى كېڭە‌شكە ئوخشاش،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ ۋە جامائە‌تتىكى ئاقساقاللارغا يول-‏يورۇ‌ق بېرىدۇ ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏4،‏ 5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار بولسا،‏ ئاشۇ كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز تە‌شكىلات ۋە ئاقساقاللارنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بويسۇ‌نساق،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

9.‏ قانداق ئە‌ھۋاللاردا ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

9 بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يېقىنقى يىللاردا نۇ‌رغۇ‌ن جامائە‌تلە‌رنى ياكى رايوندىكى جامائە‌تلە‌رنى قايتا تە‌شكىللە‌ش ئىشى ئېلىپ بېرىلدى.‏ بە‌زىدە يىغىلىش زاللىرىدىن ياخشىراق پايدىلىنىش مە‌قسىتىدە،‏ ئاقساقاللار بە‌زى قېرىنداشلارغا باشقا جامائە‌تكە كۆچۈش تە‌كلىپىنى بېرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقال شۇ‌نداق تە‌كلىپنى بە‌رسە،‏ بىز ئائىلىمىز ۋە دوستلىرىمىزدىن ئايرىلىشنى خالىماسلىقىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئاقساقاللارنىڭ قايسى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىنى قايسى جامائە‌تكە ئە‌ۋە‌تىشى كېرە‌كلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق ئاسماندىن بىر يول-‏يورۇ‌ق كە‌لمە‌يدۇ.‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ چىقارغان قارارىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ يە‌ھۋا ئاقساقاللارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ جامائە‌ت ئۈچۈن قارارلارنى چىقىرىشىغا يول قويىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزمۇ ئۇ‌لارغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌كb‏.‏

10.‏ ئىبرانىيلار 13:‏17-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىز نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارى بىز خالىغاندە‌ك بولمىسىمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىپ،‏ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ چۈنكى شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى ئارىسىدا بىرلىك،‏ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق بولۇ‌شىغا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشىمىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏2،‏ 3)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز ھە‌ممىمىز ئاقساقاللارنىڭ قارارىنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىسە‌ك،‏ جامائە‌ت گۈللە‌پ ياشنايدۇ ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋا بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ئىشىنىپ تە‌يىنلىگە‌ن كىشىلە‌ر بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىش ئارقىلىق،‏ يە‌ھۋاغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏—‏ئە‌لچى.‏ 20:‏28.‏

11.‏ ئاقساقاللاردىن كە‌لگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئىشىنىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 ئاقساقاللارنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئۇ‌لار جامائە‌تكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بىر ئىشنى بىر تە‌رە‌پ قىلغاندا،‏ يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سورايدىغانلىقىنى ئە‌ستە ساقلاش.‏ يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ۋە يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى تە‌مىنلىگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رنى ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن قاراپ چىقىدۇ.‏ ئاقساقاللارنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايدۇ ۋە پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ خە‌لقىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ بۇ ساداقە‌تمە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۆزىنىڭ مە‌سئۇ‌لىيىتى ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏2،‏ 3)‏.‏ مۇ‌نۇ ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ دۇ‌نيا ئىرق،‏ دىن ۋە سىياسىي جە‌ھە‌تتىن پارچىلىنىپ كە‌تتى.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى بىرلىكتە ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۆز تە‌شكىلاتىنى بە‌رىكە‌تلىگە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك مۇ‌شۇ ئىشلار ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتىدۇ.‏

12.‏ كىشىنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن توۋا قىلغان-‏قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن،‏ ئاقساقاللار قايسى ئامىللارنى نە‌زە‌رگە ئېلىشى كېرە‌ك؟‏

12 خۇ‌دا ئاقساقاللارغا جامائە‌تنى پاك تۇ‌تۇ‌شتە‌ك مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغان.‏ ئە‌گە‌ر بىر ئېتىقادچى ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزسە،‏ ئاقساقاللار چوقۇ‌م يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پلىرىگە ئاساسە‌ن بۇ كىشىنىڭ جامائە‌تتە قېلىش-‏قالماسلىقىنى قارار قىلىشى كېرە‌ك.‏ يە‌نە ئاقساقاللارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك باشقىمۇ ئىشلىرى بار.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى،‏ شۇ گۇ‌ناھنى سادىر قىلغان كىشىنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن توۋا قىلغان-‏قىلمىغانلىقىنى بىلىش.‏ شۇ كىشى پۇ‌شايمان قىلغانلىقىنى ئېيتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ چىن قە‌لبىدىن قىلغان يامان ئىشىنى راستىنلا ئۆچ كۆرە‌مدۇ؟‏ ئۇ ئوخشاش خاتالىقنى قايتا قىلماسلىقنى قە‌تئىي قارار قىلدىمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ يامان دوستلار بىلە‌ن ئارىلىشىپ،‏ شۇ‌نداق گۇ‌ناھنى ئۆتكۈزگە‌ن بولسا،‏ ئۇ شۇ دوستلىرى بىلە‌ن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنى خالامدۇ؟‏ ئاقساقاللار يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار دە‌لىل-‏ئىسپاتلار ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ چىقىپ،‏ شۇ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشىنىڭ قىلغان گۇ‌ناھىغا قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌ۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.‏ ئاندىن ئۇ‌نىڭ جامائە‌تتە قېلىش-‏قالماسلىقىنى قارار قىلىدۇ.‏ بە‌زى ئە‌ھۋاللاردا ئۇ‌لار گۇ‌ناھ قىلغان كىشىنى جامائە‌تتىن چىقىرىشنى قارار قىلىدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 5:‏11–‏13.‏

13‏.‏ ئە‌گە‌ر ئائىلىمىزدىكى بىرى ياكى يېقىن دوستىمىز جامائە‌تتىن چىقىرىلسا،‏ بىزدە قانداق سوئاللار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

13 قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئاقساقاللارغا بولغان ئىشە‌نچىمىز سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ ئە‌گە‌ر جامائە‌تتىن چىقىرىلغان كىشى بىزنىڭ ئائىلە ئە‌زالىرىمىزدىن بىرى ياكى يېقىن دوستىمىز بولمىسا،‏ ئاقساقاللارنىڭ قارارىنى قوبۇ‌ل قىلىش قىيىن ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما،‏ جامائە‌تتىن يېقىن كىشىمىز چىقىرىلغان بولسىچۇ؟‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ بىز:‏ «ئاقساقاللار بارلىق ئامىللار ئۈستىدە ھە‌قىقە‌تە‌ن ياخشى ئويلاشتىمۇ؟‏ ئۇ‌لار قارارنى ھە‌قىقە‌تە‌ن يە‌ھۋا خالىغاندە‌ك چىقاردىمۇ؟‏»—‏ دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئاقساقاللارنىڭ چىقارغان قارارىغا توغرا كۆزقاراشنى ساقلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

14.‏ ئاقساقاللار ئائىلىمىزدىكى بىرىنى ياكى يېقىن دوستىمىزنى جامائە‌تتىن چىقىرىشنى قارار قىلسا،‏ نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 جامائە‌تتىن چىقىرىلىش بۇ يە‌ھۋانىڭ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شى ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ چارە جامائە‌تنى قوغداپلا قالماي،‏ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ن كىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھىغا توۋا قىلمىغان كىشى داۋاملىق جامائە‌تتە قالدۇ‌رۇ‌لسا،‏ ئۇ باشقىلارغا يامان تە‌سىر قىلىپ،‏ باشقىلارمۇ گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈشى مۇ‌مكىن (‏گالاتىيا.‏ 5:‏9)‏.‏ بۇ كىشى قىلغان ئىشلىرىنى ئېغىر گۇ‌ناھ ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ بە‌لكىم ئوي-‏پىكىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىنى ئۆزگە‌رتىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلمايدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ قايتا قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشە‌لمە‌يدۇ (‏ۋە‌ز 8:‏11)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنە‌لە‌يمىزكى،‏ ئاقساقاللار بىر كىشىنى جامائە‌تتىن چىقىرىشنى قارار قىلىشنىڭ بە‌ك جىددىي بىر مە‌سىلە ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ قە‌دىمقى ئىسرائىلدىكى ھاكىملارغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لار «سىلە‌ر ئىنسان ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋا ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىسىلە‌ر» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ياخشى بىلىدۇ.‏—‏2-‏تارىخ.‏ 19:‏6،‏ 7.‏

ھازىر يە‌ھۋاغا ئىشە‌نسىڭىز،‏ كېلە‌چە‌كتىمۇ ئىشىنىسىز

ئېتىقادچى قېرىنداشلار يە‌ر ئاستى ئۆيدە يىغىلىۋاتىدۇ.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر قارىماققا گۇ‌مانلىنىۋاتقاندە‌ك كۆرىنىدۇ.‏ يە‌نە بىر بۇ‌رادە‌ر كۆرسە‌تمە بېرىۋاتىدۇ.‏

چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە بىزگە بېرىلگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئىشىنىشىمىزگە ۋە ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ھازىر ھە‌رقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا يە‌ھۋانىڭ يول-‏يورۇ‌غىغا ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 بۇ دۇ‌نيادىكى رە‌زىللىكلە‌رنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشقانسېرى،‏ بىز ھە‌رقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى چوقۇ‌م ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ بىزگە بېرىلىدىغان يول-‏يورۇ‌ق غە‌لىتە،‏ قولايسىز،‏ ھە‌تتا ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزگە شە‌خسە‌ن بىۋاسىتە سۆز قىلمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئارقىلىق يول-‏يورۇ‌ق بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ بىز:‏ «بۇ راستىنلا يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن يول-‏يورۇ‌قمۇ ياكى پە‌قە‌ت يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرىمۇ؟‏»—‏ دە‌پ،‏ بېرىلگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌ردىن گۇ‌مان قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ھالقىلىق پە‌يتتە بىز يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭغا ۋە‌كىللىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ئىشىنىمىزمۇ؟‏ بۇ بىزنىڭ ھازىر يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىن كە‌لگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە قانداق كۆزقاراشتا بولغىنىمىزغا باغلىق.‏ ئە‌گە‌ر ھازىر شۇ يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ كۆرسە‌تمىسىگە بويسۇ‌نساق،‏ ئۇ‌نداقتا چوڭ بالايىئاپە‌ت ۋاقتىدىمۇ شۇ‌نداق قىلىمىز.‏—‏لۇ‌قا 16:‏10.‏

16.‏ يېقىن كېلە‌چە‌كتە يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈملىرىگە بولغان ئىشە‌نچىمىز قانداق سىنىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

16 بىز چوقۇ‌م يە‌نە بىر ئىش —‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىدا،‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمىگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە ئە‌ستايىدىل ئويلاپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ھۋانى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ يە‌ھۋانى تونۇ‌مايدىغان ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىزنىڭ قىيامە‌ت كۈنى كېلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشنى قارار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا كېلە‌چە‌كتە ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا،‏ ئە‌يسا ئارقىلىق يېقىنلىرىمىز ئۈستىدىن ئاخىرقى ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ (‏مە‌تتا 25:‏31–‏33؛‏ 2-‏سالونىكا.‏ 1:‏7–‏9)‏.‏ يە‌ھۋا شۇ چاغدا كىمگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىز قارار قىلالمايمىز (‏مە‌تتا 25:‏34،‏ 41،‏ 46‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈملىرىگە ئىشىنىمىزمۇ ياكى ئۇ‌لار بىز ئۈچۈن پۇ‌تلىكاشاڭ بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشتىن ۋاز كېچىمىزمۇ؟‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ كە‌لگۈسىدە ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌ك.‏

17.‏ يە‌ھۋانىڭ چىقارغان ھۆكۈمى نە‌تىجىسىدە يېڭى دۇ‌نيادا قانداق گۈزە‌ل ئىشلار بولىدۇ؟‏

17 يە‌ھۋانىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرىنىڭ نە‌تىجىلىرىنى يېڭى دۇ‌نيادا كۆرگىنىمىزدە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا چۆمىدىغانلىقىمىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ!‏ ئە‌مدى ساختا دىنلار،‏ ئاچكۆز سودا-‏تىجارە‌ت ۋە خە‌لقنى ئېزىدىغان سىياسىي تۈزۈملە‌ر بولمايدۇ.‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌ققان ۋە دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرىمىزنىڭ كېسە‌ل بولۇ‌پ ياكى قېرىپ ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلىكىنى كۆرمە‌يمىز.‏ شە‌يتان ۋە جىنلار مىڭ يىل كىشە‌نلىنىپ،‏ ئىنسانلارغا تە‌سىر قىلالمايدۇ.‏ ئاشۇ ئىسيانچىلار تۈپە‌يلى پە‌يدا بولغان بارلىق يامانلىقلار پۈتۈنلە‌ي يوق بولىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏2،‏ 3)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نگە‌نلىكىمىزگە تولىمۇ مىننە‌تدار بولىمىز!‏

18‏.‏ سانلار 11:‏4–‏6 ۋە 21:‏5-‏ئايە‌تلە‌ردە خاتىرىلە‌نگە‌ن ئىسرائىللار ھە‌ققىدىكى ئۈزۈندىلە‌ردىن قانداق ساۋاققا ئىگە بولالايمىز؟‏

18 يېڭى دۇ‌نيادىمۇ يە‌ھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى توغرا ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى سىنايدىغان بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىسرائىللارنى مىسال قىلساق،‏ ئۇ‌لار مىسىردىكى قۇ‌للۇ‌قتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ بە‌زىلە‌ر مىسىردا يېگە‌ن يېمە‌كلىكلە‌رنى يېيىش مۇ‌مكىنچىلىكى بولمىغاچ،‏ ئاغرىنىشقا باشلىغان.‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا يە‌ھۋا تە‌مىنلىگە‌ن مانناغا ئۆچ بولغان ‏(‏سانلار 11:‏4–‏6؛‏ 21:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ چوڭ بالايىئاپە‌ت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،‏ بىزمۇ شۇ قە‌دىمقى ئىسرائىللارغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ چۈنكى،‏ يە‌ر شارىنى پاكىزلاش ۋە جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ خىزمە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلمە‌يمىز.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ بە‌لكىم شۇ ئىشلار ئېغىر يۈكتە‌ك كۆرۈنىدۇ ياكى قولايسىزلىقلار تۇ‌غۇ‌لىدۇ.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌نلىرىدىن ئاغرىنىمىزمۇ؟‏ بىز بىر نە‌رسىنى ئېنىق بىلىمىزكى،‏ ئە‌گە‌ر ھازىر يە‌ھۋانىڭ تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌نلىرىگە مىننە‌تدار بولساق،‏ كە‌لگۈسىدىمۇ ئۇ‌نىڭ تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌نلىرىگە مىننە‌تدار بولىمىز.‏

19.‏ بۇ ماقالىدىكى ئاساسىي ئوي-‏پىكىرلە‌رنى قانداق خۇ‌لاسە قىلىسىز؟‏

19 يە‌ھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ھە‌رقاچان توغرا.‏ بىز بۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنىشىمىز لازىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىزگە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌رگىمۇ ئىشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئۆزى بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئۇ‌لارنىڭ ئە‌مە‌ل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق بە‌رگە‌ن مۇ‌نۇ نە‌سىھىتىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالماسلىقىمىز كېرە‌ك:‏ «تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ ماڭا تايانساڭلار،‏ كۈچلۈك بولىسىلە‌ر».‏—‏يە‌شايا 30:‏15.‏

تۆۋە‌ندىكى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە .‏.‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشكە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى ئۈزۈندىلە‌رنى ئوقۇ‌غىنىمىزدا

  • يە‌ھۋا تە‌شكىلاتى ئارقىلىق بىزگە يول-‏ئورۇ‌ق بە‌رگە‌ندە

  • بىز كە‌لگۈسىدە قىيىن ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە

37-‏ناخشا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان

a بۇ ماقالە يە‌ھۋا ۋە يە‌ر يۈزىدە ئۇ‌نىڭغا ۋە‌كىللىك قىلىدىغانلارغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز يە‌نە شۇ‌نداق قىلىشنىڭ ھازىر بىزگە قانداق پايدىسى بارلىقى ۋە كېلە‌چە‌كتە دۇ‌چ كېلىدىغان سىناقلارغا ئۆزىمىزنى تە‌ييارلاشقا قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b بە‌زى چاغلاردا مە‌لۇ‌م بىر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ياكى پۈتۈن بىر ئائىلىگە ھازىر خىزمە‌ت قىلىۋاتقان جامائە‌تتە قېلىش تە‌كلىپى بېرىلىشى مۇ‌مكىن.‏ «پادىشاھلىق ۋە‌ز خىزمىتىمىز»،‏ 2002-‏يىل،‏ نويابىر،‏ «‏سوئال-‏جاۋابلار‏» رامكىسىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش