كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 سېنتە‌بىر 26-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئىسىمىڭىز ھاياتلىق كىتابىغا يېزىلغانمۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ھە‌ققانىيلىق يولىغا يېتە‌كلە‌ڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ‏«خۇ‌داغا ئۈمىد باغلاپ ئىشىنىمە‌ن»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • تىرىلىشكە بولغان ئۈمىد!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 سېنتە‌بىر 26-‏ب.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

يە‌ردە كىملە‌ر تىرىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار قانداق تىرىلىشنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغانلىقىنى كۆرە‌يلى.‏

ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15-‏ئايە‌تتە،‏ ‏«خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىيلار ۋە ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌رنى تىرىلدۈرۈشىگە ئۈمىد باغلايمە‌ن» دە‌پ يېزىلغان.‏ ھە‌ققانىي كىشىلە‌ر ھايات چېغىدا خۇ‌داغا ئىتائە‌تمە‌ن بولغان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارنىڭ ناملىرى خاتىرە كىتابىغا يېزىلغان (‏مالاك.‏ 3:‏16)‏.‏ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر ھايات چېغىدا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىش ئۈچۈن يېتە‌رلىك پۇ‌رسىتى بولماي ئۆلۈپ كە‌تكە‌چكە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى خاتىرە كىتابىغا يېزىلمىغان.‏

يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌ر بىلە‌ن ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15-‏ئايە‌تتە،‏ ئوخشاش ئىككى توپ ئادە‌ملە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ‏«ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىدۇ،‏ يامانلىق قىلغانلار ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ»‏ دېگە‌ن.‏ ھە‌ققانىي كىشىلە‌ر ئۆلۈشتىن ئاۋۋال ياخشىلىق قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى ھاياتلىق كىتابىغا يېزىلغاچقا،‏ ئۇ‌لار ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر بولسا،‏ ئۆلۈشتىن ئاۋۋال يامانلىق قىلغان.‏ ئۇ‌لار ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىسىملىرى خاتىرە كىتابىغا تېخى يېزىلمىغان.‏ ئۇ‌لار ھۆكۈم قىلىنىش ئۈچۈن مە‌لۇ‌م بىر ۋاقىت كۈزىتىلىدۇ.‏ ئاشۇ مە‌زگىلدە ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىش ۋە ئۆز ئىسىملىرىنىڭ ھاياتلىق كىتابىغا يېزىلىش پۇ‌رسىتى بولىدۇ.‏

ۋە‌ھىيلە‌ر 20:‏12،‏ 13-‏ئايە‌تتە،‏ ھە‌ممە تىرىلگە‌ن كىشىلە‌ر «كىتابلاردا يېزىلغىنى بويىچە» ياشىشى كېرە‌كلىكى چۈشە‌ندۈرۈلىدۇ.‏ خۇ‌دا بىزگە يېڭى دۇ‌نيادا يېڭى قانۇ‌نلارنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌ل قىلمىغانلار ھالاك قىلىنىدۇ.‏—‏يە‌شايا 65:‏20.‏

دانىيال 12:‏2-‏ئايە‌تتە،‏ «تۇ‌پراقتا ئۇ‌خلىغانلارنىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىرى ئويغىنىدۇ» ۋە بە‌زىلىرى «مە‌ڭگۈلۈك نە‌پرە‌ت ئۈچۈن ئويغىنىپ قوپىدۇ» دە‌پ ئالدىن يېزىلغان.‏ بۇ ئايە‌تتە تىرىلىشنىڭ ئىككى نە‌تىجىسى يېزىلغان:‏ ‏«مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق» ۋە ‏«مە‌ڭگۈلۈك نە‌پرە‌ت».‏ دېمە‌ك،‏ مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا بە‌زىلىرى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ،‏ باشقىلىرى بولسا مە‌ڭگۈگە ھالاك بولىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏15؛‏ 21:‏3،‏ 4.‏

بىر مىسال ئالايلى.‏ بۇ ئىككى توپ ئادە‌منىڭ تىرىلىشىنى باشقا دۆلە‌تتە ياشاشنى خالىغان چە‌تئە‌للىك كىشىلە‌ر بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ھە‌ققانىي كىشىلە‌ر خۇ‌ددى بىر ئىش ئورنىغا ياكى شۇ جايدا تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ۋىزىغا ئېرىشىدىغان كىشىلە‌رگە ئوخشاش.‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ئە‌ركىنلىكى بار بولىدۇ.‏ ھە‌ققانىي ئە‌مە‌سلە‌ر بولسا،‏ ۋاقىتلىق تۇ‌رۇ‌ش ياكى ساياھە‌ت ئۈچۈن ۋىزا ئالغاندە‌ك بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق چە‌تئە‌للىكلە‌رنىڭ يېڭى دۆلە‌تتە داۋاملىق ياشىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىنىشى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ قانداق كىشىلە‌ر ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ تىرىلگە‌ن ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌ر جە‌ننە‌تتە داۋاملىق ياشىشى ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۆزلىرىنىڭ ھە‌ققانىي ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرە‌ك.‏ چە‌تئە‌للىكلە‌ر دە‌سلە‌پتە قانداق ۋىزا بىلە‌ن باشقا بىر دۆلە‌تكە كىرگە‌ن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بە‌زىلىرى ئاخىرىدا شۇ دۆلە‌تنىڭ پۇ‌قرالىرى بولالايدۇ،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى شۇ دۆلە‌تتىن قوغلىنىپ چىقىرىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌ڭ ئاخىرقى قارار بولسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ يېڭى دۆلە‌تكە بولغان كۆزقارىشى ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىغا باغلىق بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ تىرىلگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ يېڭى دۇ‌نيادىكى ساداقە‌تمە‌نلىكى ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شلىرىغا ئاساسە‌ن،‏ ئۇ‌لارغا ئە‌ڭ ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.‏

يە‌ھۋا پە‌قە‌ت مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دا بولۇ‌پلا قالماي،‏ بە‌لكى ئادالە‌تلىك خۇ‌دادۇ‌ر (‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4؛‏ زە‌بۇ‌ر 33:‏5)‏.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ،‏ ھە‌ققانىي ۋە ھە‌ققانىي ئە‌مە‌س كىشىلە‌رنى تىرىلدۈرىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لاردىن ئۆزىنىڭ ئە‌خلاقىي ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نىدىغان كىشىلە‌ر يېڭى دۇ‌نيادا داۋاملىق ياشىيالايدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش