ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
مۇقەددەس كىتاب قەسەم توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟
قەسەم ئىچىش ئادەتتە خۇدانى گۇۋاھچى سۈپىتىدە چاقىرىپ، ئېغىزدىن چىققان سۆزلەرنى ئورۇنلاشقا تەنتەنىلىك ھالدا ۋەدە بېرىشنى بىلدۈرىدۇ. ئېغىزچە ياكى يازما شەكىلدە قەسەم قىلىنىشى مۇمكىن.
بەزىلەر قەسەم قىلىش ناتوغرا دەپ ئويلايدۇ، سەۋەبى ئەيسا پەيغەمبەر: «ھەرگىزمۇ قەسەم ئىچمەڭلار. . . . ‹ھەئە› دېگەن سۆزۈڭلار، ‹ھەئە› بولسۇن، ‹ياق› دېگەن سۆزۈڭلار، ‹ياق بولسۇن›، بۇنىڭدىن ئارتۇقى رەزىل شەيتاندىندۇر»،— دېگەن (مەتتا 5:33–37). ئەلۋەتتە، ھەزرىتى ئەيسا مۇسانىڭ تەۋرات قانۇنىدا ئىسرائىللاردىن بەزى ۋەزىيەتلەردە قەسەم ئىچىشنى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلگەن (يارىت. 14:22، 23؛ چىق. 22:10، 11). شۇنداقلا ئۇ يەھۋانىڭ ئۆزى قەسەم ئىچكەنلىكىنى ھەم بىلگەن ئىدى (ئىبرانىي. 6:13–17). شۇڭا، ئەيسا مەسىھ بىز ھېچقاچان قەسەم قىلماسلىقىمىز كېرەك دېمەكچى بولمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ قۇرۇق قەسەم ئىچىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. سۆزىمىزدە تۇرۇشنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىشىمىز كېرەك.
كىمدۇ-بىرسى سىزدىن قەسەم ئىچىشنى تەلەپ قىلسىچۇ؟ ئاۋۋال قىلماقچى بولغان قەسىمىڭىزنى ئورۇندىياالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن. ئەگەر بۇنىڭغا ئىشەنچىڭىز بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى قەسەم قىلماڭ. خۇدا سۆزىدە مۇنداق ئاگاھ-نەسىھەت بېرىلگەن: «قەسەم قىلىپ، ئۇنى ئورۇندىيالمىغاندىن كۆرە، قەسەم قىلمىغىنىڭ ياخشىدۇر» (ۋەز 5:5). كېيىن، قەسەم ئىچىش ھەققىدىكى مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى كۆرۈپ چىقىپ، تەربىيىلەپ تاۋلىغان ۋىجدانىڭىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە يول تۇتۇڭ. قانداق بەزى پرىنسىپلار بار؟
بەزى قەسەملەر خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توي قىلغاندا، قەسەم قىلىدۇ. قىز بىلەن يىگىت تۇرمۇش قۇرغاندا، «ھاياتلا بولساق» بىر-بىرىمىزنى سۆيىمىز، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىپ، بىر-بىرىمىزگە ھۆرمەت كۆرسىتىمىز دەپ ۋەدە بېرىپ، خۇدا ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نىكاھ قەسىمىنى ئىچىدۇ. (باشقا توي قىلغان جۈپلەر شۇنداق سۆزلەرنى ئېيتماسلىقى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ خۇدانىڭ ئالدىدا يەنىلا قەسەم ئىچكەن بولىدۇ). كېيىن، ئۇلار ئەر-ئايال دەپ ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ نىكاھتا باغلانغان رىشتىسى ئۆمۈرلۈك دەپ قارىلىدۇ (يارىت. 2:24؛ 1-كورىنت. 7:39). بۇنداق قەسەم توغرا، ئورۇنلۇق ۋە خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدۇ.
بەزى قەسەملەر خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس كەلمەيدۇ. خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىسى قولىغا قورال ئېلىش، ۋەتەننى قوغداش ياكى ئىمان-ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشتەك ئىشلار ئۈچۈن قەسەم ئىچمەيدۇ. بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ ئەمىرلىرىگە زىتتۇر. خۇدا خىزمەتچىسى بۇ دۇنياغا مەنسۈپ بولماسلىقى كېرەك. شۇڭا، بىز تۈرلۈك جېدەل-ماجىرا ۋە ئۇرۇشلارغا قاتناشمايمىز.—يۇھاننا 15:19؛ يەشايا 2:4؛ ياقۇپ 1:27.
بەزى قەسەملەرنى قىلىش — ۋىجدان مەسىلىسىدۇر. ئايرىم ۋەزىيەتلەردە قەسەم ئىچىشتىن ئىلگىرى، ئەيسا مەسىھنىڭ: «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار»،— دېگەن مەسلىھىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەك.—لۇقا 20:25.
خۇدانىڭ خىزمەتچىسى پۇقرالىق ياكى پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس تولدۇرىدۇ ۋە ئۇ يېڭى دۆلەتكە سادىق بولۇش ھەققىدە قەسەم ئىچىشى كېرەكلىكىنى بىلىۋالدى دەيلى. ئەگەر بۇنداق قەسەم خۇدانىڭ قانۇنىغا زىت بولسا، ئۇنىڭ مۇقەددەس كىتاب بويىچە تەربىيىلەنگەن ۋىجدانى بۇنداق قەسەمنى قىلىشقا يول قويمايدۇ. بىراق، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا قەسەمنىڭ مەزمۇنىنى ۋىجدانىغا ماس ئۆزگەرتىشكە رۇخسەت بېرىشى مۇمكىن.
مەزمۇنى ئۆزگەرتىلگەن قەسەمنى ئىچىش، رىملىقلار 13:1-ئايەتتىكى سۆزلەرگە ماس كېلىشى مۇمكىن. ئۇ يەردە: «ھەربىر ئىنسان ھۆكۈمران ھۆكۈمەتكە بويسۇنسۇن»،— دەپ يېزىلغان. شۇنداق ئىكەن، خۇدانىڭ خىزمەتچىسى خۇدا تەلەپ قىلىدىغان ئىشنى ئورۇنلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشنىڭ ھېچ يامىنى يوق دېگەن خۇلاسىگە كېلىشى مۇمكىن.
سىز قەسەم قىلغاندا، سىزدىن بىرەر نەرسىنى ئىشلىتىشنى ياكى ئىما-ئىشارەت قىلىشنى سورىسا ،مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىڭىزغا قۇلاق سېلىشىڭىز كېرەك. قەدىمدە رىملىقلار ۋە ساكلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى تەستىقلاش ئۈچۈن ئۆز قىلىچلىرى بىلەن قەسەم قىلغان. گرېكلار بولسا، ئۆز قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، قەسەم ئىچكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىدىغان ئىلاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
ئەلۋەتتە، يەھۋا خۇدانىڭ خىزمەتچىسى ھەرقانداق ساختا چوقۇنۇش بىلەن باغلىنىشلىق مىللەتنىڭ سىمۋولى ياكى باشقا نەرسىلەرنى تىلغا ئېلىپ، قەسەم قىلمايدۇ. بىراق، سوتتا قولىڭىزنى مۇقەددەس كىتابقا قويۇپ، پەقەت راستىنى ئېيتىپ، قەسەم ئىچىشنى سورىسىچۇ؟ بۇ ۋەزىيەتتە، مۇقەددەس كىتابتا ساداقەتمەن خىزمەتچىلەرنىڭ ئىما-ئىشارەت بىلەن قەسەم ئىچكەنلىكى ھەققىدە ئېيتىلغاچقا، ئىما-ئىشارەت بىلەن قەسەم ئىچىشنى قارار قىلىشىڭىز مۇمكىن (يارىت. 24:2، 3، 9؛ 47:29–31). ئەمما، شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىڭىز كېرەككى، بۇنداق قەسەم قىلسىڭىز، خۇدانىڭ ئالدىدا پەقەت راستىنى دەيمەن دەپ قەسەم ئىچكەن بولىسىز. شۇڭا، سىزدىن سورايدىغان ھەرقانداق سوئالغا راست جاۋاب بېرىشكە تەييار بولۇشىڭىز كېرەك.
يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قەدىرلىگەچ، ھەرقانداق قەسەم ئىچىشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز زۆرۈر. شۇنداقلا، چىقارغان قارارلىرىمىز ۋىجدانىمىزغا ياكى مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس كېلىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈشىمىز لازىم. قەسەم ئىچىشنى قارار قىلسىڭىز، ئۇنى چوقۇم ئورۇنداڭ.—1-پېتر. 2:12.