كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م21 فېۋرال 14-‏19 ب.‏
  • جامائە‌تتىكى باشچىلىققا بولغان كۆز قاراش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • جامائە‌تتىكى باشچىلىققا بولغان كۆز قاراش
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئايال قېرىنداشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏
  • ھە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ھە‌ر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟‏
  • ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھوقۇ‌قى
  • مە‌سىھنى جامائە‌تنىڭ بېشى سۈپىتىدە ھۆرمە‌تلە‌ڭ
  • ‏«ھە‌ممە ئە‌رنىڭ بېشى ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • جامائە‌تتىكى ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ئاياللارغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلامسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • باشقىلارنىڭ جامائە‌تتىكى ئورنىنى ھۆرمە‌تلە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ك‌م21 فېۋرال 14-‏19 ب.‏

7-‏تە‌تقىق ماقالىسى

جامائە‌تتىكى باشچىلىققا بولغان كۆز قاراش

‏«مە‌سىھ ئۆزى جامائە‌تنىڭ بېشى ۋە بۇ بە‌دە‌ننىڭ قۇ‌تقازغۇ‌چىسى».‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏23.‏

3-‏ناخشا خۇ‌دا ئۆزى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر

بۇ ماقالىدەa

1.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىجىل-‏ئىناق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئە‌زاسى بولغىنىمىزدىن خۇ‌شال.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ئىجىل-‏ئىناق ياشاپ كېلىۋاتىمىز؟‏ بۇ‌نىڭ بىر سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان باشچىلىق ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلە‌ش ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىمىز.‏ ئېنىقكى،‏ باشچىلىق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىنى قانچە ياخشى چۈشە‌نسە‌ك،‏ شۇ‌نچە ئىناق-‏ئىتتىپاق بولىمىز.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ بىز جامائە‌تتە كىم ھوقۇ‌ققا ئىگە ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز مۇ‌نۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز:‏ ئايال قېرىنداشلارنىڭ جامائە‌تتە قانداق رولى بار؟‏ ھە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ھە‌ر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟‏ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئۆز ئايالى بىلە‌ن بالىلىرى ئۈستىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قى بولغىنىدە‌ك،‏ ئاقساقاللارنىڭ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار ئۈستىدىن باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قى بارمۇ؟‏ بىرىنچىدىن،‏ ئايال قېرىنداشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئايال قېرىنداشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

3.‏ ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قانداق قە‌دىرلىيە‌لە‌يمىز؟‏

3 ئائىلىسىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىش ۋە جامائە‌تتە باشقىلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئىشلە‌ۋاتقان ئايال قېرىنداشلىرىمىزنى قە‌دىرلە‌يمىز.‏ ئە‌گە‌ردە بىز يە‌ھۋانىڭ ۋە ئە‌يسانىڭ ئايال قېرىنداشلارغا بولغان كۆز قارىشى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىساق،‏ ئۇ‌لارنى تېخىمۇ قە‌دىرلە‌يدىغان بولىمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئاياللارغا قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدىن بىز ئۆزۈمىزگە قانداق ساۋاق ئالىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

4.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ ئە‌رلە‌ر بىلە‌ن ئاياللارنى ئوخشاشلا قە‌دىرلە‌يدىغانلىقى قانداق كۆرسىتىلگە‌ن؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ ئە‌ر كىشىلە‌رنى ۋە ئايال كىشىلە‌رنى ئوخشاش قە‌دىرلە‌يدىغانلىقى كۆرسىتىلگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يە‌ھۋانىڭ بىرىنچى ئە‌سىردە ئايال كىشىلە‌رگىمۇ ھە‌م ئە‌ر كىشىلە‌رگىمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بېرىپ،‏ ئۇ‌لارغا مۆجىزە قىلىش،‏ شۇ جۈملىدىن ھە‌رخىل تىللاردا سۆزلە‌ش ئۈچۈن كۈچ بە‌رگە‌نلىكى يېزىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏1—‏4،‏ 15—‏18)‏.‏ ئە‌ر ۋە ئايال كىشىلە‌ر ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان (‏گالاتىيا.‏ 3:‏26—‏29)‏.‏ ئايال كىشىلە‌ر ھە‌م ئە‌ر كىشىلە‌رمۇ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش مۇ‌كاپىتىغا ئېرىشىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9،‏ 10،‏ 13—‏15)‏.‏ مە‌يلى ئە‌رلە‌ر ياكى ئاياللار بولسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىسىگە ئوخشاشلا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىش ۋە تە‌لىم بېرىش ئىشى تاپشۇ‌رۇ‌لغان (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ ئە‌لچىلە‌ر كىتابىدىن پرىسكىلا يولدىشى ئاكۋىلا بىلە‌ن بىرلىكتە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ياخشى بىلىدىغان ئاپوللوس ئىسىملىك كىشىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى توغرا چۈشە‌ندۈرۈشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏—‏ئە‌لچى.‏ 18:‏24—‏26.‏

5.‏ لۇ‌قا 10:‏38،‏ 39،‏ 42-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ ئاياللارغا قىلغان مۇ‌ئامىلىسى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغان؟‏

5 ئە‌يسا مە‌سىھ ئاياللارغا ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئاياللارنى ئە‌ر كىشىلە‌ردىن تۆۋە‌ن دە‌پ قارىغان پە‌رىسىيلە‌رنىڭ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلمىغان.‏ پە‌رىسىيلە‌ر ھېچقاچان كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئاياللارغا سۆزلىمىگە‌ن ۋە ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌لار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى مۇ‌ھاكىمە قىلمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئە‌يسا مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئايال ۋە ئە‌ر كىشىلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌ھاكىمە قىلغانb ‏(‏لۇ‌قا 10:‏38،‏ 39،‏ 42-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ يە‌نە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تارقىتىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىشىگە رۇ‌خسە‌ت قىلغان (‏لۇ‌قا 8:‏1—‏3)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ تىرىلگە‌نلىكىنى ئە‌لچىلە‌رگە ئېيتىش شان-‏شە‌رىپىنى ئاياللارغا بە‌رگە‌ن ئىدى.‏—‏يۇ‌ھاننا 20:‏16—‏18.‏

6.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئاياللارغا بولغان ھۆرمىتىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

6 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىيغا ئاياللارنى ھۆرمە‌تلە‌ش كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌نىڭغا:‏ «ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭدە‌ك،‏ ياش ئاياللارغا ئاچا-‏سىڭىللىرىڭدە‌ك» مۇ‌ئامىلە قىلغىن،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏1،‏ 2)‏.‏ پاۋلۇ‌س تىموتىينىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن ئېتىقادچى بولۇ‌شىغا كۆپ ياردە‌م بە‌رگە‌ن بولسىمۇ،‏ لېكىن تىموتىيغا دە‌سلە‌پتە ئاپىسى ۋە مومىسىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگە‌تكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (‏2-‏تىموت.‏ 1:‏5؛‏ 3:‏14،‏ 15)‏.‏ پاۋلۇ‌س رىملىقلارغا يازغان خېتىدە ئايال قېرىنداشلارنى ئىسمى بىلە‌ن ئاتاپ،‏ سالام ئېيتقان.‏ ئايال قېرىنداشلارنىڭ ئىشىغا دىققە‌ت قىلىپلا قويماي،‏ بە‌لكى يە‌نە ئۇ‌لارنىڭ خىزمىتىگە مىننە‌تدارلىق بىلدۈرگە‌ن.‏—‏رىملىقلار 16:‏1—‏4،‏ 6،‏ 12؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏3.‏

7.‏ ھازىر قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

7 ئالدىنقى ئابزاسلاردا كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ئايال قېرىنداشلارنى ئە‌رلە‌ردىن تۆۋە‌ن تۇ‌رىدۇ،‏ دە‌پ ئويلاش مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئاساسلانمىغان.‏ بىزنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ۋە سېخى ئايال قېرىنداشلىرىمىز جامائە‌تكە كۆپ ياردە‌م بېرىدۇ ۋە ئۇ‌لارنىڭ جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاشقا قوشقان ھە‌سسىسىنى ئاقساقاللار قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌دا بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئايال قېرىنداشلاردىن بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏ پە‌قە‌ت ئە‌ر كىشىلە‌ر ئاقساقاللار ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌نلىكى ئۈچۈن،‏ جامائە‌تتە ھە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ھە‌ر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏

ھە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ھە‌ر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟‏

ئە‌يسا ئاسماندا تە‌ختىدە ئولتىرىۋاتىدۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا نۇ‌ر چېچىۋاتىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ ئالدىدا جامائە‌ت يىغىلىشلار،‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ۋە يالغۇ‌ز ئۆتۈۋاتقان قېرىنداشنىڭ شە‌خسىي ئۆگىنىش تە‌سۋىرلىنىدۇ.‏

8.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏23-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ھە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ھە‌ر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

8 جامائە‌تتە ھە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ھە‌ر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟‏ ياق!‏ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئائىلىدە ئە‌ر ئايالىنىڭ بېشى.‏ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ئوغلى ئانىسىنىڭ بېشى ئە‌مە‌س (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏1،‏ 2)‏.‏ جامائە‌تتە ئاقساقاللارنىڭ ئېتىقادداشلار ئۈستىدىن ھوقۇ‌قى چە‌كلىك (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏12؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏17)‏.‏ ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن ياشىمايدىغان تۇ‌رمۇ‌شقا چىقمىغان ئايال قېرىنداشلار ئاتا-‏ئانىسىنى ۋە ئاقساقاللارنى بە‌رىبىر داۋاملىق ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ باشقا بۇ‌رادە‌رلە‌رگە ئوخشاش بۇ ئايال قېرىنداشلارنىڭمۇ بېشى پە‌قە‌ت مە‌سىھ ئە‌يسادۇ‌ر.‏

يالغۇ‌ز ئۆتۈۋاتقان قېرىنداش شە‌خسىي ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏

توي قىلمىغان بىرى ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن ياشىمىسىمۇ،‏ ئە‌يسانىڭ باشچىلىقى ئاستىدا بولماقتا (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن ئايال قېرىنداشلار بە‌زىدە بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشى كېرە‌ك؟‏

9 راست،‏ يە‌ھۋا ئاقساقاللارغا جامائە‌تتە تە‌لىم بېرىش ۋە ئىبادە‌ت قىلىشقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلارنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رۇ‌شقا يېتە‌كچىلىك قىلىش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئاياللارنىڭ شۇ‌نداق ھوقۇ‌قى يوق (‏1-‏تىموت.‏ 2:‏12)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ يە‌ھۋا ھە‌زرىتى ئە‌يسانى ئە‌ر كىشىنىڭ ئۈستىدىن قويغاندە‌ك،‏ جامائە‌تنىڭ ياخشى تە‌شكىللە‌نگە‌ن بولۇ‌شى ئۈچۈن ئاقساقاللارنى تە‌يىنلىگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر ئايال قېرىنداش ئادە‌تتە بۇ‌رادە‌ر ئورۇ‌نلايدىغان ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلىسا،‏ ئۇ چاغدا يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇc (‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏4—‏7)‏.‏ خۇ‌دا بۇ‌نى ئايال قېرىنداشلارنى كە‌مسىتىش ئۈچۈن تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا ئۆزى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان باشچىلىق پرىنسىپىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش مۇ‌مكىنچىلىكىنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ‌نى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌پ،‏ كېلە‌ركى سوئاللارغا جاۋاب تاپايلى:‏ ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارنىڭ قانداق ھوقۇ‌قى بار؟‏

ئايال قېرىنداشلار قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشى كېرە‌ك؟‏

قېرىنداش ۋە‌ز يىغىلىشنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏ ئۇ بېشىغا ياغلىق ئارتىپ ئولتىرىۋاتىدۇ.‏

ئايال قېرىنداش بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىش كېرە‌كلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆزى تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىشى كېرە‌ك:‏

  1. 1.‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن بۇ‌رادە‌رنىڭ يېنىدا ئۈنلۈك دۇ‌ئا قىلىمە‌نمۇ؟‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن بۇ‌رادە‌رنىڭ يېنىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزىمە‌نمۇ؟‏—‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏4،‏ 5.‏

  2. 2.‏ مە‌ن ئادە‌تتە چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن بۇ‌رادە‌ر ئورۇ‌نلايدىغان ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلايمە‌نمۇ؟‏—‏1-‏تىموت.‏ 2:‏11،‏ 12؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏17.‏

  3. 3.‏ ھە‌مراھىمنىڭ ئالدىدا باشقىلار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزىمە‌نمۇ ياكى ئۇ‌لار ئۈچۈن ئۈنلۈك دۇ‌ئا قىلىمە‌نمۇ؟‏—‏1-‏كورىنت.‏ 11:‏3.‏

ئە‌گە‌ر بۇ سوئاللارنىڭ بىرىگە «ھە‌ئە»،‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رسە،‏ ئۇ‌نداقتا ئۇ بېشىغا بىر نە‌رسە ئارتىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر بۇ سوئاللارنىڭ ھە‌ممىسىگە «ياق» دە‌پ جاۋاب بە‌رسە،‏ بېشىغا بىر نە‌رسە ئارتىشىنىڭ كېرىكى يوقe‏.‏

ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھوقۇ‌قى

10.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زىدە ئاقساقاللار جامائە‌ت ئۈچۈن قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى چىقىرىشى مۇ‌مكىن؟‏

10 ئاقساقاللار ئە‌يسا مە‌سىھنى سۆيىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا ھە‌م ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشقا تاپشۇ‌رغان قويلىرىنىمۇ سۆيىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 21:‏15—‏17)‏.‏ ئاقساقال ياخشى نىيە‌ت بىلە‌ن ئۆزىنى جامائە‌تتە ئاتا كە‌بى باشچى،‏ دە‌پ قارىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ مۇ‌نداق ئويلىشى مۇ‌مكىن:‏ «ئائىلە باشلىقىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى چىقىرىش ھوقۇ‌قى بار بولغاندە‌ك،‏ مېنىڭمۇ خۇ‌دانىڭ قويلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى چىقىرىش ھوقۇ‌قۇ‌م بار».‏ يە‌نە بە‌زى قېرىنداشلار ئاقساقاللارنى ئۆزىنىڭ روھى بېشى سۈپىتىدە كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۆزلىرىنىڭ ئورنىدا قارار چىقىرىپ بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللارنىڭ ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھوقۇ‌قى ئوخشاشمۇ؟‏

ئاقساقال جامائە‌تتە نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىۋاتىدۇ.‏

ئاقساقاللار جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ روھىي ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىكى ئېھتىياجلىرىنىڭ ھە‌ممىسىنى تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا جامائە‌تنىڭ ئە‌خلاقىي پاكلىقىنى ساقلاش ۋە‌زىپىسىنى بە‌رگە‌ن (‏11،‏ 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

11.‏ ئائىلە باشلىقى بىلە‌ن ئاقساقالنىڭ رولى ئارىسىدا قانداق ئوخشاشلىقلار بار؟‏

11 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئائىلە باشلىقى بىلە‌ن ئاقساقالنىڭ رولى ئارىسىدا بە‌زى ئوخشاشلىقلار بار ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏1-‏تىموت.‏ 3:‏4،‏ 5)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا ھە‌ممە ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ ئائىلە باشلىقىغا بويسۇ‌نۇ‌شىنى خالايدۇ (‏كولوسى.‏ 3:‏20)‏.‏ يە‌نە ئۇ جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ ئاقساقاللارغا بويسۇ‌نۇ‌شىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا يە‌نە ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىدىن شۇ‌نى كۈتىدۇ‌كى،‏ ئۇ‌لارنىڭ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىغا تاپشۇ‌رۇ‌لغانلارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ساغلام بولۇ‌شىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇ‌لارنىڭ قانىتى ئاستىدا بولغانلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ياخشى ئائىلە باشلىقلىرىغا ئوخشاش،‏ ئاقساقاللارمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئېتىقادداشلارغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ياقۇ‌پ 2:‏15—‏17)‏.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ خۇ‌دا ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارنىڭ باشقىلارنىڭ خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىشىنى خالايدۇ.‏ ئۇ يە‌نە ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارنى «يېزىلغانلارنىڭ سىرتىغا چىقماڭلار» دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 4:‏6.‏

بۇ‌رادە‌ر ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏

يە‌ھۋا ئائىلە باشلىرىغا ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇ‌رۇ‌ش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌ن.‏ كۆيۈمچان ئائىلە بېشى قارار قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئايالى بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلىشىدۇ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12،‏ 13.‏ رىملىقلار 7:‏2-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئائىلە باشلىقى بىلە‌ن ئاقساقالنىڭ رولى ئارىسىدا قانداق پە‌رقلە‌ر بار؟‏

12 بىراق،‏ ئائىلە باشلىقى بىلە‌ن ئاقساقالنىڭ رولى ئارىسىدا كۆرۈنە‌رلىك پە‌رقلە‌ر بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خۇ‌دا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئاقساقاللارنى سوتچى قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن ۋە ئۇ‌لارغا گۇ‌ناھىغا توۋا قىلمىغانلارنى جامائە‌تتىن چىقىرىش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌ن.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 5:‏11—‏13.‏

13 باشقا تە‌رە‌پتىن،‏ خۇ‌دا ئائىلە باشلىقلىرىغا ئاقساقاللارغا بە‌رمىگە‌ن بە‌زى ھوقۇ‌قنى بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئائىلە باشلىقىغا ئۆز ئائىلە ئە‌زالىرى ئۈچۈن قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌ن ‏(‏رىملىقلار 7:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئائىلە باشلىقى بالىلىرىنىڭ كە‌چتە سائە‌ت قانچىدە ئۆيگە كېلىشى كېرە‌كلىكىنى قارار چىقىرىش ھوقۇ‌قىغا ئىگە.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌نىڭ بالىلىرى مۇ‌شۇ قائىدە-‏تۈزۈمگە بويسۇ‌نمىسا،‏ ئۇ‌لارنى جازالاش ھوقۇ‌قى بار (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏1)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ كۆيۈمچان ئائىلە باشلىقى ئۆز ئۆيىدە قائىدىلە‌رنى ئورنىتىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئايالى بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلىشىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار «بىر تە‌ندۇ‌ر»‏d‏.‏—‏مە‌تتا 19:‏6‏.‏

مە‌سىھنى جامائە‌تنىڭ بېشى سۈپىتىدە ھۆرمە‌تلە‌ڭ

ئە‌يسا ئاسماندا تە‌ختىدە ئولتىرىۋاتىدۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا نۇ‌ر چېچىۋاتىدۇ.‏

ئە‌يسا يە‌ھۋانىڭ باشچىلىقى ئاستىدا بولۇ‌پ،‏ جامائە‌تكە كۆرسە‌تمە بېرىۋاتىدۇ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ (‏1)‏ ماركۇ‌س 10:‏45-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانى جامائە‌تنىڭ بېشى قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن؟‏ (‏2)‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ رولى قانداق؟‏ (‏«‏يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ رولى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏

14 تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق يە‌ھۋا جامائە‌تتىكى ھە‌ر بىرىنىڭ،‏ شۇ‌نىڭدە‌ك ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى سېتىۋالغان ‏(‏ماركۇ‌س 10:‏45-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ ئە‌لچى.‏ 20:‏28؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 15:‏21،‏ 22)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ خۇ‌دا ئۆز ھاياتىنى تۆلە‌م سۈپىتىدە بە‌رگە‌ن ئە‌يسانى جامائە‌تنىڭ بېشى قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن.‏ بىزگە باش بولۇ‌ش سۈپىتىدە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئايرىم ئادە‌ملە‌ر،‏ ئائىلىلە‌ر ۋە ھە‌ممە جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىنى رە‌تكە سېلىش ئۈچۈن قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى ئورنىتىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇ‌قىغا ئىگە (‏گالاتىيا.‏ 6:‏2)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا پە‌قە‌ت قائىدىلە‌رنى ئورنىتىپلا قويماي،‏ ھە‌رقايسىمىزنى تە‌مىنلە‌يدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏29.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ رولى

رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌ش بىرگە يىغىلدى.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏24)‏.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھ جامائە‌تنىڭ بېشى ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە «بارلىقىڭلار بىر بىرىڭلارغا —‏ قېرىنداشلار» دېگە‌ن ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىگە تولۇ‌ق قوشۇ‌لىدۇ (‏مە‌تتا 23:‏8‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار قېرىنداشلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە بار كۈچىنى چىقىرىپ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌تلە‌ندۈرىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ باشچىلىقى ئاستىدا يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى پۈتۈن دۇ‌نيادىكى يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنى تە‌شكىل قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لار بە‌يتە‌ل كومىتېتىنىڭ ئە‌زالىرىنى ۋە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللارنى تە‌يىنلە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏7_13)‏.‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقاللار بولسا،‏ جامائە‌تلە‌ردە ئاقساقاللارنى تە‌يىنلە‌يدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 14:‏23؛‏ تىتۇ‌س 1:‏5)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش خۇ‌دا سۆزىدىن كە‌لگە‌ن روھىي ئوزۇ‌قلارنى ۋە كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىش ۋە‌زىپىسىنى مۇ‌ھىم،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش بۇ‌نى خە‌تلە‌ر،‏ بېسىپ چىقىرىلغان كۆرسە‌تمىلە‌ر ۋە ماتېرىياللار،‏ JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسى،‏ ھە‌م شۇ‌نداقلا مە‌كتە‌پلە‌ر،‏ يىغىلىشلار،‏ بىر كۈنلۈك ياكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلار ئارقىلىق بېرىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 15:‏22_35)‏.‏ تە‌بىئىي ئاپە‌ت ياكى باشقا ئاپە‌تلە‌ر يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى قېرىنداشلارنى چىن يۈرە‌كتىن ياخشى كۆرگە‌چكە،‏ ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن دە‌رھال ھە‌رىكە‌تكە كېلىدۇf‏.‏

15،‏ 16.‏ مارلى ئىسىملىك ئايال قېرىنداش ۋە بىنيامىن ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

15 ئە‌يسا ئايال قېرىنداشلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللارنى تە‌يىنلىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئاقساقاللارغا بويسۇ‌نسا،‏ ئە‌يساغا بولغان ھۆرمىتىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئامېرىكىدا ياشايدىغان مارلى ئىسىملىك قېرىنداش كۆپلىگە‌ن ئايال قېرىنداشلارنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى يە‌كۈنلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئائىلە‌مدىكى ۋە جامائە‌تتىكى ئورنۇ‌منى بە‌ك قە‌دىرلە‌يمە‌ن.‏ مە‌ن يە‌ھۋا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان باشچىلىققا بولغان توغرا كۆز قاراشنى دائىم يېتىلدۈرۈشۈم كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ مېنىڭ ئېرىم ۋە جامائە‌تتىكى بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئائىلىدە ۋە جامائە‌تتە باشچىلىق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىغا بويسۇ‌نۇ‌شۇ‌منى ئاسانلاشتۇ‌رىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار مېنى ھۆرمە‌تلە‌يدۇ ۋە قىلغان ئىشلىرىم ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىدۇ».‏

16 بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئايال قېرىنداشلارنى ھۆرمە‌ت قىلىش ۋە ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌ش ئارقىلىق باشچىلىق پرىنسىپىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌نگلىيىدە ياشايدىغان بىنيامىن ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئايال قېرىنداشلارنىڭ جامائە‌تتە بە‌رگە‌ن جاۋابلىرى ھە‌مدە تە‌كلىپ پىكىرلىرىدىن ئۈنۈملۈك تە‌لىم بېرىش ۋە ۋە‌ز قىلىش ھە‌ققىدە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىم.‏ مېنىڭچە،‏ ئۇ‌لارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئىنتايىن مۇ‌ھىم».‏

17.‏ نېمە ئۈچۈن باشچىلىق پرىنسىپىنى ھۆرمە‌تلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17 جامائە‌تتىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى،‏ مە‌يلى ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللار،‏ ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللار بولسۇ‌ن،‏ باشچىلىق پرىنسىپىنى چۈشە‌نسە ۋە ھۆرمە‌تلىسە جامائە‌تتە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ بىز ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 150:‏6.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • جامائە‌تتە ئايال قېرىنداشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

  • ھە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ھە‌ر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

  • ئائىلە باشلىقى بىلە‌ن ئاقساقالنىڭ رولى ئارىسىدا قانداق پە‌رقلە‌ر بار؟‏

43-‏ناخشا ھوشيار،‏ مە‌ھكە‌م ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

a ئايال قېرىنداشلارنىڭ جامائە‌تتە قانداق رولى بار؟‏ ھە‌ر بىر بۇ‌رادە‌ر ھە‌ر بىر ئايال قېرىنداشنىڭ بېشىمۇ؟‏ ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئوخشاش ھوقۇ‌ققا ئىگىمۇ؟‏ بۇ ماقالىدە،‏ مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى 2020-‏يىل،‏ سېنتە‌بىر سانىدىكى «جامائە‌تتىكى ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ» ناملىق ماقالىنىڭ 6-‏ئابزاسىغا قاراڭ.‏

c ‏«‏ئايال قېرىنداشلار قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشى كېرە‌ك؟‏‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

d ئائىلە قايسى جامائە‌تتە خىزمە‌ت قىلىش كېرە‌كلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌لۇ‌ماتلارنى،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى 2020-‏يىل،‏ ئاۋغۇ‌ست سانىدىكى «باشقىلارنىڭ جامائە‌تتىكى ئورنىنى ھۆرمە‌تلە‌ڭ» ناملىق ماقالىنىڭ 17—‏19-‏ئابزاسلىرىدىن تاپالايسىز.‏

e بۇ ماۋزۇ توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن ‏«خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» دېگە‌ن كىتابنىڭ 239—‏243-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

f يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ رولى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2013-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ل سانىنىڭ 20—‏25-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش