142-ناخشا
ھەرخىل ئىنسانلارغا ۋەز قىلىمىز
(تىموتىيغا 1-خەت 2:4)
ئۈلگە ئېلىپ رەب خۇدايىمىزدىن،
بىز ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايلى.
رەھىمدىل ئاتىنىڭ ئىرادىسى —
ھەرخىل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى.
(قايتۇرما)
مىللىتى، ئىرقى ئەمەس،
ئەڭ مۇھىمى — دىل ۋە شەخس.
بارچە ئادەم بىلسۇن خۇش خەۋەرنى.
ئۇلارنىڭ غېمىنى يەپ،
جاكارلايمىز مۇنداق دەپ:
«ھەركىم بولالايدۇ خۇدا دوستى».
ئالدامچى بوپ دەسلەپكى تەسىرات،
قەيەردىن كەلگىنى مۇھىم ئەمەس.
ھەممىدىن ئادەمنىڭ دىلى ئەۋزەل،
كۆرەلەيدۇ قەلبىنى رەب يەھۋا.
(قايتۇرما)
مىللىتى، ئىرقى ئەمەس،
ئەڭ مۇھىمى — دىل ۋە شەخس.
بارچە ئادەم بىلسۇن خۇش خەۋەرنى.
ئۇلارنىڭ غېمىنى يەپ،
جاكارلايمىز مۇنداق دەپ:
«ھەركىم بولالايدۇ خۇدا دوستى».
تاشلاپ دۇنيا ۋە ھەۋەسلىرىنى،
كېلىڭلار يەھ قانىتى ئاستىغا.
چىقىرايلى بىز بار كۈچىمىزنى
ۋەز قىلىشقا ھەرخىل ئىنسانلارغا!
(قايتۇرما)
مىللىتى، ئىرقى ئەمەس،
ئەڭ مۇھىمى — دىل ۋە شەخس.
بارچە ئادەم بىلسۇن خۇش خەۋەرنى.
ئۇلارنىڭ غېمىنى يەپ،
جاكارلايمىز مۇنداق دەپ:
«ھەركىم بولالايدۇ خۇدا دوستى».
(شۇنداقلا يوھ. 12:32؛ ئەلچ. 10:34؛ تىم. 1-خ. 4:10؛ تىت. 2:11نى قاراڭ.)