50-ناخشا
خۇدانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈلگىسى
(1-يۇھاننا 4:19)
1. دانا رەب خۇدا، كۆرسەتتى بىزلەرگە
مۇھەببەت،
مۇھەببەت.
ئەگەشسەك ئۇنىڭ سۆيگۈ ئۈلگىسىگە،
يىقىلمايمىز،
يىقىلمايمىز.
شەپقەتلىك خۇدا شۇنچە ئىللىق، كەمتەر؛
مەڭگۈ بىزنى ئۇ ياخشى ئىشقا ئۈندەر؛
ئىناق-ئىتتىپاق ياشاشقا يېتەكلەر.
خۇدا سۆيگۈ.
خۇدا مۇھەببەت.
2. خۇدا بىلەن يۈر، قېرىنداشلار ئارا
سەن كۆرسەت
مۇھەببەت.
ئۇ بىزنى ئۈندەر ياردەمگە ئۆز-ئارا
بارچە ئىشتا،
ھەر بىر ئىشتا.
ئۇ ئۈندەر خاتالىقنى كەچۈرۈشكە،
ۋە ئۆز-ئارا غەمخورلۇق كۆرسىتىشكە،
ھەم ئۇلۇغ خۇدانى قىلىشقا ئۈلگە،
كۆرسەت سۆيگۈ،
ئۆز-ئارا مەڭگۈ.
3. مۇھەببەت ئۈندەر بىزنى مەڭگۈ خىزمەت
قىلىشقا
خۇداغا.
سەن چىن كۆڭلۈڭدىن يەھۋاغا بويسۇنۇپ،
ئۇنى ماختا،
ئېيت كۈي-ناخشا.
جاكارلا جاھانغا خۇدا ئىسمىنى؛
ئىنسانلار كۆرسۇن شۇ چىن ھەقىقەتنى.
خۇشاللىق بىلەن دائىم ۋەز ئېيتايلى.
بۇ مۇھەببەت،
بۇ چىن مۇھەببەت.
(رىملىقلار 12:10؛ ئەفەسلىكلەر 4:3؛ 2-پېترۇس 1:7-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).