كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌م 239-‏ب.‏-‏242-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏
  • قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىش كېرە‌ك؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىش كېرە‌ك؟‏
  • خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • جامائە‌تتىكى باشچىلىققا بولغان كۆز قاراش
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
خ‌م 239-‏ب.‏-‏242-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىش كېرە‌ك؟‏

بە‌زى ئە‌ل خە‌لقى مە‌دە‌نىيىتىدە،‏ ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇ‌نلاردا بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشى ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاقنىڭ ئۆلچە‌ملىرى قىلىنغان.‏ ئاشۇ خە‌لق بىلە‌ن ئارىلىشىپ ياشىغاندا،‏ ئېتىقادچى ھە‌دە-‏سىڭىللىرىمىز ئە‌خلاقلىق كىيىنىش مە‌قسىتىدە بېشىغا ياغلىق ئارتىشنى مۇ‌ۋاپىق كۆرسە،‏ ھە‌ر بىرى ئۆزى شە‌خسە‌ن قارار قىلسا بولىدۇ‏.‏ —‏ 1-‏تىموتىي 2:‏9،‏ 10؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 9:‏19–‏23.‏

ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن ئېتىقادچى ئايال قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشى كېرە‌ك؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن مۇ‌شۇ توغرىسىدا نېمە يازغانلىقىنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ پاۋلۇ‌س،‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدىغان قارارنى چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان كۆرسە‌تمىلە‌رنى يېزىپ قالدۇ‌رغان.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3–‏16-‏​ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئۈچ نۇ‌قتىغا دىققە‌ت قىلىشقا ئە‌رزىيدۇ:‏ (‏1)‏ ئېتىقادچى ئايال نېمە ئىشلارنى قىلغاندا،‏ بېشىغا ياغلىق ئارتىشى كېرە‌ك،‏ (‏2)‏ قانداق ئە‌ھۋالدا شۇ‌نداق قىلىش زۆرۈر،‏ (‏3)‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏

نېمە ئىشلارنى قىلغاندا.‏ پاۋلۇ‌س ئىككى ئىشنى تىلغا ئالغان:‏ دۇ‌ئا قىلىش ۋە خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىنى يە‌تكۈزۈش (‏4،‏ 5-‏​ئايە‌ت)‏.‏ دۇ‌ئا قىلىش —‏ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى يە‌ھۋاغا ئېيتىشنى كۆرسە‌تسە،‏ پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يە‌تكۈزۈش بولسا،‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھە‌رقانداق تە‌لىم-‏تە‌ربىيە خىزمىتىنى كۆرسىتىدۇ.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا،‏ ئېتىقادچى ئايال دۇ‌ئا قىلغاندا ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ دائىم بېشىغا ياغلىق ئارتىشى كېرە‌كمۇ؟‏ ياق.‏ بۇ ئايالنىڭ قانداق ئە‌ھۋالدا دۇ‌ئا قىلىدىغانلىقى ياكى تە‌لىم بېرىدىغانلىقىغا باغلىق.‏

قانداق ئە‌ھۋالدا.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزى ئائىلىدىكى ۋە جامائە‌تتىكى ئە‌ھۋالنى كۆزدە تۇ‌تقان.‏ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئايالنىڭ بېشى ئە‌ر،‏ .‏.‏.‏بىر ئايال بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتماي دۇ‌ئا قىلسا ياكى خۇ‌دانىڭ ۋە‌ھىيسىنى يە‌تكۈزسە،‏ ئۇ‌مۇ ئۆز بېشى،‏ يە‌نى ئۆز ئېرىگە ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغان بولىدۇ» (‏3،‏ 5-‏​ئايە‌ت)‏.‏ ئاللا يە‌ھۋا ئە‌ر كىشىنى ئائىلىدە ئايالنىڭ بېشى قىلىپ بە‌لگىلىگە‌ن.‏ ئايال ئېرىنىڭ ھوقۇ‌قىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلماي،‏ ئاللانىڭ ئېرىگە تاپشۇ‌رغان مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالسا،‏ ئېرىگە ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغان بولىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌گە‌ر ئېتىقادچى ئايال باشقىلار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇ‌غۇ‌لغاندا،‏ ئېرى شۇ سورۇ‌ندا بولغان ئە‌ھۋالدا،‏ ئۇ بېشىغا ياغلىق ئارتىپ ئېرىنىڭ ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلىگە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئېرى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن بولسۇ‌ن ياكى بولمىسۇ‌ن،‏ چوقۇ‌م شۇ‌نداق قىلىشى كېرە‌ك،‏ چۈنكى ئە‌ر ئائىلىنىڭ بېشىدۇ‌ر.‏a شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن،‏ ئە‌مما تېخى بالاغە‌تكە يە‌تمىگە‌ن ئوغلى ئۆيدە بولغان ئە‌ھۋالدىمۇ،‏ ئېتىقادچى ئايال بېشىغا ياغلىق ئارتىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش،‏ ھە‌رگىزمۇ ئوغۇ‌ل ئائىلىنىڭ بېشى بولغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن ئە‌ر قېرىنداشلارغا جامائە‌تتە مە‌سئۇ‌لىيە‌ت يۈكلىگە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىكتىندۇ‌ر.‏

پاۋلۇ‌س جامائە‌تتىكى ئە‌ھۋالنى تىلغا ئالغاندا،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر كىمدە‌كىم بۇ سۆزلە‌رگە قارشى چىقسا،‏ مە‌ن شۇ‌نداق دېيە‌لە‌يمە‌نكى،‏ بۇ بىز ئە‌زە‌لدىن ئە‌مە‌ل قىلىپ كېلىۋاتقان قائىدە.‏ خۇ‌داغا مە‌نسۇ‌پ بولغان ھە‌رقايسى جامائە‌تچىلىكمۇ بۇ‌نى توغرا،‏ دە‌پ قارايدۇ» (‏16-‏​ئايە‌ت)‏.‏ ئېتىقادچىلار جامائىتىدە،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن ئە‌ر ئېتىقادچىلارغا باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قى بېرىلگە‌ن (‏1-‏تىموتىي 2:‏11–‏14؛‏ ئىبرانىيلار 13:‏17)‏.‏ خۇ‌دانىڭ پادىلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش مە‌سئۇ‌لىيىتى پە‌قە‌ت ئاقساقاللار ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏28)‏.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زى ئە‌ھۋالدا،‏ چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكە‌ن ئە‌ر ئېتىقادچى ئورۇ‌نداشقا تېگىشلىك ۋە‌زىپە ئايال ئېتىقادچىغا تاپشۇ‌رۇ‌لىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن لاياقە‌تلىك ئە‌ر قېرىنداش بولمىغان ئە‌ھۋالدا،‏ ئايال قېرىنداش ۋە‌ز ئېيتىشقا چىقىشتىن ئاۋۋال ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇ‌ھاكىمىگە يېتە‌كچىلىك قىلسا بولىدۇ؛‏ ياكى چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن ئە‌ر قېرىنداش ئالدىن كېلىشكە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق قىلىش ئۆگىنىشىگە قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلىنغاندا،‏ ئېتىقادچى ئايال مۇ‌ھاكىمىگە يېتە‌كچىلىك قىلسا بولىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئاشۇ ئىشلار جامائە‌تنىڭ تە‌لىم بېرىش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمىدۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌ر قېرىنداش ئۈچۈن بە‌لگىلە‌نگە‌ن شۇ‌نداق ۋە‌زىپىنى ئايال ئېتىقادچى ئورۇ‌ندىسا،‏ ئۇ بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىش ئارقىلىق ئە‌ر ئېتىقادچىنىڭ مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرە‌ك.‏

ئۇ‌نىڭدىن سىرت،‏ ئايال ئېتىقادچى ئىبادە‌تكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك باشقا ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغاندا،‏ مە‌سىلە‌ن ئۇ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا پىكىر بايان قىلغاندا،‏ ئېرى ياكى باشقا ئە‌ر قېرىنداش بىلە‌ن ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتناشقاندا ۋە چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن پە‌رزە‌نتلىرى بىلە‌ن ئۆگە‌نگە‌ندە ياكى دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشى تە‌لە‌پ قىلىنمايدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىش توغرىسىدا يە‌نە باشقا سوئاللار پە‌يدا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا قۇ‌شۇ‌مچە ئىزدىنىپ كۆرسە بولىدۇ.‏b ئە‌گە‌ر ئىزدىنىپ كۆرگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ يە‌نىلا گۇ‌ماندا بولسا،‏ ئە‌مما ۋىجدانى بېشىغا ياغلىق ئارتىشقا ئۈندىسە،‏ خۇ‌ددى ئالدىنقى بە‌تتىكى سۈرە‌تتە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ ياغلىق ئارتىشى خاتا ئە‌مە‌س.‏

نېمە ئۈچۈن بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىدۇ.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏10-‏​ئايە‌تتە (‏ي د)‏،‏ ئېتىقادچى ئايالنىڭ بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشىنىڭ ئىككى سە‌ۋە‌بى كۆرسىتىلگە‌ن:‏ «پە‌رىشتىلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئايالنىڭ بېشىدا ئىتائە‌تچانلىق بە‌لگىسى بولۇ‌شى كېرە‌ك».‏ بىرىنچى،‏ «ئىتائە‌تچانلىق بە‌لگىسى»،‏ دېگە‌ن ئىبارىنى كۆرۈپ ئۆتسە‌ك،‏ ئايالنىڭ بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشى،‏ يە‌ھۋانىڭ جامائە‌تتە ئېتىقادچى ئە‌رلە‌رگە بە‌رگە‌ن ھوقۇ‌قنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئارقىلىق،‏ ئايال ئۆزىنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ۋە ساداقىتىنى ئىپادىلە‌يدۇ.‏ ئىككىنچى،‏ «پە‌رىشتىلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك».‏ ئايالنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتىشى كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك روھىي مە‌ۋجۇ‌داتلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

پە‌رىشتىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئاسماندىكى ۋە يە‌ردىكى تە‌شكىلاتىنىڭ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىنى قوبۇ‌ل قىلغانلىقىنى كۆرۈشنى بە‌كمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.‏ پە‌رىشتىلە‌رمۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلارنىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىسىدىن كۆپ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارمۇ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىللىشىگە بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك.‏ مۇ‌شۇ جە‌ھە‌تتىكى سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆتمۈشتە نۇ‌رغۇ‌ن پە‌رىشتىلە‌ر سادىقلىقنى ساقلىيالمىغان (‏يە‌ھۇ‌دا 6)‏.‏ پە‌رىشتىلە‌ر،‏ بە‌زى ئېتىقادچى ئاياللار جامائە‌تتىكى ئېتىقادچى ئە‌رلە‌ردىن كۆپ تە‌جرىبە-‏ساۋاققا،‏ مول بىلىمگە ياكى پە‌م-‏پاراسە‌تكە ئىگە بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئېتىقادچى ئە‌رلە‌رنىڭ باشچىلىق ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌شقا تە‌ييار تۇ‌رىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئاياللارنىڭ ئارىسىدىكى بە‌زىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ تە‌رىپىدىن مە‌سىھ قىلىنىپ،‏ كە‌لگۈسىدە ئاسماندا ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىللە مىراسخورلۇ‌ق ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇ‌قىغا ئېرىشىپ،‏ ھە‌تتا پە‌رىشتىلە‌ردىن يۇ‌قىرى ئورۇ‌نغا ئىگە بولىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئېتىقادچى ھە‌دە-‏سىڭىللىرىمىز كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن خۇ‌داغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌پ،‏ سادىقلىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق مىليونلىغان پە‌رىشتىلە‌رگە ياخشى ئۈلگىلە‌رنى كۆرسە‌تمە‌كتە.‏ بۇ،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئالاھىدە ئىمتىيازدۇ‌ر!‏

a ئادە‌تتە،‏ ئېتىقادچى ئايال ئېرىنىڭ ئالدىدا ئاللا يە‌ھۋاغا ئاۋاز چىقىرىپ دۇ‌ئا قىلسا بولمايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئالاھىدە ئە‌ھۋالدا بولسا،‏ مە‌سىلە‌ن ئېرى كېسە‌ل سە‌ۋە‌بلىك سۆزلىيە‌لمىسە،‏ ئاۋاز چىقىرىپ دۇ‌ئا قىلسا بولىدۇ.‏

b كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ «كۆزىتىش مۇ‌نارى» (‏ئۇ‌يغۇ‌ر تىلى سانى يوق)‏،‏ 2002-‏يىل 7-‏ئاي 15-‏كۈن سانى 26-‏27-‏بە‌تلىرى ۋە 1977-‏يىل 2-‏ئاي 15-‏كۈن سانى 125-‏128-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش