قۇشۇمچە ئىزاھات
مۇقەددەس كىتابنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋە ئايرىلىپ ياشاشقا بولغان كۆزقارىشى
ئاللا يەھۋا، كىشىلەرنىڭ نىكاھقا سادىق بولۇپ، بەرگەن قەسەملىرىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرىنچى جۈپ ئەر-خوتۇن نىكاھتا باغلانغاندا، يەھۋا: «ئادەم ... ئۆز خوتۇنى بىلەن بىر بولۇپ ئىككىلىسى بىر بەدەن بولسۇن»، دېگەن. كېيىنرەك، ھەزرىتى ئەيسا ئاشۇ ئەمر-پەرماننى قايتىلىغان ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن» (يارىتىلىش 2:24، ب ج؛ مەتتا 19:3–6). بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، يەھۋا ۋە ئەيسانىڭ نەزىرىدە، نىكاھ ئۆمۈرلۈك باغلىنىش بولغاچ، بىر جۈپنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتسە، نىكاھتىكى باغلىنىش ئۈزىلىدۇ (1-كورىنتلىقلار 7:39). نىكاھ مۇقەددەستۇر. شۇڭا، ئاجرىشىش مەسىلىسىگە يەڭگىللىك بىلەن قارىماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە، يەھۋا مۇقەددەس كىتابقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان باھانە-سەۋەبلەر بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىشنى يامان كۆرىدۇ. — مالاخى 2:15، 16.
مۇقەددەس كىتاب قانداق ئەھۋالدا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىدۇ؟ يەھۋا زىنا ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنى ئۆچ كۆرىدۇ (يارىتىلىش 39:9؛ 2-سامۇئىل 11:26، 27؛ زەبۇر 51:4). جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بەكمۇ قەبىھ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ (جىنسىي ئەخلاقسىزلىق نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇشۇ كىتابنىڭ 9-باب 7-ئابزاستا، شۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈش بار). شۇ سەۋەب يەھۋا خۇدا، ۋاپاسىز جورىسى بىلەن داۋاملىق نىكاھتا بىر بولۇش ياكى ئاجرىشىشنى قارار قىلىش ھوقۇقىنى، ۋاپادارلىقنى ساقلىغان تەرەپكە بەرگەن (مەتتا 19:9). شۇڭا، ۋاپادارلىقنى ساقلىغۇچى ئاجرىشىشنى قارار قىلسا، يەھۋا ئۆچ كۆرمەيدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئېتىقادچىلار جامائىتى ھېچكىمنى ئاجرىشىشقا ئۈندىمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بەزى ئەھۋاللاردا، بولۇپمۇ ۋاپاسىز جورىسى گۇناھىغا چىن كۆڭلىدىن توۋا قىلغاندا، ۋاپادارلىقنى ساقلىغان تەرەپ يەنىلا بىرگە ئۆتۈشنى خالىشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئەگەر كىشى مۇقەددەس كىتابقا ئۇيغۇن كېلىدىغان سەۋەبلەر بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىشنى شەخسەن ئۆزى قارار قىلسا، بارلىق ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك. — گالاتىيالىقلار 6:5.
ئالاھىدە ئەھۋاللاردا، ئۆز جورىسى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسىمۇ، بەزى ئېتىقادچىلار نىكاھلىق جورىسىدىن ئايرىلىپ ياشاش ياكى ئاجرىشىشنى قارار قىلىشىدۇ. شۇنداق قارارنى چىقارغان كىشىگە، مۇقەددەس كىتاب: «قايتا توي قىلمىسۇن ياكى ... قايتىدىن يارىشىۋالسۇن»، دەپ نەسىھەت قىلىدۇ (1-كورىنتلىقلار 7:11). شۇنداق ئېتىقادچىنىڭ باشقا بىرى بىلەن يېڭى باشتىن ئائىلە قۇرۇش ئەركىنلىكى بولمايدۇ (مەتتا 5:32). بەزى قېرىنداشلار تۆۋەندىكىلەرنى ئايرىلىپ تۇرۇشقا سەۋەب بولالايدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار، دەپ قارىشىدۇ. ئۇنداقتا، شۇ بىرنەچچە ئەھۋالنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.
ئەر قەستەن ئۆز ئائىلىسىنى تەمىنلەشتىن باش تارتسا. ئەر ئائىلىنى قامداشقا قادىر بولسىمۇ، ئائىلىنى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلىمىگەچ، ئائىلە نامرات ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. مۇقەددەس كىتاب: «بىر كىشى ئۆز تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىمىسا، ... ھەتتا ئېتىقادسىزلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ»، دەيدۇ (1-تىموتىي 5:8). ئەگەر ئەر شۇنداق يولىدىن قايتمىسا، ئايال ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ سالامەتلىكى ۋە خۇشاللىقى ئۈچۈن، قانۇن بويىچە ئايرىلىپ تۇرۇشنى قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئۇ كىشى ئېتىقادچى بولسا، ئايالنىڭ ئەرز-شىكايىتىنى جامائەت ئاقساقاللىرى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قاراپ چىقىشى كېرەك. چۈنكى، كىشى ئۆز ئائىلىسىگە غەمخورلۇق قىلىشتىن باش تارتسا، جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن.
خورلانسا. بەزى كىشىلەر ئۆز جورىسىگە زوراۋانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتىغا ياكى تەنساقلىقىغا خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىن. ئۆز جورىسىنى خورلايدىغان كىشى ئېتىقادچى بولسا، جامائەت ئاقساقاللىرى ئەھۋالنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى چوقۇم تەكشۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، ھەمىشە غەزەپلىنىش ۋە زوراۋانلىق قىلىش — ئېتىقادچىنىڭ جامائەتتىن چىقىرىۋېتىلىشىگە ئاساسىي سەۋەب بولىدۇ. — گالاتىيالىقلار 5:19–21.
ئېتىقادچىنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا (يەنى، خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە) ئېغىر خەۋپ تۇغدۇرۇلسا. بەزىلەر ئۆز جورىسىنىڭ ھەق خۇدا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىغا ھەرخىل يوللار بىلەن داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەتتا ياراتقۇچىنىڭ قانۇنلىرىنى بۇزۇشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا، «بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك»، دېگەن بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن، ئېتىقادچى ئويلىنىپ كۆرگەندىن كېيىن، قانۇن بويىچە نىكاھلىق جورىسىدىن ئايرىلىپ تۇرۇشنى بىردىن-بىر چىقىش يولى قىلىشى مۇمكىن. — ئەلچىلەر 5:29.
يۇقىرىدا مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتكەن ئەھۋاللاردا، ھەرقانداق كىشى بىگۇناھ ئېتىقادچىنى ئۆز جورىسىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش ياكى ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىرگە ياشاشقا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك. ئىمان-ئېتىقادتا يېتىلگەن دوستلىرى ياكى ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەسىھەتلەرنى بەرسە بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەر-خوتۇن ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەپسىلىي بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، بارچە ئىشلار يەھۋاغا بەش قولدەك ئاياندۇر. مەيلى ئېتىقادچى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئۆز جورىسىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش مەقسىتىدە، ئائىلىدىكى مەسىلىنى كۆپتۈرۈپ چوڭايتىپ كۆرسەتسە، بۇ يەھۋاغا ۋە نىكاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقتۇر. ئايرىلىپ تۇرۇشنى نىيەت قىلغۇچىلار ھىيلە-مىكىرىنى يەھۋادىن يوشۇرالمايدۇ. چۈنكى، «خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر» (ئىبرانىيلار 4:13). بىراق، شۇنداق خەۋپ-خەتەر تۇغدۇرۇش داۋاملاشسا، ئامالسىز ئايرىلىپ ياشاشنى قارار قىلغان ئېتىقادچىنى ھېچكىم ئەيىبلىمەسلىكى كېرەك. سەۋەبى، «ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىزدىن ھېساب بېرىمىز». — رىملىقلار 14:10–12.