كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 47-‏دە‌رس
  • سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • چۆمۈلدۈرۈلۈش گۈزە‌ل ھاياتقا يول ئاچىدۇ!‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈش —‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن شە‌رت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • نېمە ئۈچۈن ھاياتىمىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز كېرە‌ك؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
كۆپرەك ئۇچۇرلار
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 47-‏دە‌رس
47-‏دە‌رس.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان بىر كىشى چوڭ يىغىلىشتا باشقا بىر كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش ھە‌ققىدە خىيال قىلىۋاتىدۇ.‏

47-‏دە‌رس

سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

سىز مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق نۇ‌رغۇ‌ن بىلىمگە ئىگە بولدىڭىز.‏ ئاشۇ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىش ئۈچۈن بە‌زى ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلدىڭىز.‏ لېكىن،‏ ئۆز ھاياتىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە توسالغۇ بولۇ‌ۋاتقان بە‌زى نە‌رسىلە‌ر بار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ دە‌رستە چۆمۈلدۈرۈلۈش قە‌دىمىنى بېسىشقا توسالغۇ بولىدىغان بە‌زى قىيىنچىلىقلارنى ۋە ئۇ‌لارنى قانداق يېڭىش ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

1.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن قانچىلىك بىلىم ئېلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

سىز سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۈچۈن،‏ ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئېنىق بىلىمگە ئىگە بولۇ‌شىڭىز كېرە‌ك (‏1-‏تىموتىي 2:‏4)‏.‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ھە‌ققىدىكى بارلىق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى بىلىشىڭىز كېرە‌ك دېگە‌ننى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ھە‌تتا ئۇ‌زۇ‌ن يىللار بۇ‌رۇ‌ن چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن ئېتىقادچىلارمۇ بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ (‏كولوسىلىقلار 1:‏9،‏ 10)‏.‏ ئە‌مما،‏ سىز چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىنى چۈشىنىشىڭىز لازىم.‏ جامائە‌ت ئاقساقاللىرى يېتە‌رلىك بىلىمگە ئىگە بولغان-‏بولمىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

2.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن قايسى قە‌دە‌ملە‌رنى بېسىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال،‏ چوقۇ‌م توۋا قىلىپ،‏ توغرا يولغا مېڭىشىڭىز كېرە‌ك (‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ دېگە‌نلىك،‏ سىز ئۆتمۈشتە قىلغان بارلىق گۇ‌ناھلىرىڭىزغا چىن قە‌لبىڭىزدىن پۇ‌شايمان قىلىپ،‏ يە‌ھۋادىن كە‌چۈرۈم تىلە‌شنى بىلدۈرىدۇ.‏ سىز يە‌نە يامان ئادە‌تلە‌رنى پۈتۈنلە‌ي تاشلاپ،‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىپ ياشاشنى قە‌تئىي قارار قىلىشىڭىز لازىم.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ جامائە‌ت بىلە‌ن بىرگە ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا ۋە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىڭىز كېرە‌ك.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن ئالدىڭىزغا قە‌دە‌م تاشلاشتىن قورقماسلىقىڭىز كېرە‌ك؟‏

بە‌زىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌ندىيالماي قېلىشىدىن قورقىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ سىز بە‌زى چاغلاردا خاتالىقلار ئۆتكۈزۈپ قالىسىز.‏ ھە‌تتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان سادىق ئە‌ر ۋە ئايال خىزمە‌تچىلە‌رمۇ خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كۈچىڭىز يېتىشىچە تىرىشسىڭىز،‏ يە‌ھۋا خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ ۋە سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ!‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا بىزگە ۋە‌دە بە‌رگە‌نكى،‏ ھېچنە‌رسە بىزنى ئۇ‌نىڭ «مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئايرىيالمايدۇ».‏‏—‏رىملىقلار 8:‏38،‏ 39-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

يە‌ھۋا بىلە‌ن تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌شۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ ياردىمىنى قوبۇ‌ل قىلىش ئارقىلىق،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە توسالغۇ بولىدىغان قىيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىڭ.‏

كوللاژ:‏ بىر ياش ئايال چۆمۈلدۈرۈلۈشكە توسالغۇ بولىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىۋاتىدۇ.‏ بۇ كۆرۈنۈشلە‌ر مۇ‌شۇ دە‌رستە تە‌كرارلىنىدۇ.‏

4.‏ يە‌ھۋانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇ‌ڭ

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان ئايال.‏

سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال،‏ يە‌ھۋانى قانچىلىك ياخشى تونۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏ ئۇ ھە‌ققىدە بىلگە‌نلىرىڭىز،‏ سىزنى ئۇ‌نى سۆيۈشكە ھە‌مدە خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا ئۈندىشى لازىم.‏ فىلىمنى كۆرۈپ‏،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جاي-‏جايلىرىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌نلە‌رنىڭ بۇ مۇ‌ھىم قە‌دە‌منى قانداق باسقانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

فىلىم:‏ «چۆمدۈرۈلۈشكە يېتە‌كلە‌يدىغان يول» (‏56:‏3)‏

  • بۇ فىلىمدا،‏ بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە ئۆزىنى تە‌ييارلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

رىملىقلار 12:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقە‌ت يېزىلغانلىقىغا ياكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغانلىقىغا گۇ‌مانلىنامسىز؟‏

  • ئە‌گە‌ر گۇ‌مانلىرىڭىز بار بولسا،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏

5.‏ توسالغۇ بولىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىڭ

شۇ ئايال ئانىسى ئۇ‌نىڭغا يامان سۆزلە‌رنى قىلىۋاتقاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى سومكىسىغا سېلىۋاتىدۇ.‏

بىز ھاياتىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاشنى ۋە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قارار قىلغىنىمىزدا،‏ ھە‌ربىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت توسالغۇ‌لارنى يېڭىدۇ» (‏22:‏5)‏

  • بۇ فىلىمدا،‏ نارانگېرېل يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن قانداق توسالغۇ‌لارنى يېڭىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

  • ئۇ‌نىڭ بۇ توسالغۇ‌لارنى يېڭىشىگە يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏25 ۋە 2-‏تىموتىي 1:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • توسالغۇ‌لارنى يېڭىش ئۈچۈن قانداق قىلىپ جاسارە‌تلىك بولالايمىز؟‏

6.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە ئىشىنىڭ

شۇ ئايال ياشانغان بىر ئايالغا ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىۋاتقان گۇ‌ۋاھچى ۋە‌ز خىزمە‌تتە ئاشۇ ئايال بىلە‌ن بىرگە.‏

يە‌ھۋا ئۆزى سىزنىڭ ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزگە ياردە‌م بېرىدۇ» (‏50:‏2)‏

  • بۇ فىلىمدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ن كىشىنىڭ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشىگە نېمە توسالغۇ بولغان؟‏

  • نېمىنىڭ ياردىمىدە،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىسىنى كۈچە‌يتكە‌ن؟‏

يە‌شايا 41:‏10،‏ 13-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ھاياتىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغاندا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىڭىزنى ئورۇ‌ندىيالايدىغانلىقىڭىزغا،‏ نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نچ قىلالايسىز؟‏

7.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە بولغان مىننە‌تدارلىقىڭىزنى چوڭقۇ‌رلاشتۇ‌رۇ‌ڭ

شۇ ئايال يالغۇ‌ز ئولتۇ‌رۇ‌پ دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

يە‌ھۋانىڭ سىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرىسىدا قانچە كۆپ ئويلانسىڭىز،‏ مىننە‌تدارلىقىڭىز شۇ‌نچە چوڭقۇ‌رلىشىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا مە‌ڭگۈ خىزمە‌ت قىلىش ئىستىكىڭىز كۈچىيىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 40:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋانىڭ قايسى بە‌رىكىتى ئۈچۈن سىز ئالاھىدە مىننە‌تدار؟‏

يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋانى ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزىنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئىسمى بىلە‌ن ئاتىلىش شان-‏شە‌رىپى ئۈچۈن مىننە‌تدار بولغان.‏ ئۇ:‏ «سۆزلىرىڭ مېنى ئىپتىخارلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ قە‌لبىمنى شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدۈردى.‏ چۈنكى،‏ مە‌ن سېنىڭ ئىسىمىڭ بىلە‌ن ئاتالغانمە‌ن،‏ ئە‌ي،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا!‏» (‏يە‌رە‌مىيا 15:‏16)‏.‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌ش ئالاھىدە ئىمتىياز؟‏

  • چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شنى خالامسىز؟‏

  • بۇ‌نداق قىلىشىڭىزغا توسالغۇ بولىدىغان بىرە‌ر نە‌رسە بارمۇ؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مە‌قسىتىگە يېتىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

شۇ ئايال سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈۋاتىدۇ.‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە بە‌رگە‌ن ۋە‌دە‌منى ئورۇ‌نلىيالمايمە‌ن دە‌پ قورقىمە‌ن».‏

  • سىزمۇ شۇ‌نداق ھېس قىلامسىز؟‏

خۇ‌لاسە

يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن چۆمۈلدۈرۈلىشىڭىزگە توسالغۇ بولىدىغان ھە‌رقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كېتە‌لە‌يسىز.‏

تە‌كرارلاش

  • سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە قانچىلىك بىلىمىڭىز بولۇ‌شى لازىم؟‏

  • چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال قانداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

  • نېمە ئۈچۈن قورقۇ‌نچنىڭ چۆمۈلدۈرۈلىشىڭىزگە سىزگە توسالغۇ بولۇ‌شىغا يول قويماسلىقىڭىز كېرە‌ك؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

نېمە سە‌ۋە‌بتىن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قارار قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

‏«سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2020-‏يىل،‏ 1-‏مارت)‏

سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلىشىڭىزگە قانداق ئىشلار توسالغۇ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ ئۇ‌لارنى قانداق يېڭە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«چۆمۈلدۈرۈلۈشىمگە نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2019-‏يىل،‏ 1-‏مارت)‏

بىر كىشىنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە توسالغۇ بولىدىغان بە‌زى چوڭ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يە‌ڭگە‌نلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«نېمە ئۈچۈن تېخىغىچە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىدىڭىز؟‏»‏ (‏10:‏1)‏

دە‌سلە‌پتە،‏ ئاتائا ئىسىملىك كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىككىلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ بۇ مۇ‌ھىم قە‌دە‌منى بېسىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«مە‌ن راستىنلا بۇ‌نىڭغا لايىقمۇ؟‏»‏ (‏21:‏7)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش