كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 37-‏دە‌رس
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىش ۋە پۇ‌ل ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىش ۋە پۇ‌ل ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • پۇ‌لنى قانداق خىراجە‌ت قىلىش كېرە‌ك؟‏
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • جامائىتىڭىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
كۆپرەك ئۇچۇرلار
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 37-‏دە‌رس
37-‏دە‌رس.‏ ياغاچچى ياغاچنى مىخلاۋاتىدۇ.‏

37-‏دە‌رس

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىش-‏ئە‌مگە‌ك ۋە پۇ‌ل ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

ئىش ياكى پۇ‌ل توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىپ،‏ كۆڭلىمىز خاتىرجە‌م بولمىغان چاغلار بولغانمۇ؟‏ بىر تە‌رە‌پتىن زۆرۈر ئېھتىياجلىرىمىزنى قامداش،‏ يە‌نە بىر تە‌رە‌پتىن يە‌ھۋا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئاسانغا توختىمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىش-‏ئە‌مگە‌ك ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

خۇ‌دا بىزنىڭ ئىش-‏ئە‌مگە‌ك ياكى ئە‌جىر-‏مېھنىتىمىزنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈشىمىزنى خالايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ ‏«ئىنسان ئۈچۈن يە‌پ-‏ئىچىپ،‏ قىلغان ئە‌جىر-‏مېھنىتىدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىشتىن ئارتۇ‌ق ياخشى ئىش يوق ئىكە‌ن»‏ (‏ۋە‌ز 2:‏24)‏.‏ يە‌ھۋا ئىشچان خۇ‌دادۇ‌ر.‏ بىزمۇ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئىشچان بولساق،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز ۋە ئۆز كۆڭلىمىزمۇ قانائە‌ت تاپىدۇ.‏

ئىش-‏ئە‌مگە‌ك بە‌ك مۇ‌ھىم!‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشتىنمۇ مۇ‌ھىمراق ئورۇ‌ننى ئىگە‌للىشىگە يول بە‌رمە‌سلىكىمىز لازىم (‏يۇ‌ھاننا 6:‏27)‏.‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق ۋە‌دە بېرىدۇ‌كى،‏ ئە‌گە‌ر ھاياتىمىزدا ئۇ‌نى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساق،‏ ئۇ تۇ‌رمۇ‌شىمىزدىكى زۆرۈر ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدۇ.‏

2.‏ پۇ‌لغا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشتا بولۇ‌ش دېگە‌ن نېمە؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پۇ‌لنىڭ كىشىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏ ئۇ يە‌نە پە‌قە‌ت پۇ‌ل بولسىلا،‏ خۇ‌شاللىق تاپالايمە‌ن دە‌پ ئويلىماسلىق ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ (‏ۋە‌ز 7:‏12)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىزنى پۇ‌لپە‌رە‌س بولماي،‏ بە‌لكى ‏«بارىغا قانائە‌ت قىلىڭلار»‏ دە‌پ ئۈندە‌يدۇ (‏ئىبرانىيلار 13:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز ئۆزىمىزدە بارىغا قانائە‌ت قىلساق،‏ دائىم تېخىمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلمايمىز.‏ قە‌رزگە بوغۇ‌لۇ‌شتىن ساقلىنىمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏7)‏.‏ قىمار ئويناش ۋە تېزراق باي بولۇ‌ش ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلىشتىن يىراق تۇ‌رىمىز.‏

3.‏ قانداق سېخىي بولالايمىز؟‏

يە‌ھۋا سېخىي خۇ‌دادۇ‌ر.‏ بىز مە‌رت ياكى قولى ئوچۇ‌ق بولساق،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىمىز (‏1-‏تىموتىي 6:‏18)‏.‏ جامائە‌تنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ۋە مۇ‌ھتاجلىقتا قالغانلارغا،‏ بولۇ‌پمۇ ئېتىقادداشلىرىمىزغا ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق پۇ‌لىمىزنى سېخىيلىق بىلە‌ن ئىشلىتە‌لە‌يمىز.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ قانچىلىك بە‌رگە‌نلىكىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى نىيىتىمىزگە قارايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر چىن قە‌لبىمىزدىن سېخىيلىق بىلە‌ن بە‌رسە‌ك،‏ ئۆزىمىز خۇ‌شال بولىمىز ۋە يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌ش ۋە بارىغا قانائە‌ت قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

4.‏ ئىشچان بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈڭ

يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىز ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە بولغان كۆزقارىشىمىزغا تە‌سىر كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن بار ۋۇ‌جۇ‌دىڭىز بىلە‌ن ئىشلە‌ڭ» (‏39:‏4)‏

  • بۇ فىلىمدا،‏ جېيسوننىڭ ئۆز ئىشىغا بولغان كۆزقارىشى ۋە ئىش ئورنىدىكى ھە‌رىكىتى سىزگە قانداق تە‌سىر قىلدى؟‏

  • ئۇ ئۆز ئىشىغا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشنى ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلدى؟‏

كولوسىلىقلار 3:‏23،‏ 24-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە بولغان كۆزقارىشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

كوللاژ:‏ ئۆزىنىڭ ئىشىنى مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويغان بىر كىشى.‏ 1.‏ ئۇ كۈندۈزى ئىشخانىدا ئىشلە‌ۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئۇ كە‌چتە ئىشخانىسدا قالدى.‏ 3.‏ خىزمە‌تداشلىرى ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ،‏ ئۇ داۋاملىق ئىشلە‌ۋاتىدۇ.‏ 4.‏ ئۇ ئۆيدە يالغۇ‌ز كە‌چلىك تاماق يە‌ۋاتىدۇ.‏

ئىش-‏ئە‌مگە‌ك بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشتىنمۇ مۇ‌ھىمراق ئورۇ‌ننى ئىگە‌للىشىگە يول بە‌رمە‌سلىكىمىز لازىم

كوللاژ:‏ ئاشۇ ئادە‌م تېخىمۇ مۇ‌ھىم ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرىۋاتىدۇ.‏ 1.‏ ئۇ كۈندۈزى ئىشخانىدا ئىشلە‌ۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئۇ ئىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندا،‏ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ ئۇ جامائە‌ت يىغىلىشىدا قولىنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ.‏ 4.‏ ئۇ ئايالى ۋە ئىككى بالىسى بىلە‌ن كە‌چلىك تاماق يە‌ۋاتىدۇ.‏

5.‏ قانائە‌تچان بولۇ‌شنىڭ پايدىسى

نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن كۆپرە‌ك پۇ‌ل تېپىشقا تىرىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بۇ توغرىسىدا بىزگە باشقىچە نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ.‏ 1-‏تىموتىي 6:‏6–‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏

گە‌رچە پۇ‌لىمىز بە‌ك ئاز بولسىمۇ،‏ بىز خۇ‌شال بولالايمىز.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «بارىغا قانائە‌ت قىلىڭلار» (‏20:‏3)‏

  • پۇ‌لى ئاز بولۇ‌شىغا قارىماي،‏ بۇ ئائىلىنى نېمە خۇ‌شال قىلىدۇ؟‏

ئە‌مما،‏ كۆپ پۇ‌لىمىز بولسا،‏ يە‌نە تېخىمۇ كۆپرە‌ك بولۇ‌شىنى خالىساقچۇ؟‏ ئە‌يسا بۇ‌نىڭ خە‌ۋپ-‏خە‌تىرىنى تە‌مسىل ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ تە‌مسىلىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏ لۇ‌قا 12:‏15–‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تە‌مسىلىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏ —‏15-‏ئايە‌تنى كۆرۈڭ.‏

پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏22 ۋە 1-‏تىموتىي 6:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ ۋە سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىزنىڭچە،‏ قايسىسى مۇ‌ھىمراق:‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قمۇ ياكى كۆپرە‌ك پۇ‌ل تېپىشمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

  • پۇ‌ل تېپىشقا بېشى بىلە‌ن كىرىپ كېتىش قانداق ئاقىۋە‌تكە دۇ‌چار قىلىدۇ؟‏

6.‏ يە‌ھۋا زۆرۈر ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدۇ

ئىش-‏ئە‌مگە‌ك ۋە پۇ‌ل بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قىيىنچىلىقلار يە‌ھۋاغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى سىنىشى مۇ‌مكىن.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىمىز شۇ‌نداق سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «يە‌ھۋا بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ» (‏21:‏6)‏

  • بۇ فىلىمدا،‏ بۇ‌رادە‌ر قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لدى؟‏

  • ئۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن نېمە قىلدى؟‏

مە‌تتا 6:‏25–‏34‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغانلارغا،‏ ئۇ نېمە قىلىشنى ۋە‌دە قىلىدۇ؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئائىلە‌منى بېقىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىشىم كېرە‌ك.‏ ھە‌ر ھە‌پتە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بارالمايمە‌ن».‏

  • قايسى ئايە‌ت سىزنى،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنىڭ ھە‌ردائىم ئە‌ڭ ياخشى قارار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

خۇ‌لاسە

ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئىش-‏ئە‌مگە‌ك قىلىش ۋە پۇ‌ل تېپىش زۆرۈر،‏ بىراق ئۇ‌لار ھە‌رگىزمۇ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلماسلىقى كېرە‌ك.‏

تە‌كرارلاش

  • ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆزقاراشنى ساقلىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  • سىز ئۈچۈن قانائە‌تچان بولۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پۇ‌ل توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دېگە‌نلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«پۇ‌ل ھە‌قىقە‌تە‌ن بارچە يامانلىقنىڭ يىلتىزىمۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

پۇ‌لنى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئىشلىتىشنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب باشقىلارغا بېرىش توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دە‌يدۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

قىمار زىيانسىز ئويۇ‌نلارمۇ؟‏

‏«قىمار توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2015-‏يىل،‏ مارت)‏

بىر كىشىنىڭ قىمار ئويناش ۋە ئوغرىلىق قىلىشنى توختىتىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ئات بە‌يگە قىمار ئويۇ‌نىغا خۇ‌مار ئىدىم»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2011-‏يىل،‏ 1-‏نويابىر)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش