كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 38-‏دە‌رس
  • خۇ‌دا سوۋغا قىلغان ھاياتنى قە‌دىرلە‌ڭ.‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا سوۋغا قىلغان ھاياتنى قە‌دىرلە‌ڭ.‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • خۇ‌دا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ئە‌يسانىڭ ئۆلۈمى بىزنى قانداق قۇ‌تقۇ‌زالايدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 38-‏دە‌رس
38-‏دە‌رس.‏ ئە‌ر ۋە ئايال بالىسىنى قۇ‌چاقلاۋاتىدۇ.‏

38-‏دە‌رس

خۇ‌دا سوۋغا قىلغان ھاياتنى قە‌دىرلە‌ڭ

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

ھاياتتا بىز قىلالايدىغان ۋە ھۇ‌زۇ‌ر ئالالايدىغان ئاجايىپ ئىشلار بار.‏ ھە‌تتا تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزسە‌كمۇ،‏ ئادە‌تتە كۆڭلىمىزنى سۆيۈندۈرۈپ،‏ بىزنى خۇ‌شال قىلىدىغان باشقا بە‌زى ئىشلارمۇ بار.‏ ھايات سوۋغىسىغا مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز ۋە بۇ‌نداق قىلىشنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن ھاياتنى قە‌دىرلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

بىز ھاياتنى قە‌دىرلىشىمىز كېرە‌ك،‏ چۈنكى بۇ كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋانىڭ بىزگە بە‌رگە‌ن سوۋغىسى.‏ ئۇ پۈتكۈل ھاياتلىقنى ياراتقاچ،‏ ھاياتنىڭ مە‌نبە‌سىدۇ‌ر (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏9)‏.‏ ‏«ھە‌ممىسىگە ھايات،‏ نە‌پە‌س ۋە بارچە نە‌رسىنى بە‌رگۈچى ئۇ ئۆزىدۇ‌ر»‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏25،‏ 28)‏.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ھايات كە‌چۈرۈشىمىز ئۈچۈن كېرە‌كلىك ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى بېرىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ بىزنىڭ ھاياتتىن زوقلىنىپ،‏ شاد-‏خۇ‌رام ياشىشىمىز ئۈچۈن بارچە شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 14:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ ھاياتلىق سوۋغىسىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى يە‌ھۋاغا قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

ئانىڭىزنىڭ قوسىقىدا پە‌يدا بولغان ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ،‏ يە‌ھۋا سىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ كە‌لدى.‏ داۋۇ‌ت پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى يازغان ئىدى:‏ ‏«مە‌ن تېخى تۆرە‌لمە ھالە‌تتە،‏ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مېنى كۆردى»‏ (‏زە‌بۇ‌ر 139:‏16)‏.‏ يە‌ھۋا ھاياتىڭىزنى ئىنتايىن قە‌دىرلە‌يدۇ (‏مە‌تتا 10:‏29–‏31‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كىمكى قە‌ستە‌ن بىرىنى ئۆلتۈرسە،‏ ھە‌تتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالسا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى قاتتىق ئاغرىتىدۇa (‏چىقىش 20:‏13)‏.‏ ئە‌گە‌ر نادانلىق قىلىپ،‏ ئۆز ھاياتىمىزنى خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلساق ياكى بېخە‌تە‌رلىك چارە-‏تە‌دبىرلىرىنى قوللانماي،‏ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا خە‌ۋپ يە‌تكۈزسە‌كمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلى ئاغرىيدۇ.‏ ئۆز تېنىمىزنى ئاسراپ،‏ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قە‌دىرلىسە‌ك،‏ ياراتقۇ‌چىمىز بە‌رگە‌ن ھاياتلىق سوۋغىسىنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

ھاياتلىق سوۋغىسى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىڭىزنى كۆرسىتىشنىڭ بە‌زى يوللىرىنى بىلىۋېلىڭ.‏

3.‏ تە‌ن ساغلاملىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ

ئۆزىنى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغان بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى پۈتۈن ھاياتىنى ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئاتىغان.‏ ئۇ‌لار تە‌نلىرىنى خۇ‌ددى قۇ‌ربانلىق كە‌بى خۇ‌داغا تە‌غدىم قىلىدۇ.‏ رىملىقلار 12:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىزنى تە‌ن ساغلاملىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈشكە نېمە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

  • تە‌ن ساغلاملىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايسىز؟‏

ھامىلدار ئايال دوختۇ‌رى بىلە‌ن پاراڭلىشىۋاتىدۇ.‏

4.‏ بىخە‌تە‌رلىككە دىققە‌ت قىلىپ،‏ زىيان-‏زە‌خمە‌ت ياكى بالا-‏قازادىن ساقلىنىڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى خە‌تە‌رلىك ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن ساقلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ۋە بىخە‌تە‌ر بولۇ‌ش ئۈچۈن قانداق مە‌سلىھە‌تلە‌ر بېرىلگە‌نلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

فىلىم:‏ «بىخە‌تە‌رلىككە دىققە‌ت قىلىڭ» (‏34:‏8)‏

پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخە‌تە‌رلىكى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ كۆرۈڭ:‏

  • ئۆيىڭىزدە

  • ئىش ئورنىدا

  • تە‌نتە‌ربىيە ئويۇ‌نلىرىنى ئوينىغاندا

  • قاتناش قوراللىرىنى ھە‌يدىگە‌ندە ياكى ئولتۇ‌رغاندا

ماشىنا ھە‌يدە‌ۋاتقان كىشى بىخە‌تە‌رلىك تاسمىسىنى مە‌ھكە‌م باغلاۋاتىدۇ.‏

5.‏ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ ھاياتىنى قە‌دىرلە‌ڭ

ھامىلدار ئايال قورسىقىنى سىلاپ تۇ‌رىدۇ.‏

داۋۇ‌ت پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ ھاياتىغا،‏ يە‌نى تۆرە‌لمىنىڭ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى شېئىرىي تىل بىلە‌ن ئىپادىلىگە‌ن ئىدى.‏ زە‌بۇ‌ر 139:‏13–‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋانىڭ نە‌زە‌رىدە،‏ ئادە‌منىڭ ھاياتى ئانىنىڭ قوسىقىدا باشلىنامدۇ ياكى تۇ‌غۇ‌لغان ۋاقىتتىمۇ؟‏

يە‌ھۋانىڭ ئىسرائىللارغا قە‌دىمدە چۈشە‌رگە‌ن قانۇ‌نلىرى ھامىلدار ئانىلارنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌غۇ‌لمىغان بالىلىرىنى قوغدىغان ئىدى.‏ چىقىش 21:‏22،‏ 23-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بىر كىشى ئېھتىياتسىزلىقتىن تۇ‌غۇ‌لمىغان بالىنىڭ ئۆلۈشىگە سە‌ۋە‌بچى بولسا،‏ يە‌ھۋا بۇ‌نىڭغا قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟‏

  • بىر كىشى قە‌ستە‌ن شۇ‌نداق قىلسا،‏ يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏b

  • سىز يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشىغا قانداق قارايسىز؟‏

فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «ھاياتنى خۇ‌دا قە‌دىرلىگە‌ندە‌ك قە‌دىرلە‌ڭ» (‏00:‏5)‏

ھە‌تتا ھاياتنىڭ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدىغان ئايالمۇ بالا چۈشۈرۈشنى بىردىن-‏بىر تاللاش يولى دە‌پ قارىشى مۇ‌مكىن.‏ يە‌شايا 41:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بالا چۈشۈرۈش مە‌سىلىسىدە،‏ ئايال ئېغىر بېسىمغا دۇ‌چ كە‌لسە،‏ ئۇ كىمدىن ياردە‌م سورىيالايدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌رقانداق بىر ئايالنىڭ بالا چۈشۈرۈشنى تاللاش-‏تاللىماسلىق ھوقۇ‌قى بار.‏ چۈنكى،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ تېنى».‏

  • نېمە ئانا ۋە توغۇ‌لمىغان بالىنىڭ ھاياتىنى يە‌ھۋانىڭ قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىغا سىزنى ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

خۇ‌لاسە

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا سوۋغا قىلغان ھاياتنى سۆيۈش،‏ ھۆرمە‌تلە‌ش ۋە ئاسراپ قوغداشنى ئۆگىتىدۇ.‏ بۇ ئۆزىمىزنىڭمۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ئىنساننىڭ ھاياتىنى قە‌دىرلە‌يدۇ؟‏

  • كىشى قە‌ستە‌ن ئادە‌م ئۆلتۈرسە ياكى ئۆلۈۋالسا،‏ يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

  • نېمە ئۈچۈن ھاياتلىق سوۋغىسىنى قە‌دىرلە‌يسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا ھايات سوۋغىسى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

‏«141-‏ناخشا —‏ ھاياتلىق مۆجىزىسى»‏ (‏41:‏2)‏

خۇ‌دا بالا چۈشۈرگە‌ن ئايالنى كە‌چۈرە‌مدۇ؟‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بالا چۈشۈرۈش توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغان؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى تاللاش قارارىغا خۇ‌دانىڭ كۆزقارىشى قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌كلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«خە‌تە‌رلىك تە‌نتە‌ربىيە تۈرىگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلىشقا ئە‌رزىمدۇ؟‏»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2000-‏يىل،‏ 8-‏ئۆكتە‌بىر)‏

كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ يۈرگە‌ن بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏

‏«مە‌ن ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايمە‌ن.‏ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ماڭا ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

a يە‌ھۋا يۈرىكى ئېزىلگە‌نلە‌رگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18)‏.‏ ئۇ ئازابلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار سە‌ۋە‌بلىك كىشىلە‌رنىڭ ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياراتقۇ‌چىمىز بۇ‌نداق ئوي-‏خىيالدا بولغان كىشىگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمىدە،‏ شۇ‌نداق ئوي-‏خىيالدىن قۇ‌تۇ‌لالىغان كىشىنىڭ نېمە دېگە‌نلىكىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ بۇ دە‌رسنىڭ «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگە‌ن بۆلىكىدە كۆرسىتىلگە‌ن «‏مە‌ن ئۆلۈۋېلىشنى ئويلايمە‌ن.‏ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ماڭا ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

b ئىلگىرى بالا چۈشۈرگە‌ن ئايال،‏ بە‌لكىم ئۆزىنى ئە‌يىبلە‌پ،‏ ۋىجدان ئازابى تارتىشى مۇ‌مكىن.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى كە‌چۈرۈۋېتە‌لە‌يدۇ.‏ كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارنى ئېلىش ئۈچۈن،‏ بۇ دە‌رسنىڭ «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگە‌ن بۆلىكىدە كۆرسىتىلگە‌ن «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بالا چۈشۈرۈش توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە يېزىلغان؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش