كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م21 ئۆكتە‌بىر 14-‏17 ب.‏
  • قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىڭىز مۇ‌مكىن؟‏
  • يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ
  • ھە‌رگىز بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ!‏
  • يە‌ھۋا سىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • ئاقساقاللار،‏ داۋاملىق ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • يە‌ھۋا يېنىڭىزدا،‏ سىز ھە‌رگىز يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە ياردە‌م بېرىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ك‌م21 ئۆكتە‌بىر 14-‏17 ب.‏
ئۆرۈلۈپ چۈشكە‌ن ئۆيىنى قايتا ياساشقا قانچە ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدىغانلىقى ئويلاپ،‏ ئۈستىگە ئېغىر يۈكنى ئېلىپ قويغاندە‌ك ئويغا پاتقان بىر قېرىنداش.‏

قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ڭ

ھە‌ر يىلى قويلار كە‌بى نۇ‌رغۇ‌ن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك قېرىنداشلار مە‌سىھ جامائىتىگە قايتىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ھە‌ر بىرى قايتىپ كېلىمە‌ن دېگە‌ندە،‏ ئاسماندا قانچىلىك خۇ‌شاللىق بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ (‏لۇ‌قا 15:‏7،‏ 10)‏.‏ شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنىڭكى،‏ ئە‌گە‌ر سىز جامائە‌تكە قايتا قوبۇ‌ل قىلىنسىڭىز،‏ ئە‌يسا،‏ پە‌رىشتىلە‌ر،‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىغا قايتىپ كە‌لگىنىڭىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏ بىراق،‏ قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ش جە‌ريانىدا،‏ بە‌زى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لارنى يېڭىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىڭىز مۇ‌مكىن؟‏

نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار جامائە‌تكە قايتا كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ سە‌لبىي ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ پادىشاھ داۋۇ‌تنىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى بىلىسىز.‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ گۇ‌ناھى كە‌چۈرۈمگە ئېرىشكە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرى كۆڭلىنى بىئارام قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏12؛‏ 65:‏3)‏.‏ بىرى يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىغا قايتىپ كە‌لگە‌ندىن كېيىنمۇ،‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللارغىچە ۋىجدان ئازابى تارتىپ،‏ نومۇ‌س ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ 20 يىلدىن كۆپرە‌ك جامائە‌تتىن چىقىرىلغان ئىزابېل:‏a «يە‌ھۋانىڭ مېنى كە‌چۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىنتايىن قىيىن بولغان»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق ئۈمىدسىزلىك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىدا ياشىسىڭىز،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىز يە‌نە ئاجىزلىشىپ كېتىپ قالىدۇ (‏پە‌ند نە.‏ 24:‏10)‏.‏ شۇ‌نداق بولۇ‌شىغا قە‌تئىي يول بە‌رمە‌ڭ.‏

بە‌زىلە‌ر قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى تىكلە‌ش ئۈچۈن،‏ زۆرۈر بولغان ئىشلارنى قىلالماسلىقتىن ئە‌نسىرە‌يدۇ.‏ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ن ئانتون:‏ «مە‌ن ئىلگىرى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە قانداق ھايات كە‌چۈرگە‌نلىكىمنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغاندە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولدۇ‌م»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار سە‌ۋە‌بلىك،‏ بە‌زىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالىشىدىن ئىككىلىنىپ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏

مە‌سىلە‌ن،‏ بىر كىشىنىڭ ئۆيى قاتتىق بوران-‏چاپقۇ‌ندا ئۆرۈلۈپ چۈشتى.‏ قايتا ياساپ چىقىش نۇ‌رغۇ‌ن ۋاقىت ۋە كۈچ تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغاندا،‏ كىشى ئۈستىگە ئېغىر يۈكنى ئارتىپ قويغاندە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىز بۇ‌زۇ‌لغان بولسا،‏ قايتا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوستلۇ‌قنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن،‏ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى ھېس قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق بۇ‌نى يالغۇ‌ز قىلالمايسىز.‏

يە‌ھۋا بىزنى چاقىرىپ:‏ «كېلىڭلار،‏ ئارىمىزدىكى دە‌ۋانى ھە‌ل قىلايلى»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏يە‌شايا 1:‏18)‏.‏ سىز ئاللىقاچان ئىشلارنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن،‏ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسە‌تتىڭىز.‏ سىز يە‌ھۋانىڭ قانىتى ئاستىغا قايتىپ كە‌لدىڭىز.‏ ئۇ سىزنى بىر مىسال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ،‏ شە‌يتاننىڭ يالغانچى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.‏—‏پە‌ند نە.‏ 27:‏11.‏

يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىغا قايتىش ئارقىلىق،‏ سىز ئاللىقاچان يە‌ھۋاغا يېقىنلاشتىڭىز،‏ ئۇ‌مۇ سىزگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏ سىزنىڭ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نلىكىڭىزنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشى ياخشى ئىش.‏ بىراق،‏ باشقىمۇ ئىشلارنى قىلىش زۆرۈر.‏ سىز ئاسماندىكى ئاتىڭىز ۋە دوستىڭىز يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىشىڭىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايسىز؟‏

يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ

يېتە‌لىگىدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ ۋە‌دە قىلغان كە‌لگۈسى جە‌ننە‌ت ھە‌ققىدە ئالغان بىلىملىرىڭىز ھېلىھە‌م ئېسىڭىزدە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ھازىر سىز داۋاملىق ۋە‌ز قىلىش،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىش ۋە قېرىنداشلار بىلە‌ن ئارىلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتە‌ك ياخشى ئادە‌تلە‌رنى قايتا يېتىلدۈرۈشىڭىز زۆرۈر.‏ ھازىر بىر قانچە مە‌قسە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

دائىم يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ ئاسماندىكى ئاتىڭىز،‏ سىز داۋاملىق ۋىجدان ئازابى تارتسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىن بولىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ (‏رىملىقلار 8:‏26)‏.‏ بىراق،‏ دۇ‌ئا قىلىشنى توختاتماڭ،‏ يە‌ھۋاغا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى بە‌كمۇ خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ (‏رىملىقلار 12:‏12)‏.‏ ئاندرېي ئە‌سلە‌پ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ۋىجدان ئازابى تارتىپ،‏ نومۇ‌س ھېس قىلغان.‏ بىراق،‏ ھە‌ر قېتىم دۇ‌ئا قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۆزۈمنى ياخشىراق ھېس قىلىپ،‏ كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشتىم».‏ ئە‌گە‌ر قانداق دۇ‌ئا قىلىشنى بىلمىسىڭىز،‏ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغان پادىشاھ داۋۇ‌ت يازغان زە‌بۇ‌رنىڭ 51 ۋە 65-‏بابلىرىدىكى سۆزلە‌ر ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏

داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىڭ.‏ بۇ‌نداق قىلىش،‏ سىزنى روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ققا ئېرىشتۈرۈپ،‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۈچە‌يتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7–‏11)‏.‏ فىلىپ:‏ «دە‌سلە‌پتە،‏ مە‌ن روھىي ئىشلارنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رالمىغاچ،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئاجىزلىشىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقان ئىدىم.‏ مە‌ن ئوخشاش خاتالىقنى قايتا تە‌كرارلاشنى خالىمىدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ روھىي سالامە‌تلىكىمنى قوغداش ئۈچۈن،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىشنى قارار قىلدىم»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلالايسىز.‏ ئە‌گە‌ر شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن قايسى ماۋزۇ سىز ئۈچۈن مۇ‌ۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن دوستىڭىزدىن ياردە‌م سوراڭ.‏

جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن قايتىدىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ڭ.‏ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ن بە‌زىلە‌ر،‏ قېرىنداشلار ئۇ‌نىڭغا ئاچچىقلىنىدۇ،‏—‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ لارىسا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بە‌ك نومۇ‌س قىلغان.‏ مە‌ن جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈردۈم دە‌پ ئويلىغان.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتقىچە شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولدۇ‌م».‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ ئاقساقاللار ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشلار سىزنىڭ قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى تىكلىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىشنى بە‌ك خالايدۇ (‏«‏ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏ ئۇ‌لار جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگىنىڭىزگە خۇ‌شال بولغان ۋە سىزنىڭمۇ خۇ‌شال بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏—‏پە‌ند نە.‏ 17:‏17.‏

سىزنى جامائە‌تكە نېمە يېقىنلاشتۇ‌رالايدۇ؟‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن بارلىق ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ۋە‌ز خىزمە‌تكە بىللە چىقىڭ.‏ بۇ سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ فېلىكىس شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جامائە‌ت مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى كۈتكە‌نىدى.‏ مە‌ن ئۆزۈمنى ياخشى كۆرۈلگە‌ندە‌ك ھېس قىلدىم.‏ قېرىنداشلارنىڭ ھە‌ممىسى ماڭا ياردە‌م بە‌ردى،‏ ئۆزۈمنىڭ جامائە‌تكە قايتا قوبۇ‌ل قىلىنغانلىقىمنى،‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى كە‌چۈرگە‌نلىكىنى ۋە داۋاملىق ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يە‌تتىم» (‏«‏سىز نېمە قىلالايسىز؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏

سىز نېمە قىلالايسىز؟‏

تۇ‌رمۇ‌ش ئادىتىڭىزنى دۇ‌ئا قىلىش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن قايتا دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌شتىن باشلاڭ

بىر ئاقساقال يە‌ھۋانىڭ قوينىغا قايتىپ كە‌لگە‌ن بىر بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

دائىم يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ

يە‌ھۋاغا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى بە‌كمۇ خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.‏ ئاقساقاللار سىز ئۈچۈن ۋە سىز بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلىدۇ

ئاقساقال «يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىڭ» دېگە‌ن كىتابنى ئىشلىتىپ،‏ شۇ بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏

داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىڭ

روھىي ئوزۇ‌ق ئېلىڭ ۋە بۇ يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنىڭ ئۆسۈشىگە ياردە‌م بېرىدۇ

ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر جامائە‌تتىكى باشقا قېرىنداشلار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىۋاتىدۇ.‏

قايتا دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ڭ

بارلىق جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىڭ ۋە پات-‏پات قېرىنداشلار بىلە‌ن بىللە ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقىشقا تىرىشىڭ

ھە‌رگىز بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ!‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن قايتا دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تىكلە‌ۋاتقاندا،‏ شە‌يتان سىزنى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن،‏ قىيىنچىلىقلارنى خۇ‌ددى يامغۇ‌رلۇ‌ق بوران-‏چاپقۇ‌نغا ئوخشاش ياغدۇ‌رۇ‌ۋېتىشنى خالايدۇ (‏لۇ‌قا 4:‏13)‏.‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە روھىي ئۆي-‏ماكانىڭىزنى،‏ يە‌نى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏

يە‌ھۋا ئۆز قويلىرى ھە‌ققىدە شۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «يوقاپ كە‌تكە‌نلە‌رنى ئىزدە‌يمە‌ن،‏ ئېزىقىپ يولدىن چىققانلارنى قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىمە‌ن.‏ زە‌خمىلە‌نگە‌ننىڭ يارىسىنى تېگىپ قويىمە‌ن.‏ ئاجىزلارنى كۈچلە‌ندۈرىمە‌ن» (‏ھە‌زە‌ك.‏ 34:‏16)‏.‏ يە‌ھۋا نۇ‌رغۇ‌ن خىزمە‌تچىلىرىنىڭ قايتا ئۆزى بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى ياخشىلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشىنىڭكى،‏ ئۇ سىزنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏

ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟‏

ئۆرۈلۈپ چۈشكە‌ن ئۆيىنى قايتا ياساشقا قانچە ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدىغانلىقى ئويلاپ،‏ ئۈستىگە ئېغىر يۈكنى ئېلىپ قويغاندە‌ك ئويغا پاتقان بىر قېرىنداش.‏

جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نلە‌رنىڭ قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى تىكلىشىگە ياردە‌م بېرىشتە ئاقساقاللارنىڭ مۇ‌ھىم رولى بار.‏ ئاقساقاللار ئۇ‌لار ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ كۆرۈپ باقايلى.‏

ئۇ‌لارنى ئىشە‌ندۈرۈڭلار.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغان كىشىنىڭ ھە‌ددىدىن زىيادە قايغۇ‌رۇ‌پ كېتىدىغانلىقىنى بىلگە‌نىدى (‏2-‏كورىنت.‏ 2:‏7)‏.‏ ئۇ كىشى دائىم ۋىجدان ئازابى تارتىپ،‏ نومۇ‌س ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ پاۋلۇ‌س جامائە‌تتىكىلە‌رگە نە‌سىھە‌ت بېرىپ،‏ ئە‌مدى ئۇ‌نى كە‌چۈرۈڭلار،‏ ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للى بېرىڭلار دېگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنىڭ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نلە‌رنى بە‌ك ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرۈپ تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك.‏ ئاقساقاللار ئۇ‌لارنى ماختاپ،‏ ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بە‌رسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ددىدىن زىيادە قايغۇ‌رۇ‌پ،‏ روھىي چۈشكۈنلۈككە چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلىڭلار‏.‏ «ھە‌ققانىي ئادە‌منىڭ دۇ‌ئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇ‌ر» (‏ياقۇ‌پ 5:‏16)‏.‏ بىز ماقالىدە تىلغا ئالغان لارىسا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن كۆڭلۈمدىكى گۇ‌مانلىرىم ۋە قورقۇ‌نچلىرىمنى ئاقساقاللارغا ئېيتتىم.‏ ئۇ‌لار مە‌ن بىلە‌ن بىرلىكتە دۇ‌ئا قىلدى.‏ ئاقساقاللارنىڭ ماڭا ئاچچىقلانمىغانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ ئۇ‌لار مېنىڭ قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمنى تىكلىشىمگە ياردە‌م بېرىشنى خالىغان ئىدى».‏ تېئو:‏ «ئاقساقاللارنىڭ دۇ‌ئالىرى مېنى يە‌ھۋانىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ پە‌قە‌ت خاتالىقلىرىمغىلا ئە‌مە‌س،‏ ياخشى تە‌رىپىمنى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈردى»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

ئۇ‌لار بىلە‌ن دوست بولۇ‌ڭلار.‏ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نلە‌ر دوستقا مۇ‌ھتاج بولىدۇ.‏ جاستېن ئىسىملىك بىر ئاقساقال شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌ر بىر پۇ‌رسە‌تنى چىڭ تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى ۋە‌ز خىزمە‌تكە تە‌كلىپ قىلىڭ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆيلىرىگە يوقلاپ بېرىپ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش مۇ‌ھىم».‏ ھېنرى ئىسىملىك باشقا ئاقساقال:‏ «ئە‌گە‌ر ئاقساقاللارنىڭ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ن بىرى بىلە‌ن دوست بولۇ‌شقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى جامائە‌تتىكىلە‌ر كۆرسە،‏ باشقىلارمۇ شۇ‌نداق قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ».‏

ئۇ‌لارنىڭ تە‌تقىق ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىڭلار.‏ ئېتىقادتا يېتىلگە‌ن دوست،‏ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ن كىشىنىڭ ياخشى تە‌تقىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ داركو ئىسىملىك ئاقساقال شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنىڭ شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشىدە بايقىغان روھىي گۆھە‌رلە‌رنى ۋە ئۇ‌نىڭدىن تاپقان خۇ‌شاللىقىمنى جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نلە‌رگە ئېيتىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىمە‌ن.‏ يە‌نە ئۇ‌لار بىلە‌ن بە‌زى ماقالىلە‌رنى بىرلىكتە تە‌تقىق قىلىمە‌ن».‏ يە‌نە بىر ئاقساقال كلايتون:‏ «مە‌ن ئۇ‌لارنى ئۆزلىرى بىلە‌ن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى كىشىلە‌رنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ.‏

ياخشى پادىچى بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى يوقلاپ تۇ‌رۇ‌ڭلار.‏ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نلە‌ر ئىلگىرى ئاقساقاللارنىڭ سوتچىغا ئوخشاش رولىنى كۆرگە‌ن.‏ ھازىر ئۇ‌لار ئاقساقاللارنىڭ پادىچىلاردە‌ك رولىنى كۆرۈشى كېرە‌ك (‏يە‌ر.‏ 23:‏4)‏.‏ جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌نلە‌رنىڭ سۆزلىرىگە دە‌رھال قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌لارنى ماختاپ تۇ‌رۇ‌ڭلار.‏ دائىم ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىڭلار.‏ مارك ئىسىملىك ئاقساقاللارنىڭ پادىچىلىق خىزمىتى ھە‌ققىدە دېگە‌ن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:‏ «بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن قېزىۋالغان روھىي گۆھە‌رلە‌رنى ئۇ‌لار بىلە‌ن بۆلۈشىمىز.‏ ئۇ‌لارنى ماختاپ،‏ جامائە‌تكە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكە‌نلىكىدىن پە‌خىرلىنىدىغانلىمىزغا،‏ يە‌ھۋانىڭمۇ پە‌خىرلىنىدىغانلىقىغا،‏ ئۇ‌لارنى ئىشە‌ندۈرىمىز.‏ ھە‌ر بىر قېتىم سۆھبىتىمىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،‏ كېيىنكى قېتىم قاچان سۆھبە‌تلىشىشنىڭ ۋاقتىنى بە‌لگۈلە‌پ قويىمىز».‏

a بۇ ماقالىدىكى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش