52-تەتقىق ماقالىسى
باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بېرىڭ
«ياردەم بېرىش قولۇڭدىن كەلسە، ياخشىلىق قىلىشتىن باش تارتما ھاجەتمەن كىشىگە».—پەند. نە 3:27.
42-ناخشا ئاجىزلارغا ياردەم بەر
بۇ ماقالىدەa
1. يەھۋا ھەمىشە خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئالىرىغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟
ياراتقۇچى يەھۋا سىزنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ مەيلى سىز جامائەتتە ئاقساقال، ياردەمچى خىزمەتچى، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ياكى ۋەز ئېيتقۇچى بولۇڭ، يېشىڭىز ياشىنىپ قالغان ياكى ياش بولۇڭ، يەھۋا سىزنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىدۇ. يەھۋا ئۆزىنى سۆيگەن كىشىنىڭ ياردەم سوراپ قىلغان دۇئاسىنى ئاڭلىغاندا، دائىم ئاقساقال ياكى ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك خىزمەتچىسىنى قوللىنىپ، شۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىگە تەسەللى بېرىدۇ (كولوسى. 4:11). مۇشۇ ئۇسۇلدا خۇدايىمىز يەھۋاغا ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا خىزمەت قىلىش بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن زور شان-شەرەپ! يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغاندا، بالايىئاپەت يۈز بەرگەندە ياكى زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەندە، بىز قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرەلەيمىز.
يۇقۇملۇق كېسەللىك مەزگىلىدە باشقىلارغا ياردەم بېرىڭ
2. نېمە ئۈچۈن يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغان مەزگىلدە باشقىلارغا ياردەم بېرىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
2 يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ياردەم بېرىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، دوستلىرىمىزنى كۆرۈشنى خالايمىز، ئەمما بۇنداق قىلىش خەتەرلىك ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىۋاتقانلارنى بىرلىكتە بىر ۋاق تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىشنى خالىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ئۆز ئائىلىدىكىمىزلەر قىينىلىۋاتقان بولسا، باشقىلارغا ياردەم بېرىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، بىز قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز. ئۇلار ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بەرسەك، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالايمىز (پەند. نە 3:27؛ 19:17). بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
3. دېيسىنىڭ جامائىتىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (يەرەمىيا 23:4)
3 ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟ ئەگەر سىز ئاقساقال بولسىڭىز، جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ياخشىراق تونۇشۇڭ (يەرەمىيا 23:4-نى ئوقۇڭ). ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دېيسى مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ۋەز قىلىش توپىمدىكى ئاقساقال دائىم مەن ۋە باشقىلار بىلەن ۋەز خىزمىتىگە چىقاتتى. باشقا ۋاقىتلاردىمۇ بىز بىلەن بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى»b. 2019-يىلى تاجسىمان ۋىرۇس تارقالغاندىن كېيىن دېيسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. بىراق، ئاقساقاللارنىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى سەۋەبلىك، دېيسىنىڭ ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشى ئاسانراق بولغان.
4. نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار دېيسىغا ياردەم بېرەلىدى ۋە بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
4 دېيسى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاقساقاللارنى ئىلگىرى ياخشى بىلگەچ ۋە ئۇلارنى دوستلاردەك قارىغاچ، ئۇلارغا قانداق ھېس قىلىۋاتقانلىقىمنى ۋە غەم-ئەندىشىلىرىمنى ئەركىن ئېيتىپ بېرىش ئاسان بولغان». بۇنىڭدىن ئاقساقاللار نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ جامائەتتىكى قېرىنداشلارغا قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشتىن ئىلگىرى غەمخورلۇق قىلىڭلار. ئۇلار بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىڭلار. ئەگەر يۇقۇملۇق كېسەللىك مەزگىلىدە ئۇلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشۈشكە مۇمكىنچىلىك بولمىسا، ئۇلار بىلەن باشقا ئۇسۇلدا ئالاقىلىشىڭلار. دېيسى مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە بىر كۈندە بىرنەچچە ئاقساقال ماڭا تېلېفون قىلاتتى ياكى ئۇچۇر ئەۋەتەتتى. ئۇلار ئەۋەتكەن مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەرنى ياخشى بىلسەممۇ، ئۇلار قەلبىمگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان».
5. ئاقساقاللار قېرىنداشلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيدۇ ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5 قېرىنداشلارنىڭ قانداق ئېھتىياجى بارلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ ئۇنىڭ بىر ئۇسۇلى — پەم-پاراسەت بىلەن سوئاللارنى سوراپ، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرىنى بىلىش (پەند. نە 20:5). ئۇلارنىڭ يېتەرلىك يېمەك-ئىچمىكى، دورا ياكى باشقا كېرەكلىك نەرسىلىرى بارمۇ؟ ئۇلار ئىش ئورنىدىن ياكى تۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتامدۇ؟ ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ياردەمگە ئېھتىياجلىقمۇ؟ دېيسى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشكەن. بىراق، ئاقساقاللارنىڭ ھېسسىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ياردىمى ئۇنىڭ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بەرگەن ئىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقاللار مەن بىلەن بىرگە دۇئا قىلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكى ئېسىمدە قالمىغان بولسىمۇ، شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىمنى ئەسلىيەلەيمەن. بۇ يەھۋانىڭ ماڭا، «سەن يالغۇز ئەمەس» دېيىش ئۇسۇلى».—يەشايا 41:10، 13.
بىر پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان بۇرادەر يۈزمۇ-يۈز يىغىلىشقا قاتناشقان قېرىنداشلارنىڭ ۋە ۋىدىئولۇق ئۇلىنىش ئارقىلىق قاتناشقان ئاغرىق بۇرادەرنىڭ ئىلھام بېرىدىغان جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇۋاتىدۇ (6-ئابزاسقا قاراڭ)
6. جامائەتتىكى قېرىنداشلار باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟ (رەسىمگە قاراڭ)
6 باشقىلار نېمە قىلالايدۇ؟ بىز بىلىمىزكى، جامائەتتە قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئاقساقاللارنىڭ مەسئۇلىيىتى. بىراق، يەھۋا ھەممىمىزنى بىر-بىرىمىزگە ئىلھام ۋە ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ (گالاتىيا. 6:10). ھەتتا كىچىك ئىشلاردىمۇ سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىسەك، بۇ كېسەل ئازابى تارتىۋاتقان كىشىگە چوڭ ئىلھام بولالايدۇ. كىچىك بالىلار خەتلەرنى يېزىپ ياكى رەسىملەرنى سىزىپ، قېرىنداشلارغا ئىلھام بېرەلەيدۇ. ياش قېرىنداش بىر قېرىنداشنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى سېتىۋېلىشى ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. باشقىلار تاماق ئېتىپ ئاغرىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئىشىكنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويالايدۇ. يۇقۇملۇق كېسەللىك مەزگىلىدە جامائەتتىكى ھەربىر قېرىنداشنىڭ ئىلھامغا ئېھتىياجى بار. مەيلى يۈزمۇ-يۈز ياكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق جامائەت يىغىلىشىغا قاتنىشايلى، ھەممىمىز جامائەتتىن كېيىن كېتىپ قالماي پاراڭلىشالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقساقاللارنىڭمۇ ئىلھامغا ئېھتىياجى بار. يۇقۇملۇق كېسەللىك مەزگىلىدە ئۇلار ناھايىتى ئالدىراش بولىدۇ. شۇڭا، بەزى قېرىنداشلار ئۇلارغا خەتلەرنى يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر «داۋاملىق بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلارنى كۈچلەندۈرۈڭلار»، دېگەن نەسىھەت سۆزىگە قۇلاق سېلىش ئۈچۈن تىرىشساق، ياراتقۇچىمىزنىڭ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىمىز.—1-سالونىكا. 5:11.
بالايىئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەنلەرگە ياردەم بېرىڭ
7. بالايىئاپەت كىشىنىڭ ھاياتىنى قانداق ئۆزگەرتەلەيدۇ؟
7 بالايىئاپەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. بالايىئاپەتكە ئۇچرىغانلار مال-مۈلكى، ئۆيى، ھەتتا يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق پاجىئەلىك ۋەقەلەر بەلكىم ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كېلىدۇ. بىز ئۇلارغا ياردەم قولىمىزنى قانداق سۇنالايمىز؟
8. بالايىئاپەت يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى نېمە قىلالايدۇ؟
8 ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟ ئاقساقاللار، قېرىنداشلار ئاپەتكە ئۇچراشتىن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىڭلار. جامائەتتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاقساقاللار بىلەن ئالاقە قىلالىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىشىگە ياردەم بېرىڭلار. ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئالغان مارگارېت مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقاللىرىمىز جامائەتنىڭ يەرلىك ئېھتىياج نۇتۇقىدا بىزگە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدىغان پەسىلنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئۇلار مۇنداق دېگەن ئىدى: ئەگەر ھۆكۈمەت ئاپەت رايونىدىن تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرسە ياكى خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ قالسا، دەرھال ئۇ يەردىن ئايرىلىشىمىز كېرەك». ئاقساقاللارنىڭ بۇ ئەسكەرتىشى دەل ۋاقتىدا بېرىلگەن. چۈنكى بەش ھەپتىدىن كېيىن شىددەتلىك ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى. ئائىلىۋى ئىبادەتتە ئائىلە باشلىقلىرى ھەر بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق مۇلاھىزە قىلىش كېرەك. ئەگەر سىز ۋە بالىلىرىڭىز تەييار بولساڭلار، ئاپەت يۈز بەرگەندە تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلىيالايسىلەر.
9. بالايىئاپەتنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاقساقاللار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
9 ئەگەر سىز بىر توپقا مەسئۇل ئاقساقال بولسىڭىز، بالايىئاپەت تېخى يۈز بەرمىگەن ۋاقىتتا، چوقۇم ھەربىر كىشىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلىۋېلىڭ. تىزىملىك تەييارلاپ ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارنى ھەر ۋاقىت يېڭىلاپ تۇرۇڭ. بالايىئاپەت يۈز بەرگەندە، سىز ھەر بىر ۋەز ئېيتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. كۆپچىلىك بىلەن ئالاقە قىلغاندىن كېيىن، ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسىگە قېرىنداشلار ھەققىدە خەۋەر بېرەلەيسىز. ئۇ رايونغا مەسئۇل ئاقساقالغا خەۋەر بېرەلەيدۇ. ئاقساقاللار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مارگارېتنىڭ رايونغا مەسئۇل ئاقساقىلى 36 سائەت كۆز يۇمماي، تەخمىنەن 450كە يېقىن ئاپەت رايونىدىن تارقىتىۋېتىلگەن قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن ئاقساقاللارنى تەشكىللەش خىزمىتىنى قىلغان (2-كورىنت. 11:27). نەتىجىدە، ئۆي ماكانىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلغان قېرىنداشلار ۋاقىتلىق پاناھلىنىدىغان جايغا ئېرىشەلىگەن.
10. نېمە ئۈچۈن ئاقساقاللار قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ؟ (يۇھاننا 21:15)
10 قېرىنداشلارنىڭ ھېسسىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتى بار (1-پېتر. 5:2). ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاقساقاللار دەرھال قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى ياكى تۇرىدىغان جايى بار-يوقلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئاپەت يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئايلار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، ئاپەتتىن ئامان قالغانلارنىڭ ھېسسىي ۋە روھىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە مۇھتاج بولۇشى مۇمكىن (يۇھاننا 21:15-نى ئوقۇڭ). يەرلىك بەيتەل كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلار بىلەن كۆرۈشكەن خارولد بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزىگە كېلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇشى ئاستا-ئاستا ئۆز يولىغا چۈشۈشى مۇمكىن. بىراق، شۇ ئاپەت جەريانىدىكى ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇيالماسلىقى مۇمكىن. ئۇلار ئايرىلىپ قالغان يېقىن كىشىلىرى، قىممەتلىك سانالغان نەرسىلىرى ياكى قايتا-قايتا ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسلىشى مۇمكىن. بۇ ھەرگىزمۇ ئىمان-ئېتىقادىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ ئىنساندىكى نورمال ئىنكاس».
11. ئائىلىلەر قانداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن؟
11 ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتابنىڭ «يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاڭلار» دېگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشقا تىرىشىدۇ (رىملىقلار 12:15). بالايىئاپەتتە ئامان قالغانلار تەسەللىگە ئېھتىياجلىق. ئۇلارنى يەھۋا ۋە قېرىنداشلارنىڭ سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش كېرەك. ئاقساقاللار ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ دۇئا قىلىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، جامائەت يىغىلىشلىرىغا ۋە ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق روھىي ئىشلارنى قىلىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئاقساقاللار يەنە ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىنىڭ ھېچقانداق بالايىئاپەت ۋەيران قىلالمايدىغان ئىشلارغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە ئۈندەيدۇ. ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارغا يەھۋا دائىم ئۇلارنىڭ يېقىن دوستى بولىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلىرىڭلارغا ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىڭلار.—1-پېتر. 2:17.
سىز تۇرىدىغان جايدا بالايىئاپەت يۈز بەرسە، پىدائىي خىزمەتچى بولۇپ ياردەم بېرەلەمسىز؟ (12-ئابزاسقا قاراڭ)e
12. ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەلەيسىز؟ (رەسىمگە قاراڭ)
12 باشقىلار نېمە قىلالايدۇ؟ يېقىن ئەتراپتىكى جايدا ئاپەت يۈز بەرسە، ئاقساقاللاردىن قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە سوراڭ. بەلكىم، سىز ۋاقتىنچە پاناھلىنىدىغان جاي بىلەن تەمىنلىيەلىشىڭىز ياكى قۇرۇلۇش ئىشى ئۈچۈن پىدائىي خىزمەتكە كۈچ چىقىرالىشىڭىز مۇمكىن. يەنە ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارغا تاماق توشۇش ۋە باشقا كېرەك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرەلىشىڭىز مۇمكىن. تېخىمۇ يىراق بىر جايدا ئاپەت يۈز بەرسە، قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ شۇ ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلالايسىز (2-كورىنت. 1:8–11). يەنە دۇنيا يۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتكە ئىئانە بېرىش ئارقىلىق ئاپەت ياردەم خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيسىز (2-كورىنت. 8:2–5). ئەگەر ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ ياردەم بېرىشكە ئىمكانىيىتىڭىز بولسا، ئاقساقالغا پىدائىي خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ. ئەگەر پىدائىي خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنسىڭىز، كۆپرەك تەربىيىلەشكە قاتنىشىشىڭىز مۇمكىن. كېيىن ئاپەت ياردىمىگە ئېھتىياجلىق باشقا جايلاردىمۇ ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشالايسىز.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىڭ
13. ئىش-پائالىيەتلىرىمىز چەكلەنگەن دۆلەتلەردە قېرىنداشلىرىمىز قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟
13 ئىش-پائالىيەتلىرىمىز چەكلەنگەن دۆلەتتە زىيانكەشلىك سەۋەبلىك ھايات كەچۈرۈش تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ يەردىكى بۇرادەرلەر ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، كېسەل بولىۋاتىدۇ ۋە يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمما، شۇ چەكلەشلەر سەۋەبلىك ئاقساقاللار ئەركىن-ئازادە جامائەتلەرنى يوقلاپ بارالماسلىقى ۋە ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارغا ياردەم بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئاندرېي شۇنداق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن. ۋەز ئېيتىش توپىدىكى بىر قېرىنداش ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. كېيىن ئۇ قاتناش ھادىسىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭغا بىر قانچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك ئىدى ۋە ئۇ ئىشلىيەلمىگەن. شۇ مەنئىي قىلىشلارغا ۋە تارقىلىشچان ۋىرۇسقا قارىماي، بۇرادەرلەر قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەرگەن ۋە يەھۋا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرغان.
14. ئاقساقاللار يەھۋاغا تايىنىشتا قانداق ئۈلگە قالدۇرالايدۇ؟
14 ئاقساقاللار نېمە قىلالايدۇ؟ ئاندرېي دۇئا قىلىپ، قولدىن كەلگەن ئىشنى قىلغان. يەھۋا بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرغان؟ ئۇ قېرىنداشلارنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپرەك ئەركىن-ئازادە ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. بەزىلەر شۇ ئايال قېرىنداشنى دوختۇرغا ئاپارغان. باشقىلىرى ئۇنىڭغا ماددىي ياردەم بەرگەن. كۆپچىلىك قولدىن كېلىشىچە جاسارەت كۆرسەتكەن. نەتىجىدە، يەھۋا ئۇلارنى بەرىكەتلەپ، شۇ قېرىنداشنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەپ بېرىشىگە ياردەم بەرگەن (ئىبرانىي. 13:16). ئاقساقاللار، ئەگەر سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىسا، بۇ خىزمەتنى باشقىلارغا تاپشۇرۇڭلار (يەرەم. 36:5، 6). ئەڭ مۇھىمى، يەھۋاغا تايىنىڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلىشىڭلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ.
15. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋاقتىمىزدا ئارىمىزدىكى تىنچ-ئىناقلىقنى قانداق ساقلىيالايمىز؟
15 باشقىلار نېمە قىلالايدۇ؟ مەنئىي قىلىنغان ئەھۋالدا بىز ئاز ساندىكى قېرىنداشلار بىلەن ئالاقە قىلالىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، بارلىق قېرىنداشلار بىلەن ئىناق-ئىتتىپاقلىقنى ساقلاڭلار. بۇ ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا مۇھىم. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئەمەس، شەيتان بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقىنىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار. ئەگەر قېرىندىشىڭلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، بۇنىڭغا سەل قارىماي، مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلىشقا تىرىشىڭلار (پەند. نە 19:11؛ ئەفەس. 4:26). باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە تەشەببۇسكار بولۇڭلار (تىتۇس 3:14). ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغان ۋەقەدە كۆپچىلىك كۈچ چىقىرىپ، ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشقا ياردەم قولىنى سۇنغان. نەتىجىدە، شۇ ۋەز ئېيتىش توپىدىكى ھەممىسى خۇددى بىر ئائىلە كىشىلەردەك بىر-بىرىگە يېقىن بولۇپ كەتكەن.—زەبۇر 133:1.
16. كولوسىلىقلار 4:3، 18-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا بىز قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
16 نەچچە ئون مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىسىگە قارىماي، يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىمان-ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلاندى. بىز ئۇلار ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلالايمىز. شۇنداقلا ئەركىنلىكىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغان قېرىنداشلارغا روھىي، جىسمانىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلالايمىزc (كولوسىلىقلار 4:3، 18-نى ئوقۇڭ). ھەرگىزمۇ دۇئانىڭ كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ.—2-سالونىكا. 3:1، 2؛ 1-تىموت. 2:1، 2.
ئائىلىڭىز بىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە زىيانكەشلىككە قانداق تەييارلىق قىلالايسىز؟ (17-ئابزاسقا قاراڭ)
17. ھازىرنىڭ ئۆزىدە زىيانكەشلىككە قانداق تەييارلىق قىلالايسىز؟
17 ئائىلىڭىز بىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە زىيانكەشلىككە تەييارلىق قىلالايسىز (ئەلچى. 14:22). بارچە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان يامان ئىشنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشتىن ساقلىنىڭ. ئەكسىنچە، يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچەيتىپ، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ. ئەگەر بەزىدە غەم-ئەندىشە قىلسىڭىز، ئىچ-باغرىڭىزنى خۇداغا تۆكۈپ دۇئا قىلىڭ (زەبۇر 62:7، 8). ئائىلىڭىز بىلەن بىرلىكتە ياراتقۇچى يەھۋاغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىڭd. زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەندە، سىزنىڭ شەخسەن تەييارلىق قىلغىنىڭىز ۋە يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىڭىز پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ جاسارەت ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
18. بىزنى قانداق كېلەچەك كۈتىۋاتىدۇ؟
18 خۇدانىڭ تىنچلىقى بىزنى بىخەتەر ھېس قىلدۇرىدۇ (فىلىپى. 4:6، 7). مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق، يەھۋا بۈگۈنكى كۈندە يۇقۇملۇق كېسەللىك، تەبىئىي ئاپەت ۋە زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىشىمىزغا قارىماي، كۆڭلىمىزگە تىنچ-خاتىرجەملىك بېرىدۇ. ئۇ جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان ئاقساقاللارنى قوللىنىدۇ. شۇنداقلا يەھۋا بىر-بىرىمىزگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش شان-شەرىپىنى بەرگەن. بەھرىمەن بولۇۋاتقان تىنچ-ئامانلىق كېلەچەكتىكى «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت»كە ئۆزىمىزنى تەييارلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (مەتتا 24:21). شۇ ۋاقىتتا، تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلىشىمىز ۋە باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. بىراق، شۇنىڭدىن كېيىن بىزنى غەم-ئەندىشىگە سالىدىغان قىيىنچىلىقلار ھەرگىز بولمايدۇ. يەھۋا خالىغاندەك، بىز مەڭگۈ تىنچ-خاتىرجەملىكتىن ھۇزۇر ئالىمىز.—يەشايا 26:3، 4.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
a يەھۋا ھەردائىم سادىق خىزمەتچىلىرىنى ئىشلىتىپ، قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلارغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ سىزنى ئىشلىتىپ، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزغا ئىلھام-مەدەت بېرەلەيدۇ. باشقىلار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، ياردەم قولىمىزنى قانداق سۇنالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c تۈرمىگە تاشلانغان قېرىنداشلارغا خەت يازسىڭىز، خەتنى يەرلىك بەيتەل ياكى باش ئىدارىدا ئارقىلىق ئەۋەتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
d «كۈزىتىش مۇنارى»، 2019-يىل، ئىيۇل سانىدىكى «زىيانكەشلىككە ھازىر تەييارلىق قىلىڭ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
e سۈرەتتە: ئەر-ئايال بالايىئاپەتتىن كېيىن ۋاقتىنچە پاناھلىنىۋاتقان ئائىلىگە ئوزۇق تۈلۈك ئېلىپ كەلدى.