51-تەتقىق ماقالىسى
ئېغىر كۈنلەردە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىڭ
«كۆڭلۈڭلار بىئارام بولمىسۇن ۋە قورقۇپ جۈرئەتسىز بولماڭلار».—يۇھاننا 14:27.
39-ناخشا تىنچ-ئامانلىقتىن بەھرىمەن بول!
بۇ ماقالىدەa
1. «خۇدانىڭ تىنچلىقى» دېگەن نېمە؟ بۇنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ (فىلىپىلىكلەر 4:6، 7)
بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر بىلمەيدىغان بىر خىل تىنچلىق بار، ئۇ «خۇدانىڭ تىنچلىقى» بولۇپ، ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن كېلىدىغان تىنچ-خاتىرجەملىكتۇر. خۇدانىڭ تىنچلىقى بولغاندا، ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھېس قىلىمىز (فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-نى ئوقۇڭ). بىز ئۇنى سۆيىدىغان باشقا كىشىلەر بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىپ، خۇشاللىق تاپالايمىز. ھەمدە «تىنچلىقنىڭ خۇداسى» بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، خۇشاللىققا ئېرىشەلەيمىز (1-سالونىكا. 5:23). ياراتقۇچىمىزنى تونۇغان، ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە بويسۇنغان ۋاقتىمىزدا، ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كەلسەك، خۇدانىڭ تىنچلىقى غەم-ئەندىشىگە تولغان قەلبىمىزنى تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.
2. نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ تىنچلىقىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەلەيمىز؟
2 يۇقۇملۇق كېسەللىك، تەبىئىي ئاپەت، سىياسىي مالىمانچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، خۇدانىڭ تىنچلىقىغا ئېرىشىش ھەقىقەتەن مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق ئېغىر قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىزنى ۋەھىمىگە سالالايدۇ. لېكىن، ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە نەسىھەت بېرىپ مۇنداق دېگەن: «كۆڭلۈڭلار بىئارام بولمىسۇن ۋە قورقۇپ يۈرەكسىز بولماڭلار» (يۇھاننا 14:27). خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، قېرىنداشلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ نەسىھىتىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن، ئۇلار ئېغىر سىناقلارغا تاقابىل تۇرغىنىدا، كۆڭلى تىنچ-خاتىرجەملىك تېپىۋاتىدۇ.
يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەزگىلىدە تىنچ-خاتىرجەملىك تېپىش
3. قانداق قىلىپ يۇقۇملۇق كېسەل ياكى ۋابا تىنچ-خاتىرجەملىكىمىزنى بۇزىدۇ؟
3 يۇقۇملۇق كېسەللىك ياكى ۋابا تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا ساھەسىدە كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتەلەيدۇ. تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئويلاپ باقايلى. بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، زىيارەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ بۇ يۇقۇملۇق كېسەل مەزگىلىدە ئۇيقۇسىزلىق تۈپەيلى كۆڭۈل ئارام تاپمىغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ كېسەللىك غەم-ئەندىشىلەرنى ئاشۇرۇپ، چۈشكۈنلۈك، ھاراق ئىچىش، زەھەر چېكىش، ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ كۆپىيىشىگە يول ئاچقان. سىز تۇرۇۋاتقان جايدا كېسەللىك تارقالسا، غەم-ئەندىشىڭىزنى تىزگىنلەپ، خۇدانىڭ تىنچلىقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
4. نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ ئاخىرقى زامان توغرىسىدىكى بېشارەتلىرىنى بىلىش بىزگە تىنچلىق بېرىدۇ؟
4 ئەيسا ئاخىرقى زاماننىڭ كۈنلىرىدە «بىر جايدىن كېيىن يەنە بىر جايدا» ۋابالار، يەنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كەڭ تارقىتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان (لۇقا 21:11). بۇنى بىلىش بىزگە قانداق تىنچلىق بېرىدۇ؟ بىز تارقىلىشچان كېسەللىك پەيدا بولغاندا ھەيران قالمىدۇق. ئەيسا ئېيتقان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىۋاتىمىز. شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلارغا بەرگەن: «ئالاقزادە بولۇپ قورقماڭلار»،— دېگەن نەسىھەت سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشقا ئاساسىمىز بار.—مەتتا 24:6.
يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقالغان مەزگىلدە، مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقىنى ئاڭلاش كۆڭلىڭىزنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىدۇ (5-ئابزاسقا قاراڭ)
5. (1) يۇقۇملۇق كېسەللىككە دۇچ كەلگەندە، فىلىپىلىكلەر 4:8، 9-ئايەتلەر بىزنىڭ نېمە قىلىشنى قارار قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ؟ (2) مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقىنى ئاڭلاش سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5 يۇقۇملۇق كېسەللىك ئاسانلا غەم-ئەندىشە، ھەتتا ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. دېيسى ئىسىملىك بىر قېرىنداش شۇنداق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانb. ئۇنىڭ تاغىسى، نەۋرە ئاكىسى ۋە دوختۇرى 19-COVID ۋىرۇسى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭمۇ تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، ياشانغان ئانىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن. بۇ تارقىلىشچان ۋىرۇس سەۋەبلىك يەنە ئۆز خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققان. شۇڭا، ئۇ يېمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىش ۋە ئۆي ئىجارىسىنى تۆلەش توغرۇلۇق كۆپ ئويلانغان. بۇ غەم-ئەندىشىلەر تۈپەيلى كېچىلىرى ئۇخلىيالمىغان. ئەمما، دېيسى قايتا تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن. قانداق قىلىپ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكىنى ساقلاپ، ئىجابىي ئوي-پىكىردە بولۇشى ئۈچۈن، بۇ توغرۇلۇق يەھۋاغا ئېنىق دۇئا قىلغان (فىلىپىلىكلەر 4:8، 9-نى ئوقۇڭ). ئۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقىنى ئاڭلاش ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئۆزىگە قىلغان سۆزلىرىنى تىڭشىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يازمىلارنى ئوقۇغانلارنىڭ تىنچ-خاتىرجەم ئاۋازلىرى غەم-ئەندىشىلىرىمنى پەسەيتىپ، ماڭا يەھۋانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى ئەسلەتتى».—زەبۇر 94:19.
6. شەخسىي تەتقىق ۋە جامائەت يىغىلىشلىرى سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
6 شەك-شۈبھىسىزكى، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تارقىلىشى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى بەزى جەھەتلەردىن قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشىڭىز ياكى ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشىڭىزغا دەخىل قىلىشىغا يول قويماڭ. نەشىر ماتېرىياللىرىمىز ۋە فىلىملەردە تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي كەچۈرمىشلەر تەسۋىرلەنگەن، شۇلار سىزنىڭكىگە ئوخشايدىغان قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئېتىقادتا سادىق قالغان قېرىنداشلارنىڭ مىسالىنى ئەسكەرتىدۇ (1-پېتر. 5:9). يىغىلىشلار مۇقەددەس كىتابتىكى ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يىغىلىشلار يەنە سىزگە باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ (رىملىقلار 1:11، 12). يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىگە كېسەل بولغاندا، ۋەھىمىگە چۈشكەندە ياكى يالغۇزلۇق ھېس قىلغاندا، قانداق ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىش، ئۇنىڭ بىزگىمۇ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
7. ئەلچى يۇھاننادىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟
7 قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ. يۇقۇملۇق كېسەللىك مەزگىلىدە، بەلكىم سىز قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىسىڭىزمۇ، بىراق مەلۇم ئارىلىقنى ساقلاش تەلەپ قىلىنىشى مۇمكىن. شۇنداق پەيتتە، سىز ئۆزىڭىزنى ئەلچى يۇھانناغا ئوخشاش ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ دوستى گايوس بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشمەكچى بولغان (3-يۇھاننا 13، 14). شۇنداقتىمۇ، يۇھاننا بىر مەزگىل گايوسنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. يۇھاننا ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە قىلغان ئىدى، يەنى ئۇ گايوسقا بىر پارچە خەت يازغان. دائىم قېرىنداشلىرىڭىزنى يوقلاش مۇمكىن بولمىسا، ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭىزغا تېلېفون، كامېرالىق تېلېفون قىلىش ياكى ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ. ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغىنىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ۋە تىنچ-ئامان ھېس قىلىسىز. ئەگەر غەم-ئەندىشىلىرىڭىز كۈچلۈك بولسا، ئاقساقاللار بىلەن ئالاقە قىلىشىڭ. ئۇلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن بەرگەن ئىلھام-مەدەتلىرىنى قوبۇل قىلىڭ.—يەشايا 32:1، 2.
بالايىئاپەتكە ئۇچرىغاندا تىنچ-خاتىرجەملىك تېپىش
8. بالايىئاپەت قانداق قىلىپ تىنچ-ئامانلىقىڭىزنى بۇزۇشى مۇمكىن؟
8 ئەگەر سىز كەلكۈن، يەر تەۋرەش، ئوت ئاپىتىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز، بەلكىم ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، يەنىلا غەم-ئەندىشە قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر يېقىن كىشىڭىز ياكى مال-مۈلكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىڭىز، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ ئۈمىدسىزلىنىشىڭىز ياكى ئاچچىقلىنىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھەرگىزمۇ ماددىي نەرسىلەرنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ياكى ئىمان-ئېتىقادىڭىزنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىز قىيىن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەندە، بەزىلەر بەلكىم سىزنى شۇنداق سەلبىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ قارايدۇ (ئايۇپ 1:11). بىراق، شۇنداق قىيىن ۋەزىيەتلەرگە قارىماي، سىز يەنىلا تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشەلەيسىز. قانداق؟
9. ئەيسا بىزنى بالايىئاپەتكە قانداق تەييارلىغان؟
9 ئەيسانىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ. بۇ دۇنيادىكى بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنى بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. بىراق، بىز بۈگۈنكى كۈندە بالايىئاپەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن. ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە ئاخىر كېلىشتىن بۇرۇن يەر يۈزىدە «شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر» ۋە باشقا بالايىئاپەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان (لۇقا 21:11). ئۇ يەنە جىنايەت، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئوخشاش ئىش-ۋەقەلەر ئارقىلىق كۆرۈلۈۋاتقان قانۇنسىزلىقنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ بېشارەت بەرگەن (مەتتا 24:12). ئەيسا ھەرگىزمۇ بۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ پەقەتلا يەھۋا تاشلاۋەتكەن كىشىلەرنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. ئەمەلىيەتتە، يەھۋانىڭ نۇرغۇن سادىق خىزمەتچىلىرى بالايىئاپەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ (يەشايا 57:1؛ 2-كورىنت. 11:25). يەھۋا بىزنى مۆجىزىلىك يوللار بىلەن بارلىق بالايىاپەتلەردىن قوغدىماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ بىز موھتاج بولىدىغان تىنچلىقنى ۋە خاتىرجەملىكنى بېرىدۇ.
10. ھازىرنىڭ ئۆزىدە بالايىئاپەتلەرگە تەييارلىق قىلىش نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۆرسىتىدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 22:3)
10 ئەگەر بىز جىددىي ۋەزىيەتلەرگە ئالدىن-ئالا ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويساق، بالايىئاپەت يۈز بەرگەندە تىنچلىقنى ساقلاش بىز ئۈچۈن ئاسانراق بولىدۇ. ئەمما، ئالدىن تەييارلىق قىلىپ قويۇش يەھۋاغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! ئەمەلىيەتتە بىز بالايىئاپەتلەرگە ئالدىن-ئالا تەييارلىق قىلىپ قويساق، يەھۋانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. بۇنى قانداق قىلالايمىز؟ خۇدانىڭ سۆزى بىزنى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بالايىئاپەتكە ئالدىن تەييارلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 22:3-نى ئوقۇڭ). خۇدا تەشكىلاتى ئارقىلىق بېرىلگەن ھەممە كۆرسەتمىلەر، جامائەت يىغىلىشلىرى، بەزى ئېلانلار بىزنى ئالدىن-ئالا جىددىي ۋەزىيەتكە تەييارلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇc. بىز يەھۋاغا ئىشىنىمىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇشۇ نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىپ، بالايىئاپەت يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال تەييارلىق كۆرىمىز.
ئالدىن-ئالا تەييارلىق قىلىش بالايىئاپەتتە ئامان قېلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ (11-ئابزاسقا قاراڭ)d
11. مارگارېتنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيسىز؟
11 مارگارېت ئىسىملىك بىر قېرىنداش باشتىن كەچۈرگەن ۋەقەنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ياشايدىغان جايغا يېقىن ئورمانغا ئوت كەتكەندە، ھۆكۈمەت كىشىلەرنىڭ ئۆيلرىدىن ئايرىلىش بۇيرۇقىنى چۈشەرگەن. ھەممىلا كىشى جان ساقلاش ئۈچۈن ئۇ يەردىن ئايرىلغاچ، يوللاردا قاتناش توسۇلۇپ قالغان. شۇ چاغدا ھاۋانى قارا ئىس-تۈتەك قاپلىغاچقا، مارگارېت ماشىنىسىغا سولىنىپ قالغان. بىراق، ئۇ ئالدىن تەييارلىق قىلغاچ، خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان. ئۇ سومكىسىغا ھەردائىم بىر خەرىتىنى سېلىۋالغان. شۇڭا، ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ كېتىدىغان يولىنى تاپالىغان. ئۇ ھەتتا جىددىي ئەھۋالدا يولدىن ئادىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن،ئىلگىرى شۇ يولدا مېڭىپ مەشىق قىلىۋالغان ئىدى. مارگارېت ياخشى تەييارلىق قىلغانلىقتىن ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان.
12. نېمە ئۈچۈن بىخەتەرلىك كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇشىمىز كېرەك؟
12 ھۆكۈمەت بىزنى قوغداش ۋە نورمال تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بەزى چەكلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، بىزنىڭ شۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، كۆرسەتمىلەر بويىچە ئىش قىلىشقا چاقىرىشى مۇمكىن. بەزىلەر بۇنداق قىلىشنى خالىماي، ۋاقىتنى قەستەن ئارقىغا سۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى تاشلاپ كېتىشىگە كۆزى قىيمايدۇ. بىراق بىز، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى، بۇنداق ۋەزىيەتكە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «ھەزرىتىمىزنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئىنسانلار ئورناتقان قانۇن-تۈزۈملەرگە بويسۇنۇڭلار، مەيلى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە پادىشاھ بولسۇن، مەيلى ئۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن يامانلىق قىلغۇچىلارنى جازالايدىغان ياكى ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ماختايدىغان ئەمەلدارلار بولسۇن، ھەممىسىگە بويسۇنۇڭلار» (1-پېتر. 2:13، 14). خۇدانىڭ تەشكىلاتىمۇ بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، بەزى كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ. جىددىي ۋەزىيەتتە بىز بىلەن ئالاقە قىلالىشى ئۈچۈن، دائىم بىزدىن ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىمىزنى ئۇلارغا بېرىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. سىز شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟ بىز قېچىپ بارىدىغان جاي، ئاپەت ياردىمىگە ئېرىشىش ياكى باشقىلارغا ياردەم بېرىش ھەققىدە بەزى كۆرسەتمىلەرگە ئىگە بولىمىز. ئەگەر كۆرسەتمىلەرگە قۇلاق سالمىساق، ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە دۇچار قىلىشىمىز مۇمكىن. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، بۇ ساداقەتمەن كىشىلەر، ھاياتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن غەم قىلىدۇ (ئىبرانىي. 13:17). مارگارېت شۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئاقساقاللار ۋە خۇدا تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قۇلاق سالغىنىم ئۈچۈن ھاياتىم ئامان قالدى».
13. يۇرتلىرىنى تاشلاپ كەتكەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ خۇشاللىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىك تېپىشىغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
13 نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلار بالايىئاپەت، ئۇرۇش ياكى ئىچكى سىياسىي مالىمانچىلىق سەۋەبتىن ئۆي ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندا، دەرھال ئادەتتىكىدەك روھىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. يەنى، خۇددى بىرىنچى ئەسىردە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، جاي-جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىدەك، ئۇلار داۋاملىق خۇش خەۋەرنى جاكارلايدۇ (ئەلچى. 8:4). ۋەز خىزمىتى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ئەمەس، بەلكى خۇدا پادىشاھلىقىغا قارىتىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار خۇشاللىقىنى ۋە تىنچ-خاتىرجەملىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا تىنچ-خاتىرجەملىك تېپىش
14. زىيانكەشلىك قانداق قىلىپ تىنچ-ئامانلىقىمىزنى بۇزالايدۇ؟
14 زىيانكەشلىككە دۇچ كەلـگىنىمىزدە، بـىز تىنچ-خاتىرجەملىك تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالىمىز. مەسىلەن، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئەركىن-ئازادە جەم بولغاندا، ئوچۇق-ئاشكارە ۋەز قىلغاندا ۋە قولغا ئېلىنىشتىن ئەنسىرىمەي، نورمال ھايات كەچۈرگىنىمىزدە، خۇشال-خۇرام ياشاپ، كۆڭلىمىز قانائەت تاپىدۇ. ئەگەر زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىپ، ئاشۇ ئىشلارنى ئەركىن-ئازادە قىلالمىساق، نەتىجىدە غەم-ئەندىشىگە پېتىپ قېلىپ، ئاخىرىدا يەنە نېمە ئىش بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، قورقۇپ يۈرىمىز. بۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇش نورمال ئەھۋال. بىراق، بىز دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ھەزرىتى ئەيسا زىيانكەشلىكنىڭ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن (يۇھاننا 16:1، 2). ئۇنداقتا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، تىنچ-خاتىرجەملىكنى قانداق ساقىيالايمىز؟
15. نېمە ئۈچۈن زىيانكەشلىكتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك؟ (يۇھاننا 15:20؛ 16:33)
15 مۇقەددەس كىتاب بىزگە شۇنداق دەيدۇ: «مەسىھ ئەيساغا ئەگىشىپ، خۇداغا سادىق ھايات كەچۈرۈشنى ئىرادە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ» (2-تىموت. 3:12). ئاندرېي ئىسىملىك بىر بۇرادەر ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتە ۋەز قىلىش خىزمىتى مەنئىي قىلىنغاندا، يەھۋانىڭ ھەر بىر خىزمەتچىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيىن بولغان. ئۇ كۆڭلىدە، «بۇ يەردە شۇنچە كۆپ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بار، ھۆكۈمەت قانداقمۇ ھەممىمىزنى تۇتۇپ كېتەلەيدۇ» دەپ ئويلىغاچ، كۆڭلى تىنچ-خاتىرجەملىك تاپالماي، ھەردائىم غەم-ئەندىشە قىلىپ يۈرگەن. باشقا قېرىنداشلار بولسا، بۇ ئىشنى يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قولىغا ئېلىنىشى ھەققىدە غەم قىلمىغان. قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭمۇ قولغا ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاندرېيغا ئوخشاش ئارتۇق غەم-ئەندىشە قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاندرېي ئۆز كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئاشۇ قېرىنداشلارغا ئوخشاش، چىن قەلبىدىن يەھۋاغا ئىشەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئۆزىنى تىنچ-خاتىرجەم ھېس قىلغان. ئۇ ھازىر قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، خۇشاللىق تېپىپ ياشايدۇ. بىزمۇ شۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. ئەيسا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى ئېيتقاندا، ئۇ يەنە بىزنىڭ ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلالايدىغانلىقىمىزنىمۇ ئېيتقان.—يۇھاننا 15:20؛ 16:33-نى ئوقۇڭ.
16. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، قانداق كۆرسەتمىگە بويسۇنۇشىمىز كېرەك؟
16 بىزنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىمىز مەنئىي قىلىنغاندا ياكى نۇرغۇن تەرەپلەردىن چەكلەنگەندە، بىز يەرلىك بەيتەل ياكى ئاقساقاللاردىن بەزى كۆرسەتمىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز. ئاشۇ كۆرسەتمىلەر بىزنى قوغداش، روھىي ئوزۇقلۇقلارغا داۋاملىق ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىمكانقەدەر داۋاملىق ۋەز ئېيتىشىمىزغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەتتا ئاشۇ بېرىلگەن كۆرسەتمىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەن بولسىڭىزمۇ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئۈچۈن قولۇڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشىڭ. يەنە قېرىنداشلىرىمىز ياكى جامائىتىمىزنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىلىشكە ھەققى يوق كىشىلەرگە ھېچقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلىماڭ.—ۋەز 3:7.
قىيىن ۋەزىيەتلەردە تىنچ-خاتىرجەملىك تېپىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (17-ئابزاسقا قاراڭ)e
17. بىز بىرىنچى ئەسىردىكى ئەلچىلەرگە ئوخشاش، نېمە قىلىشنى قارار قىلدۇق؟
17 شەيتاننىڭ خۇدا خەلقىگە قارشى جەڭ قىلىشىدىكى بىر سەۋەب — ئۇلار ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلىدۇ (ۋەھىي. 12:17). شەيتان ۋە ئۇنىڭ دۇنياسىنىڭ سىزنى قورقۇتىشىغا يول بەرمەڭ. قارشىلىقلارغا قارىماي ۋەز ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش بىزگە خۇشال-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىق بېرىدۇ. بىرىنچى ئەسىردە يەھۇدىي دىنىي يېتەكچىلەر ئەلچىلەرگە ۋەز قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرىغاندا، ئۇلار كىشىلەرگە ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشنى تاللىغان. ئۇلار داۋاملىق ۋەز قىلغان ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپقان (ئەلچى. 5:27–29، 41، 42). ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىمىز چەكلەنگەندە، ۋەز خىزمىتىدە چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك (مەتتا 10:16). ئەمما، قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىش ۋە ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان خەۋەرنى يەتكۈزۈشتىن كېلىدىغان تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىمىز.
خۇدانىڭ تىنچلىقى سىز بىلەن بولىدۇ
18. كىم بىزگە ھەقىقىي تىنچلىقنى بېرەلەيدۇ؟
18 ئـەڭ قىيىن ۋەزىيەتلەردىمۇ، بـىزنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىڭ. شۇنداق ۋەزىيەتلەردە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، بىز خۇدانىڭ تىنچلىقىغا مۇھتاج. بۇ تىنچلىقنى پەقەت يەھۋا بىزگە بېرەلەيدۇ. يۇقۇملۇق كېسەل، بالايىئاپەت ياكى زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەندە، يەھۋا خۇداغا ئىشەنچ باغلاڭ. ئۇنىڭ تەشكىلاتىغا يېقىن تۇرۇڭ. دىققىتىڭىزنى سىزنى كۈتۈۋاتقان ئاجايىپ گۈزەل كېلەچەككە ئاغدۇرۇڭ. شۇنداق قىلغىنىڭىزدا، خۇدانىڭ تىنچلىقى سىز بىلەن بولىدۇ (فىلىپى. 4:9). كېيىنكى ماقالىدە، ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ خۇدانىڭ تىنچلىقىغا ئېرىشىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىمىز ھەققىدە ئۆگىنىمىز.
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز
a يەھۋا سۆيىدىغان كىشىلەرگە، ئۇ تىنچ-ئامانلىق بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. خۇدا بېرىدىغان تىنچلىق دېگەن نېمە ۋە ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشەلەيمىز؟ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، بالايىئاپەتلەر ياكى زىيانكەشلىكلەرگە دۇچ كەلگەندە، «خۇدانىڭ تىنچلىقى» بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بۇ ماقالە مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c 2017-يىل، «ئويغىنىش!» ژۇرنىلى، 5-سانىدىكى «بالايىئاپەت يۈز بەرگەندە ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزۇشنىڭ يوللىرى» ناملىق ماقالىنى ئوقۇڭ.
d سۈرەتتە: تىنچ-ئامان بىر يەرگە يېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويغان قېرىنداش.
e سۈرەتتە: ۋەز خىزمىتىمىز چەكلەنگەن جايدا ياشايدىغان بىر بۇرادەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ۋەز قىلىۋاتىدۇ