كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 دېكابىر 15-‏ب.‏
  • ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • 1-‏قىسىم
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 دېكابىر 15-‏ب.‏

ئېسىڭىزدە بارمۇ؟‏

سىز بۇ يىلقى «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رناللىرىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ ئوقۇ‌دىڭىزمۇ؟‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرە‌لە‌مسىز؟‏

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن سۆزلىشىپ،‏ ئۇ‌نى تىڭشاپ ۋە ئۇ توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقارساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏

بىز توغرا قارارلارنى چىقىرىمىز،‏ ياخشى تە‌لىم بە‌رگۈچى بولىمىز ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىمىز كۈچىيىپ،‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز چوڭقۇ‌رلىشىدۇ.‏‏—‏ك‌م01.‏22،‏ 30،‏ 31-‏ب.‏

يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ ئىشىنىپ مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى تاپشۇ‌رغان قېرىنداشلارغا ئىشىنىشنى ئۆگە‌نسە‌ك،‏ بۇ‌نىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

ھازىر ئاقساقاللارنىڭ كۆرسە‌تمىلىرى ۋە قارارلىرىدىن گۇ‌مانلانماي،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىش قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىدىغان ۋاقىت.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ چوڭ بالايىئاپە‌ت كە‌لگە‌ندە،‏ بىزگە بېرىلىدىغان يول-‏يۇ‌رۇ‌قلار ھېچ ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق ئە‌مە‌ستە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نۇ‌ش قىيىن بولمايدۇ.‏‏—‏ك‌م02.‏22،‏ 4–‏6-‏ب.‏

پە‌رىشتىنىڭ ھاكىم زە‌رۇ‌بابىلنىڭ قولىدىكى تىك ئۆلچە‌م تېشى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏زە‌كە‌رىيا 4:‏8–‏10)‏

بۇ ۋە‌ھىي گە‌رچە ئىبادە‌تخانا ئاددىيدە‌ك كۆرۈنسىمۇ،‏ ئاخىرىغىچە سېلىنىدىغانلىقىنى ۋە يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏‏—‏ك‌م03.‏22،‏ 16،‏ 17-‏ب.‏

بىز سۆزلىرىمىزدە باشقىلارغا قانداق ئۈلگە بولالايمىز؟‏ (‏1-‏تىموت.‏ 4:‏12)‏

بىز ۋە‌ز خىزمىتىدە مېھرىبانلىق ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن سۆزلە‌يمىز،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا چىن يۈرە‌كتىن مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىمىز،‏ دائىم جاۋابلارنى بېرىپ تۇ‌رىمىز ۋە ھە‌رقاچان راست سۆزلە‌پ،‏ باشقىلارنى ھاقارە‌تلە‌يدىغان ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدىغان سۆزلە‌رنى قىلىمىز.‏‏—‏ك‌م04.‏22،‏ 6–‏9-‏ب.‏

دانىيال 7-‏بابتىكى تۆت ۋە‌ھشىي ھايۋان ياكى پادىشاھلىقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى نېمە ئۈچۈن ۋە‌ھىيلە‌ر 13:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ بىر ھايۋاندا ئىپادىلە‌نگە‌ن؟‏

ۋە‌ھىيلە‌ر 13-‏بابتىكى ھايۋان رىمغا ئوخشاش بىرلا پادىشاھلىقنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئىنسانىيە‌تكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ھە‌ممە سىياسىي كۈچلە‌رگە سىمۋوللۇ‌ق قىلىنىدۇ.‏‏—‏ك‌م05.‏22،‏ 9-‏ب.‏

خۇ‌دانىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ ئە‌ڭ ئاساسىي يولى قانداق؟‏

بىرسى بىزنى ھاقارە‌تلىسە،‏ خاپا قىلسا ياكى بىزگە قارشى گۇ‌ناھ قىلسا،‏ ھە‌ممىنى يە‌ھۋانىڭ قولىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ،‏ ئاچچىقلانمايمىز ۋە ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلىمايمىز.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھ سە‌ۋە‌بلىك پە‌يدا بولغان بارلىق يامانلىقنى يوق قىلىدۇ.‏‏—‏ك‌م06.‏22،‏ 10،‏ 11-‏ب.‏

جامائە‌تنىڭ نامىدىن دۇ‌ئا قىلغان بۇ‌رادە‌ر نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشى كېرە‌ك؟‏

دۇ‌ئا جامائە‌تتىكىلە‌رگە نە‌سىھە‌ت بېرىش ياكى ئۇ‌قتۇ‌رۇ‌شلارنى قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلمايدۇ.‏ دۇ‌ئا قىلىدىغان بۇ‌رادە‌ر بولۇ‌پمۇ يىغىلىشنىڭ بېشىدا كۆپ سۆزلە‌پ كېتىشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شى لازىم (‏مە‌تتا 6:‏7‏)‏.‏‏—‏ك‌م07.‏22،‏ 24،‏ 25-‏ب.‏

قايسى مە‌نىدە «يامانلىق قىلغانلار ھۆكۈم ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلىدۇ؟‏» (‏يۇ‌ھاننا 5:‏29)‏

ئۇ‌لار ئۆلۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىگە ئاساسە‌ن سوتلانمايدۇ.‏ ئۇ‌لار كە‌لگۈسىدە تىرىلگە‌ندىن كېيىن قىلغان ئىشلىرى ۋە كۆزقارىشىغا ئاساسە‌ن ھۆكۈم قىلىنىدۇ.‏‏—‏ك‌م09.‏22،‏ 18-‏ب.‏

ج.‏ ف.‏ رۇ‌تېرفورد 1922-‏يىل،‏ سېنتە‌بىردە ئۆتكۈزۈلگە‌ن چوڭ يىغىلىشتا قاتناشقۇ‌چىلارنى قانداق مۇ‌ھىم ئىشنى قىلىشقا ئۈندىگە‌ن؟‏

سىدار-‏پوينتتا (‏ئوخايو شتاتى،‏ ئامېرىكا)‏ ئۆتكۈزۈلگە‌ن چوڭ يىغىلىشتا،‏ ئۇ:‏ «مانا،‏ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا.‏ بىز ئۇ‌نىڭ ۋە‌كىللىرى.‏ شۇ‌ڭا،‏ پادىشاھنى ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلاڭلار،‏ جاكارلاڭلار،‏ جاكارلاڭلار!‏»—‏ دېگە‌نىدى.‏‏—‏ك‌م10.‏22،‏ 3–‏5-‏ب.‏

يە‌شايا 30-‏بابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىزغا قانداق ئۈچ ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

بۇ بابتا يە‌ھۋا (‏1)‏ دۇ‌ئالىرىمىزنى تىڭشاپ،‏ جاۋاب بېرىدىغانلىقى،‏ (‏2)‏ بىزنى يېتە‌كلە‌يدىغانلىقى،‏ (‏3)‏ ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتە بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئېيتىلغان.‏‏—‏ك‌م11.‏22،‏ 9-‏ب.‏

نېمە ئۈچۈن زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌ردىكى بېشارە‌تلىك سۆزلە‌ر قە‌دىمدە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى ۋە كېلە‌چە‌كتىمۇ ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ دېيە‌لە‌يمىز؟‏

داۋۇ‌تنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىسرائىل خە‌لقى بە‌رىكە‌تكە ئېرىشكە‌ن سۇ‌لايمان پادىشاھ زامانىدىكى تىنچلىق-‏خاتىرجە‌ملىكنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بولسا،‏ 11-‏ئايە‌تنى كە‌لتۈرۈپ،‏ كە‌لگۈسى جە‌ننە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان (‏مە‌تتا 5:‏5؛‏ لۇ‌قا 23:‏43)‏.‏‏—‏ك‌م12.‏22،‏ 8–‏10،‏ 14-‏ب.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش