7-تەتقىق ماقالىسى
«دانالارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغىن»
«دانالارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالغىن».—پەند. نە 22:17.
43-ناخشا ھوشىيار، مەھكەم ۋە قەيسەر بول!
بۇ ماقالىدەa
1. قانداق ئەھۋالدا بىزگە نەسىھەت بېرىلىشى مۇمكىن؟ نېمە ئۈچۈن ھەممىمىز نەسىھەتكە مۇھتاج؟
ھەممىمىز نەسىھەتكە مۇھتاج. بەزىدە، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىمىز ھۆرمەتلەيدىغان بىرىدىن مەسلىھەت سورايمىز ۋە ئۇنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلايمىز. ئۇندىن باشقا، بىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر بۇرادەر كېيىنچە پۇشايمان قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنى خاتا قەدەمدىن ئاگاھلاندۇرۇشى مۇمكىن (گالاتىيا. 6:1). ھەتتا ئېغىر خاتالىق سادىر قىلغاندىن كېيىن، بىزنى تۈزىتىش ئۈچۈن نەسىھەت بېرىلىدۇ. مەيلى قانداق سەۋەبتىن بىزگە نەسىھەت بېرىلسۇن، بىز چوقۇم ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق، ھەتتا ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالىدۇ.—پەند. نە 6:23.
2. پەندى-نەسىھەت 12: 15-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن نەسىھەتكە قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك؟
2 بۇ ماقالىدىكى ئاساسىي ئايەت بىزنى «دانالارنىڭ سۆزلىرىگە» قۇلاق سېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (پەند. نە 22:17). دۇنيادا ھېچكىم ھەممە نەرسىنى بىلمەيدۇ. بىز ھەمىشە ئۆزىمىزدىن بىلىملىك ۋە تەجرىبىلىك ئادەملەرنى ئۇچرىتىمىز (پەندى-نەسىھەت 12: 15-نى ئوقۇڭ). نەسىھەتكە قۇلاق سېلىش كەمتەرلىكنىڭ بەلگىسىدۇر. بۇ كەمچىلىكلىرىمىز بارلىقىنى ۋە مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن، بەزى ياردەملەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا دانا پادىشاھ سۇلايمانغا مۇنۇ سۆزلەرنى يازدۇرغان: «مەسلىھەتچى كۆپ بولسا ئەمەلگە ئاشار».—پەند. نە 15:22.
بۇ ئىككى ئۇسۇلدا بېرىلگەن نەسىھەتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىن؟ (3، 4-ئابزاسلارغا قاراڭ)
3. بىزگە قايسى ئىككى خىل ئۇسۇلدا نەسىھەت بېرىلىشى مۇمكىن؟
3 بىزگە ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە نەسىھەتلەر بېرىلىشى مۇمكىن. ۋاسىتىلىك نەسىھەت دېگەن نېمە؟ بىز مۇقەددەس كىتاب ياكى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشىرى ماتېرىياللارنى ئوقۇغاندا، بەزى مەزمۇنلار بىزنى توختىتىپ، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشكە دەۋەت قىلىشى مۇمكىن (ئىبرانىي. 4:12). بۇ ۋاسىتىلىك بېرىلگەن نەسىھەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا، بىۋاسىتە نەسىھەت دېگەن نېمە؟ بىر ئاقساقال ياكى ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن بۇرادەر بىزنىڭ قايسى تەرەپتىن ئۆزىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ بىۋاسىتە نەسىھەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بىر كىشى بىزنى ياخشى كۆرسە، بىزگە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ نەسىھەت بېرىدۇ. شۇڭا، باشقىلارنىڭ نەسىھەت سۆزلىرىدىن مىننەتدار بولۇشىمىز ۋە چىن قەلبىمىزدىن ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم.
4. ۋەز 7:9-ئايەتكە ئاساسەن، بىزگە نەسىھەت قىلىنغاندا قانداق ئىنكاس قايتۇرماسلىقىمىز كېرەك؟
4 ئەگەر بىرسى بىزگە بىۋاسىتە نەسىھەت بەرسە، ئۇنى قوبۇل قىلىش بەك قىيىن بولۇشى، ھەتتا رەنجىشىمىز مۇمكىن. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ گەرچە ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ نامۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييار بولساقمۇ، باشقىلار مەلۇم بىر خاتالىقىمىزنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇنى قوبۇل قىلىش تەسكە توختايدۇ (ۋەز 7:9-نى ئوقۇڭ). بۇ ۋاقىتتا، بىز باھانە-سەۋەب كۆرسىتىشىمىز؛ نەسىھەت بەرگۈچىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىدىن گۇمانلىنىشىمىز ياكى نەسىھەت بېرىش ئۇسۇلىدىن رەنجىشىمىز مۇمكىن. ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئىزدەپ، شۇنداق ئويلايمىز: «ئۇنىڭ ماڭا نەسىھەت بېرىدىغان ھوقۇقى يوق! ئۇ ئۆزىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغۇ؟!». ئەگەر شۇ نەسىھەتنى بىزگە ماس كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلساق، بىز ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماسلىقىمىز ۋە قۇلىقىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىشىمىز مۇمكىن.
5. بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
5 بۇ ماقالىدە، مۇقەددەس كىتابتىكى نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالمىغان بەزى سەلبىي مىساللار ۋە نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلغان ئىجابىي مىساللار ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىپ، نەسىھەتنى قوبۇل قىلساق، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىمىزگە نېمە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.
ئۇلار نەسىھەتنى رەت قىلغان
6. پادىشاھ رېھابامنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
6 رېھابامنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغاندىن كېيىن، پۇقرالار ئۇنىڭ ئالدىغا دەردىنى ئېيتىپ كەلگەن. خەلق ئۇنىڭدىن ئاتىسى سۇلايمان ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئۆتۈنگەن. رېھابام دانا يول تۇتۇپ، ئالدى بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن قانداق جاۋاب قايتۇرۇش ھەققىدە مەسلىھەت سورىغان. ئاقساقاللار بولسا، پادىشاھ خەلقنىڭ دائىم قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قوشۇلۇش مەسلىھىتىنى بەرگەن (1-پادىشاھ. 12:3–7). ئەمما، رېھابام شۇ مەسلىھەتتىن خۇرسەن بولماي، ئەكسىچە ئۆزى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلاردىن مەسلىھەت سورىغان. بەلكىم، ئۇلار 40 ياشلاردىن ئاشقان ۋە بەزى تۇرمۇش تەجرىبىلىرى بار كىشىلەر بولغان (2-تارىخ. 12:13). بىراق، بۇ ۋەزىيەتتە، ئۇلار رېھابامغا يامان مەسلىھەت بېرىپ، ئۇنى خەلقنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا قايىل قىلغان (1-پادىشاھ. 12:8–11). ئىككى خىل قارىمۇ-قارشى كۆزقاراشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رېھابام دۇئا قىلىپ، قايسى مەسلىھەت بويىچە قىلىشنى يەھۋادىن سورىشى ئىدى. بەك ئەپسۇس، ئۇ شۇنداق قىلمىغان. ئەكسىچە، رېھابام ئۆزى ئاڭلاشنى خالىغان، تەڭتۇشلىرىنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىشنى تاللىغان. نەتىجىدە، ئۇ ئۆزى ۋە ئىسرائىل خەلقى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟ بىزگە بېرىلگەن تەكلىپ-پىكىرلەر ھەردائىم قولىقىمىزغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەر بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما، ئۇلار مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان، بىز چوقۇم ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.
7. پادىشاھ ئۇززىيانىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
7 پادىشاھ ئۇززىيا نەسىھەتنى رەت قىلغان. ئۇ يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ پەقەت روھانىيلار كىرىشكە بولىدىغان بۆلۈمىگە كىرىپ، خۇشپۇراق ئىسرىقنى كۆيدۈرمەكچى بولغان. روھانىي ئۇنىڭغا: «ئەي ئۇززىيا، يەھۋاغا خۇشبۇي ئىسرىقنى ياندۇرۇش سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس! خۇشبۇي ئىسرىقنى ياندۇرۇش مۇقەددەس قىلىنغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار قىلىدىغان ئىشتۇر»،— دېگەن. ئۇززىيا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئەگەر ئۇ شۇ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، دەرھال ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، يەھۋا بەلكىم ئۇنى كەچۈرگەن بولاتتى. ئەمما، ئۇززىيا روھانىيلارغا قاتتىق ئاچچىقلانغان ئىدى. ئۇ نېمە ئۈچۈن نەسىھەتنى رەت قىلغان؟ بەلكىم، ئۇ: «مەن پادىشاھ، نېمە قىلىشنى خالىسام، شۇنى قىلىش ھوقۇقۇم بار»،— دەپ ئويلىغاندۇ. ئەمما، يەھۋا ئۇنىڭ قىلغان ئىشىدىن خۇرسەن بولمىغان. ئۇززىيا ئۆزىنىڭ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ئىشنى قىلغاچ، خۇدا ئۇنى جازالىغان. ئۇ ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، تاكى ئۆلگىچە شۇ كېسەلدىن ساقىيالىمغان ئىدى (2-تارىخ. 26:16–21). بىز ئۇززىيانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟ مەيلى كىم بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەسىھەتنى رەت قىلساق، يەھۋانىڭ ماقۇللىشىدىن مەھرۇم قالىمىز.
ئۇلار نەسىھەتنى قوبۇل قىلغان
8. بېرىلگەن نەسىھەتكە ئايۇپ قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
8 نەسىھەتنى رەت قىلغانلارنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ھازىر مۇقەددەس كىتابتا نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، خۇدانىڭ بەرىكەتلىرىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ باقايلى. مەسىلەن، ئايۇپ خۇدانى سۆيگەن ۋە ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى خالىغان. ئەمما، ئۇمۇ نامۇكەممەل ئادەم ئىدى. ھەددىدىن زىيادە بېسىم ئاستىدا، ئۇ بەزى خاتا كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلغان. نەتىجىدە، ئېلىخۇ ۋە يەھۋا ھەر ئىككىسى ئۇنىڭغا بىۋاسىتە مەسلىھەت بەرگەن. ئايۇپ قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ كەمتەرلىك بىلەن نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن چۈشەنمەي تۇرۇپ، ... سۆزلىدىم. ... شۇڭا، ئېيتقان سۆزلىرىمنى قايتۇرۇۋالىمەن، توپا ۋە كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇرۇپ توۋا قىلىمەن». ئايۇپ كەمتەر بولغاچ، كېيىن يەھۋا ئۇنى بەرىكەتلىگەن.—ئايۇپ 42:3–6، 12–17.
9. نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشتا، مۇسا قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان؟
9 نەسىھەتنى قوبۇل قىلغانلار ئارىسىدا، مۇسامۇ ياخشى بىر ئۈلگە. ئۇ ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تۈزىتىشنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بىر قېتىم، مۇسا قاتتىق غەزەپلەنگەچ، يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرمىگەن. مۇشۇ سەۋەبتىن، يەھۋا مۇسانىڭ ئىسرائىللارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان (سانلار 20:1–13). مۇسا چىقىرىلغان بۇ قاراردىن ئۈمىدسىزلىنىپ، يەھۋادىن بۇ قارارنى قايتا ئويلىشىشنى ئۆتۈنگەن. بىراق، يەھۋا ئۇنىڭغا: «ئەمدى بولدى. بۇ ئىش توغرىسىدا ماڭا قايتا سۆز قىلمىغىن»،— دېگەن (تەكرار. قا 3:23–27). مۇسا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ ئاچچىقلانمىغان، ئەكسىچە يەھۋانىڭ قارارىنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلغان ۋە يەھۋا داۋاملىق ئۇنى ئىسرائىللارغا يېتەكچى قىلغان (تەكرار. قا 4:1). ئايۇپ ۋە مۇسا پەيغەمبەر ھەر ئىككىسى نەسىھەتنى قوبۇل قىلغان. ئۇلار بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە. ئايۇپ باھانە-سەۋەب كۆرسەتمەي، ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى تۈزەتكەن. ھەتتا، مۇسا شان-شەرەپلىك ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ، يەھۋانىڭ نەسىھىتىنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
10. (1) پەندى-نەسىھەت 4: 10–13-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ (2) بەزى قېرىنداشلار نەسىھەت ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
10 ئەگەر ئايۇپ ۋە مۇسادەك ساداقەتمەن كىشىلەرنى ئۈلگە قىلساق، بىز ئۈچۈن پايدىسى بار (پەندى-نەسىھەت 4: 10–13-نى ئوقۇڭ). نۇرغۇن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز دەل شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. كونگودا ياشايدىغان ئىممانوئېل مۇنداق دەيدۇ: «جامائەتتىكى بەزى پىشىپ يېتىلگەن قېرىنداشلار مېنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنەپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، دەرھال ياردەم قولىنى سۇندى. مەن ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىپ قالدىم»b. كانادادىكى مېگان ئىسىملىك بىر پىدائىي ۋەز ئېتقۇچى، نەسىھەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «شۇلار دائىم ئاڭلىغۇم يوق سۆزلەر بولسىمۇ، ئەمما مەن شۇلارنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدى». كرودىيىدىكى ماركو ھەم مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىر ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قالدىم. ئەمما، كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغىنىمدا، شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، مەن نەسىھەتنى قوبۇل قىلغاچ، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى قايتا كۈچەيتەلىدىم».
11. بۇرادەر كارل كلېين نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە نېمە دېگەن؟
11 يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولغان بۇرادەر كارل كلېين نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشتا، بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا، ياخشى دوستى رۇتېرفوردنىڭ ئۇنىڭغا قاتتىق نەسىھەت بەرگەندە، دەسلەپتە كۆڭلى رەنجىپ، نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش قىيىن بولغانلىقىنى ئېيتقان. بۇرادەر كلېين قايتا رۇتېرفورد بىلەن كۆرۈشكەندە، نېمە ئىش بولغانلىقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ خۇشال ھالدا: كارل، قانداق ئەھۋالىڭ؟— دەپ سالاملاشتى. مەن يەنىلا رەنجىپ يۈرگەچ، ئېغىزىمنى مىدىرلىتىپ، مۇنداقلا سالاملاشتىم. ئۇ ماڭا قايتۇرۇپ: «كارل، ئېھتىيات قىل! شەيتان سېنى پايلاپ يۈرۈيدۇ!»— دېدى. مەن خىجىل بولۇپ: «رۇتېرفورد بۇرادەر، راست! مەن سىزگە خاپا بولمۇدۇم»،— دېدىم. ئەمما، ئۇنىڭغا خاپا بولغۇنۇمنى ئۇ بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ: سېنى چۈشىنىمەن كارل. ئېھتىيات قىل، شەيتان سېنى پايلاپ يۈرۈيدۇ!»— دېدى. رۇتېرفوردنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا ئىدى. بولۇپمۇ، بىزگە نەسىھەت بېرىشكە تېگىشلىك بولغاندا، مەسئۇلىيەتلىك قېرىنداشلار نەسىھەت بەرسە، شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆچ-ئاداۋەت ساقلاپ يۈرسەك،... ئاسانلا شەيتاننىڭ تۇزىغىغا چۈشۈپ قالىمىزc (ئەفەس. 4:25–27). بۇرادىرىمىز كلېين، رۇتېرفوردنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلار ئىنتايىن يېقىن دوستلۇقىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.
نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12. كەمتەر بولۇش نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (زەبۇر 141:5)
12 بىزنىڭ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بىز چوقۇم كەمتەر بولۇپ، شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى: بىز ھەقىقەتەن نامۇكەممەل ۋە بەزىدە ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىمىز. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئايۇپ خاتا كۆزقاراشتا بولغان، ئەمما، ئۇ كېيىن ئۆز كۆزقارىشىنى تۈزەتكەن ۋە يەھۋانىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەن. نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى، ئايۇپ ئۆزىدىن ياش ئېلىخۇنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەمتەرلىكىنى كۆرسەتكەن (ئايۇپ 32:6، 7). بەزىدە بىزگە نەسىھەت قىلغان كىشى بىزدىن ياش بولۇشى ياكى ئۆزىمىزنى شۇنداق نەسىھەتكە مۇھتاج ئەمەستەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق چاغلاردا، كەمتەرلىك بىزنىڭ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. كانادادىكى بىر ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى باشقىلار كۆرگەندەك كۆرەلمەيمىز، ئەگەر ھېچكىم بىزگە نەسىھەت بەرمىسە، بىزنىڭ داۋاملىق ئالغا بېسىشىمىز ئىنتايىن قىيىن بولمامدۇ؟» ئەلۋەتتە، ھەممىمىز مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈپ، كىشىلەرگە ۋەز ئېيتىش ۋە تەلىم بېرىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈشنى خالايمىز.—زەبۇر 141:5-نى ئوقۇڭ.
13. بېرىلگەن نەسىھەتكە قانداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟
13 نەسىھەتنى يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراڭ. ياراتقۇچىمىز ھەمىشە بىز ئۈچۈن ياخشى بولۇشىنى ئويلايدۇ (پەند. نە 4:20–22). ئۇ ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب، ئۇنىڭغا ئاساسلانغان نەشىرى ماتېرىياللار ياكى پىشىپ يېتىلگەن ئېتىقادچىلار ئارقىلىق نەسىھەت بېرىپ، بىزگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىبرانىيلار 9:12، 10-ئايەتلەر، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى «بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن»،— دەيدۇ.
14. نەسىھەت بېرىلگەندە، نېمىگە دىققەت ئاغدۇرۇشىمىز كېرەك؟
14 نەسىھەتنىڭ بېرىلىش ئۇسۇلىغا ئەمەس، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت ئاغدۇرۇڭ. بەزىدە، بىز باشقىلارنىڭ نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلىنى ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، نەسىھەت بەرگۈچى قارشى تەرەپ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇلدا ئوي-پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا تىرىشىشى كېرەكd (گالاتىيا. 6:1). ئەمما، بىز نەسىھەت ئاڭلىغۇچى بولساق، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز نەسىھەتنىڭ قانداق بېرىلىشىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۆز-ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: «نەسىھەت بېرىش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمىساممۇ، شۇ ئېيتىلغان سۆزلەر ھەقىقەتەن ئورۇنلۇقمۇ؟ نەسىھەت بەرگۈچىنىڭ كەمچىلىكىگە دىققەت قىلماي، نەسىھەتتىن قانداق پايدىلىق نەرسىنى ئۆگىنەلەيمەن؟». نەسىھەت قانداق ئۇسۇلدا بېرىلىشىگە قارىماي، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ يېتىشكە تىرىشساق، دانا ئىش قىلغان بولىمىز.—پەند. نە 15:31.
تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت سوراڭ، پايدىسىنى كۆرۈسىز
15. نېمە ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت سورىشىمىز كېرەك؟
15 مۇقەددەس كىتاب بىزنى باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراشقا دەۋەت قىلىدۇ. پەندى-نەسىھەت 13: 10-ئايەت مۇنداق دەيدۇ: «بىر-بىرىدىن مەسلىھەت سورىغانلاردا ھېكمەت بار». بۇ سۆزلەر ھەقىقەتەن توغرا! ئەگەر بىز باشقىلارنىڭ بىزگە نەسىھەت قىلىشىنى كۈتمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت سورايدىغان بولساق، دانا قارارلارنى چىقىرىپ، ئىمان-ئېتىقادتا تېخىمۇ پىشىپ يېتىلەلەيمىز. شۇڭلاشقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت سوراڭ.
ياشراق قېرىنداش نېمە ئۈچۈن پىشىپ يېتىلگەن قېرىنداشتىن مەسلىھەت سورايدۇ؟ (16-ئابزاسقا قاراڭ)
16. قانداق ئەھۋاللاردا، بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىساق بولىدۇ؟
16 قانداق ئەھۋالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىشىمىز مۇمكىن؟ بىرقانچە ئەھۋالنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى. (1) بىر قېرىنداش تەجرىبىلىك ۋەز ئېيتقۇچىنى مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، كېيىن ياخشى تەلىم بەرگۈچى بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت سورايدۇ. (2) ياش قېرىنداش كىيىم-كېچەك سېتىۋالماقچى بولۇپ، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن قېرىنداشتىن ئۆز تاللىشىنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى سورايدۇ. (3) بىر بۇرادەر تۇنجى قېتىم ئاممىۋىي نۇتۇق ئېيتىدۇ. شۇڭا، ئۇ تەجرىبىلىك نۇتۇق سۆزلىگۈچىدىن، ئۆزىنىڭ نۇتۇقىنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، نۇتۇق ئېيتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قايسى جەھەتتىن تىرىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشنى سورايدۇ. ئۇزۇن يىللار كۆپ قېتىم نۇتۇق ئېيتقان بىر بۇرادەر ئۆزىنىڭ نۇتۇق ئېيتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن باشقا تەجرىبىسى مول نۇتۇق ئېيتقۇچىدىن مەسلىھەت سورايدۇ.
17. نەسىھەتنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
17 بەلكىم، بىرقانچە ھەپتە ياكى ئايلار ئىچىدە، ھەممىمىزگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا نەسىھەت بېرىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، سىز بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىپ ئۆتكەن مۇھىم نۇقتىلارنى ئەسكە ئېلىڭ. كەمتەر بولۇڭ. نەسىھەتنىڭ بېرىلىش ئۇسۇلىغا ئەمەس، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت ئاغدۇرۇڭ. نەسىھەتنى ئەمەلىي قوللىنىشقا تىرىشىڭ. ھېچكىم دانا بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. ئەمما، خۇدا سۆزى: «دانا كىشى بولۇش ئۈچۈن نەسىھەتنى ئاڭلا، تەربىيىنى قوبۇل قىلغىن»،— دەپ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىشقا ئۈندەيدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساق، دانا ئادەم بولىمىز.—پەند. نە 19:20.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
a يەھۋانىڭ خەلقى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەسىھەتكە قۇلاق سېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشىنىدۇ. ئەمما، بۇ بەزىدە ئاسان ئەمەس. نېمە ئۈچۈن؟ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
b بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
c «كۈزىتىش مۇنارى»، 1984-يىل، 1-ئۆكتەبىر سانى، 21–28-بەتلەرگە قاراڭ. (ئىنگىلىزچە)
d كېيىنكى ماقالىدە، نەسىھەت بەرگۈچىلەرنىڭ قانداق قىلىپ، پەم-پاراسەت بىلەن نەسىھەت بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.