24-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا رەھىم-شەپقىتى مول، كەچۈرۈمچان خۇدادۇر
«ئەي يەھۋا، سەن مېھىرىبان ۋە ئەپۇ قىلىشقا تەييارسەن. ساڭا ئىلتىجا قىلغانلاردىن سادىق سۆيگۈڭنى ھېچقاچان ئايىمايسەن».—زەبۇر 86:5.
6-ناخشا خۇدا خىزمەتچىسىنىڭ دۇئاسى
بۇ ماقالىدەa
1. سۇلايمان پادىشاھ ۋەز 7:20-ئايەتتە قانداق ھەقىقەتنى ئېچىپ بەرگەن؟
پادىشاھ سۇلايمان: «يەر يۈزىدە ھەردائىم ياخشىلىق قىلىپ، ھېچبىر گۇناھ قىلمىغان ئادىل كىشى يوقتۇر»،— دەپ يازغان (ۋەز 7:20). بۇ سۆزلەر ھەقىقەتتۇر! ھەممىمىز گۇناھكار (1-يۇھاننا 1:8). شۇڭا، ھەممىمىز خۇدا ۋە ئىنسانلارنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشكە موھتاج.
2. جان دوستىڭىز سىزنى كەچۈرگەندە، نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟
2 شەك-شۈبھىسىزكى، سىز جان دوستىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويغان ۋاقىتنى چوقۇم ئەسلىيەلەيسىز. دوستىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن چىن يۈرەكتىن كەچۈرۈم سورىدىڭىز. دوستىڭىز سىزنى كەچۈرگەندە، نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىڭىزنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىڭىز ۋە خۇشال بولدىڭىز!
3. بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بىز يەھۋانىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز بولۇشىنى خالايمىز. بىراق، بەزىدە گەپ-سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىمىز. شۇنداقتىمۇ، يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرۈشكە ھەرقاچان تەييار ئىكەنلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلالايمىز؟ يەھۋانىڭ كەچۈرۈم قىلىشى بىلەن بىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىمىز ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟ خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە كىملەر ئېرىشەلەيدۇ؟
يەھۋا كەچۈرۈشكە تەييار خۇدادۇر
4. نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالايمىز؟
4 مۇقەددەس يازمىلار بىزنى يەھۋا خۇدانىڭ كەچۈرۈم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ. پەرۋەردىگار يەھۋا پەرىشتە ئارقىلىق سىناي تېغىدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارە قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «يەھۋا، يەھۋا، مېھرىبان ۋە رەھىمدىل، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان، سادىق مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھەقىقىتى مول خۇدادۇر. مىڭلىغان ئىنسانلارغا سادىق مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، خاتالىقنى، سەۋەنلىكنى ۋە گۇناھنى كەچۈرىدۇ» (چىق. 34:6، 7). يەھۋا ھەقىقەتەن مېھىر-شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىل خۇدادۇر. ئۇ گۇناھىغا توۋا قىلغانلارنى ھەرقاچان كەچۈرۈشكە تەييار.—نەھەم. 9:17؛ زەبۇر 86:15.
ياراتقۇچى بىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەن ھاياتىمىزدا باشتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق ئىشلارنى ئوبدان بىلىدۇ (5-ئابزاسقا قاراڭ)
5. ياراتقۇچى يەھۋا ئىنسانلارنى بەش قولدەك ياخشى بىلگەچ، نېمە قىلىدۇ؟ (زەبۇر 103:13، 14)
5 يەھۋا ياراتقۇچىمىز بولغاچ، بىزنى بەش قولدەك ياخشى بىلىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ: خۇدا ھەربىر ئىنساننىڭ مىجەز-خۇلقى ھەققىدە ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى بىلىدۇ! (زەبۇر 139:15–17). دېمەك، ياراتقۇچى بىزنىڭ ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىدىن مىراس ئالغان بارلىق نامۇكەممەل تەرەپلىرىمىزنى كۆرەلەيدۇ. ئۇ ھەتتا بىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىمىزغا تەسىر قىلغان ھاياتىمىزدا باشتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق ئىشلارنى بىلىدۇ. شۇڭا، يەھۋا بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.—زەبۇر 78:39؛ زەبۇر 103:13، 14-نى ئوقۇڭ.
6. يەھۋا ئۆزىنىڭ كەچۈرۈشكە تەشنا ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغان؟
6 يەھۋا ئۆزىنىڭ ھەرقاچان كەچۈرۈشكە تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتىلىغان. ئۇ ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى سەۋەبلىك، بىزنىڭ ئۆلۈم ۋە گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ قالغانلىقىمىزنى چۈشىنىدۇ (رىملىقلار 5:12). بۇ قۇللۇقتىن ئۆزىمىزنى ياكى باشقا ئىنساننى ئازاد قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ (زەبۇر 49:7–9). ئەمما، كۆيۈمچان خۇدايىمىز رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. يۇھاننا 3:16-ئايەت شۇنى كۆرسىتىدۇكى، يەھۋا ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر يالغۇز ئوغلىنى بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشقا ئەۋەتكەنىدى (مەتتا 20:28؛ رىملىقلار 5:19). ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ھەربىر كىشىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئورنىمىزدا ئازاب چېكىپ ئۆلگەن (ئىبرانىي. 2:9). ئۆز ئوغلىنىڭ چىدىغۇسىز ئازابلىق ۋە ھاقارەتلىك ئۆلۈمىنى كۆرۈپ، يەھۋانىڭ قەلبى قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس! شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋا بىزنى كەچۈرۈشكە تەشنا بولمىغان بولسا، ئۆز ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە يول قويمىغان بولاتتى.
7. مۇقەددەس كىتابتا كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ قانداق مىساللىرى بار؟
7 مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ مىساللىرى كۆپ (ئەفەس. 4:32). كىم ئېسىڭىزگە كەلدى؟ بەلكىم، پادىشاھ ماناسسە. بۇ ئادەم يەھۋاغا قارشى بەك ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنغان ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ ئۆز ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق سۇنغان. ئۇ ھەتتا ئويما بۇتنى يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىغا قويۇپ، ئېغىر گۇناھ قىلغان. ئۇ ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتا: «ئۇ يەھۋانىڭ نەزىردە يامان بولغان ئىشلارنى» قىلدى دەپ يېزىلغان (2-تارىخ. 33:2–7). لېكىن، پادىشاھ ماناسسە گۇناھلىرىغا ھەقىقىي توۋا قىلغاندا، يەھۋا ئۇنى چىن قەلبىدىن كەچۈرگەن، ھەتتا ئۇنى قايتىدىن پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن (2-تارىخ. 33:12، 13). بەلكىم، زىناخورلۇق ۋە قاتىللىق قىلىپ، يەھۋاغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن داۋۇت پادىشاھمۇ ئېسىڭىزگە كەلگەندۇ. لېكىن، داۋۇت گۇناھلىرىغا ھەقىقىي توۋا قىلغاندا، يەھۋا ئۇنى چىن قەلبىدىن كەچۈرگەن (2-سام. 12:9، 10، 13، 14). شەك-شۈبھىسىزكى، ياراتقۇچىمىزنىڭ بىزنى كەچۈرۈشكە تەشنا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالايمىز. شۇنى كۆرىمىزكى، يەھۋانىڭ كەچۈرۈم قىلىشى ئىنسانلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.
يەھۋانىڭ كەچۈرۈم قىلىشى بەك ئۆزگىچە
8. يەھۋانىڭ ئەڭ ياخشى سوتچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كەچۈرۈمچان بولۇشىغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
8 تەڭرى يەھۋا پۈتكۈل جاھاننىڭ سوتچىسىدۇر (يارىت. 18:25). ئادەتتە ياخشى سوتچى قانۇنلارنى چوقۇم چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋا بىزنىڭ ئەڭ ياخشى سوتچىمىز، چۈنكى ئۇ ئۆزى بىز ئۈچۈن قانۇنلارنى چىقارغان ۋە شۇ قانۇنلارنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ (يەشايا 33:22). نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامانلىقىنى ھېچكىم يەھۋادەك چوڭقۇر چۈشىنەلمەيدۇ. ياخشى سوتچى يەنە نېمە قىلىشى كېرەك؟ ئۇ ئاۋۋال بارلىق ئامىللارنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن مەسىلىگە ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك. دېمەك، يەھۋا ئەڭ ياخشى سوتچىدۇر، چۈنكى ئۇ ھەرقاچان بارلىق ئامىللارنى ئوبدان بىلىدۇ.
9. يەھۋا كىشىنى كەچۈرۈم قىلىش-قىلماسلىقىنى قارار قىلغاندا، قانداق ئامىللارنى نەزەرگە ئالىدۇ؟
9 يەھۋا دائىم ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ بارلىق ئامىللىرىنى ئەڭ مۇكەممەل چۈشەنگەچ، باشقا سوتچىلاردىن پەرقلىنىدۇ (يارىت. 18:20، 21؛ زەبۇر 90:8). خۇدا ئادەملەر كۆرەلمىگەن ۋە ئاڭلىيالمىغان نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئۇ ئېرسىيەت، ئالغان تەلىم-تەربىيە، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇھىت، جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىق ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى مۇكەممەل چۈشىنىدۇ. يەھۋا ھەربىر ئىنساننىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقىنى چۈشەنگەچ، ئۇنىڭ نىيەتلىرى ۋە مەقسەت-مۇددىئالىرى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ. ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا ھەممە نەرسە ئاشكارىدۇر (ئىبرانىي. 4:13). شۇڭا، يەھۋا دائىم بارچە ئامىللارنى تولۇق بىلگەچكە، گۇناھكار كىشىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
يەھۋا ئادىل، ھەققانىي بولۇپ، ھەممىسىگە تەڭ قارايدۇ. ئۇ پارىخور ئەمەس (10-ئابزاسقا قاراڭ)
10. نېمە ئۈچۈن يەھۋا خۇدانىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرى ئادىل ۋە ھەقتۇر؟ (تەكرار قانۇن 32:4)
10 تەڭرى يەھۋانىڭ چىقارغان ھۆكۈملىرى دائىم ئادىل ۋە ھەقتۇر. ئۇ ھەممىسىگە تەڭ قارايدۇ. ئۇ بىر ئىنساننى كەچۈرۈم قىلىش ياكى قىلماسلىقنى، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، مال-دۇنياسى، شان-شۆھرىتى ياكى قابىلىيەتلىرىگە قاراپ قارار قىلمايدۇ (1-سام. 16:7؛ ياقۇپ 2:1–4). ھېچكىم پەرۋەردىگارغا بېسىم قىلالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا پارا بېرەلمەيدۇ (2-تارىخ. 19:7). خۇدا قارار چىقارغاندا، ھەرگىزمۇ ئاچچىقلانمايدۇ ياكى ھېس-تۇيغۇلارغا بېرىلمەيدۇ (چىق. 34:7). شەك-شۈبھىسىزكى، يەھۋا ئەڭ ياخشى سوتچى، چۈنكى ئۇ بىزنى ۋە بىزنىڭ ۋەزىيەتلىرىمىزنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.—تەكرار قانۇن 32:4-نى ئوقۇڭ.
11. يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقى ئىنسانلارنىڭ كەچۈرۈمچانلىقىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟
11 مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يازغۇچىلىرى ياراتقۇچى يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقى بەك ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بەزى قامۇسلاردا: «ئىبرانىي تىلىدىكى كەچۈرۈمچانلىق دېگەن سۆز ئىنسانلار بىر-بىرىنى قانداق كەچۈرۈم قىلىشىغا قارىتا ئەمەس، ئەكسىنچە پەقەت خۇدانىڭ توۋا قىلغانلارنى قانداق كەچۈرۈم قىلىشىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن»،— دەپ يېزىلغان. پەقەت تەڭرى يەھۋا گۇناھىغا توۋا قىلغان كىشىنى پۈتۈنلەي كەچۈرەلەيدۇ. ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمى بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
12، 13. (1) ئىنسان ياراتقۇچى يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەندە، نېمىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ؟ (2) يەھۋا قانداق كەچۈرىدۇ؟
12 يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكىنىمىزدە، تىنچ-خاتىرجەملىك، پاك ۋىجدان، شۇنىڭدەك ئارامبەخش ئېتىدىغان ۋاقىتتىن ھۇزۇرلىنىمىز. بۇنداق ھەقىقىي كەچۈرۈم ئىنسانلاردىن ئەمەس، ياراتقۇچى يەھۋا كېلىشى كېرەك (ئەلچى. 3:19). خۇدا بىزنى كەچۈرگەندە، بىز بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ھەتتاكى بىز ئۆزىمىزنى ھېچقاچان گۇناھ ئۆتكۈزۈپ باقمىغاندەك ھېس قىلىمىز.
13 يەھۋا بىزنى كەچۈرۈم قىلغاندىن كېيىن، ئەمدى قايتا ئۆتكۈزگەن گۇناھ ئۈچۈن بىزنى ئەيىبلىمەيدۇ ۋە جازالىمايدۇ (يەشايا 43:25؛ يەرەم. 31:34). مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «كۈن چىقىش كۈن پېتىشتىن يىراق بولسا قانچىلىك، ئۇ [يەھۋا] بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇرغان شۇنچىلىك» (زەبۇر 103:12). بىز ياراتقۇچىمىزنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ قانچىلىك مول ئىكەنلىكى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، ھاياجاندىن قەلبىمىز مىننەتدارلىققا تولىدۇ (زەبۇر 130:4). بىراق، كىملەر يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ؟
كىملەر يەھۋا كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ؟
14. يەھۋانىڭ كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىشى ھەققىدە نېمىنى بىلىۋالدۇق؟
14 كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋانىڭ كەچۈرۈم قىلىشى گۇناھنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكىگە باغلىق ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بىر كىشىنى كەچۈرۈش ياكى كەچۈرمەسلىكنى قارار قىلغاندا، ئۆز بىلىملىرىنى ياراتقۇچى، قانۇن چىقارغۇچى ۋە سوتچى سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق. يەھۋا قايسى ئامىللارنى نەزەرگە ئالىدۇ؟
15. لۇقا 12:47، 48-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا قانداق ئامىلنى نەزەرگە ئالىدۇ؟
15 ياراتقۇچىمىز بىر ئامىلنى، يەنى گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ خاتالىقىنى بىلگەن ياكى بىلمىگەنلىكىنى نەزەرگە ئالىدۇ. ئەيسا مەسىھ لۇقا 12:47، 48-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ)، بۇ ئامىلنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن. ئەگەر كىشى مەلۇم بىر ئىشنىڭ يەھۋانى رەنجىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن شۇ ئىشنى قىلسا، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. بۇنداق كىشىنى يەھۋا كەچۈرمەسلىكى مۇمكىن (ماركۇس 3:29؛ يۇھاننا 9:41). بىراق، شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بەزىدە قىلىپ قويغان ئىشىمىزنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يېتىمىز. ئەگەر شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولساق، خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلەيمىزمۇ؟ ھەئە! يەھۋا بىزنى كەچۈرۈم قىلىش-قىلماسلىقنى قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى يەنە بىر ئامىلنى نەزەرگە ئالىدۇ.
بىز چىن قەلبىمىزدىن توۋا قىلساق، يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرۈم قىلىشىغا ئىشىنەلەيمىز (16، 17-ئابزاسلارغا قاراڭ)
16. توۋا قىلىش دېگەن نېمە ۋە يەھۋا خۇدانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىشنى خالىساق، نېمە ئۈچۈن توۋا قىلىشىمىز لازىم؟
16 يەھۋا يەنە بىر ئامىل، يەنى كىشىنىڭ ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھىغا سەمىمىي توۋا قىلغان-قىلمىغانلىقىنى نەزەرگە ئالىدۇ. ھەقىقىي توۋا قىلىش بولسا، «ئوي-پىكىر قىلىش تەرزى، كۆزقاراشى ياكى مەقسىتىنى ئۆزگەرتىشنى» بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا، بۇ كىشىنىڭ ئۆزى قىلىپ قويغان يامان ئىشلار ياكى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن گۇناھىغا پۇشايمان قىلىشى ۋە قاتتىق قايغۇ-ھەسرەت چېكىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توۋا قىلغان كىشى پەقەت ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قوغدىماي، گۇناھقا قول تىققانلىقى ئۈچۈن قايغۇرىدۇ. ماناسسە ۋە داۋۇت پادىشاھ ھەر ئىككىسىنىڭ ئېغىر گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلەپ كۆرۈڭ. شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋا ئۇلارنى كەچۈرگەن. سەۋەبى، ئۇلار سەمىمىي توۋا قىلغان (1-پادىشاھ. 14:8). ھەقىقەتەن، تەڭرى يەھۋا بىزنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. بىراق، ئۇ بىزنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغانلىقىمىزنى كۆرۈشى كېرەك. شۇڭلاشقا، بىز ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپلا قويماي، ئۇنى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە كۆرسىتىشكە تەييار بولۇشىمىز لازىمb. يەھۋا نەزەرگە ئالىدىغان بۇنىڭدىنمۇ باشقا بىر ئامىل بار.
17. ئۆزگەرتىش دېگەن نېمە ۋە بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلارنى تەكرارلاشتىن نېرى بولۇشنى خالىساق، نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىشىمىز بەك مۇھىم؟ (يەشايا 55:7)
17 يەھۋا يەنە باشقا بىر ئامىل، ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىنى نەزەرگە ئالىدۇ. ئۆزگەرتىش يامان يولىدىن قايتىپ، يەھۋانىڭ ھەقىقەت يولىغا قايتىپ كېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (يەشايا 55:7-نى ئوقۇڭ). يەھۋانىڭ كۆزقارىشىغا ماس كۆزقاراشتا بولۇش ئۈچۈن كىشى ئۆز ئوي-پىكرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك (رىملىقلار 12:2؛ ئەفەس. 4:23). ئۇ چوقۇم بۇرۇنقى يامان ئوي-پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تاشلاشنى قەتئىي قارار قىلىشى كېرەك (كولوسى. 3:7–10). ئەلۋەتتە، ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىز، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىپ، گۇناھتىن پاك بولۇشىمىزنىڭ ھەقىقىي ئۇل-ئاساسىدۇر. ئەگەر بىز يامان يوللىرىمىزدىن قايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، يەھۋا بىزنى ئاشۇ قۇربانلىق ئاساسىدا كەچۈرىدۇ.—1-يۇھاننا 1:7.
يەھۋا كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ
18. يەھۋا خۇدانىڭ كەچۈرۈمچانلىقى ھەققىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلدۇق؟
18 ھازىر بىز مۇھاكىمە قىلغان بەزى ئاساسىي ئوي-پىكىرلەرنى قىسقىچە تەكرارلاپ ئۆتەيلى. يەھۋا پۈتكۈل كائىناتتىكى رەھىم-شەپقىتى مول، ھەقىقىي كەچۈرۈمچان خۇدادۇر. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېيەلەيمىز؟ بىرىنچى، ئۇ ھەرقاچان بىزنى كەچۈرۈشكە تەييار. ئىككىنچى، ئۇ بىزنى بەش قولدەك ياخشى بىلىدۇ. خۇدا مىجەز-خۇلقىمىز ھەققىدە ھەربىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى بىلگەچ، بىزنىڭ ھەقىقىي توۋا قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىمىزغا ئەڭ توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ئۈچىنچىدىن، ياراتقۇچى يەھۋا بىزنى پۈتۈنلەي كەچۈرگەندە، خۇددى بىز ھېچقاچان گۇناھ ئۆتكۈزۈپ باقمىغاندەك بولىمىز. بۇ بىزنى پاك ۋىجدانغا ۋە خۇدانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
19. گەرچە بىز نامۇكەممەل بولساقمۇ ۋە داۋاملىق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزسەكمۇ، نېمە ئۈچۈن خۇشال-خۇرام بولالايمىز؟
19 ئەلۋەتتە، بىز نامۇكەممەللا بولىدىكەنمىز، داۋاملىق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىمىز. بىراق، بىزگە «مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىش» (ئىنگىلىزچە) ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسىم 771-بېتىدىكى سۆزلەردىن تەسەللى تاپالايمىز. ئۇ يەردە مۇنداق يېزىلغان: «يەھۋا خۇدا رەھىم-شەپقەت بىلەن ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي ئاجىزلىقلىرىنى نەزەرگە ئالغاچ، ئۇلار مىراس ئالغان نامۇكەممەللىكى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان خاتالىقلىرى ئۈچۈن ھەردائىم ۋىجدان ئازابى چەكمەسلىكى لازىم (زەبۇر 103:8–14؛ 130:3). ئەگەر ئۇلار داۋاملىق خۇدانىڭ يوللىرىدا مېڭىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، خۇشال-خۇراملىققا ئېرىشەلەيدۇ (فىلىپى. 4:4–6؛ 1-يۇھاننا 3:19–22)». بۇ ھەقىقەت بىز ئۈچۈن زور تەسەللى!
20. بىز كېيىنكى ماقالىدە قايسى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
20 بىز ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن توۋا قىلساق، ياراتقۇچى يەھۋا ھەرقاچان بىزنى كەچۈرۈشكە تەيياردۇر. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارمىز. بىراق، يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بىزنىڭ كەچۈرۈمچانلىقىمىز بىلەن يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقى ئارىسىدا قانداق پەرقلەر ۋە ئوخشاشلىقلار بار؟ نېمە ئۈچۈن بۇلارنى چۈشىنىش مۇھىم؟ بۇ سوئاللارغا كېيىنكى ماقالە جاۋاب بېرىدۇ.
22-ناخشا يەھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇر
a يەھۋا گۇناھىغا توۋا قىلغانلارنى كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىگە ئۆز سۆزىدە بىزنى ئىشەندۈرىدۇ. بىراق، بەزىدە ئۆزىمىزنى يەھۋانىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا لايىق ئەمەستەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ماقالىدە، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن توۋا قىلساق، خۇدانىڭ دائىم بىزنى كەچۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىگە نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: توۋا قىلىش ئوي-پىكىرىدە ئۆزگىرىشلەرنى قىلغاندىن باشقا، ئىلگىرىكى ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلى، قىلغان يامان ئىشلىرى ياكى قىلالماي مەغلۇپ بولغان ئىشلىرى ئۈچۈن چىن قەلبىدىن پۇشايمان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەقىقىي توۋا قىلىش بەرگەن مېۋىسى، يەنى ئۆزگەرتكەن ئىش-ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ.