ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
داۋۇتنىڭ زەبۇر 61:8-ئايەتتىكى خۇدانىڭ ئىسىمىنى «مەڭگۈ» مەدھىيىلەيمەن دېگەن سۆزى مۇبالىغە قىلىغانمۇ ؟
ياق، داۋۇت بۇ يەردە ھەقىقەتنى ئېيتقان.
ھازىر ئۇنىڭ بۇ ئايەتتە ۋە باشقىمۇ ئايەتلەردە ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن سېنىڭ ئىسىمىڭنى مەڭگۈ مەدھىيىلەيمەن، ھەر كۈن قەسەملىرىمنى ئورۇنلايمەن»؛ «ئەي تەڭرىم يەھۋا، پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا مەدھىيە ئېيتىمەن، ئەبەدغىچە ئىسىمىڭنى ئۇلۇغلايمەن»؛ «ئىسىمىڭغا ئەبەدىل-ئەبەد مەدھىيە ئوقۇيمەن».—زەبۇر 61:8؛ 86:12؛ 145:1، 2.
داۋۇت بۇ سۆزلەرنى يازغاندا، ھەرگىزمۇ ئۆلمەي، مەڭگۈ ياشايمەن دەپ ئويلىمىغان. ئۇ ئادەملەرنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ۋە گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۆلىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگەن ۋە ئۆزىنىڭمۇ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (يارىت. 3:3، 17–19؛ زەبۇر 51:4، 5). ئۇ ھەتتا ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپقا ئوخشاش سادىق خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن. داۋۇت ئۆزىنىڭمۇ بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن (زەبۇر 37:25؛ 39:4). لېكىن، زەبۇر 61:8-ئايەتتىكى سۆزلەر داۋۇتنىڭ خۇدانى مەڭگۈ مەدھىيىلەشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا بەل باغلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، داۋۇت ئەڭ ئاخىرقى نەپىسى توختىغىچە شۇنداق قىلىشنى قەتئىي قارار قىلغان.—2-سام. 7:12.
داۋۇت بەزى چاغلاردا بېشىدىن كەچۈرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە يازغان. بۇنى زەبۇر 18، 51 ۋە 52-بابلاردىن كۆرۈۋالالايمىز. داۋۇت پادىچى بولغان، شۇڭا ئۇ زەبۇر 23-بابتا، يەھۋانى قويلىرىنى يېتەكلەيدىغان، ئارام ئالغۇزىدىغان ۋە قوغدايدىغان بىر پادىچى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. ئۇ مۇنداق كۆيۈمچان پادىچى يەھۋاغا «ئۆمۈر بويى» خىزمەت قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالىغان.—زەبۇر 23:6.
شۇنى ھەم ئەستە تۇتايلى، داۋۇتنىڭ يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى يەھۋانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن بولغان. ئۇ يازغان بەزى سۆزلەر ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدىغان بېشارەتلەر ئىدى. مەسىلەن، داۋۇت زەبۇر 110-بابتا ھەزرىتىمىز، يەنى مەسىھنىڭ ئاسماندا خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، زور كۈچ-قۇدرەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى يازغان. ئۇ خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىنى بېقىندۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى مىللەتلەرگە قارشى چىقىرىلغان ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىدۇ. داۋۇت مەسىھ سۈپىتىدە كېلىدىغان ئەيسانىڭ ئەجدادى ئىدى. مەسىھ بولسا ئەرشتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ ۋە مەڭگۈ روھانىي بولىدۇ (زەبۇر 110:1–6). كېيىن، ئەيسا زەبۇر 110-بابتىكى بۇ بېشارەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتىلغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەستىقلىغان.—مەتتا 22:41–45.
ھەقىقەتەن، داۋۇت مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۆز زامانى ۋە كېلەچەكتە تىرىلدۈرۈلۈپ، ياراتقۇچى يەھۋانى مەڭگۈ مەدھىيىلىيەلەيدىغان ۋاقىت ھەققىدە يازغان ئىدى. زەبۇر 37:10، 11، 29-ئايەتلەردىكى سۆزلەر شۇلار يېزىلغان زامان ۋە كېلەچەك ھەققىدە خەۋەر بەرگەنىدى. شۇ بېشارەتلىك سۆزلەر ئىسرائىل زېمىنىدا قەدىمدە ئەمەلگە ئاشقان ۋە يەھۋا خۇدا كېلەچەكتە پۈتۈن يەر يۈزىدە ۋەدىلىرىنى ئورۇنلىغاندىمۇ يەنە بىر قېتىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.—مۇشۇ ژۇرنالدىكى «مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن» ناملىق ماقالىنىڭ 8-ئابزاسىغا قاراڭ.
زەبۇر 61:8-ئايەت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئايەتلەر، داۋۇتنىڭ ئاخىرقى نەپىسى توختىغىچە يەھۋانى مەدھىيىلىمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ سۆزلەر يەھۋا كەلگۈسىدە داۋۇتنى تىرىلدۈرگەندىمۇ، ئۇنىڭ نېمە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.