كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 دېكابىر 28-‏30 ب.‏
  • يە‌رنى مىراس ئېلىشقا تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌رنى مىراس ئېلىشقا تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌رنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شقا تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏
  • تىرىلگە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏
  • تىرىلگە‌نلە‌رگە تە‌لىم بېرىشكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏
  • تىرىلىش —‏ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى،‏ دانالىقىنى ۋە سە‌ۋرچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىڭىز بىلە‌ن قايتا جە‌م بولىسىز!‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ھە‌ققانىيلىق يولىغا يېتە‌كلە‌ڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 دېكابىر 28-‏30 ب.‏
يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رىۋاتقان كىشىلە‌ر.‏ بە‌زىلە‌ر ئە‌خلە‌تلە‌رنى تازىلاۋاتىدۇ،‏ بە‌زىلىرى ئۆي سېلىۋاتىدۇ ۋە باشقىلىرى باغنى پە‌رۋىش قىلىۋاتىدۇ.‏

يە‌رنى مىراس ئېلىشقا تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏

ھە‌ممىمىز ئە‌يسانىڭ «مۇ‌لايىم كىشىلە‌ر بە‌ختلىك،‏ چۈنكى ئۇ‌لار يە‌ر يۈزىنى مىراس ئالىدۇ» دېگە‌ن ۋە‌دىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتىۋاتىمىز (‏مە‌تتا 5:‏5‏)‏.‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئاسماندا پادىشاھلار بولۇ‌پ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا يە‌رنى مىراس ئالىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 5:‏10؛‏ 20:‏6)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يە‌ر يۈزىنى مىراس ئېلىپ،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالە‌تتە،‏ تىنچ-‏ئامانلىق،‏ شاد-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە مە‌ڭگۈ ياشاشنى تۆت كۆزى بىلە‌ن كۈتىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌نداق ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار مۇ‌ھىم خىزمە‌تنى قىلىشى كېرە‌ك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار يە‌رنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شى،‏ تىرىلگە‌نلە‌رنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىشى ۋە ئۇ‌لارغا تە‌لىم بېرىشى لازىم.‏ بىز بۇ ئىشلارغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى.‏

يە‌رنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شقا تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئادە‌ملە‌رگە:‏ «يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى بويسۇ‌ندۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ندە،‏ پۈتۈن يە‌ر يۈزىنى ئاستا-‏ئاستا جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شنى بۇ‌يرۇ‌غان (‏يارىت.‏ 1:‏28)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌سلى نىيە‌ت-‏مە‌قسىتىنى ئە‌مدى يە‌رنى مىراس ئالىدىغانلار ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايدۇ.‏ ئۇ‌لار ھە‌ممىنى بېشىدىن باشلايدۇ،‏ چۈنكى ھازىر ئېرە‌م بېغى يوق.‏ ئارماگېدوندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارغا يە‌ر يۈزىنىڭ ۋە‌يران قىلىنغان جايلىرىنى تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ ئىشلە‌ش كېرە‌ك!‏

بابىلوندىن يۇ‌رتىغا قايتقان ئىسرائىللارغىمۇ بۇ‌نىڭغا ئوخشاش بىر ئىش تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ يۇ‌رتىدا 70 يىل ئادە‌م ياشىمىغان ئىدى.‏ لېكىن،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ياردىمىدە يۇ‌رت ماكانىنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرە‌لە‌يدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان ئىدى.‏ بېشارە‌تتە شۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «ئۇ ئۇ‌نىڭ قاقاس چۆلىنى ئېرە‌م بېغىدە‌ك قىلىدۇ ۋە باياۋانلىرىنى يە‌ھۋانىڭ بېغىدە‌ك قىلىدۇ» (‏يە‌شايا 51:‏3)‏.‏ ئىسرائىللار يە‌ھۋانىڭ ياردىمىدە گۈزە‌ل يۇ‌رت ماكانىنى قۇ‌رۇ‌پ چىقالىغان ئىدى.‏ كە‌لگۈسىدە يە‌رنى مىراسقا ئالىدىغانلارمۇ ئوخشاشلا يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن يە‌ر يۈزىنى گۈزە‌ل جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رالايدۇ.‏ سىز بۇ ئىشقا قاتناشماقچى بولغانلىقىڭىزنى ھازىر كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏

مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆيىڭىزنى ۋە ئۆيىڭىزنىڭ ئۆپ-‏چۆرىسىنى پاكىز-‏رە‌تلىك ۋە سە‌رە‌مجان تۇ‌تالايسىز.‏ قوشنىلىرىڭىز پاكىزلىقنى ئانچە ياخشى كۆرمىسىمۇ،‏ ئۆز ئادىتىڭىزنى تاشلىماڭ.‏ شۇ‌نداقلا يىغىلىش زالى ۋە چوڭ يىغىلىش سارىيىنى ئاسراش ۋە پاكىزە تۇ‌تۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشىڭ.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌مكىنچىلىكىڭىز بولسا،‏ سىزنىڭ رايونىڭىزدىكى تە‌بىئىي ئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن پىدائىي خىزمە‌تچى بولۇ‌ش ئىلتىماسىنى تولدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ شۇ چاغدىلا،‏ قېرىنداشلار كېرە‌ك بولغاندا،‏ سىزنىڭ ياردە‌م قولىڭىزنى سۇ‌نۇ‌شقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىڭىزنى بىلىدۇ.‏ ئويلىنىپ كۆرۈڭ:‏ «ئە‌گە‌ر يە‌رنى مىراس ئالسام،‏ قانداق ياردە‌م بېرىشىم مۇ‌مكىن؟‏ بە‌زى ھۈنە‌ر ياكى ماھارە‌تلە‌رنى ھازىر ئۆگىنە‌لە‌يمە‌نمۇ؟‏»‏

بىر توپ قېرىنداشلار يىغىلىش زالىنى بېسىقتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئاسراپ ساقلاۋاتىدۇ.‏

تىرىلگە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏

ئە‌يسا يائېرنىڭ قىزىنى تىرىلدۇ‌رگە‌ندىن كېيىن دە‌رھال ئۇ‌نىڭغا تاماق بېرىشنى ئېيتقان (‏ماركۇ‌س 5:‏42،‏ 43)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ 12 ياشلىق قىزنى قورسىقىنى تويغۇ‌زۇ‌ش قىيىن ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما،‏ ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ «قە‌بىرلە‌ردە بولغانلارنىڭ ھە‌ممىسى» ئە‌يسانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،‏ قە‌بىردىن چىققاندا،‏ ئىش قانچىلىك كۆپ بولىدۇ!‏ (‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ ۋاقىت توغرۇ‌لۇ‌ق نۇ‌رغۇ‌ن تە‌پسىلاتلار بولمىسىمۇ،‏ تىرىلدۈرۈلگە‌نلە‌رنىڭ يە‌يدىغان تاماق،‏ تۇ‌رىدىغان جاي،‏ كىيىدىغان كىيىم-‏كېچە‌ككە ئېھتىياجى بولىدىغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىڭىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆرسىتە‌لە‌مسىز؟‏ مۇ‌شۇ نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

يە‌رنى مىراس ئېلىشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىڭىزنى بۈگۈن قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

ئايروپورتتا قېرىنداشلار پارىژدىكى چوڭ يىغىلىشقا كە‌لگە‌ن قېرىنداشلارنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قارشى ئېلىۋاتىدۇ.‏

رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال جامائىتىڭىزگە كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا،‏ ئۇ‌نى چۈشلۈك تاماققا چاقىرالامسىز؟‏ بە‌يتە‌لدىن مە‌خسۇ‌س تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچىسىنىڭ جامائىتىڭىزگە تە‌يىنلە‌پ ئە‌ۋە‌تسە ياكى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇ‌رسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌رىدىغانغا جاي تېپىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌مسىز؟‏ سىز تۇ‌رىدىغان جايدا رايونلۇ‌ق بىر كۈنلۈك ياكى ئۈچ كۈنلۈك مە‌خسۇ‌س چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلمە‌كچى بولسا،‏ چوڭ يىغىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ياكى ئۇ‌نىڭدىن كېيىن پىدائىي بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالامسىز؟‏ ياكى بولمىسا،‏ كە‌لگە‌ن قېرىنداشلارنى قارشى ئېلىشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌مسىز؟‏

تىرىلگە‌نلە‌رگە تە‌لىم بېرىشكە تە‌ييارمۇ‌سىز؟‏

ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىز مىلياردلىغان ئادە‌ملە‌ر تىرىلىدۇ دە‌پ ئۈمىد قىلىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ھە‌ق خۇ‌دا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلمە‌يدىغانلار كۆپ بولىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ‌لار ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا بىلىم ئېلىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىدۇa‏.‏ يە‌ھۋانىڭ سادىق،‏ تە‌جرىبىلىك خىزمە‌تچىلىرى ئۇ‌لارغا تە‌لىم بېرىدۇ (‏يە‌شايا 11:‏9)‏.‏ ياۋرۇ‌پا،‏ جە‌نۇ‌بىي ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدا خىزمە‌ت قىلغان شارلوت ئىسىملىك قېرىنداش بۇ ۋاقىتنى تۆت كۆزى بىلە‌ن كۈتىۋاتىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «تىرىلدۈرۈلگە‌لە‌رگە تە‌لىم بېرىدىغان ۋاقىتنى تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتىۋاتىمە‌ن.‏ قە‌دىمدە ياشىغان بىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئوقۇ‌غاندا،‏ بۇ كىشى يە‌ھۋانى بىلگە‌ن بولسا،‏ ھاياتى تامامە‌ن باشقىچە بولغان بولاتتى دە‌پ ئويلايمە‌ن.‏ مە‌ن تىرىلگە‌نلە‌رگە ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانى تونۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلسا،‏ ھاياتىنىڭ قانچىلىك ئە‌ھمىيە‌تلىك ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشكە تە‌شنا!‏»‏

ھە‌تتا ئە‌يسانىڭ زامانىدىن بۇ‌رۇ‌ن ياشىغان خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رگە ئۆزى يازغان،‏ لېكىن ئاخىرىغىچە چۈشە‌نمىگە‌ن بېشارە‌تلە‌رنىڭ قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىش،‏ نېمە دېگە‌ن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏ (‏دانىيال 12:‏8)‏.‏ ياكى رۇ‌ت بىلە‌ن نائومىغا ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ۋلادىدىن ۋە‌دە قىلىنغان مە‌سىھ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بېرىش كىشىنى بە‌كمۇ ھاياجانلاندۇ‌رىدۇ!‏ شۇ چاغدا،‏ بىز بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ بېسىمىغا ئۇ‌چرىماي،‏ شاد-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە پۈتۈن يە‌ر يۈزىدە ئە‌ركىن-‏ئازادە تىرىلدۈرۈلگە‌نلە‌رگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىمىز.‏ بۇ‌ندىنمۇ ئارتۇ‌ق خۇ‌شاللىق بولماس كىشىگە!‏

بىر قېرىندىشىمىز كىر يۇ‌يۇ‌ش ئورنىدا ئايالغا ۋاراقچىنى بېرىۋاتىدۇ.‏

بۇ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ قانداق تە‌ييارلىق قىلالايسىز؟‏ بىر يولى —‏ تە‌لىم بېرىش ماھارىتىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ۋە دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە دائىم قاتنىشىش (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ ھازىرقى ۋە‌زىيىتىڭىز ياكى يېشىڭىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ بۇ ئىشقا تولۇ‌ق قاتنىشىشقا ئىمكانىيىتىڭىز يار بە‌رمىسە،‏ قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە خىزمە‌ت قىلىشقا تىرىشىڭ،‏ بۇ سىزنىڭ تىرىلگە‌نلە‌رگە تە‌لىم بېرىشكە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.‏

ئۇ‌نداقتا،‏ سىز ھە‌قىقە‌تە‌ن يە‌رنى مىراس ئالىدىغان ۋاقىتنى تە‌شنالىق بىلە‌ن كۈتۈۋاتامسىز؟‏ يە‌رنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ تىرىلگە‌نلە‌رنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا تە‌لىم بېرىشكە تە‌قە‌ززامۇ‌سىز؟‏ يە‌رنى مىراسقا ئالغاندا قىلماقچى بولغان ئىشلارنى،‏ ھازىردىن باشلاپ قىلىشنى ئۆگە‌نسە‌ك،‏ شۇ ۋاقىتقا ئۆزىمىزنىڭ تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىمىز.‏

a ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2022-‏يىل،‏ سېنتە‌بىر سانى،‏ «‏نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ھە‌ققانىيلىق يولىغا يېتە‌كلە‌ڭلار‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش