13-تەتقىق ماقالىسى
مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىپ بالىلىرىڭلارغا يەھۋا ھەققىدە ئۆگىتىڭلار
«بۇلارنى كىم ياراتتى؟»—يەشايا 40:26.
15-ناخشا مەۋجۇداتلار يەھۋانى مەدھىيىلەيدۇ
بۇ ماقالىدەa
1. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ نېمە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟
ئاتا-ئانىلار، سىلەر بالىلىرىڭلارنىڭ يەھۋانى تونۇشى ۋە سۆيۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىڭلارنى بىلىمىز. لېكىن، خۇدا كۆزگە كۆرۈنمەس. بالىلىرىڭلارغا ئۇنى شەخس سۈپىتىدە تونۇپ، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىلەر؟—ياقۇپ 4:8.
2. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرىنى قانداق ئۆگىتەلەيدۇ؟
2 بالىلارنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىم بىر يولى — ئۇلار بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش (2-تىموت. 3:14–17). مۇقەددەس كىتاب ياشلارنىڭ يەھۋا ھەققىدە ئۆگىنىشى ئۈچۈن يەنە بىر يول بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پەندى-نەسىھەت كىتابىدا، بىر دادا ئوغلىغا مەۋجۇداتلار ئاشكارىلىغان يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتكەن (پەند. نە 3:19–21). ھازىر، ئاتا-ئانىلار ئەتراپىمىزدىكى مەۋجۇداتلار ئارقىلىق بالىلىرىنىڭ يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئۆگىنىشكە قايسى بەزى ئۇسۇللار بىلەن ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىپ پەرزەنتىڭلارغا قانداق تەلىم بېرەلەيسىلەر؟
3. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا قانداق ياردەم بېرىشى كېرەك؟
3 مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس پەزىلەتلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك كۈچ-قۇدرىتى ۋە ئىلاھلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ» (رىملىقلار 1:20). ئاتا-ئانىلار، بەلكىم بالىلىرىڭلار بىلەن سىرتلارغا چىقىپ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىسىلەر. شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىڭلارغا مەۋجۇداتلار ئارقىلىق يەھۋانىڭ ئاجايىپ پەزىلەتلىرىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردەم بېرىڭلار. ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلار مۇشۇ جەھەتتە ئەيسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
4. ئەيسا مەۋجۇداتلارنى ئىشلىتىپ شاگىرتلىرىغا قانداق تەلىم بەرگەن؟ (لۇقا 12:24، 27–30)
4 ئەيسانىڭ مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىپ، قانداق تەلىم بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئۇ بىر قېتىم شاگىرتلىرىنى قاغا ۋە دالىدا ئۆسكەن گۈلنى كۈزىتىشكە دەۋەت قىلغان (لۇقا 12:24، 27–30-نى ئوقۇڭ). ئەيسا ھەرقانداق ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكنى تىلغا ئالسا بولاتتى، بىراق ئۇ شاگىرتلىرى ياخشى بىلىدىغان قۇش ۋە گۈلنى تاللىغان. شاگىرتلار بەلكىم، شۇ چاغدا ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان قاغىلارنى ۋە دالىدا ئېچىلغان گۈللەرنى كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەيسا سۆزلەۋاتقاندا، شۇ نەرسىلەرگە ئىشارەت قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئۇ شۇلارنى مىسال قىلغاندىن كېيىن نېمە قىلغان؟ ئۇ شاگىرتلىرىغا ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ سېخىيلىقى ۋە مېھرىبانلىقى ھەققىدە مۇھىم بىر دەرس بەرگەن. يەھۋا قاغىلارنى تويغۇزۇپ، دالىدىكى گۈللەرنى چىرايلىق كىيىندۈرگىندەك، ئۆزىنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنى تويغۇزىدۇ ۋە كىيىندۈرىدۇ.
5. ئاتا-ئانىلار قايسى مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىغا يەھۋا ھەققىدە ئۆگەتسە بولىدۇ؟
5 ئاتا-ئانىلار، سىلەر ئەيسانىڭ تەلىم بېرىش ئۇسۇلىنى ئۈلگە قىلامسىلەر؟ بالىلىرىڭلارغا ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرىدىغان ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك ھەققىدە ئېيتىپ بېرىڭلار. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، تىلغا ئالغان مەۋجۇداتنىڭ يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭلار. ئاندىن كېيىن، بالىلىرىڭلاردىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك ھەققىدە سوراپ كۆرۈڭلار. ئەگەر ئۇلار قىزىققان مەۋجۇداتلارنى مىسال قىلىپ، يەھۋا توغرۇلۇق تەلىم بېرىشكە ھەرىكەت قىلسىڭىز، ئۇلار بەلكىم تېخىمۇ قىزىقىپ ئاڭلىشى مۇمكىن.
6. كرىستوفېرنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆرسەتكەن ئۈلگىسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
6 ئاتا-ئانىلار مەۋجۇداتلارنىڭ يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەلۇم ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشى كېرەكمۇ؟ شۇنداق قىلىش ھاجەت ئەمەس. ئەيسا قاغىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ياكى دالىدا ئۆسكەن گۈللەرنىڭ ھۈجەيرە تۈزۈلىشى ھەققىدە ئۇزۇن چۈشەنچىلەرنى بەرمىگەن. بەلكىم، بالىلىرىڭىز بەزىدە تەبىئەت ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرراق مۇلاھىزە قىلىشتىن خۇشاللىق تېپىشى مۇمكىن. ئەمما، بەزىدە مەلۇم بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئاددىي كۈزىتىش ياكى سوئاللارنى قويۇش يېتەرلىك. كرىستوفېر ئىسىملىك بۇرادەر بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاپام ئەتراپىمىزدىكى مەۋجۇداتلارنى قەدىرلىشىمىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاددىي كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ بېرەتتى. مەسىلەن، بىز تاغقا يېقىنلاشقاندا، ئۇ: ‹قارىغىنە، تاغلار نەقەدەر ھەيۋەت ۋە گۈزەل. يەھۋا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خۇدا شۇنداق ئەمەسمۇ؟› ياكى دېڭىزغا يېقىنلاشقاندا: ‹قارا، دولقۇنلار نەقەدەر كۈچلۈك! خۇدا ھەقىقەت كۈچ- قۇدرەتلىك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟›— دەيتتى». كرىستوفېر: «مۇشۇ ئاددىي ئەمما كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان سۆزلەر بىزگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى»،— دەيدۇ.
7. بالىلىرىڭلارنى يارىتىلىش ھەققىدە ئويلىنىشقا قانداق ئۆگىتەلەيسىلەر؟
7 ئاتا-ئانىلار بالىلىرىڭلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى يارىتىلىش ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئويلىنىشقا ۋە يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىشقا ئۆگىتەلەيسىلەر. خۇدا ياراتقان بىر نەرسىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بالىلىرىڭلاردىن مۇنداق سورىسىڭىز بولىدۇ: «ئۇنىڭدىن يەھۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگەندىڭ؟» ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ، ھەيران قېلىشىڭلار مۇمكىن.—مەتتا 21:16.
قاچان بالىلىرىڭلارغا مەۋجۇداتلار ھەققىدە تەلىم بېرەلەيسىلەر؟
8. ئىسرائىللار سەپەر قىلغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق پۇرسەتلىرى بولغان؟
8 ئىسرائىل ئاتا-ئانىلاردىن بالىلىرىغا يولدا يۈرگەندە، يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئۆگىتىش تەلەپ قىلىنغان (تەكرار. قا 11:19). ئىسرائىل زېمىنىدا سەپەر قىلغاندا، يوللاردا ھەرخىل ھايۋانلار، قۇشلار ۋە گۈللەرنى كۆرگىلى بولاتتى. ئىسرائىللار ئائىلىسى بىلەن سەپەر قىلغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا يەھۋا ياراتقان مەۋجۇداتلارغا بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىش پۇرسەتلىرى بولغان. ئاتا-ئانىلار، سىلەرنىڭمۇ بالىلىرىڭلارغا تەلىم بېرىش ئۈچۈن مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىش پۇرسىتىڭلار بار. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ شۇنداق قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
9. پۇنىتا ۋە كاتىيانىڭ مىساللىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9 ھىندىستاندىكى چوڭ بىر شەھەردە ياشايدىغان پۇنىتا ئىسىملىك ئانا مۇنداق دەيدۇ: «بىز يېزىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى يوقلاپ بارغاندا، بۇنى بالىلىرىمىزغا يەھۋانىڭ ئاجايىپ ئەسەرلىرىنى بىلىشىگە ياردەم بېرىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارايمىز. بالىلىرىمنىڭ شەھەردىكى ئادەم كۆپ كوچىلاردىن ۋە قىستا-قىستاڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن يىراقلاشقاندا، مەۋجۇداتلار ھەققىدە تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم». ئاتا-ئانىلار، بەلكىم بالىلىرىڭلار سىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن گۈزەل ۋاقتىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مولدوۋادا ياشايدىغان كاتىيا ئىسىملىك قېرىنداش مۇنداق دەيدۇ: «بالىلىق چېغىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىم، ئاتا-ئانام بىلەن يېزىدا ئۆتكۈزگەن كۈنلەر. مەن ئۇلارنىڭ كىچىك چېغىمدىن باشلاپ، يەھۋانىڭ ئەسەرلىرىنى كۈزىتىشنى ئۆگەتكىنى ئۈچۈن مىننەتدارمەن».
ھەتتا شەھەردە، ئەتراپىڭلاردىكى مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىپ، پەرزەنتلىرىڭلارغا يەھۋا ھەققىدە تەلىم بېرىش ئۈچۈن پۇرسەت تاپالايسىلەر (10-ئابزاسقا قاراڭ)
10. شەھەر سىرتىغا ساياھەتكە چىقىش قىيىن بولسا، ئاتا-ئانىلار نېمە قىلالايدۇ؟ («ئاتا-ئانىلارغا ياردەم» دېگەن رامكىغا قاراڭ)
10 ئەگەر شەھەر سىرتىغا چىقىپ، ساياھەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىڭلار بولمىسا، نېمە قىلىشىڭلار كېرەك؟ ھىندىستاندا ياشايدىغان ئامول مۇنداق دەيدۇ: «مەن ياشايدىغان يۇرتتا، ئاتا-ئانىلار ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، شەھەر سىرتىغا ساياھەتكە چىقىش ھەم قىممەت. ئەمما، كىچىك باغچا، بالكون ياكى ئۆگىزىلەر مەۋجۇداتلارنى كۈزىتىدىغان ۋە يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان جاي بولالايدۇ». دىققەت بىلەن قارىسىڭىز، ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپىدا بالىلىرىڭىزغا كۆرسىتەلەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقىشىڭىز مۇمكىن (زەبۇر 104:24). بەلكىم بىر قۇش، ھاشارەت، ئۆسۈملۈك ۋە باشقا نەرسىلەرنى تاپالايسىز. گېرمانىيىدە ياشايدىغان كارىنا مۇنداق دەيدۇ: «ئاپام گۈللەرنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ بىلەن سەيلە قىلىشقا چىققاندا، ئۇ ماڭا چىرايلىق گۈللەرنى كۆرسىتىپ بېرەتتى». ئاتا-ئانىلار، تەشكىلاتىمىز نەشىر قىلغان يارىتىلىشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن فىلىملەرنى ۋە باشقا نەشرىي ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، بالىلىرىڭلارغا تەلىم بېرەلەيسىلەر. ئەلۋەتتە، شارائىتىڭلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ خۇدا ياراتقان نەرسىلەرنى كۈزىتىشىگە ياردەم بېرەلەيسىلەر. ھازىر بالىلىرىڭلارغا كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان يەھۋانىڭ بەزى پەزىلەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
يەھۋانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس پەزىلەتلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭ
11. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يەھۋانىڭ مۇھەببىتىنى كۆرۈپ يېتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
11 ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارغا يەھۋانىڭ مۇھەببىتىنى تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بېرىڭلار. بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ھايۋاناتلار ئۆز بالىلىرىغا قانداق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسەڭلار بولىدۇ (مەتتا 23:37). مەۋجۇداتلارنىڭ بىزنى زوقلاندۇرىدىغان ئاجايىپ تۈرلىرىنى ھەم تەكىتلىسەڭلار بولىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كارىنا مۇنداق دەيدۇ: «سەيلە قىلىشقا چىققاندا، ئاپام مېنى توختاپ، ھەر بىر گۈلنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە گۈزەللىكى يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشكە ئىلھاملاندۇرغان. يىللار ئۆتۈپ، مەن ھازىرمۇ گۈللەرنىڭ تۈرلىرى، تۈزۈلۈشى ۋە رەڭگىنى دىققەت بىلەن كۈزىتىمەن. ئۇلار داۋاملىق ماڭا يەھۋانىڭ بىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ».
تېنىمىزنىڭ ئاجايىپ تۈزۈلۈشىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىڭلارغا خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ھەققىدە ئۆگىتەلەيسىلەر (12-ئابزاسقا قاراڭ)
12. ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى چۈشىنىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىلەر؟ (زەبۇر 139:14) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
12 بالىلىرىڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىڭلار. يەھۋا ھەقىقەتەن بىزدىن كۆپ ئەقىللىق (رىملىقلار 11:33). مەسىلەن، بۇلۇتنى ھاسىل قىلىدىغان سۇنىڭ قانداق قىلىپ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ (ئايۇپ 38:36، 37). يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ھەيران قالارلىق تۈزۈلۈشىنى تەكىتلەڭ (زەبۇر 139:14-نى ئوقۇڭ). ۋىلادېمىر ئىسىملىك دادىنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ: «بىر كۈنى ئوغلىمىز ۋېلىسىپىتتىن يىقىلىپ، ئۆزىنى يارىلاندۇردى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يارىلىرى ساقىيىپ كەتتى. ئايالىم ئىككىمىز يەھۋانىڭ ھۈجەيرىلىرىمىزنى ئۆز-ئۆزىنى ئوڭشاش ئىقتىدارى بىلەن ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈردۇق. بىز ئىنسانلار ياسىغان نەرسىلەردە بۇنداق ئىقتىدار يوقلىقىنى ئېيتتۇق. مەسىلەن، ماشىنا ھادىسىدىن كېيىن ئۆز-ئۆزىنى ئوڭشىيالمايدۇ. شۇ كەچۈرمىش ئوغلىمىزغا يەھۋانىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى چۈشىنىشكە ياردەم بەردى».
13. ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىلەر؟ (يەشايا 40:26)
13 يەھۋا كۆزلىرىمىزنى ئاسمانغا تىكىپ، ئاجايىپ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ كائىناتنى ئۆز ئورنىدا قانداق ھەرىكەتلەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا چاقىرغان (يەشايا 40:26-نى ئوقۇڭ). بالىلىرىڭلارنى ئاسمانغا قاراپ ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىڭلار. تەيۋەندە ياشايدىغان تىڭ-تىڭ ئىسىملىك قېرىنداش بالىلىق چاغلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى ئەسلىيەلەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ: «بىر قېتىم ئاپام مېنى دالادا چېدىردا قونۇشقا ئاپاردى. شەھەر چىراغلىرىدىن خالى كېچە ئاسمىنىغا قارىدۇق. شۇ چاغلاردا، يەھۋاغا سادىق قالالماسلىقىمدىن ئەنسىرەيتتىم، چۈنكى تەڭتۇشلىرىم خۇداغا بويسۇنۇشۇمغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇناتتى. ئاپام مېنى يەھۋانىڭ يورۇق يۇلتۇزلارنى يارىتىشتا ئىشلەتكەن كۈچ-قۇدرىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋە شۇ كۈچ-قۇدرىتىنى ئىشلىتىپ، مېنىڭ ھەرقانداق سىناققا بەرداشلىق بېرىشىمگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئەستە ساقلاشقا ئىلھاملاندۇردى. مۇشۇ ساياھەت جەريانىدا مەن مەۋجۇداتلارنى كۈزەتكەندىن كېيىن، يەھۋانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇپ تەسىرلەندىم ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئىرادەم كۈچەيدى».
14. ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ يەھۋانىڭ شاد-خۇرام خۇدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىگە مەۋجۇداتلار ئارقىلىق قانداق ياردەم بېرەلەيسىلەر؟
14 يەھۋا ياراتقان مەۋجۇداتلار ئۇنىڭ خۇشاللىقى ۋە يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. تەتقىقاتچىلار قۇشلار ۋە بېلىقلار قاتارلىق كۆپلىگەن ھايۋانلارنىڭ ئويناۋاتقان ۋاقتىنى كۈزەتكەن (ئايۇپ 40:20). بالىلىرىڭلار ھايۋانلارنىڭ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتكەن چاغلىرى بولغانمۇ؟ بەلكىم، ئۇلار مۈشۈك بىر توپنى قوغلاۋاتقانلىقىنى ياكى كۈچۈكلەر بىر-بىرىنى چىشلەپ ئوينىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. كېيىنكى قېتىم، بالىلىرىڭلار ھايۋانلارنىڭ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈلگەندە، ئۇلارغا شاد-خۇرام خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئەسكەرتىڭلار.—1-تىموت. 1:11.
ئائىلە بىرلىكتە يەھۋانىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىڭلار
پەرزەنتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئالغان چاغلاردا، ئۇلار ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىپ، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرى ھەققىدە سىلەرگە ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن (15-ئابزاسقا قاراڭ)
15. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى بىلىشىگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (پەندى-نەسىھەت 20:5) (رەسىمگە ھەم قاراڭ)
15 بەزى چاغلاردا، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پەرزەنتلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ھەققىدە پاراڭلىشىش ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن بولساڭلار، بالىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى سىرتقا تارتىپ چىقىرىشىڭلار كېرەك (پەندى-نەسىھەت 20:5-نى ئوقۇڭ). بەزى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بالىلىرى بىلەن تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانغاندا، مۇنداق قىلىش ئاسانغا توختايدۇ. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ شۇنداق پەيتتە دىققىتىنى چاچىدىغان ئىشلار ئاز بولىدۇ. تەيۋەندىكى ماساخىكو ئىسىملىك دادا يەنە بىر سەۋەبىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەرزەنتلىرىمىز بىلەن سىرتقا ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە چىققاندا، تاغدا سەيلە قىلغاندا ياكى دېڭىز بويىنى تاماشا قىلىپ ماڭغاندا، ئۇلار ئادەتتە ئۆزىنى تېخىمۇ ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىدۇ. شۇنداق پەيتلەردە، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىلىش بىز ئۈچۈن ئاسانراق بولىدۇ». يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كاتىيا مۇنداق دەيدۇ: «مەكتەپتىن كېيىن ئاپام مېنى چىرايلىق بىر باغچىغا ئېلىپ باراتتى. شۇنداق ئەركىن-ئازادە مۇھىتتا، مەن ئاپامغا مەكتەپتە نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى ياكى نېمىدىن غەم-ئەندىشە قىلغانلىقىمنى بىمالال ئېيتىپ بېرەتتىم».
16. يەھۋانىڭ ئەسەرلىرىدىن ئائىلە بىرلىكتە ھۇزۇر ئالغان پەيتلەردە، دەم ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
16 يەھۋا ياراتقان مەۋجۇداتلار ئائىلىلەرنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. مۇقەددەس كىتاب: «كۈلۈشنىڭمۇ بىر ۋاقتى بار» ۋە «ئۇسۇل ئويناشنىڭمۇ بىر ۋاقتى بار»،— دەيدۇ (ۋەز 3:1، 4). يەھۋا ئۆز قولى بىلەن يەر يۈزىدە ئاجايىپ چىرايلىق جايلارنى ياراتقان. شۇ جايلاردا ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلالايمىز. نۇرغۇن ئائىلىلەر تەبىئەت باغچىلىرى، يېزا-قىشلاقلار، تاغلار ۋە دېڭىز ساھىللىرىدا بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى بالىلار باغچىلاردا يۈگرەپ ئويناشنى، ھايۋاناتلارنى كۈزىتىشنى ياكى دەريا، كۆل ۋە دېڭىزدا سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. يەھۋانىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تولغان تەبىئەت بىزگە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن نەقەدەر كۆپ ئىمكانىيەتلەرنى بېرىدۇ-ھە!
17. ئاتا-ئانىلار نېمە ئۈچۈن بالىلىرىڭلارنىڭ خۇدا ياراتقان مەۋجۇداتلاردىن ھۇزۇرلىنىشىغا ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك؟
17 كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ يەھۋا ياراتقان مەۋجۇداتلاردىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلىرى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگە ئوخشىمايدىغان يېرى، كېلەچەكتە بىز ھايۋانلاردىن قورقمايمىز، ئۇلارمۇ بىزدىن قورقمايدۇ (يەشايا 11:6–9). يەھۋانىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن چەكسىز ۋاقتىمىز بولىدۇ (زەبۇر 22:26). ئەمما، ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارنىڭ مەۋجۇداتلاردىن ھۇزۇرلىنىشىغا ياردەم بېرىشنى شۇ ۋاقىت كەلگىچە ساقلاپ تۇرماڭلار! مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىپ، بالىلىرىڭلارغا يەھۋا ھەققىدە تەلىم بەرگىنىڭلاردا، ئۇلار بەلكىم، داۋۇت پادىشاھنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە قوشۇلۇشى مۇمكىن: «يەھۋا . . . سېنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ تەڭدىشى يوق».—زەبۇر 86:8.
41-ناخشا يەھۋاغا ياش ۋاقتىڭدا ئىبادەت قىل!
a نۇرغۇن قېرىنداشلار بالىلىق چاغلىرىدا، ئاتا-ئانىلىرى بىلەن تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئالغان كۈنلەرنى ئەسلىيەلەيدۇ. شۇ خۇشال پەيتلەردە، ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارغا يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە تەلىم بەرگەنلىكىنى ھازىرغىچە ئۇنۇتمىغان. ئەگەر پەرزەنتلىرىڭىز بولسا، خۇدانىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئۇلارغا تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئەتراپىڭىزدىكى مەۋجۇداتلاردىن قانداق پايدىلىنالايسىز؟ بۇ ماقالە، مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.