كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 سېنتە‌بىر 19-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئاددىي ئۆتكۈزۈلگە‌ن خاتىرىلە‌ش داستىخىنىدىن پادىشاھىمىز ھە‌ققىدە نېمىنى بىلىمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنى —‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېيتىدىغان مۇ‌راسىم
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 سېنتە‌بىر 19-‏ب.‏
ئە‌يسا سادىق ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

ئە‌يسا ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندا،‏ ئۇ ئىلگىرى ۋە‌ز ئېيتىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن 70 شاگىرت قە‌يە‌ردە ئىدى؟‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانى تاشلاپ كە‌تكە‌نمۇ؟‏

ئە‌يسا ئۆز ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغاندا،‏ 70 شاگىرتى ئۇ‌نىڭ يېنىدا بولمىغانلىقى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌يسانى تاشلاپ كە‌تكە‌نلىكى ياكى ئە‌يسانىڭ ئۇ‌لاردىن خۇ‌رسە‌ن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ شۇ پە‌يتتە،‏ ئۇ پە‌قە‌ت ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن بىللە بولۇ‌شنى خالىغان.‏

ئە‌يسا 12 ئە‌لچىسىنى ۋە 70 شاگىرتىنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ ئالدى بىلە‌ن شاگىرتلىرى ئارىسىدىن 12 كىشىنى تاللاپ،‏ ئۇ‌لارنى ئە‌لچىلە‌ر دە‌پ ئاتىغان (‏لۇ‌قا 6:‏12–‏16)‏.‏ ئە‌يسا جە‌لىلىيە‌دە بولغاندا،‏ «ئون ئىككى ئە‌لچىنى چاقىرىپ،‏ … ئۇ‌لارنى خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تارقىتىش ۋە كېسە‌للە‌رنى ساقايتىشقا» ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏لۇ‌قا 9:‏1–‏6)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئە‌يسا يە‌ھۇ‌دىيە‌دە بولغاندا،‏ «70 كىشىنى تاللاپ،‏ … ھە‌ربىر شە‌ھە‌ر ۋە ھە‌ربىر جايغا ئىككى-‏ئىككىدىن» ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏لۇ‌قا 9:‏51؛‏ 10:‏1)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ پە‌رقلىق شە‌ھە‌رلە‌ردە ۋە جايلاردا ئۇ ھە‌ققىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتقان شاگىرتلىرى بولغان.‏

ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى بولغان يە‌ھۇ‌دىيلار ئاۋۋالقىدە‌كلا ئۆز ئائىلىسىدىكىلە‌ر بىلە‌ن ھە‌ر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزگە‌ن (‏چق 12:‏6–‏11،‏ 17–‏20)‏.‏ ئۆلۈمى يېقىنلاشقاندا،‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن يېرۇ‌سالىمغا بارغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ يە‌ھۇ‌دىيە‌دىكى،‏ جە‌لىلىيە‌دىكى ۋە پېرېيادىكى بارلىق شاگىرتلىرىنى بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرمىغان.‏ ئېنىقكى،‏ ئە‌يسا بۇ ئالاھىدە پە‌يتنى پە‌قە‌ت ئە‌لچىلىرى بىلە‌ن ئۆتكۈزۈشنى خالىغان.‏ ئۇ ئە‌لچىلىرىگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى،‏ بۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى سىلە‌ر بىلە‌ن بىر داستىخاندا ئولتۇ‌رۇ‌پ يېيىشكە ئىنتىزار بولۇ‌پ كە‌لدىم».‏—‏لۇ‌قا 22:‏15.‏

ئە‌يسانىڭ شۇ‌نداق قىلىشىنىڭ مۇ‌ھىم بىر سە‌ۋە‌بى بولغان.‏ پات-‏يېقىندا،‏ ئە‌يسا «دۇ‌نيانىڭ گۇ‌ناھىنى كۆتۈرىدىغان خۇ‌دانىڭ قوزىسى» سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلۈشى كېرە‌ك ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 1:‏29)‏.‏ ئۇ يېرۇ‌سالىمدا جېنىنى پىدا قىلىشى كېرە‌ك ئىدى،‏ چۈنكى ئۇ‌زۇ‌ن زامانلاردىن بېرى،‏ يېرۇ‌سالېمدا خۇ‌داغا قۇ‌ربانلىقلارنى تە‌قدىم قىلاتتى.‏ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قوزىسى ئىسرائىللارغا يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ئە‌سلە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئە‌ھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ بولۇ‌پ،‏ ئۇ ئىنسانىيە‌تنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن ئازاد قىلاتتى (‏1-‏كورىنت.‏ 5:‏7،‏ 8)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن،‏ 12 ئە‌لچى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ ئۇ‌ل تاشلىرى بولاتتى (‏ئە‌فە‌س.‏ 2:‏20–‏22)‏.‏ قىزىقارلىق بىر يېرى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س شە‌ھە‌ر يېرۇ‌سالىمنىڭ «ئون ئىككى ئۇ‌ل تېشى بار بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە قوزىنىڭ ئون ئىككى ئە‌لچىسىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغانىدى» (‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏10–‏14)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لۇ‌شىدا،‏ ئە‌يسانىڭ 12 ئە‌لچىسى ئالاھىدە مۇ‌ھىم رول ئوينايتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ 12 ئە‌لچىسى بىلە‌ن بىرلىكتە ئاخىرقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ۋە ئاندىن كېيىن مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنىنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س.‏

شۇ مۇ‌ھىم بىر پە‌يتتە،‏ 70 شاگىرت ۋە باشقا شاگىرتلار ئە‌يسا بىلە‌ن بىر داستىخاندا بولمىغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار سادىق بولۇ‌پ قالسا،‏ ئۇ‌لارمۇ ئە‌يسا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنىنىڭ پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يتتى.‏ ئاشۇ بارلىق شاگىرتلار ۋاقىت ئۆتۈپ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنىپ پادىشاھلىق ئە‌ھدىسىنى تۈزگۈچىلە‌ر قاتارىغا كىرە‌لە‌يتتى.‏ ئە‌يسا ئاشۇ كېچىسى ئە‌لچىلە‌رگە شۇ ئە‌ھدە توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز قىلغان ئىدى.‏—‏لۇ‌قا 22:‏29،‏ 30.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش